زامانىۋى خوراپاتلىق ۋە نىجاتلىق
زامانىۋى خوراپاتلىق ۋە نىجاتلىق
مەۋلانا
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23
بۈگۈنكى دەۋر ئەقلىيتىنى ئويغاقلىقتا، سەگەكلىكتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان
نەرسىلەرنىڭ بىرى ھەر نەرسىگە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى، پاكىتى بىلەن چىن پۈتۈشنى ئىشقا
ئاشۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمما بۇنىڭ بىر نۇقسانى تەرىپى، بۇخىل
مىتوتنى ئىلاھى مىتوتتىن ئىلىشتىن كۆرە، سەھۋەنلىكتىن خالى بولمىغان ماددىيەتكە
ئاشىنا ئىنسانى مىتوتتىن ئىلىش بولماقتا. نەقىلچىلەردىكى ئەقىلنى كەمسىتىش خاھىشى
ئەقىلنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەقلىيەتنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ
تەكىتلەشمۇ بېرىپ بېرىپ مەنىۋىيەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشنى، غەيبى مەسىلىلەرگە
گۇمانى نەزەردە قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھالبۇكى، ئىنسان ئەقىل ۋە قەلب بىرلەشكەن
ھالىتىدە كاماللىققا يۈزلىنىدۇ. ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن جودا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق
ماھىيەتتە قۇشنىڭ ئىككى قانىتىدىن بىرىگە قەست قىلغانلىققا باراۋەر. بەلكى، بۇ
ئىنساننىڭ ئاللاھ تامان پەرۋاز قىلىشىغا بۈيۈك توسقۇنلۇقتۇر.
ئەقىلنى ھەممىگە قادىر ئورۇنغا قويۇشتەك ئاقىۋەتلەر تەدرىجى كىشىلەرنى مەنىۋى بوھرانغا ئىلىپ بىرىپ ماددىيەتتە ئاشقۇنلۇقلىشىش، چوقۇنۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنالمىدى. يەنە كېلىپ بۇخىل كەيپىيات ئەقلىيەتنىڭ بارغارنچە سەزگۈرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ قەلب بىلەن بولغان ئالاقىسىنى زىدىلىدى. ئەقىل شۇ قەدەر سەزگۈرلەشكەن ئىدىكى، گويا ئۇنىڭ نەزىرىدە پاكىزە قەلب بىلەن بۇزۇلغان قەلب ئوتتۇرسىدا پەرق يوق بولۇپ، قەلب ھەقىقەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۈبھىلىك نەزەردە قاراش ھادىسىسى مەيدانغا كەلدى. بۇ يەردىن قەلب ئىتىراپ قىلغاننى ئەقىل، ئەقىل ئىتىراپ قىلغاننى قەلب ئىتىراپ قىلماسلىقتەك بىرتەن ئېچىدىكى ئىككى جانجىگەر ئارىسىدا ئىناقسىزلىق كېلىپ چىقتى. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئىچكى جەھەتتىن يېمىرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن موھىم ئامىللاردىن ئىدى. ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان خىتابىنىڭ ھەم ئەقىلگە، ھەم قەلبكە تەڭ بولىشىدىكى سىرمۇ دەل ئىنساننىڭ ئىچكى جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تاشقى بىردەكلىكنىڭ ئىچكى ئىناقلىقتىن كېلىدىغانلىقى ياراتقۇچى تەرپىدىن بېكىتىلگەن قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا تونۇتۇش ۋە ھېس قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى ماددى قىممەت بىلەن مەنىۋى قىممەت ئارىسىدا ، ئاڭ بىلەن ماددا ئارىسىدا، تاشقى ھەرىكەت بىلەن ئىچكى ئامىل ئارىسىدا، ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدا مۇۋازىنەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈرۈلىكىدىن دېرەك ئىدى.
بىراق، ھاياتلىقنى ماددىيلىقنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرىۋالغان ۋەيا ئايلاندۇرۇش قەستى بار بىر تۈركۈم ئاشقۇن ئەقىلىيەت دەۋاچىلىرى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە ئورنالغان تەبىئى قانۇنىيەتكە جەڭ ئېلان قىلماقچى بولۇشتى. ئۇلار تاشقى ئىناقلىقنى بۇزۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ ئىچكى بىردەكلىكنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتى.
ھالبۇكى، ئىنساننى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئەڭ ئالى ۋە شەرەپ مەركىزىنىڭ ئەقىل بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئىنساننى ھەممە ئىشتا توغرا يولغا يېتەكلەشكە قادىر ئەمەسلىكى ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى يارىتىپلا تاشلاپ قويمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئۇ ھەمىشە قەلب ھەقىقەتلىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى ساقلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر. شۇنىڭدەك، گەرچە ئۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيتى ھەققىدە ئىزدەنگىنىدە مۇستەقىل ھەرىكەت ئىلىپ بارسىمۇ، ئەمما ئەڭ توغرا قارارنى بىرىشتە يەنىلا قەلبنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى زۆرۈردۇر. مانابۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ «يۈرەكتىكىگە قۇلاق سال»[1] تەلىمىنىڭ ئۆز ئەينىسى. بۇ جەھەتتىن قەلب خۇدانىڭ نەزەر دەرگاھى بولۇش سالاھىيتى بىلەن ھەقىقەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە ئىلاھى باغلىنىش يولى ئارقىلىق كەلگەن مەرىپەتنى ئەقىل بىلەن ئورتاقلىشىش ئاساسىدا ئۇنىڭ قىستاڭچىلىق ئېچىدە قالغان يولىنى ئاچىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىنسانغا بىر پۈتۈن نەزەردە قارىغان ۋاقىتتا، گەرچە ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ئۆزىنى ئىدارە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى توغرا شەكىلدە ئىدارە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن قەلبنىڭ چىن ھەقىقەتلىرىگە، بەلكى قەلب ئەزەلدىن باغلىنىپ كەلگەن ۋە تايىنىپ كەلگەن ئىدارە قىلغۇچىسىغا، يەنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇھتاج. بۇ مەنىدىن ئىيتقاندا، ئىنسان تەن ساقلىقى ئۈچۈن ماددى غىزاغا مۇھتاج بولغىنىدەك، روھىيتىنى پاكلاش، قەلبىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ساغلام تۇتۇشى ئۈچۈن مەنىۋى غىزاغا ئېھتىياجى بار. ئۇ، ئۇشبۇ مەنىۋى غىزاغا بولغان ئېھتىياجىنى پەقەت ئەقلى تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىش ئارقىلىق قامداپلا قالماي، ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئاشۇ ھازىرلىقلارنى قولىغا تۇتقۇزغان بۈيۈك قۇدرەتلىك زاتنىڭ ھوزۇرىدىن كەلگەن مەرىپەت ئارقىلىق تولۇقلىغىنىدا ئاندىن مۇكەممەللىك تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئىنسانى كامالەت پەقەت ئىككى نەرسە ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ: بىرى ئەقىلنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىش. يەنە بىرى ئىلاھى مەرىپەتنى ھەمىشە ئەقىلنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلاندۇرۇش.
يۇقارقىدەك ئەھۋالدا مۇكەممەللىك تاپالايدۇ دىيشىمىز، چۈنكى، ئەقىل ۋە قەلبنىڭ بىرلىشىشى ئىنساندا ئۈچىنچى بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولغۇچى ئەمەلدىن ئىبارەت. ئەقىل ۋە قەلب ئارىسىدىكى ئىناقلىق يۇقارىقى شەكىلدە زىچ ئۇيۇشچانلىق ھاسىل قىلغان ۋاقتىدا تەبىلا بۇ ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيتىگە تەسىر قىلىدۇ. ئەمەل بىلەن نىيەت، ھەرىكەت بىلەن ئىرادە ئۆز-ئارا بىردەكلىكنى ساقلايدۇ. بەجا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر ئىش-ھەرىكەت ۋە ئەمەل ياراتقۇچىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ۋە بەندىدىن كۈتۈلگىنىدەك ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مانا بۇلار ئىنساننى ياراتقۇچىنىڭ شەپقەت نەزىرىگە، چەكسىز رەھمىتىگە مۇشەررەپ قىلىدىغان يۈكسەك ماقامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ سىلەرنىڭ تاشقى ھالىتىڭلىگە قارىمايدۇ، بەلكى، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار بىلەن ئەمىلىڭلارغا قارايدۇ، دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقىتىمۇ مۇشۇ دۇر.
ھەقىقەت شۇكى، دەل تاشقى ھەرىكەت بىلەن ئىچ ئارىسىدا بىردەكلىكنى ساقلىغان رەۋىشتە ۋۇجۇدقا كەلگەن سالىھ ئەمەل ئىنساننى نىجاتلىققا ئىرىشتۈرىدۇ. مانا بۇ، ئەسىر سۈرىسىدىكى «ئىمان ئىيتىپ سالىھ ئەمەل قىلغانلارلا نىجاتلىققا ئىرىشىدۇ» دىن ئىبارەت ئىلاھى يارلىقنىڭ روشەن ئىسپاتى. بۇ يەردە ئىمان: ئەقىل ۋە قەلبنىڭ ئۆز-ئارا بىردەكلىكنى ساقلىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن شەكسىز ئىتىقاد ۋە ئىشەنچنى تەمسىل ئەتسە، ئەمەل ئۇ ئىككىسىنىڭ ھاسىلاتلىرىنى تەمسىل ئىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئايەتنىڭ داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆز ئارا سەۋىرگە ۋە ھەقىقەتكە تەۋسىيە قىلىش ئىشى بولسا، ئىمان ۋە ئەمەلنىڭ بىردەكلەشكەنلىك ئىپادىسىنىڭ كىشىلىك ۋە ئىجتىمائى ھاياتتىكى ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىككىگە ھەم شەك يوقتۇر، ئەلۋەتتە!

- مەۋلانا خاتېرىلىرىدىن.
Yorumlar
Yorum Gönder