بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز


بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

پەرزەنىت دېگەن ئاللا تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا مۇكاپات بىر ئۇلۇق نىھمەت بىزدە نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەن گەپ بار .پەرزەنتڭىزنىڭ قانداق بولىشى ياخشى يامان بولىشى پەقەت     سىزگىلا باغلىق . بالا دېگەن بىر نوتا ئۇنى قانداق ئۆستۈرۈش يەنىلا سىزگە باغلىق . ئاللا تائالا سىزگە ناھايىتى ئۇلۇق ھەم كاتتا مۇكاپات سۈپىتىدە ، شۇ نوتىنى ئاتا قىلدى . سىز ئۇنى مىڭ قەتلە شۈكرى بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئۇ بالىنى ياخشى تەربىلىيەلىسىڭىز تەڭرىنىڭ ئالدىدا شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ۋە پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىز يۇرۇق ۋە بەخىتلىك بولىىسز.بىر پەرزەتنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاراكتىرىدىن شۇ ئائىلىنىڭ قانداق ئائىلە ئىكەنلىكىنى كۆرىپ يىتكىلى بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمەي قالسىڭىز سىز ئۈچۈن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازا بولماس. تۇپراققا بىر تال ئۇرۇق سېلىپ ياخشى پەرۋىش قىلسىڭىز سىز نەچچە ئون تال دانغا ئىگە بولىسىز. پەرزەنتىڭىزگە پەقەت بىر ھەسسە ياخشى تەربەيە قىلالىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئون ھەسسە ياخشى پەزىلەت يىتىشىپ چىقىدۇ . ئەمما سىز شۇنداق قىلالماي قالىسىزدە ۋاختى كەلگەندە پەرزەنتىڭىزدىن ئاغرىنىسىز ئۆزىڭىزنىڭ شور پىشانە يارلىپ قالغانلىقىڭىزنى پەش قىلىپ تەڭرىدىن ئاغرىنىسىز .ئۆزىڭىز ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن بالىڭىزنى خەخنىڭ ياخشى تەربىلەپ بېرىشى مۈمكىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتى بۇنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەپچى ئۆزىڭىزنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئويلاپ يەتمەيسىز. سىز بالىڭىز تۇغۇلغاندا غۇبارسىز بىر سەبينى تۇنجى قېتىم ئۆزىڭىز ئالدايسىز. تېخى ئۈچ كۈنلىك بولمىغان بالىنىڭ ئاغزىغا ئىمىزگىنى سالىسىزدە قۇرۇق ئىمىزگىنى شۇرتىپ بالىڭىزنى ئالدايسىز.بۇسىزنىڭ بالىڭىزنى ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىشىڭىزدىكى تۇنجى باشلىنىش . شۇنىڭدىن باشلاپ بالىڭىزنىڭ سەبىيلىكى چىقىپ تۇرغان بۇلاقتەك تاتلىق كۆزلىرىگە قاراپ ئەيمىنمەستىن يالغان دېگەننى تۇقىۋېرسىز . قېنى ئېيتىڭ دوستۇم بۇنىڭ سۇراقچىسى يوقمۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەمدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق ئويلىسىڭىز ئېغىر خاتالاشقان بولىسىز خاتالىقىڭىز مانا شۇ يەردىن باشلىنىدۇ.بالىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئاجىز نوتىدەك يېتىلىۋاتقان قەلبىگە ۋەھىمە سېلىپ يالغاندىن قورقىتىسىز. بالىڭىزنىڭ ھەممىگە قىزىقىپ سورغان ئۈمۈتلىك سۇئاللىرىغا يالغاندىن جاۋاپ بېرسىز ياكى ئالدايسىز.بالىنىڭ ئالدىدا ھاياسىز گەپلەرنى قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىمايسىز.قالايمىقان بېرىشقا تېگىشلىك بولمىغان سورۇنلارغا باشلاپ بارىسىز ھايا قىلماشتىن چىكىۋاتقان تاماكىڭىزنى بالىڭىزغا شۇرتىپ باقىسىز ئىچىۋاتقان ھاراقلىرىڭىزنى تېتىتىپ باقىسىز.قىزلىرىڭىز كېچە سائەت ئون – ئون ئىككىلەردە كىرسە  بىرەر ئېغىز «نەگە باردىڭ ؟» دىمايسىز.ھەتتە كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەي « دوستۇنغا قۇنۇشۇپ بەردىم » دېسە،«ھە»دەيسىز.شۇنىڭغا باقماي يەنە جەميەتتىن ياشلاردىن ئاغرىنىسىز نۇمۇس قىلماي. سىز شۇنداق بالاتەربىيلەپ تۇرۇپ بالىدىن يەنە نىمىنى تەلەپ قىلالايسىز .قۇش جېنىدا ئىنىدا كۆر گەننى قىلىدۇ دىيىشىدۇكونىلار. بالا تېخى كىچىك بۇنى ئۇقمايدۇ دەيسىز مۇمكىن ئەمەس بالىنىڭ قەلبىگە بۇ ئۆچمەس مۆھۈر بۇلۇپ بېسىلىدۇ كىيىن بالىڭىز چۇقۇم، بۇ ئىشنى قىلىدۇ. تاماقنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرۇشتىن بۇرۇن بىر تېمىم ئارتۇق تېمىپ كەتكەن تۇز شۇ خېمىرنى يۇغۇرۇپ ئەيلەپ يېيىپ كىسىپ قازانغا سېلىپ پۇشۇرغاندىن كىيىن شۇنچە جەريان ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا تاماقنى تۇزلۇق قىلىدۇ.

  بالىڭىز يىغلىسا بۇبۇش كەلدى يىغلىساڭ باشقىلارغا بېرۋېتىمەن ئۇنداق مۇنداق دەپ قورقىتىمىسىز چوڭ ئۆيگە بارغاندا بىر تال ئالمىنى قوينىغا سېلىپ ئېلىپ كېلىپ سىزگە كۆرسەتكەندە شۇنداق سۈيىنىپ كېتىسىز خۇش بولىسىز . باشقىلار ئۆيىڭىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ ئېلىپ ماڭغاندا بالىڭىز ئۇنىڭغا ئېسلىۋالسا سىز يەنىلا شۇنداق خۇش بوپ كېتىسىز.بۇ ئىشلارنى سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمەيسىز. كىچىككىنە قىزىڭىزنىڭ ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ يامان بۇ بەك يامان چوڭ بولغاندا قالتىس جالاپ بۇلىدۇ بۇ دەپ ئەركىلىتىسىز ئوغلىڭىز نىڭ كىچىك تەرەت قىلغىنىغا قاراپ ئۆزىڭىزچە مەسلىكىڭىز كېلىپ كېتىپ مېنىڭ بالام قالتىس جۇمۇ چوڭ بولغاندا مەھەللىدىكى قىزلارنى قويماي قۇشلاپ بولىدۇ دەپ ئەركىلىتىسىز .بىزدە « ئېغزىدىن سائەت چىقىپ كېتىدۇ » دەيدىغان گەپ بار . بۇ دېگەنلىك ئاللاھنىڭ پەرىشتىللىرى ئەتراپىڭدا ئەگىپ يۈرىيدۇ. ئۇ سېنىڭ تىلەكلىرىڭنى ئاللاغا يەتكۈزىدۇ . سۆزلەۋاتقاندا پەرىشتىلەر يېنىڭدىن ئۈتۈپ قالسا تىلىكىڭنى ئاللاغا يەتكۈزىدۇ-دە شۇ ئىش يۈز بېرىدۇ دېگەنلىك. ئۇنىڭسىزمۇ بىزدە « نىمىنى نىيەت قىلساڭ شۇنىڭغا ئىرىشىسەن» يەنى « تىلىسەڭ تاپارسەن» دەيدىغان گەپلەر بار.مۇنداق گەپلەرنى ئوينىشىپ بولسىمۇ زىنھار ئېغىزىڭىزدىن چىقارماڭ.   ئەگەر تىلىكىڭىز شۇ بولسا پات پۇرسەتتتە بۇنى كۆرىسىز بۇلار سىزنى بۇ چاغدا قانچىلىك خۇشال قىلغان بولسا كەلگۈسىدە شۇنچىلىك بەلكى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازاپلايدۇ بالا باققانغا تويغۇزىدۇ ، بىلسىڭىز بىزدە  بالىڭىز تۇغۇلغاندا ئاللا ئاللاھ دەپ باغرىمىزغا باسىمىز يىغلىسا يەنىلا ئاللاھ! ئاللاھ! دەپ باغرىمىزغا بېسىپ ئۇخلىتىمىز بۇ مۇنداقلا دېگەن گەپ ئەمەس قېرىندىشىم بىلسىڭىز بۇ ئۇلۇغ ئاللاھنى تىلغا ئېلىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن بالىڭىزنى باققىنىڭىز ئاللاھنى بالىڭىزغا ئەسلىتىپ تۇرغىنىڭىز. بالىڭىزغا ئالاھنى ئەسلىتىپ تۇرغىنىڭىز ــ بالىڭىزغا شەرمى ھايانى مېھرى شەپقەتنى راسچىللىقنى ۋاپادارلىقنى ئىنسانلىق مەجبۇرىيەت مەسئۇلىيەتنى ئەسكەرتىپ تۇرغىنىڭىز ياخشى ياماننى سەمىگە سېلىپ يامان ئىشلاردىن تۇسۇپ ياخشى ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغىنىڭىز. ئىشىنىڭكى شۇنداق مەخسەتتە تەربىيلەنگەن بالا ئەڭ ياراملىق ۋاپادارلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇياشى بۇلۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇ دۇنيا ئەزەلدىن سۇئال سوراقسىز بولغان  ئەمەس. بىرىنىڭ گۇناھى بىرى ئۈچۈن بولمايدۇ . سىز بالىڭىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئىكەنسىز ئۇنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇش سىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىڭىز ياخشى تىربىيلىسىڭز سىزنى خۇش قىلىدۇ يامان تەربىيلىسىڭىز كانىيىڭىزنى بىر كۈنى سىقىدۇ . بىلسىڭىز بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز.

مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى