ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ
ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ
ALPAGHUT
ئانا تىل ئىشقىدا سەۋدا ئاشىقى
تايماس،
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېڭىزىدا
نادىر غەۋۋاس
- مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ
پروفېسسورى ، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى، ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ
تەتقىقات ۋە ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە
ﻏﺎﻟﯩﺐ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﺭﻙ
ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻮﻧﯘ ﺋﺎﺭﯦﺴﺘﯩﻦ
ﻛﯚﺭﯛﯓ: http://halip999.blog.163.com/album/edit/#p1
‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە،
‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › ۋە ‹ قۇتادغۇبىلىك › قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر باش بەلگە
بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى ، ھېلىھەم
زوق – شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنىۋاتقان ۋە تۈگىمەس – پۈتمەس مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقان
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ تىلى بولغانلىقى ، شۇنداقلا ھازىرغىچە
بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا ، نىسبەتەن زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئەدەبىي
، تارىخىي ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر يېزىلغان شاراپەتلىك تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى
ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي قىممەت ، رېئال
ئەھمىيەت ۋە ئىقباللىق زۆرۈرىيەتكە ئىگىدۇر›› .
- پروفېسسور ، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
- ( قاراڭ: « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى » سوڭ مۇقاۋا)
تېمۈرچىن باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار
1206 – يىلى قۇملۇقنىڭ شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېمۈرچىننى”چىڭگىزخان“ دەپ
ئاتىدى ھەم بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى. 1209 – يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىدىكىلەر
ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېگىننىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلىپ، قارا قىتانلارنىڭ دۆلەت
نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئېلىنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن موڭغۇل ئىمپىرىيىسىگە ئەلچى ئىبەرتىپ
قارام بولدى . جەنۇبىي شىنجاڭنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان خاقانىيە 1212 - يىلى تەلتۆكۈس
يوقىتىلىپ قاراقىتانلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى . 1218 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ
يارلىقى بىلەن 20 مىڭدىن ئارتۇق موڭغۇل چېرىكى ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ چېرىكلىرى
قاراقىتان ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يوقاتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلار
موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، چىڭگىزخان ئىگىلىگەن زېمىنلارنى
تۆرت ئوغلىغا سۈيۈرغال قىلىپ بۆلۈپ بەردى ، ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەڭرىتاغ
بويلىرىدىن ماۋارائۇننەھىرگىچە بولغان يەرلەر تۆرت مىڭ چېدىرلىق موڭغۇل قەۋمى بىلەن
تەقسىم بولدى . چىڭگىزخان ئوغلى چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شۇندىن
باشلىنىپ، مىلادىيە 1680 – يىلى ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن
ئاياقلاشتى .
چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى
ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ‹‹ چاغاتاي تىلى ›› دەيدىغان بىر ئاتالغۇ پەيدا بولدى. بۇ
قانداق تىل ؟ موڭغۇل تىلىمۇ ياكى سۈنئىي پەيدا قىلىنغان ، چاغاتاي جەمەتىگە مەنسۇب
تىلمۇ ؟ ئۇنىڭ ئىچكى سىرلىرى قانداق؟ مانا بۇ ساھەدە 30 يىلدىن بېرى مىننەتسىز مېھنەت
قىلىۋاتقان بىر ئالىم بار . ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگەك ۋە ھوسۇللۇق
ئىزدىنىشلىرى بەدىلىگە ‹‹ چاغاتاي تىلى››نىڭ كېلىش مەنبەسي ۋە شۇنىڭغا دائىر مۇناسىۋەتلىك
باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن يېڭىچە قاراش، مۇپەسسەل بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،
مۇشۇ ساھەدە ئېلىمىزدىكى ئىلىم نوپۇزىغا ئايلاندى . ئۇ كىم ؟ ئۇ ، مەركىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى، دوكتور ئابدۇرەئوپ
پولات تەكلىماكانىيدۇر .
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1950 –
يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئاستانىسى بولغان قەشقەرنىڭ يۇمۇلاق
شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1966 – يىلى قەشقەردە
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ 1972 – يىلىغىچە يېزىغا چۈشۈپ
قايتا تەربىيە ئالغان ، بۇ جەرياندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىقتىساس ئىگىسىگە
ئايلىنىش ئىستىكىدە ئۆگىنىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . 1972 – يىلى مەركىزىي
مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا
ئوقۇشقا كىرگەن . 1975 – يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقتىن ، شۇ مەكتەپكە
ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق
ھاياتىنى باشلىغان ۋاقتى ئۇنىڭ بىلىم دېڭىزىدىكى غەۋۋاسلىقىنىڭ باشلانغان دەۋرى
بولغان. ئۇ دەستلەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن تاللانما، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىرىنى
ئۆتكەن. كېيىنرەك چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن. بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈش داۋامىدا
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش - ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ۋە
بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئەرەب ، پارس تىللىرى ھەققىدىكى ئاساسىي
بىلىملەرنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات
ئىشلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، داۋاملىق بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان . 1978 – يىلى 3 –
ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرستېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن.
1984 – يىلى 4 – ئايدىن 1985 – يىلى 10 – ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ،
باغداد ، كۇفە ، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە، ئېلىمىز مۇتەخەسسىسلىرىگە
تەرجىمان بولۇپ، ئەرەب تىلى بويىچە پىراكتىكا قىلغان. 1986 – يىلىدىن 1988 –
يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996 – يىلى 10 – ئايدىن
1997 – يىلى 7 – ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە
بېرىپ ، قاھىرە ئۇنۋېرستېتىدا ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە ؛ ئەزھەر ئۇنۋېرستېتىدا
ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ( ئۇسۇلۇددىن ) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان . 1997 – يىلى 10 –
ئايدىن 2002 – يىلى 4 – ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل –
تارىخ – جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شېۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا
چاغاتاي تۈركىي تىل ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇق ئاسپرانتى بولۇپ ئوقۇغان. بۇ جەرياندا،
‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى ›› ، ‹‹ ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى
›› ، ‹‹ ئۇيغۇر ، ئۆزبېك خەلق ئەدەبىياتى ›› ، ‹‹ شەرقىي جەنۇبىي ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك
شېۋىلىرى گرامماتىكىسى›› ( پېئىل ۋە مورفولوگىيە قىسمى)، ‹‹ تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى
تىل تەتقىقات ئەھۋالى››، ‹‹ تۈرك شېۋىلىرى تەتقىقاتىدىكى رېئال مەسىلىلەر ۋە ھەل
قىلىش يوللىرى ›› ۋە ‹‹ مەتىنشۇناسلىق ›› قاتارلىق دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ،
تەتقىقاتىنىڭ يەنىمۇ يۇقۇرى پەللىسى ئۈچۈن ئۇل سالغان. ئۇ قىرىق يەتتە يېشىدا چەتئەلگە
ئوقۇشقا چىقىپ، بەش يىل مۇشەققەتلىك ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، 2002
– يىلى 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ‹‹ مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ ‹ تارىخى ھەمىدى› ناملىق ئەسىرى
ھەققىدە تەتقىقات ›› ناملىق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلىق
ئاتاقلىق ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن باھالاش كومتېتىنىڭ قايىللىق تەستىقىدىن ئۆتۈپ،
تۈركولوگىيە كلاسسىك مەتىنشۇناسلىق ( تېكىستشۇناسلىق ) كەسپى بويىچە ‹‹ ئەدەبىيات
دوكتورى ›› ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2002 – يىل 5-
ئاينىڭ 20 – كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا
ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تۆۋەندە ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى
بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1975 –
يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ
قالغاندىن باشلاپ ئاتاقلىق تىلشۇناس ، مەرھۇم پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنى ئۇستاز تۇتۇپ
ئۇيغۇر تىلى ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى جەھەتلەردىن چوڭقۇرلاپ
ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى باشلىغان. « ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش
- ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ۋە جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ پەقەت چوڭقۇر
ۋە كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولغىلى
بولىدۇ » دەپ قارايدىغان ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى، دەرس مۇنبىرىگە قەدەم
قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ، ‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى››،
‹‹ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ›› ، ‹‹ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى›› ، ‹‹ تەرجىمە نەزەرىيىسى
ۋە ئەمەلىيىتى ››، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ،
‹‹ نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى ›› ، ‹‹ تۈرك تىلى ›› ، ‹‹ ئەرەب تىلى ›› قاتارلىق
دەرسلەرنى سۆزلىگەن . ئۇ ئۇقۇتۇش خىزمىتى داۋامىدا، 1986 – يىلى لېكتورلىق ، 1992
– يىلى دوتسېنتلىق ، 2004 – يىلى پروفېسسورلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1992 – يىلىدىن
باشلاپ ماگېستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە يەتتە نەپەر ماگىستېر تەربىيەلەپ
يېتىشتۈرگەن. 2007 - يىلى دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان.
ھالال ئەمگەك ھامان ھەممىنى
قايىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ،
مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن جان پىدالىقى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپنىڭ تەقدىرلىشىگە
مۇيەسسەر بولغان . 1991 – يىلى ‹‹ بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ››
بولۇپ باھالانغان ، 1995 – يىلى مەملىكەتلىك ‹‹ باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى
›› بولۇپ باھالانغان . ئۇ 25 يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۆزلەپ كەلگەن ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلى ›› دەرسى 2006 – يىلى ‹‹بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس ›› بولۇپ
باھالانغان.
پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ
ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرىنى ھەرگىزمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەنلا خۇلاسىلەشكە
بولمايدۇ . ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە، يەنە فاكۇلتېت ئۇيغۇرشۇناسلىق
تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
پروفېسسور ، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
دەرس مۇنبىرىدە ئوقۇتقۇچى، مۇنبەردىن چۈشسىلا تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ
بىلىمىنى تولۇقلاپ، تويۇندۇرۇپ، مۇكەممەلشتۈرۈپ بارغان . ئۇ خۇددى ‹‹ پەخىرلەن ، كەسىپدىشىم
سەن ھەم...›› ناملىق ماقالىسىدە ‹‹ مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن
. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ياش ئەۋلادلارغا ئىلىم – پەن ئۆگىتىپ ، ئۇلارنى زىيالىي ، يەنى
دىلى ئىلىم چىرىغى بىلەن يورۇغان ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان كەسپ. شۇڭا مەن
ئويلايمەنكى ، مەدەنىي ئىنسانلار دۇنياسىدا ، ياش ئەۋلادلارغا ، بىلىمسىز ئادەملەرگە
بىلىم ئۆگىتىپ ، ئۇلارنى ئىلىم – مەرىپەتلىك ، مەدەنىيەتلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ
يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئوقۇتقۇچى – مۇئەللىملىك كەسپىنى بېسىپ چۈشىدىغان يەنە بىر ئەۋزەل
كەسپ يوقتۇر ... ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى – ئىنساننى بىلىم ساھەسىدە بىر ئىزدا توختاپ
قالماي ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشكە ، يېڭىدىن يېڭى ئىلىم – مەرىپەت بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى
ئاۋۇتۇپ ، داۋاملىق تويۇندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان كەسپ ›› دەپ يازغىنىدەك، نەچچە
ئون يىللار مابەينىدە ئۆز بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە بېيىتىپ ، ئۆزىگە شاگىرت
بولغان ياشلارنىڭ بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن شام كەبى يېنىپ كەلدى. ئۇنىڭ
ھازىرغىچە بولغان ھايات تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرۈدىغان بولساق ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن
بۇيان، ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئۆگەنگەنلىرىگە قانائەت
قىلماي، ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى
كۆرەلەيمىز.
مەلۇمكى، تارىختا ئۇيغۇرلار
ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە زور
ئۆزگىرىشلەر بولغان: ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى كۈچىيىپ
بارغان. شۇ سەۋەبلىك ئەرەب ، پارس تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا بولغان
تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان. ھەتتا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ھەر ساھە ئالىملىرى ئەرەب،
پارس تىللىرىدا ئىلمىي، ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغانىدى. بۇ ھال، بۈگۈنكى
زاماندىكى ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەدەبىياتى،
تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇش زۆرۈرىيىتىنى
تۇغدۇرغان. مۇشۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن
كېيىن، يەتتە يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەرەب ۋە پارس تىلىنى ئۆگەندى ۋە شۇ
ئارقىلىق، ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت
ئىقبالى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىدى. ئالىي مائارىپتا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك
ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ھاسىل قىلىش ۋە چەتئەلنىڭ
ئىلغار تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆز تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە
يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تۈركىيەدە بەش يىل ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللاندى
. داڭلىق قاھىرە ئۇنۋېرستېتىدا بىر يىل ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئاساسلىرى بويىچە
بىلىم ئاشۇردى . مانا مۇشۇلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى
بولغاندىن كېيىن ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 14 يىل ۋاقتىنى
يەنە ئوقۇشقا سەرپ قىلغان. بۇ خېلى – خېلى ئادەملەر يېتەلمەيدىغان پەللىدۇر.
ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى يۇقىرى
سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ئۈچۈن سۈپەتلىك ، سەرخىل دەرسلىك بولۇشى لازىم . ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئەپەندى بۇ ساھەدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمگىگىنى سىڭدۈردى. ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىگە
ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن ، ‹‹ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ، ‹‹ ئۇيغۇر
تىلى تەتقىقاتى ›› ، ‹‹ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى›› دەرسلىرىنى ئۆتۈش داۋامىدا،
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىگىنى ، ئۇنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ
تىلىنى ، تارىخىنى ، مەدەنىيىتىنى مۇكەممەل تەتقىق قىلىش مۈمكىن بولمايدىغانلىقىنى
ھېس قىلغان ۋە پروفېسسور خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان . نەۋائىينىڭ ‹‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين ›› ناملىق
كىتابىنى نەشرگە تەييارلاپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . مەرھۇم خەمىت تۆمۈر
بىلەن بىرلىكتە، مەملىكىتىمىزدە تۇنجى ، ئاشكارا نەشر قىلىنغان دەرسلىك، چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى ‹‹ چاغاتاي تىلى›› نى يېزىپ چىققان. قەشقەر
ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب، كىتابخانلار بىلەن
يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. بۇ كىتاب ئېلىمىزدە
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا بېغىشلانغان تۇنجى ئەسەر بولۇش بىلەن بىرگە، چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلى توغرىسىدا مۇكەممەل چۈشەنچە بېرىدىغان دەرسلىك بولدى . بۇ كىتاب بەزى ئالىي مەكتەپلەردە
دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلدى. شۇ شاراپات بىلەن، مەزكۇر ‹‹ چاغاتاي تىلى ›› 1989-
يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پەن تېخنىكا نەتىجىلىرى
بويىچە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي 1993–
يىلى، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر ›› (323 بەتلىك)
ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى
تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ توپلامغا ئاپتورنىڭ ‹‹ چاغاتاي تىلى دېگەن ئاتالغۇ
توغرىسىدا ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىگى
توغرىسىدا ›› ، ‹‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەينى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلى بىلەن
بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ›› غا ئوخشاش، ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ ،
كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان 23 پارچە ئىلمىي ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. دوكتور ئابدۇرەشىد
ياقۇپ بۇ كىتاب ھەققىدە: ‹‹ ئىلمىي ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەتقىقات
يۈرگۈزگەن . كىتابتا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر پاكىت بىلەن تويۇنۇپ تۇرىدۇ .
بايانلارنىڭ نەزەرىيىۋىيلىكى كۈچلۈك بولۇش بىلەنلا قالماي، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان
ئىلمىي قىممەت ۋە ئەمەلىي ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە... ( بۇ ) توپلام تۈركولوگىيە ،
خۇسۇسەن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن قوشۇلغان مۇھىم بىر تۆھپە ›› ( ‹‹ تىل ۋە
تەرجىمە ›› 1995 – يىللىق 5 –سان 37 –، 40- بەت ) دەپ باھا يازغان. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ
ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى
بويىچە ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر يۇرۇتۇلغان قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەر بولۇپ قالدى.
ئېلىمىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا تۆھپىكار ئەمگەكلەرنىڭ يەنە بىرى ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› (598بەتلىك) ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر. پروفېسسور،
دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي بۇ كىتابنى ئاز كەم 30 يىللىق ئىزدىنىش ، تەتقىق
قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان. تەتقىقاتچىلار ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر
تىلى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان كىتابخانلارنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىپ چىققان بۇ كىتاب، ئېلىمىزدىكى
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇ كىتابتا،
ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئالتە يۈز نەچچە
يىللىق تەرەققىياتى ، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇپەسسەل
بايان بېرىلگەن. يەنى ئالدى بىلەن، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات بېرىلىپ،
تارىختا « چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان بۇ تىلنى ھەقلىق رەۋىشتە « چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلى » دەپ ئاتاشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى ۋە بۇ تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى
ئاساسىدا راۋاجلانغانلىقىنى ، بۇ تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەينى دەۋر جانلىق
تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى
قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پاكىتلىق ، مۇكەممەل بايانلارنى بەرگەن . كىتابنىڭ
ئىككىنچى بۆلۈمىدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ( فونېتىكا ، مورفولوگىيە
، سېنتاكسىس ) جەھەتلەردىن تەتقىقات يۈرگۈزۈلگەن . ئۈچىنچى بۆلۈمىدە بولسا، مۇسا
سايرامىنىڭ ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسىنىڭ 257 – بېتىدىن
395 – بېتىگىچە بولغان قىسمىنىڭ فوتو كوپىيىسىنى، مىلادىيە – ھىجرىيە يىللىرىنى
بىر – بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى ، ئەبجەد ھېسابى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى
قوليازمىلاردا ئۇچرايدىغان ئاي ناملىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان . ئېلىمىز تۈركلوگىيە
ئىلمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ، دوكتور ئاسپىرانىتلار يېتەكچىسى ، پروفېسسور گېڭ
شىمىن ئەپەندى ( شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئون نەچچە كىتابنىڭ ئاپتورى): ‹‹ ( بۇ
كىتاب) ئۇنۋېرىستېت ، فاكۇلتېت رەھبەرلىكىنىڭ ، كەسبداشلارنىڭ ۋە كەڭ ستودېنىتلارنىڭ
بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا ‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى › دەرسى
2006 – يىلى بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . مېنىڭ
قارىشىمچە، دەرسلىك ‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان › ئالاھىدە سەۋىيىگە
يەتكەن بولۇپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئىسپاتلاندى ››
دەپ يازغان . ئاتاقلىق تۈركولوگ جاۋ مىڭمىڭ ( ‹‹ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى › تىلى ئۈستىدە
تەتقىقات ›› قا ئوخشاش كىتابلىرى بار ) ئەپەندى بۇ كىتابقا باھا بەرگەندە: ‹‹
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىكى يادىكارلىقلاردا زور مىقداردىكى ئەرەب ، پارس
تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلار ئۇچراپلا تۇرىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك
، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر شۇ دەۋر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغاندا
چوڭ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقاتتى. ئۇندىن باشقا، ئېلىمىزدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى
بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك ، ئۇزۇندىن بېرى بۇ ساھەدىكى
تەتقىقات ئىزچىل بوشلۇق ھالىتىدە تۇرغان ئىدى . پروفېسسور ئابدۇرەئوپنىڭ مەخسۇس ئەسىرى
‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›دا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى نەزەرىيە
بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەتقىق قىلىنغانكى، بۇ بىر يېڭى نەتىجە. ئەڭ
مۇھىمى شۇكى، مەزكۇر ئەسەر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم
دەرسلىك بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ، تارىخى ، مەدەنىيىتى كەسپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ
ئىشلىتىشىگە بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ ›› دەپ يازغان. ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىدىن
بىرى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ، پروفېسسور ۋاڭ يۈەنشىن ( ‹‹ تۈركىي
تىللارنىڭ تارىخى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى›› قاتارلىق كىتابلىرى بار) ئەپەندىمۇ: ‹‹
‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان › ئېلىمىزدە مۇشۇ ساھەدىكى ئىلغار سەۋىيىلىك
خاس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . ئاپتور چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مىڭلىغان قوليازمىلارنى
قايتا – قايتا ئوقۇپ ۋە تەھقىقلەپ ، ئومۇمىي تىلشۇناسلىق نەزەرىيىسى بىلەن چاغاتاي
ئۇيغۇر تىلىنى بىرلەشتۈرۈپ ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى
، فونېتىكا ، مورفولوگىيە ، سېسنتاكسىس قاتارلىق جەھەتلەر بويىچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ
شەرھلەپ چىققان. كەلتۈرگەن مىساللىرى كۆپ ۋە سەرخىل ، ئىسپاتلىرى پۇختا ۋە ئىشەنچلىك.
شۇڭا بۇ كىتابنى دۆلەت ئىچىدە مۇشۇ ساھەدە يول ئاچقۇچىلىق ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان
تەتقىقات ئەسىرى ۋە مۇنەۋۋەر دەرسلىك دېسە بولىدۇ›› دەپ باھا يازغان .
پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن
كېيىن ، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ، تەتقىقات ئىشلىرىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
گرمماتىكىسىغا بولغان تونۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى
ھېس قىلىپ، شۇ كىتابىنىڭ ‹‹ گرامماتىكا ›› قىسمىنى تېخىمۇ تولۇقلاش ، كەڭرەك شەرھىيىلەش
، زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش يۈزىسىدىن ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
گرامماتىكىسى›› (665 بەتلىك ) ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. 2007 – يىلى مىللەتلەر
نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب شۇ تاپتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى
ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بېيجىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹ 2006 –
يىللىق بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس ›› بولۇپ باھالانغان ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلى ›› دەرسىنىڭ خاس دەرسلىكى قىلىپ قوللىنىلماقتا. ئالىمنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا،
‹‹ ئۇشبۇ كىتاب ‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›دا بېرىلگەن ‹ چاغاتاي
ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ›نىڭ ئاددىي ھالدىكى كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىيەتكە
ئۇيغۇن ھالدىكى نەزەرىيىۋى ئاساسلار بىلەن زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن پۈتۈنلىمە
ۋە تولۇقلىما نۇسخا ھېسابلىنىدۇ›› ( قاراڭ: شۇ ناملىق كىتابنىڭ كىرىش قىسمى). دېمەك
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى 30 يىلدىن بۇيان، ئۆزىنىڭ مۇشەققەتنى راھەت ھېس
قىلىدىغان ئالىي خىسلىتى ۋە مىننەتسىز مېھنەتلىرى ، تەمەسىز ئەمگەكلىرى بىلەن،
ھاردىم – چارچىدىم دېمەستىن ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن
‹‹ چاغاتاي تىلى ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر ›› ،
‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن مۇپەسسەل بايان ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
گرامماتىكىسى ›› قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
( مىلادىيە 14 – ئەسىردىن 1953 – يىلىغىچە ) نى ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ
مۇساپىسىنى ، تەتقىقات سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نامايەندە خاراكتىرلىك ئەسەرلەردۇر.
پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ
يەنە بىر مۇھىم ئەمگىكى ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن – ئەسلىي يېزىلىشى
بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ›› ( 851بەتلىك) ناملىق كىتابىدۇر . بۇ
كىتاب 2005 – يىلى 5- ئايدا، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان
ھامان زور ئىنكاس پەيدا قىلدى. چۈنكى بۇ ئەسەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشتە
مۇھىم ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن مۇقامشۇناسلىق ، تېكىستلوگىيە تەتقىقاتى
قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
16 – ئەسىردە ئاماننىسا خانىم باشلىق تىل ئۇستىلىرى ۋە سەنئەتكارلار تەرىپىدىن رەتلەنگەندىن
بۇيان، تۈرلۈك تېكىستلەر بىلەن تارقىلىپ كەلگەن ئىدى. مۇقامغا سېلىنغان تېكىستلەر
چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى بولغانلىقتىن، ئۇلارنى ئەسلىي قوليازمىغا
سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ، بەزى مۈجىمەل نۇقتىلارنى ئەسلىي قوليازمىغا ئاساسلىنىپ
ئوچۇقلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. بۇ نۇقتىلارنى تونۇپ يەتكەن ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئەپەندى 1985 – يىلىدىن باشلاپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلارنى توپلاپ چىققان ۋە بۇلارنى 1997 – يىلى جۇڭگو
قامۇس نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ›› ناملىق 13 توملۇق
كاتتا ئەسەردە بېرىلگەن تېكىست ترانسكرىپسىيىسى ۋە يېشىمى بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ
چىققان. نەتىجىدە، مەزكۇر « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتابتا بېرىلگەن
لاتىن ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ترانسكرىپىسىيە ۋە يېشىمدا سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنى
ئەسلىي يېزىلىشى ئاساسىدا، تۈزىتىپ، توغرىلاپ چىققان. مانا بۇ ئەمگەكلەر بىزنىڭ
ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر بوشلۇقنى تولدۇردى ، شۇنداقلا
بىزنى مۇكەممەل بولغان مۇقام تېكىستى ، ترانسكرىپىسىيىسى ۋە تەرجىمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ مۇقام تېكىستلىرىنىڭ مۇقامشۇناسلىقتا يۇقىرىقىدەك ئەھمىيىتى بولغاندىن سىرت، يەنە
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى نەۋائىي، سادىقىي ، قەلەندەر ، مەھزۇن ، ھۇۋەيدا ،
مەشرەب، ئايازى، مەشھۇرىي، لۇتفىي، ئەرشىي، بىلال نازىم ، زەلىلىي... كەبى
كلاسسىكلارنىڭ شېئىر - غەزەللىرىنى ئەسلىي يېزىلىشى بويىچە بېيت رەقەملىرىنى قويۇپ
كۆرسەتكەنلىكىمۇ بىر تۆھپىلىك نەتىجە، ئەلۋەتتە. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا، ھەر بىر مۇقامدا
قانچە مىسرا شېئىر بارلىقىنىمۇ سان – سىپىرلىق مەلۇمات بىلەن كۆرسەتكەن. ئالىمنىڭ
بۇ كىتابىنىڭ كېيىنكى بۆلۈمى – يەنى تەتقىقات قىسمىدا سېلىشتۇرما تەتقىقاتنى ئاساس
قىلىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە گرامماتىكىلىق ، ھەرپ
– يېزىقچىلىق ۋە سېمانتىكىلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن . بۇنىڭدا
ئاساسلىقى 1997 – يىلى جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى نەشر قىلغان ئون ئۈچ توملۇق ئەسەردىكى
مۇقام تېكىستلىرىنىڭ ترانسكرىپىيىسى ۋە يېشىمى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ
گرامماتىكىسىغا ئۇيغۇنمۇ يوق دېگەن نۇقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ، ئەسلىي
قوليازمىنى تەكشۈرۈپ ، ئىلگىرىكى نەشر قىلىنغان مۇقام تېكىستىنى بىرمۇ بىر ئەلگەكتىن
ئۆتكۈزۈپ ، ئەسلىي تەرجىمە بىلەن ئۆزىنىڭ تۈزىتىپ توغرىلىغان تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرما
قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئالىمنىڭ بۇ تەتقىقاتىنى مۇقام تېكىستشۇناسلىقىدىكى يۇقۇرى
پەللە، شۇنداقلا يېڭى نەتىجە دەپ قاراش زۆرۈر. بىزدە مۇندىن ئىلگىرى مۇقام تېكىستلىرىنى
ئەسلىي قوليازمىلارغا سېلىشتۇرۇپ ئىشلەش بولمىغان. شۇڭا ھازىرغىچە مۇقام
ناملىرىنىمۇ ‹‹ چەبىيات ›› ( توغرىسى ‹‹چەببەيات››) ، سىگاھ ( توغرىسى ‹‹ سەگاھ ››
) ، ‹‹چارىگاھ ›› ( توغرىسى ‹‹ چەھەرگاھ ›› ) ، ‹‹پەنجىگاھ ›› ( توغرىسى ‹‹ پەنجگاھ
››)، ناۋا ( توغرىسى ‹‹ نەۋا ›› ) ، ‹‹مۇشاۋرەك›› ( توغرىسى ‹‹ مۇشاۋەرەك››) دەپ
قوللىنىپ كەلگەنىدۇق. مەزكۇر كىتابتا مۇقام ناملىرىنى تەھقىقلەش ئىشلىرى كەڭ
دائىرىدە سۆزلەنمىگەن بولسىمۇ، خاتىمە قىسمىدا ئازراق ئۇچۇر بېرىلگەن. يەنى ‹‹ مۇشاۋەرەك››
نامىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ‹‹ نىشئەورك›› ( نەشئەۋەرەك ، نەشئاۋەرەك) سۆزىدىن كەلگەنلىگى
، ‹‹ خاتىمە قىسمىدىكى ھاياجان ، ئاخىرقى شادلىق ، تۈگەنجە قىسمىدىكى خۇشھاللىق ››
دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ؛ ‹‹ چەببەيات››نىڭ ئەسلىدە ‹‹ شەب باياد ››
بىرىكمىسىدىن ئۆگىرىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ‹‹ كېچىدە ئەسلەش ›› مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى
قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . پروفېسسور يەنە ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە،
‹‹ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ، ‹‹ ئۇيغۇر ئون ئىككى
مۇقامى تېكىستلىرى لۇغىتى ›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. خۇلاسە
قىلىپ ئېيتقاندا، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ بۇ كىتابى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
ۋە مۇقام تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىباھا ئەسەردۇر. پروفېسسورنىڭ
تەبىرى بويىچە ئېيتساق: « ‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى› دېمەك ‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ
تىلى› دېمەكتۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى شۇ قەدەر سېھىرلىك ۋە شۇ قەدەر جەزبىدار
قىلغان نەرسە، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئۈچ يۈز ئاتمىش ئاھاڭدىن باشقا ،
ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارغا خۇددى ”ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز“ كەبى ياراشقان ، ئۆزىنىڭ پۈتمەس
– تۈگىمەس ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق ، ئۇ يارقىن ئاھاڭلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە
جىلۋىلەندۈرگەن بىباھا ئۇيغۇر تىلىدۇر›› ( قاراڭ: « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل
بايان »، سوڭ مۇقاۋا ). ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى زامان ئېتىبارى بىلەن «
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتالغان ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامغا بەستىلەنگەن تېكىستلەر
ئەنە شۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن يارىتىلغان چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى دۇردانىلەردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ مەزكۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى ئايرىم كىتاب قىلىنىپ ، ئالىي ۋە
ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىزدە ، دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلۇشى لازىم ›› دەپ قاراپ ، ئوقۇتۇش
ۋە تەتقىقات قىممىتىنى كۆزلەپ، مۇقام تېكىستلىرىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي
يېزىلىشى ، لاتىنچە ھەرپلىك ترانسكرىپىسيىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يېزىلىشى
، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ، شېئىرىي ۋەزىن ئايرىمىسى ۋە سېلىشتۇرما تەتقىقات
دېگەن ئالتە تەرەپ بويىچە مۇكەممەل ئىشلەنگەن بۇ كىتاب شۇ تاپتا، مەركىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئاساسىي پەن ، ماگېستىر
ئاسپىرانتلارغا دەرسلىك قىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقاندىن باشقا، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىمۇ
دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.
ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ
ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ (2)
پروفېسسور گېڭ شىمىن ئەپەندى بۇ
كىتابقا ۋە ئالىمنىڭ تەتقىقاتىغا باھا بېرىپ ‹‹ ... ئۇشبۇ كىتاب ئۇيغۇر مۇقام تېكىستلىرىنى
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي يازمىلار ئاساسىدا ترانسىكرىپىسىيە قىلغان،
تارىختىن بۇيانقى تۇنجى شۇنداقلا بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇھىم ئەسەردۇر. ... پروفېسسور
ئابدۇرەئوپ 1986 – يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 18 يىل سەرپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ
ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ۋە موزېيلارغا بېرىپ ، ئەستايىدىللىق
بىلەن، ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى ئېلىنغان قوليازمىلارنى يىغدى. ئاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى
يازمىلار بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ترانسىكرىپىسىيىلەرنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ،
ئاخىرىدا ، مەزكۇر ‹ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى
›نى تۈزۈپ چىقتى. .. مېنىڭ قارىشىمچە ، نەشر قىلىنغان ‹ ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر
ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى › كىتابى ئەمەلىيەتتە، مېنىستىر دەرىجىلىك، ھەتتا دۆلەت
دەرىجىلىك تەتقىقات سەۋىيىسىدىكى ئەسەردۇر ... ئۈمىدىم ئۇنۋېرستېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك
تارماقلىرى پروفېسسور ئابدۇرەئوپنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ئېتىبار بىلەن قارىسا ،
قوللىسا، رولىنى تېخىمۇ بەك جارى قىلدۇرىشىغا تۈرتكە بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئاسپىرانت
تەربىيەلىشىگە زۆرۈر ۋە قولايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرسە›› دەپ تەۋسىيە پىكرى
يازغان.
ئانا تىل مەرىپىتىنى « قەلب
چىرىقى»، « ۋۇجۇت، تەننىڭ يىلىكى»، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى بولسا، « ئەجدادلارنىڭ
تىلىكى» دەپ قارايدىغان پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ئانا تىل ۋە ئانا ۋەتەن
ئۈچۈن قىلغان يەنە بىر مۇھىم ئەمگىكى
‹‹ ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى
››( بۇ كىتاب 1995– يىلى ش ئۇ ئا ر تۇنجى نۆۋەتلىك كىتاب باھالاش پائالىيىتىدە 1 –
دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان. 1996– يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە 2 – دەرىجىلىك
مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر مۇكاپاتىغا ، 1997 – يىلى مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك
3 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) دېگەن كىتابى بولۇپ، 1994–
يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب مۇقەددىمە، 10 باب
بايان ۋە خاتىمەدىن تۈزۈلگەن، مەملىكىتىمىز تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسىگە
بېغىشلانغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . كىتابتا، ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ
شەكلەن تۈرلىرىدىن تارتىپ مەنەن تۈرلىرىگىچە ، ئەنئەنىۋىي سۆزلەردىن تارتىپ كىرمە
سۆزلەرگىچە بولغان پۈتكۈل سۆزلەملەر تولىمۇ راۋان، پاساھەتلىك تىل بىلەن تەپسىلىي
بايان قىلىنغان. كۆپ تەرەپلىمە ۋە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسىنىڭ
سېماسىئولوگىيە، ئېتمولوگىيە ، لېكسىكوگرافىيە ، ستىلستىكا ۋە ئادەم ئىسىملىرى
ئىلمى قاتارلىق پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي رەۋىشتە شەرھىيلەپ بەرگەن
. بۇ كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ ، ئۇيغۇر
تىلى لېكسىكولوگىيىسى تەتقىقاتى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرۇلغان
ھەم دادىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىنغان يىگانە ئەسەردۇر.
بۇندىن باشقا، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ
ئەدەبىي ، ئىجتىمائىي تېمىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە :
ئابدۇرەئوپ ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي
ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ۋاقىتلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى دېيىشكە
بولىدۇ. 1972- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، ئەدەبىي
ئىجادىيىتىدىمۇ يۈكسىلىش بولغان . ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى 1983 – يىلىدىن باشلاپ
مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ كىتابخانلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.
ئالايلۇق، ‹‹ كور خېرىدار ›› ( ‹‹ تارىم ›› 1983 – يىلى 1 –سان ) ، ‹‹ قۇلاق ›› (
‹‹ ئىلى دەرياسى ›› 1983 - يىلى 1 – سان ) ، ‹‹ ھەسەت ›› ( ‹‹ قەشقەر ئەدەبىياتى ››
1983 – يىلى 2 – سان) ، ‹‹ گۈلزارلىقتا ›› ( ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› 1983 – يىلى 7 –
سان ) ... قاتارلىق ھېكايە ۋە نەسىرلىرى ئەينى چاغلاردا كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا
مۇيەسسەر بولغان. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە نەچچە ئون پارچە ھېكايە ، نەسىر ۋە
ئوبزور ماقالىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭ بىر قىسىم ھېكايىلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلامى
‹‹ كور خېرىدار ›› 1989 – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ،
كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، 2001- يىلى قايتا بېسىلغان . بۇ
كىتاب ئۆزگىچە بەدىئىي دىت ، پىىششىق بەدىئىي تىل ، مۇكەممەل قۇرۇلمىسى بىلەن كەڭ
كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن .
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى
گەرچە كېيىنكى چاغلاردا، تىل تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن،
ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالمىغان بولسىمۇ، ئىمكان بار قىسقا نەسىر ۋە
پوبىلىستىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنىمۇ نامايەن قىلىپ كەلگەن . بۇنىڭغا
ئۇنىڭ ‹‹ پەخىرلەن كەسبدىشىم سەن ھەم ... ›› ، ‹‹ مۇئەللىم ›› ، ‹‹ ئوقۇغۇچى ››،
‹‹ ئانا تىل قەسىدىسى››، « رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى»، «
پەخىرلەن ئوغلۇڭدىن مەھمۇد ۋەتىنى » ( دوكتور كۈرەش ئىبراھىمنى تونۇشتۇرۇش )، « ئەقىل
ياشتا ئەمەس، باشتا » ( دوكتور ئابدۇررەشىد ياقۇپنى تونۇشتۇرۇش ) ... قاتارلىق ئەسەرلىرىنى
مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۈمكىن .
ھەر قانداق مىللەت ياكى توپلۇم ئۆز
رېئاللىقىنى تونۇماي تۇرۇپ ئېۋەنلىرىنى تۈزىتەلمەيدۇ . مىللەتنى سۆيگەن ھەر بىر
كىشى مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيىتىدە كۆرۈلگەن ئىللەتلىك مەسىلىلەرنى ئاڭلىق تونۇشى ،
ئىلمىي قارىشى ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ تۈزىتىشكە نىيەت قىلىشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى
بىلەن نۇقساننى- ئىللەتنى تۈزىتىشى كېرەك ، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ
پارلاق كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ . بۇ نۇقتىنى روشەن تونۇپ يەتكەن ئابدۇرەئوپ
تەكلىماكانىي ئەپەندى مىللەت ئىجتىمائىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى
ئاقىلانىلىق بىلەن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ ، تەتقىقات يۈرگۈزدى . مانا بۇ ساھەدىكى
تەتقىقاتلىرىغا ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق
›› ناملىق ماقالىسى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ ئۇلۇغ
ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تۈزگەن ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى› مەيدانغا كەلگەنلىگىنىڭ
920 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى››دا ئوقۇغان ‹‹ مەھمۇد روھىنى ئۈلگە قىلىپ ، ئىلىم
– پەن ئۆگىنىشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنايلى ›› دېگەن لېكسىيىسىنى مېسال
قىلىپ كۆرستىشى مۈمكىن . بۇ لېكسىيىسى ‹‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ
1995 – يىللىق 2 – سانىدا ئېلان قىلىنىپ كىتابخانلارنىڭ ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.
ئالىم ماقالىسىدە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆزىنى ۋەتەنگە ، خەلققە بېغىشلاش روھى ،
ئىلىم يولىدا جاپالىق ئىزدىنىشى قاتارلىق ھىدايەتكار ئەمگەكلىرى ھەققىدە چوڭقۇر
ئىلمىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇد كاشغەرىي
روھىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىلىم – پەن چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ، تەتقىقات ئېلىپ
بېرىۋاتقان خالمۇرات غوپۇر، تاش تېيىپ ، كۆرەش ئىبراھىم ... قاتارلىق دوكتور –
ئالىملارنىڭ قىسقىچە ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىپ ، بارلىق ياشلار ۋە قېرىنداشلارنى
‹‹ ئىتتىپاقلىشىپ ، 21 – ئەسىرگە قەددىمىز رۇس ھالدا كىرەيلى ... بىزنىڭ
ئالدىمىزدا پەقەت بىرلا يول بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ئىلىم – مەرىپەت يولى ، بىلىمسىزلىك
، نادانلىق بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىش يولى ، ئۆز ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ، ئۆز –
ئارا ئىتتىپاقلىشىپ ، ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈش يولى ! بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ پۇرسىتىمىزنىڭ
قەدرىگە تولۇق يېتىشىمىز ، مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئوچۇق تونۇشىمىز ، بىرلا گەپ – مەھمۇد
روھىنى ئۈلگە قىلىپ ، ئىلىم پەن ئۆگۈنىشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن بىجاندىل شۇغۇللىنىشىمىز
كېرەك. ھالبۇكى، مۇشۇ مەقسەدتە مەھكەم ئىتتىپاقلىشايلى ، ئۆگىنەيلى ، تەرەققىي
قىلايلى ! بۇ ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئۈمىدى›› دەپ مۇراجىنئەت قىلغان. پروفېسسورنىڭ
ئىجتىمائىي تېمىدىكى پوبىلىستىك ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك
، ئىلىمپەرۋەرلىك روھى روشەن نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ .
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى
تىلىمىزنىڭ ساپ بولىشى ۋە توغرا قوللىنىشنى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نىشانى قىلغان ئۇستازدۇر
. بىر مىللەت تىلىنىڭ قوللىنىش ئەھۋالى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ،
ئىجتىمائىي مۇھىتىنى، سىياسىي – ئىجتىمائىي ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر.
تىلشۇناسلارنىڭ ۋاھىم يەيدىغىنى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئانا تىلىمىزنىڭ
ساپ بولماسلىقى ، توغرا قوللىنىلماسلىقى ، تەدىرىجىي ئائىلىۋىي تىلغا ئايلىنىشى ۋە
يوقىلىشىدىن ئىبارەت . پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندى ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق
تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە،ئاز بولمىغان ئاممىباپ ماقالىلارنى يېزىپ، ئاممىنى
تىلىمىزدىكى تۈرلۈك ئاتالغۇلارنى توغرا قوللىنىشقا يېتەكلەشنى مەقسەد قىلىپ ئاز
بولمىغان ئەمگەكلەرنى قىلدى . مەسىلەن : 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر
ئاممىسى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە ئەسىرى بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر بولدى ، ئەمما
دۇنياغا داڭلىق بۇ ئالىمنىڭ نام – شەرىپى ۋە ئەسىرىنى ئاتاشتا بەزىي مەسىلىلەر
ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى . ئالىم ئۆزىنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى مول
بىلىمىگە ئاساسەن ، ئالىمنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ۋە ئەسىرىنىڭ نامىنى ئەينى دەۋر
تارىخى مۇھىتىغا قويۇپ تەتقىق قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ توغرا ئاتاش ئۇسۇلى
‹‹ مەھمۇد كاشغەرىي ›› ۋە ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك – تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ئىكەنلىكىنى
ئوتتۇرىغا قويغان. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىدىغان ”روزا“ ۋە”روزى ھېيىت“
ناملىرى ھەققىدە ‹‹ ‹روزى ھېيىت › دېمەي ‹ رامىزان ھېيىت › دەپ ئاتىغان دۇرۇس ››
ناملىق ماقالىسىدە، ‹‹ روزى ›› ، ‹‹ روزى ھېيىت ›› سۆزلىرىنىڭ قوللىنىشىدا نۇقسان
بارلىقىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ توغرىسى ‹‹ رامىزان ›› ۋە ‹‹ رامىزان ھېيىت ››
دەپ قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان . مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ” سەللىمازا“، ”
ساتىراش“،” مويلاۋ“، ”غەللە - پاراق “، ”زاراتگاھ “، ”ئايەم “، ”دارېلتام “،
”ئالىمادىس “، ”ئالاھەزەل “، ” ساھىبخان“، ” چوكان“، ”جانان “، ”ئەلمىساق “، ”ئوقەت
“، ”مازار - ماشايىخ “، ”ساۋات “ ،”بودەك “،” پەتە“، ”ئاللاھ “... دېگەنگە ئوخشاش
كۆپلىگەن سۆز - ئىبارىلەرنىڭ ئېتمولوگىيىسى ، ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ، لېكسىكىلىق مەنىلىرى
قاتارلىقلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ، تىلنى توغرا قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان.
‹‹ ئۇيغۇر يەر – جاي ناملىرىنى خەنزۇچە
ئاتاش ۋە يېزىشتا ئېنىق پرىنسىپ بولۇشى لازىم ›› ( ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى
›› 1997 – يىللىق 3 – سان) ناملىق ماقالىسىنى ئېيتساق تۇرپان ، قەشقەر ناملىرىنىڭ
خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، مەيلى ئادەم ئىسىملىرى بولسۇن ياكى
يەر ناملىرى تەرجىمىسىدە بولسۇن مەنىسى ياخشى بولمىغان خەتلەرنى ئىشلەتمەسلىك ،
جاي ناملىرىنى باشقا مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا، يېڭىدىن نام ياسىماسلىق ، يەرلىك
نامنى تەلەپپۇزغا يېقىن ۋە توغرا تەرجىمە قىلىش، قىسقارتماسلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا
قويىدۇ. ‹‹ ”تارىم “ ئاتالغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە پاكىتلىق قاراش›› (‹‹
شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى) ماقالىسىدە، ئانا دەريانىڭ نامىنىڭ تارىم دەپ
ئاتىلىشىنىڭ سەۋەب ۋە جەريانلىرىنى يازما پاكىتلار ئاساسىدا دۇرۇس شەرھىيلەپ كۆرسەتكەن.
پروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئەپەندى ئەدىب ۋە تىلشۇناس تەتقىقاتچى بولۇپلار قالماي يەنە ئىقتىدارلىق تەرجىماندۇر
. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن تارتىپ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئەسەرلەرنى
تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسە
قوشقان. ئالايلۇق، لىۋانلىق دوكتور ئەلىي ھەسەن خەربۇتەلىنىڭ ‹‹ بەيتۇللاھنىڭ
تارىخى ›› ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، خەلقىمىزگە پۈتكۈل
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتىلىدىغان تاۋابگاھىنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرغان . بۇ كىتاب شىنجاڭ
خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئېھتىياجنى قاندۇرالماي
بەش قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان. ئەرەب ھازىرقى زامان ئاتاقلىق يازغۇچىسى مىخائىل نۇئەيمەنىڭ
ھىكايىلار توپلىمى بولغان ‹‹ ئەڭگۈشتەر ›› نى تەرجىمە قىلىپ، 1984 – يىلى شىنجاڭ
ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرغان. ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇپەسسىرى
مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى كاشغەرىي تەرىپىدىن 1926 – يىلى كاشغەردە يېزىلغان تەپسىر
كىتابى ‹‹ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن – ئەممە پارە تەپسىرى ›› ( 500 مىڭ خەتلىك چوڭ
ھەجىملىك ئەسەر) نى تۈركىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇش جەريانىدا، 1999 – يىلى ھازىرقى
زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتاب سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە
2003 – يىلى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى . تۈركمەنىستاننىڭ داڭلىق كلاسسىك شائىرى مەخدۇمقۇلىنىڭ
شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ مەخدۇمقۇلى شېئىرلىرى توپلىمى ›› نى خانىمى، دوكتور مۇنەۋۋەر
ھەبىبۇللا بىلەن بىرلىكتە تۈركمەن تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان .
ئىككى ئەل دوستلۇقىنىڭ ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ كىتاب 2000
– يىلى خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.
پروفېسسور ، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئەپەندىنىڭ يۇقىرقىدەك كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىدى ، تۆۋەندىكى
كىتابلىرى تېخى نەشر قىلىنمىغان بولۇپ ، بۇلار نەشر قىلىنسا ، شۇ ساھەلەردە قىممەتلىك
ماتېرىياللارغا ئايلانغان بولاتتى .
(1) ‹‹ مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ ‹
تارىخى ھەمىدىي› ناملىق ئەسىرى ھەققىدە تەتقىقات›› . بۇ ئالىمنىڭ دوكتورلۇق تېزى
(دېسىرتاتسىيىسى ئەسىرى ) بولۇپ، 513 بەتلىك بۇ دېسسىرتاتسىيە ئەسىرى ‹‹ مۇقەددەىمە››
، ‹‹ ‹تارىخى ھەمىدىي › ناملىق ئەسەرنىڭ گرامماتىكىسى›› ، ‹‹ مەتىننىڭ
ترانسىكرىپىسىيىسى ›› ، ‹‹ سۆزلۈك›› ، ‹‹ ئەسەردە كۆرۈلگەن يەر – جاي ناملىرى ۋە
كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىزاھلىمىسى›› ، ‹‹ مەتىننىڭ فوتۇ نۇسخىسى ›› بولۇپ جەمئىي ئالتە
بابتىن تەشكىل تاپقان . ئاپتور بۇ ئەمگىكىدە، « تارىخى ھەمىدى » ناملىق بۇ نادىر
ژىرىك ئەسەرنى دۇنيا ئىلىم ئەھلىگە ئەسلىي قوليازمىسى بىلەن ئەينەن تونۇشتۇرۇش بىلەن
بىر چاغدا، ئۇنىڭدىكى تىل ماتېرىياللىرىنى فونېتىكا ، لېكسىكا ، مورفولوگىيە ، سېنتاكسىس
جەھەتلەردىن تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتتە 19 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ
گرامماتىكىسىنى يېزىپ چىققان.
(2) ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى
››. 1993 – يىلى 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مىللەتلەر نەشرىياتىغا نەشىرگە تاپشۇرغان
2811 بەتلىك زور ھەجىملىك بۇ لۇغەت، ئېلىمىزدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن تۈزۈلگەن
ئەڭ مۇكەممەل لۇغەت ھېسابلىنىدۇ .
(3) ‹‹ تارىخى ھەمىدىي›› نىڭ يېڭى
تەرجىمىسى.بۇ كىتاب ئالىمنىڭ مۇسا سايرامىينىڭ ئۆز قوليازمىسىغا ئاساسەن ،
ترانسكرپسىيە، تەرجىمە ۋە ئەسلىي قوليازمىنىڭ فوتو كوپىيىسىنى سېلىشتۇرما قىلىپ نەشىرگە
تەييارلىغان تەرجىمە ئەسىرى. قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىكى
نۇسخىسى قىلىپ نەشىرگە تەييارلانغان بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر
قىلىنىش ئالدىدا.
پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ھەقىقىي ئۇيغۇرشۇناس بولۇشقا مۇناسىپ مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات
مىتودىغا ئىگە تەلەپچان تەتقىقاتچى . ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، بوشاشماستىن ئۆگىنىش
روھى بىلەن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەزەرىيىۋىي
بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى ۋە
گرامماتىكىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئەرەب ، پارس ، تۈرك تىللىرىنى، شۇنداقلا دۆلەت
تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن . ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىدا ئەرەب ،
پارس تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەرلا 40%دىن ئاشىدۇ ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى
ئۈچۈن ئەرەب ، پارس تىللىرىنى ئىگىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ 14 – ئەسىردىن
20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى
بىلەن پىششىق تونۇشۇش بىلەن بىر چاغدا، ئەينى دەۋردىكى تۈركىي ئەدەبىي تىل بولغان
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەم مۇشۇ تىلنى خاتىرىلىگەن چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇكەممەل
ئىگىلەپ ، ئېلىمىزدە مۇشۇ ساھە بويىچە كامالەت ئىگىسى ، ئىلىم نوپۇزىغا ئايلاندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ماقالە ۋە مەخسۇس ئەسەر قىلىپ يېزىپ ، ئالىي مائارىپ
بويىچە شاگىرت تەربىيىلەپ ، ئېلىمىز ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس
تۆھپىلەرنى قوشتى . ئۇنىڭ بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ‹‹ چاغاتاي تىلى ›› ( خەمىت
تۆمۈر بىلەن ھەمكارلىقتا ) ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر
›› ، ‹‹ ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن مۇپەسسەل
بايان ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ›› ، ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
جەۋھەرلىرىدىن – ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ››
قاتارلىق ئىلمىي كىتابلىرى ، ‹‹ كور خېرىدار ›› ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى ،
‹‹ ئەڭگۈشتەر ›› ، ‹‹ بەيتۇللاھنىڭ تارىخى ›› ، ‹‹ مەخدۇمقۇلى شېئىرلىرى توپلىمى
››، ‹‹ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن – ئەممە پارە تەپسىرى ›› قاتارلىق تەرجىمە
كىتابلىرىدىن باشقا، يەنە ‹‹ مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين ›› قاتارلىق نەشرگە تەييارلىغان
ئەسەرلىرى ھەمدە ‹‹ ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق ›› ، ‹‹ ‹مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين›دىن ‹ مەئارىفۇل
لۇغەتەين›گىچە››، ‹‹ ھەق ۋە ھوقۇق مەرىپىتى ئۇيغۇر مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك
ئۇل تېشى ›› قاتارلىق سىياسىي نەزەرىيىۋىي ماقالىلىرى بىلەن خاس تىلشۇناسلىققا ۋە
ئەدەبىياتشۇناسلىققا ئائىت ماقالىلىرى يۈز پارچىدىن ئاشىدۇ. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ
ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى بىلەن بىللە، مۇسا سايرامىنىڭ ‹‹
تارىخى ھەمىدىي›› ناملىق ئەسىرى، مۇھەممەد زەھىرىددىن بابۇرنىڭ « بابۇرنامە »
ناملىق ئەسىرى ئۈستىدە داۋاملىق چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بۈيۈك
شائىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹ مەھبۇبۇل قۇلۇب›› ۋە ‹‹ مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين ››
قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي يېزىلىشى ،
ترانسكرىپسىيىسى ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
قىسقىسى، پروفېسسور ، دوكتور
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمەشۇناسلىقى تەتقىقاتى،
خۇسۇسەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھەسىدە پەللىمۇ پەللە ئېشىپ،
نامايەندە خاراكتېرلىك ئەمگەكلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن يېتىك ئىلىم ساھىبى
ئاتىلىشقا مۇناسىپ تۆھپىكار ئالىمدۇر.
پايدىلانمىلار :
1. يۈسۈف ئىگەمبەردى: ‹‹ ئىلىم
يولىدىكى جاپالىق ئىزدىنىش›› ‹‹ قەشقەر ئەدەبىياتى›› 2002 – يىلى 5 – سان.
2. تەلئەت ئىبراھىم تىلەك: ‹‹
سالام، تەكلىماكانىي! ›› ‹‹ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005 –
يىلى نەشرى.
3. ئەنۋەر مۇھەممەد: ‹‹ تەكلىماكان
ئوغلى›› ‹‹ ھەر كاللىدا ھەر خىيال ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005 – يىلى نەشرى.
Yorumlar
Yorum Gönder