ئوغلۇمغا يەسلىنى قانداق تاللىدىم
ئوغلۇمغا
يەسلىنى قانداق تاللىدىم
Berqi
يوللىغان ۋاقتى
2006-9-17
1-يەسلىگە ﺑﯧﺮﯨﺶ ئالدىدىكى ئەگەشمە ئويلار ۋە گاڭگىراش
بۇگۇن كىچىك ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگىنىمگە 15 كۇن
بولدى.ئوغلۇم بۇگۇن ئوزىنىڭ يەسلىگە چىقمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئازاتلىققا چىققان
بىر مەھبۇستەك خوشال كەيپىياتتا ئاكىسى بىلەن ئوينىغىلى ماڭدى.ئوغلۇمنىڭ يەسلىگە
بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ چىرايىدا پەيدا بولگان خوشاللىق قەلبىمدە يەنە سىلكىنىش پەيدا
قىلدى.ئىختىيارسىز ئويلىغانلىرىمنى كىتابخان دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
ئوغلۇمنى بىرىنچى كۇنى يەسلىگە بەرگەندە ﻳﯧﯖﻰ بىر دۇنياغا
قەدەم ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ بىر ھىسىياتتا ماڭغان،ھەتتا يەسلىگە بارىدىغان ئەتىگىنى بىزنى
ئالدىراتقان ئىدى.ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئوغلۇمنىڭ يەسلىگە كىرىش رەسمىيەتلىرىنى يەسلى
مەسئۇلىغا تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بالىنى تەربىيەچىسىگە تاپشۇردۇق.بالام يەسلىدە
شۇنداق خوشال قالدى،ﻟﯧﻜﯩﻦ بىز يەسلى ئىشىكىگە يىتەي دىگەندە بالىنىڭ يىغا ئاۋازى قۇلىقىمىزغا
يەتتى(قارىغاندا ئۇ بىزنىڭ يوقلىقىمىزنىڭ سەزگەن ،تاشلىۋەتىلگەندەك تۇيغۇغا كەلگەن،يەڭى
مۇھىت ۋە تەربىيەچىللىرىدىن ھودۇققان ئىدى)،بىزدە بۇنىڭغا نىسبەتەن روھى تەييارلىق
بولغاچقا يۇرىكىمىز ئەچىشىپ تۇرسىمۇ كەينىمىزگە قارىمىدۇق.
ئايالىمنىڭ ئانىلىق قەلبى ئاران ئىككى سائەت تاقەت
قىلىشقا چىدىدى.
-مەن ئىلتەرىش قانداق ئوينىۋەتىپتۇ قاراپ كىلەي،- دىدى
ئايالىم بىر چاغدا.مەن گەپ قىلمىدىم.ئايالىمنىڭ بالا ھەلىمۇ يىغلاۋاتقانمىدۇ دەپ
ئويلىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
بىردەمدىن كەيىن ئايالىم كوزىنى يىغا باسقان ھالدا قايتىپ
كەلدى.ئاڭلىسام ئوغلۇم ئوقۇتقۇسىنىڭ يەنىدا شۇمشىيىپ تۇرغىدەك.يەسلى رىشاتكىسىدىن
ماراپ تۇرغان ئايالىمنى كورۇپ يىغلاپ كىتىپتۇ.
چوڭ ئوغلۇم ئالىپنى يەسلىگە بەرگەندىمۇ مۇشۇنداق كەچۇرمىشلەرنى
باشتىن كەچۇرگەچكە چىدىدۇق،يەنە بىر مەزگىل ئوتسە كونۇپ قالار دەپ ئويلىدۇق.
چوڭ ئوغلۇم ئالىپ تۇغۇلغاندا ئويۇمنىڭ تايىنى بولمىگاچقا
،شىنھۇئا جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان
ئىككى ئەغىزلىق ئويۇم قىشتا زادى ئىسسىمايدىغان ،ئىسسىتىش
مۇمكىنشىلىكى ناھايىتى توۋەن بىر ئوي بولگاھچا ئوغلۇم 10 ئايلىق بولغاندا ئامالسىز
ئۇنى چوڭ ئانىسىنىڭ يەنىغا ئاپىرىپ قويدۇق.ئوغلۇم چوڭ ئانىسى يەنىدا 2003 -يىلى
4-ئاينىڭ 16-كۇنىگە قەدەر تۇردى. 4-ئاين ئىڭ 15-كۇنى يەڭى تەقسىم قىلىنغان ئويۇمگە
كوچۇپ كەلدۇق،شۇ كۇنى كەچ ئايالىمنىڭ يەنە بىر مەزگىل تۇرسۇن دىگىنىگىمۇ ئۇنىماي
ئوغلۇمنى ئالغىلى كورلىغا قاراپ يولغا چىقتىم، ئەتىسى ئەتىگەن چوڭ ئانىسىنىڭ ئۇنىمىنىغا
قارىماي ئوغلۇمنى ئەلىپ ئۇرۇمچىگە ياندىم.چوڭ ئانىسى ئوغلۇمنى جابدۇپ بەرگەندىن كەيىن
بىزنى بىكەتكىچە ئۇزىتىپ چىقتى،كوڭلۇمدە بالام ئابتۇبۇسقا چىقىپ بولۇپ چوڭ ئانىسىدىن
ئايرىلىشقا كوڭلى چىدىماي يىغلاپ تۇرۇۋالارمۇ ؟دەپ ئويلىدىم، ئوغلۇم چوڭ ئانىسىنىڭ
<<بالام ،كەتمە،مەن بۇ يەردە قالىمەن دىگىنىگە پەرۋا قىلمىدى،بىرەرسى ئاپتۇبۇستىن
چۇشۇرىۋالامدىكىن دىگەندەك مەنى چىڭ قۇچاقلىدى،مەن شۇ چاغدا بالا ئۇچۇن ئوز -ئاتا
ئانىسىنىڭ چوڭ ئانىسىدىنمۇ (چوڭ ئانىسى شۇنچە ئۇزۇن باققان تەقدىردىمۇ )سويۇملۇك تۇيۇلىدىغانلىقىنى
ئوز تەسىراتىم ئارقىلىق تونۇدۇم.گەرچە ئوغلۇم 10 ئايلىق مەزگىلىدىن تارتىپ تەخمىنەن
ئىككى يىل چوڭ ئانىسىنىڭ يەنىدا تۇرغان ،چوڭ ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرۇش جەريانىدا
چوڭ ئانىسىغا مەھرى چۇشۇپ قالغان ئىدى.بىز ئىككى ئايدا بىر دىگۇدەك يوقلاپ تۇرغان
بولساقمۇ بالامنىڭ سەبى يۇرىكى بىزنى ئەسىدىن چىقارمىغان ئىدى،
بالام ئۇچ ياشقا كىردى،يەسلىگە بارىدىغان ياشقا تولدى،
ئويۇم بىر بىنانىڭ 6-قەۋىتىدە ئىدى.بالام ئاساسەن ئوي ئىچىدە ئوينايتتى، ھەر ھىل سەۋەبلەر
تۇپەيلىدىن ئۇنى تالاغا ئەچىقىدىغان قەتىم سانىمىز بەك كوپ ئەمەس ئىدى، تەخى ئۇرۇمچىنىڭ
سوغۇق قىش مەزگىلى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بالىنى بىر ،ئىككى ھەپتە تالاغا ئەچىققىلى
بولمايتتى، جاڭ-جاڭ سوغۇق بالىنى تالاغا ئەچىقىپ ئوينۇتۇشقا ئىمكان بەرمەيتتى،
شۇ سەۋەپتىن مەن بالامنى سەل بۇرۇن بولسىمۇ يەسلىگە بەرىش
قارارىغا كەلدىم. لەكىن بالامنى قانداق يەسلىگە،قايسى يەسلىگە بەرىش مەسىلىسى بەشىمنى
قاتۇردى.چۇنكى مەن ياكى ئانىسى يەسلىدە ئوقۇپ باقمىگاھن، بىز يەسلى مائارىپىنىڭ ئەھۋالىنى
بەك چۇشۇنۇپ كەتمەيتتۇق،
مەن تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئۇرۇمچىدە يەسلىلەرنىڭ بەكمۇ تەرەققى
قىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزدىم، كۇزۇتۇشۇمچە يەسلىلەرنىڭ زور كوپچىلىكى ئۇگۇتۇشنى بەكمۇ
تەكتلەيدىگاندەك تۇراتتى،ھەتتا بەزى يەسلىلەر نەزىرىمدە يەسلىدىن كورە باشلانغۇچ مەكتەپكە
بەكمۇ ئوخشايتتى.يەسلى قورۇسىدا بالىلارنىڭ خوشال خورام ئويىنىگاھن كورۇنىشىدىن
سىنىپلاردا مۇنتىزىم بىر نەرسە ئۇگۇنىۋاتقان كورۇنىشى كوپرەك كوزگە چەلىقاتتى. مەن
گەرچە يەسلى مائارىپىنى تەتقىق قىلىپ باقمىگاھن بولساممۇ بىر مائارىپچى بولۇش سۇپىتىم
بىلەن پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا بالىلار تەربىيەسىگە ئائىت بىر قىسىم كىتابلارنى
ئوقۇغان ،ھەتتا تەتقىق قىلىپ كورگەن ئىدىم، شۇڭا مەنى بالىنى قانداق تەربىيەلەشتە
پۇتۇنلەي تەييارلىقسىز دىگىلىمۇ بولمايتتى.ھەتتا 2000-يىللىرى ھانزۇ ئوقۇرمەنلەر
ئارىسىدا بازارلىق كىتاب بولغان << كارل ۋىتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى>>،<<سىتىنا
ھانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى >> قاتارلىق كىتابلار بىر مەزگىل مەنى ماگنىتتەك
مەپتۇن قىلغان،بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ كاللامدا زىل-زىلە قوزغالغان،ھەتتا مەنمۇ
بالامنى كارل ۋىتىرغا ئوخشاش تەربىيەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. شۇ سەۋەپتىن
<<كارل ۋىتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى >>دىگەن كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم
،ھەتتا كەيىن بۇ كىتابنى ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، تەرجىمىنىڭ
بىر قىسمى <<مىراس >> زورنىلىدا ئەلان قىلىندى.كەيىن بۇ كىتاب
باشقىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغاچقا مىراس زورنىلىغا بەرىشتىن توھتىدىم.
شۇ چاغدا ئوغلۇم بىر ياشتىن ھالقىغان ئىدى.
لەكىن مەن پەرزەنت تەربىيەلەش ھەققىدىكى بۇ كىتابلارنى
ناھايىتى كوپ ئوقۇپ مەلۇم دەرىجىدە ئوغلۇمغا تەدبىقلاپ ،كىچىك بالىغا بالىلىق دەۋرىدە
بەك كوپ بىر نەرسە ئۇگۇتۇشكە ئۇرۇنۇشنىڭ بەكمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ
قالغان ئىدىم. چۇنكى <<كارل ۋىتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى >> ۋە
<< ستىنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى >> دىگەن كىتاب كەيىنكى مەزگىلدە
كاللامدا << مۇشۇ بەش يەشىدا مانچە تىل ئۇگەڭەن ،ئوسمۇر ۋاقتىدا ئالىي دىپلۇملارنى
ئالغان بالىلار كەيىن نىمە ئىشلارنى قىلغان بولغىيتى>> دىگەن سۇئالنى پەيدا
قىلدى،بۇ ھەقتە ئىزدەندىم، بۇ بالىلار مەنىڭچە بولسا 20--30 يەشىدا ئالاھىدە نەتىجىلەرنى
قازىنىپ ئىنسانىيەتكە توھپە قوشسا بولاتتى، لەكىن مەن بۇ بالىلارنىڭ كەيىنكى
تارىھى ھەققىدە شۇ كىتابتا يەزىلغان مەلۇماتلاردىن باشقا ھىچنىمە ئىزدەپ
تاپالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن كاللامدا يەنە مۇنداق سۇئال پەيدا بولدى:<< ناۋادا
كارل ۋىتىرنىڭ نەتىجىسىنى نوقۇل تەربىيەلەش كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ قارالسا ،كارل ۋىتىرنىڭ
دولىتى بولغان گەرمانىيە نىمىشقا كارل ۋىتىرنىڭ تەربىيەلىنىش ئۇسۇلىنى دولىتىگە
ئومۇملاشتۇرمىدى؟ نىمىشقا ھازىرغا قەدەر بىرەر ئىلغار دولەت مۇشۇ ھەقتە قانۇن ماقۇللاپ
،بىرەر مائارىپ ئەندىزىسى بارلىققا كەلتۇرمىدى؟>>
كاللامدا پەيدا بولغان گۇمان بىلەن بىزنىڭ بىرنەرسە ئۇگىتىمىز
دەپ ئۇرۇنىشىمىز نەتىجىسىدە بارغانسىرى بالىلىق خاراكتىرىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقان
ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى (تەن ئەلىش كىرەك، بالام شۇ چاغلاردا كىچىك كارل ۋىتىردەك
بولالمىسىمۇ خەلى نەتىجىگە ئەرىشكەن ،بۇ نەتىجىئە ئەتراپتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىراپ
قىلىنغان ئىدى.)بىلەن بىرلىشىپ مەنىڭ بالا تەربىيەلەش ھەققىدىكى ھىياللىرىمنى يەڭى
بىر پەللىگە كوتۇردى. ھەرقانداق بالا ئوزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىنى بالىغا ئوخشاش ئوزكۇزىشى
كىرەك.بالىلىق ۋاقتىدا ئىلىم ئۇگنۇخكە مەجبۇرلىنىش ئورنىغا كوڭۇللۇك ئويناش
ئارقىلىق بالىلىقنىڭ گۇزەللىكىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ بالىنىڭ گۇزەل بالىلىق مەزگىلىنى
بەرپا قىلىش كىرەك.ئەلۋەتتە مۇشۇ جەرياندا ئۇنسىز رەۋىشتە بالىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى
ۋە دۇنيانى تونۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كورسىتىش ،بالىدا ساغلام كەيپىيات ،پىس،خىكا پەيدا
قىلىش كىرەك.
مەن يەسلىلەرنى تەكشۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن يەسلىنىڭ
بالىغا بىر نەرسە ئۇگۇتۇشنى مەركەز كىلغانلىقىنى ،گەرچە ئۇلار ئويۇن ئارقىلىق
بالىنى تەربىيەلەش دىگەن كوز قاراشنى شۇ،ئار قىلسىمۇ ماھىيەتتە بالىلارنى باشلانغۇچ
مەكتەپ بالىسى كەبى تەربىيەلەيدىغانلىقىنى ،بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى
بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم، چۇنكى بالىلار ئەركىن ئوينىغانغا قارىغاندا مۇنتىزىم تەربىيە
ئىچىدە تۇرسا بالىلار ئارىسىدا ئاتا-ئانىلار ئەڭ كوڭۇل بولىدىغان ھەر خىل
يارىلىنىش ھادىسەلىرىنىڭ ئاز چىكىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق بىھۇدە ئاۋارىچىلىق
پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئاتا-ئانا
بالىسىغا بىر نەرسە ئۇگۇتۇشنى بەكراق خالايتتى.يەسلى خىزمەتچىللىرىمۇ بالىلارنىڭ
بىريەرگە يىغىش ئارقىلىق ئادەم كۇچىنى تىجەپ،ئارتۇقچە ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى
ئالاتتى،
بۇ يەسلىلەرنىڭ ئەھۋالى مەنىڭ بالىنى ئويۇن ئىچىدە تەربىيەلەش
ياكى ئويۇن ئىچىدە چوڭ قىلىش ،بالىغا ھەقىقىي گۇزەل بالىلىق مۇھىتى ھازىرلاپ بەرىش
دىگەن ئىدىيەمگە ماس كەلمەيتتى،قانداق قىلىش كىرەك؟
بالىنى يەسلىگە بەرمەي بولمايدۇ.بالا تەڭتۇشلىرى بىلەن
ئارىلىشىپ باشقىلار بىلەن قانداق ئەپ ئوتۇش ئۇسۇلىنى ،شۇنداقلا كوللىكتىپ بىلەن
قانداق بىللە ياشاشنى ئۇگەنمىسە بولمايدۇ.شۇنداقلا پلانلىق ھالدا تەپەككۇر كۇچى ۋە
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى چەنىقتۇرۇشقا مۇھتاج.مەن روبىنزۇن كرونزۇ ئەمەس، ئادەمسىز
ئارالدا يىگانە ھالدا نىمە لازىم بولسا شۇنى بەرپا قىلىپ ھاياتقا جەڭ ئەلان
قىلغىلى .كاللامدىكى ئوزۇم يەسلى ئاچسامچۇ ( تەسەۋۋۇرۇمدىكى بالىلار يەسلىسى دىگەن
تەمىدا ئايرىم مۇھاكىمە قىلىمەن بۇ مەسىلىنى )دىگەن ئوينى قايرىپ تاشلاپ ئايالىم
بىلەن يەسلى كورۇشكە باشلىدۇق، ئەڭ ئاخىرى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يەسلىسى
بىزگە نىسبەتەن ئازادە ،ھەر ھالدا باشقا يەسلىلەردىن ئارتۇق كورۇندى، بولۇپمۇ بۇ يەسلىنىڭ
ئازادە قورۇسى ماڭا بەكمۇ يارىدى، 88 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئويۇمگە قىستىلىپ ،ئەسەبلىرى
چىڭقىلىپ كەتكەن بالام ئۇچۇن مانا مۇشۇنداق كەڭرى مەيدان لازىم ئىدى، بۇ مەيداندا
ئويۇنچۇقلارمۇ جىق ئىدى.
مەن بۇ يەسلى بالىنى قانداق تەربىيەلەر دىگەڭىمۇ قارىماي
( بۇ يەسلى بالىلارغا بەك كوپ نەرسىلەرنى ئۇگىتىدۇ،بۇ يەسلىنىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتى بەكمۇ
يۇقۇرى دىگەن باھالارنى خەلى كوپ ئاڭلىدىم بۇ يەسلى ھەققىدە )ئاشۇ كەڭرى مەيدانى،كوپ
ئويۇنچۇقلىرى ،مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقى ئۇچۇن ئوغلۇمنى شۇ يەسلىگە بەردىم.ئۇرۇمچىدەك يەر
قىس، ئوي قىس ،بالىلارنىڭ ياشاش شارائىتى ،تەربىيەسى شەھەر قۇرۇلۇش جەريانىدا بەك
كوپ نەزەرگە ئەلىنىپ كەتمىگەن ئادەمگە ھەر ۋاقت قىستاڭچىلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان بۇ
شەھەردە بىر يەسلىنىڭ جۇغراپىيەلىك شارا،ئىتى مەنىڭ تاللىشىمغا بىۋاستە تەسىر كورسەتتى.
Yorumlar
Yorum Gönder