Kayıtlar

Ekim, 2018 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى

پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد   ۋەتىنى نۇرمۇھەممەد ئېركى( 1927 - 1984) ئالىمدۇر دۇنيانىڭ،   ئىنساننىڭ جېنى، ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى. يۇرتىمىز ئالىمنىڭ،   ئەدىبنىڭ كانى، كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟ پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد   ۋەتىنى! شەرق ئىلىم دۇنياسى ئىچرە يىگانە - بىر يۇلتۇز شۇنچە ساپ، شۇنچە   نۇرانە. ئەجرىگە قايىلدۇر ئۆز ۋە بىگانە، كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى   قېنى؟ پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى! يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا   سەرۋەرى، يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا ھۆكەرى. مۇبارەك ئىسمىدۇر مەھمۇد   كاشغەرىي، كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟ پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد   ۋەتىنى! تىل دېمەك - بىر ئەلنىڭ ھايات بەلگىسى، مەھمۇددۇر شۇنچە زور   بەلگە ئىگىسى. ئانا تىل سۆيگۈسى - ۋەتەن سۆيگۈسى ... كىمنىڭ بار مۇشۇنداق   ئالىمى قېنى؟ پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى! <دىۋان>دۇر - تۈرك...

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز پەرزەنىت دېگەن ئاللا تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا مۇكاپات بىر ئۇلۇق نىھمەت بىزدە نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەن گەپ بار .پەرزەنتڭىزنىڭ قانداق بولىشى ياخشى يامان بولىشى پەقەت      سىزگىلا باغلىق . بالا دېگەن بىر نوتا ئۇنى قانداق ئۆستۈرۈش يەنىلا سىزگە باغلىق . ئاللا تائالا سىزگە ناھايىتى ئۇلۇق ھەم كاتتا مۇكاپات سۈپىتىدە ، شۇ نوتىنى ئاتا قىلدى . سىز ئۇنى مىڭ قەتلە شۈكرى بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئۇ بالىنى ياخشى تەربىلىيەلىسىڭىز تەڭرىنىڭ ئالدىدا شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ۋە پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىز يۇرۇق ۋە بەخىتلىك بولىىسز.بىر پەرزەتنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاراكتىرىدىن شۇ ئائىلىنىڭ قانداق ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرىپ يىتكىلى بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمەي قالسىڭىز سىز ئۈچۈن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازا بولماس. تۇپراققا بىر تال ئۇرۇق سېلىپ ياخشى پەرۋىش قىلسىڭىز سىز نەچچە ئون تال دانغا ئىگە بولىسىز. پەرزەنتىڭىزگە پەقەت بىر ھەسسە ياخشى تەربەيە قىلالىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئون ھەسسە ياخشى پەزىلەت يىتىشىپ چىقىدۇ . ئەمما سى...