Kayıtlar

Eylül, 2018 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

تېرىپ قويدى ئۈمىدنى ئاتام

تېرىپ قويدى ئۈمىدنى ئاتام يوقالغان كېچە، ئاينىڭ شولىسى. يۈز ئۆرىدى كۆلنىڭ يۈزىدىن، سۇغا چۆمگەن قېرى مەجنۇنتال. گۇمانلاندى ئەمدى ئۆزىدىن، ئوتتەك قىززىق مارجان قۇملۇقتا. ئۇسسۇزلۇقتا يۈرەر بىر قەۋىم، ئوڭ قولىدا داتلاشقان تاۋاق. سول قولىدا دەرياسى ئەزىم، چىغىر يولدا گۈزەل بىر كېچە. ئۆلدى ئاستا ، كۆزىنى يۇمۇپ، چىللىيالماي چىپار خورىزىم. قالدى سەھەر ئۇپۇقتا قونۇپ، بوۋاق بۈگۈن ئۇيقۇدىن بىدار . ئوغۇرلانغاچ تۈنۈگۈن بۆشۈك، چاشقان مەغرۇر قىلىمىش نەغمە. زەئىپلەشكەچ دۈشمىنى مۈشۈك، 2 شۇنچە شالاڭ كەچلىك بازاردا. ئىككى رەقىپ كەتتى سوقۇلۇپ، "قارا "رەڭدە قانلار تۆكۈلدى. قىساس تولغان مېڭە چۇۋۇلۇپ، يىراقلاردا تىمتاس بىر دۇنيا. سۈت ئۇيقۇدا سوزۇلۇپ ياتار، "ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان كوچىدا" ئازغۇن ئىزلار ئۆزىنى تاپار، بېلىگىچە لىققىدە پاتقاق. ئۆمىلەيدۇ ئۈمۈد تىپىرلاپ، دالىدىكى نامسىز قەبرىگە. كېتىپ قالدى شامال پىچىرلاپ، 3 ...

گەپ تاپتۇق

گەپ تاپتۇق (ساتىرا) ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي توۋا دەيمەن يوتىغا بىرنى ئۇرۇپ گەپ تاپتۇق، ئەيىپ ئارتىپ بىراۋغا ئۆيدە تۇرۇپ گەپ تاپتۇق، قايسى بىرسى شان قۇچسا ئېغىز پۈرۈپ گەپ تاپتۇق، ئاپەت كەلسە ياخشىغا بەزمە قۇرۇپ گەپ تاپتۇق، قاملاشتۇرۇپ يالغاندىن پىتنە توقۇپ گەپ تاپتۇق. *** ئۆيدە پاتمان ئىش تۇرسا ئۆزگىلەرنى پايلايمىز، نىمىش قىلدى قوشنىمىز پاسىل تامدىن بويلايمىز، ئوڭ ماڭسىمۇ<<تەتۈر>>دەپ چوڭغا چېقىپ جايلايمىز، ھەر جەھەتتە مىنىڭدىن ئاشمىسۇن دەپ ئويلايمىز، تۆھمەت چاپلاپ ئىش تېرىپ ساقنى بۇزۇپ گەپ تاپتۇق. *** ئارىمىزدىن بېرەرسى قەد كۆتۈرسە قوللىماي، شۇ ھامانلا ئۇنىڭغا تىل سالىمىز پايلىماي، ياتنى دىدۇق<<داموللا>> ياندا تۇرسا تونىماي، شوڭا نەپنى خەق ئالۇر تەقدىر بىزگە بۇيرىماي، تىلىمىزدا گۇياكى ئات چاپتۇرۇپ گەپ تاپتۇق. *** ئوڭ كۆز يەيدۇ چەپ كۆزنى ئەگەر قاڭشا بولمىسا، دوستىمىزنى دوست ساتتى بىركىم نەپتە گوللىسا، ئۆچ كۆرىمىز ھەتتاكى كىمكى ھەقنى قوللىسا، ...