تەپەككۇر ۋە خاراكتېر
تەپەككۇر ۋە خاراكتېر ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن tawpik يوللىغان يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 " ئادەم تەپەككۇر قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ " بۇ بىر جۈملە سۆز بىر ئادەمنىڭ مەۋجۈتلۇقىنىڭ پۈتكۈل ئەھمىيتىنى يىغنچاقلاپلا قالماستىن ، بەلكى بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا يولۇقىدىغان بارلىق مۇھىت ۋە شارائىتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بىر ئادەم تەپەككۇر ئارقىلىقلا مەۋجۈت بولىدۇ ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ تەپەككۇر يىغىندىسىدۇر. خۇددى بىر تۈپ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقتىن ئۈنۈم چىققانغا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ئىدىيسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇشى تەپەككۇردىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ پەقەتلا ئىنچىكە پىلانلاپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە ماس كېلىپلا قالماستىن ، ئاتالمىش " شەرتسىز " ۋە " مەقسەتسىز " ھەرىكەتلەرگىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. ھەرىكەت تەپەككۇرنىڭ گۈلى ، خۇشاللىق ۋە قايغۇ بولسا تەپەككۇرنىڭ مېۋىسى ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ئۆزلىرى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ ئېرىشكەن مېۋىلەرنىڭ بەزىلىرى تاتلىق ، بەز...