ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر كاتالوگى ھەققىدە
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى، ئۈرۈمچى، 830011) قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە كاتالوگنىڭ مەنىسى، دۇنيا كاتالوگچىلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئېلىمىزدە ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدە كاتالوگ تۈزۈش ئىشىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققىياتى ھەمدە ھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر كاتالوگچىلىقىنىڭ رېئال، تارىخىي ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىللە، «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان مەدەنىيەت، تارىخ ۋە تىل- يېزىققا ئائىت ئەسەرلەر كاتالوگى» بىلەن «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تېببىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتالوگى»نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كاتالوگ ئۇيغۇر كاتالوگچىلىقى ئەھمىيىتى «كاتالوگ» دېگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزغا رۇس تىلى ئارقىلىق گرېكچىدىن كىرگەن، ئۇ گرېكچىدىكى «catalogs» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 500 يىللار ئىلگىرى ئىنگلىز تىلىغا قوبۇل قىلىنغان، بىزدىكى ئىستېمال مەنىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى) 860- بەتتە مۇنداق ئىزاھلانغان: بىر تۈردىكى كىتاب، قوليازما قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈلگەن رويخېتى، مۇندەرجىسى...