ﺑﻪﺭﻗﻰ: ﺋﯜﻣﯩﺪ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ



ﺑﻪﺭﻗﻰ: ﺋﯜﻣﯩﺪ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن: Berqi
يوللىغان ۋاقتى 2006-10-16

ئارىمىزدا نۇرغۇن دوستلار خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا تونۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،بۇ ھەقتە خام خىياللارنى قىلىشىدۇ،مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا ۋە ئالى مەكتەپكە يېڭى چىققان يىللاردا بىزنى پۇتۇن دۇنيا تونۇيدۇ دەپ شەك-شۇبھىسىز ئىشەنگەن ۋە دۇنيا بىزنى تېخىمۇ تونۇسا دەپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم.كېيىن ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ دۇنيانى چۇشەنگەن ۋاقتىمدا دۇنيانىڭ بىزنى بەكمۇ تونۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم،ھەتتا ئىچكىرىدە بەزى خەنزۇلارنىڭ بىزنى زادى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم،ھەتتا جوڭغار ئويمانلىقىدىكى فاڭساۋخۇ دىگەن بوز يەر ئاچقۇچىلار شەھىرىدە بىر خەنزۇنىڭ ئۇيغۇر دەپ ئاڭلىغانلىقىنى لېكىن ئۇيغۇرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدۈم.شۇندىن كېيىن كاللامدا بىزنى دۇنيا تونۇمدۇ؟تونۇمامدۇ؟ دىگەن بىر ئوي پەيدا بولدى.بارغانسىرى بىزنى دۇنيانىڭ تونۇمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم ،كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك دۇنيا بىزنى بىلىدۇ ،بىز ئاجايىپ خەلق دىگەن ئوي كاللامدىن يوقالدى.ئۇنىڭ ئورنىدا دۇنيا ھەقىقەتەن بىزنى بىلگەن ،تونۇغان ،لېكىن بۇگۇنگە كەلگەندە بىزنى ئۇنتۇپ قالدى،بىز، دۇنيا بىزنى تونۇغۇدەك ئىش قىلالمىدۇق ياكى ئىش قىلساقمۇ شۇ ئىشنى دۇنياغا بىلدۇرەلمىدۇق دەپ ئويلىدىم.

ئۇنداقتا دۇنيا تەشەببۇسكار ھالدا بىزنى بىلەمدۇ ياكى بىزنى بىلىشكە ئىنتىلەمدۇ؟ياكى بىز ئۇلارغا ئوزىمىزنى تونۇتامدۇق دىگەن مەسىلە كاللامغا كىرىۋالدى، مۇمكىن بولسا ئوزىمىزنىڭ كەمتەرلىك پىسخىكىسى بويىچە دۇنيا تەشەببۇسكار ھالدا بىزنى تونۇسا بولاتتى،لېكىن دۇنيانىڭ سىياسىي ،ئىقتىسادىي قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا بۇنداق ئويلاش مەلۇم دەرىجىدە خام خىيال خالاس ،چۇنكى بىزدە دۇنيا بىزنى ئاكتىپ ھالدا تونۇغۇدەك ياكى دۇنيانىڭ بىزنى ئاكتىپ ھالدا تونۇشىغا تەسىر كورسەتكۇدەك كوزىر يوق دىيەرلىك.گەرچە سانىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇز مىللەتنىڭ بىرى بولۇشقا توشسىمۇ قالغان كوزۇرلار بۇنىڭغا توشمايدۇ.ئۇنداقتا مانا مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتەمدۇق ياكى قۇدۇقنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ دۇنيا مۇشۇ ،بىزنى پۇتۇن دۇنيا تونۇيدۇ دەپ خام-خىيال ئىچىدە ئۇخلاپ ياتامدۇق؟

مەن نۇرغۇن ئويلىنىش ئارقىلىق دۇنياغا تەشەببۇسكار ھالدا ئوزىمىزنى تونۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى ،بىزدە بەزى يوشۇرۇن كوزۇرلارنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.ناۋادا بىزدىكى بۇ يوشۇرۇن كوزۇرلار ئوز قولىمىز ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسا بىزنى تونۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى باشلانغان بولاتتى.دۇنيانىڭ بىزنى بىلىشىگە پىلتە بولۇپ قالاتتى،

ئۇنداقتا بۇ يوشۇرۇن كوزۇرلار قايسى؟ ئۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت -سەنىتىمىز ۋە ئوزگىچە تەپەككۇر ئەندىزىمىز ئىدى، بىز مۇشۇ مەدەنىيەت -سەنئەتكە تايىنىپ تارىختا شانلىق ئىز قالدۇرغان،مۇشۇ تەپەككۇرغا تايىنىپ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىنىغا قىممەتلىك جاۋاھىرلارنى قوشقان ئىدۇق.بىزدىكى بۇ تەپەككۇر بىزدە سانسىز تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرىنى بارلىققا كەلتۇرگەن ئىدى، تەبىئىي پەن مىللىيلىكتىن خالى نەرسە.تېخى بىرەر مىللەتنىڭ ماتىماتىكىسى ياكى فىزىكىسى دىگەن گەپنى ئاڭلىمىدۇق، لېكىن پۇستانىنىڭ سەنئىتى ياكى پۇستانىنىڭ ئەدەبىياتى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن تەبىئىي پەن مۇشۇ مىللەت ئىجتىمائىي پەنىنىڭ ئاساسى،ئىجتىمائىي پەن تەبىئىي پەن ۋە تەپەككۇر ئەندىزىمىزنى دۇنياغا تونۇتقۇچى ۋە ئېلانلىق رولىنى ئوينىغۇچى ۋاستە.

شۇڭا مەن ئوزۇم بىر ئەدەبىياتچى بولۇش سۇپىتىم بىلەن خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشنى مەشھۇر تاتار ئالىمى ئىسمايىل غاسپىرالى << خەلقىڭگە خىزمەت قىلىشنى قولۇڭدىن كەلگەن ئىشتىن باشلا>> دەپ ئېيتقاندەك ھەر ئادەم ئوز قولىدىن كەلگەن ئىش بىلەن باشلاش كىرەككەن دەپ ئويلىدىم.ئوزۇم بىر ئەدەبىياتچى،ئۇنداق بولغان ئىكەن مەنمۇ قولۇمدىن كەلگەن ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ۋاستە بىلەن خەلقىمنى دۇنياغا تونۇتۇشقا توھپە قوشمايمەن دەپ ئويلىدىم، ياخشى ئەسەر يېزىشقا تىرىشىش،خەلقنىڭ كوڭلىدىكىنى يېزىشمۇ خەلقنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى ياخشى ئۇرۇنۇش.لېكىن بۇ ئەسەرلەر نى مەن يېزىپ قويدۇم ،خالىساڭ ئوزۇڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىۋال دەپ ئويلاشنىڭ ئۇنچە ئاقىللىق ئەمەسلىكىنى سەزدىم،خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئەدەبىياتنى ۋاستە قىلىشقا بولاتتى.لېكىن بۇ تونۇتۇش بىزنىڭ تەپەككۇر جەۋھەرلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بولغان شۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشاتتى،ئەسلى بۇ خىزمەتنى بىز ئەمەس باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ ئۇلۇغلىقىمىز تۇپەيلىدىن ئوزلىرى ئېلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.لېكىن بىز ئۇيغۇر خەلقى بار كۇچى بىلەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان خەنزۇ،ئېنگىلىش،نېمىس ياپۇن كەبى ئۇلۇغ ،ھەممە ئادەم نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان خەلق ئەمەس بەلكى نامى ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە باشلىغان ناتىۋان بىر خەلق بولغاچقا بۇ خىزمەتنى ئوزىمىز قىلىشىمىز كىرەككەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئوزىمىزنى ئۇلارغا بىلدۇرۇپ ،ئوزىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئوزىمىزگە مىللىي ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىش بەكمۇ زوزۇركەن دەپ ئويلىدىم.شۇ سەۋەپتىن مۇشۇنداق بىر يازمىنى ئېنىقراقى چاقىرىقنى يېزىشقا تۇتۇندۇم.

مۇيەسسەر ئىسىملىك بىر ئوت يۇرەك قىز پارىژغا دولانلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ سەنىتىمىزنى فرانسىيەگە تونۇتتى.ئەركىن سىدىق كەبى ئالىملىرىمىز ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلىم يۇرتىدا ئۇيغۇر نامى بىلەن ئىنسانىيەتكە توھپە قوشۇۋاتىدۇ،ئادىل ھوشۇر كەبى دارۋازلار جېنىنى تىكىپ دار ئۇستىدە يۇرۇپ ئىچكىرى ئولكىلەردە بىزنى خەنزۇ خەلقىغە بىلدۇرۇپ يۇرۇپتۇ،يەنە شۇنداق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىچكىرىدە ۋە چەتەللەردە ئوزىنىڭ ئەقىل -پاراسىتى ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن خەلقىمىزنى تونۇتۇپ تۇرۇپتۇ،لېكىن بۇ يىتەرلىك ئەمەس.

بىز ئەدەبىيات -سەنئەت،مەدەنىيەت نوقتىسىدىن پىلانلىق ،ئىزچىل ،ئىلمىي ھالدا تونۇشتۇرۇلۇشقا مۇھتاج،بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ئۇستىدىن يەنە ئەڭ ئاۋال ئارىمىزدىكى تۇرلۇك تەتقىقاتچىلار ،تىل بىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى چىقالايدۇ.ناۋادا بىز يازغۇچى ،شائىر ،تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن تەرجىمانلارنىڭ ئەمگىكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بىرلەشتۇرەلىسەك، ئۇيغۇرچىغا توختىماي بىر نەرسە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى باشقا مىللەت تىللىرىغا ئوز ئەسەرلىرىمىزنى تەرجىمە قىلىشقا قارىتالىساق بۇ ئەمگەكنىڭ تۇنجى قەدىمى باشلانغان بولىدۇ.چۇنكى ئوز ئەسەرلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ تىلىغا ئوزىمىز ئەڭ ياخشى تەرجىمە قىلالايمىز.چۇنكى بىز بۇ ئەسەرلەرنى باشقا خەلق كىشىلىرىدىن ياخشى چۇشۇنىمىز.

دىمەكچى بولغىنىم ئارىمىزدا تىل بىلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كوپ، ئاددىسى خەنزۇچە بىلىدىغانلار ناھايىتى كوپ، لېكىن شۇنداق تۇرۇپ ئوز ئەسەرلىرىمىز خەنزۇچىغا تۇزۇكرەك تەرجىمە قىلىنغىنى يوق،بىزنى ئىچكىرىگە تونۇتتى دىيىشكە توغرا كەلسە ئوغرى -يانچۇقچىلار تونۇتتى، لېكىن بىر مەدەنىيەت -سەنئەت خىزمەتچىلىرى جىق ئىش قىلالمىدۇق، تەكلىپىم مۇنداق، ئەڭ ئاۋال خەنزۇچە سەۋىيەسى ناھايىتى ياخشى ياكى خەنزۇچە سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كوتۇرۇشكە ئىرادىسى بار ،خەنزۇچە يېزىشقا ،ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا سەۋىيەسى يېتىدىغان بىر تۇركۇم ئىرادىلىك كىشىلەر خالىس ،پىلانلىق ھالدا تەشكىللىنىش،ئاندىن سېستىمىلىق ھالدا بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ،مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت ماقالىلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش شۇنداقلا يېزىشقا ئۇيۇشۇش كىرەك، مەن شۇنداق ئۇيۇشتۇرغۇچى بولۇشنى خالايمەن شۇنداقلا ئاشۇنداق خەنزۇچە تەرجىمە ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان جايلار بىلەن ئالاقە باغلاشقا مەسئۇل بولىمەن.ھازىرمۇ ئەنە شۇنداق بىر قىسىم ئورۇنلار بىلەن ئالاقەم بار.بۇنداق قىلىش قولۇمدىن كېلىدۇ.

خالايدىغان دوستلار ماڭا ئوزىنى مەلۇم قىلسا ،بىز بىر qq توپى قۇرامدۇق ئۇنى كeيىن بىكىتسەك،ئاندىن پلانلىق ھالدا ئىش باشلىساق.ھازىرچە مېنىڭ بەيدۇ دا ئاچقان hi.baidu.com/berqi دىگەن تور خاتىرەم ۋاقىتلىق ھالدا مۇشۇ ئىش ئۇچۇن خىزمەت قىلسا ،خالىغانلار 99237223 دىگەن qq نومۇرىنى قوشۇۋالسا ياكى خاتىرەمگە خەت قالدۇرسا.

ئارىمىزدا خەنزۇچە بىلىدىغانلار ناھايىتى كوپ بىرىنجى قەدەمدە بىز ئىشنى خەنزۇلارغا ئوزىمىزنى تونۇشتىن ،ئۇلارغا تەپەككۇرىمىزنىڭ جەۋھەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلىساق.

مەن ئىچكىرىدە بەزى خەنزۇ ژورنالىست ۋە يازغۇچىلار ،ئادەتتىكى ئامما بىلەن كورۇشكەن، ئۇلار بىزنىڭ نان ،لەغمەن ،كىيىم -كىچەك ،ئەدەبىياتىمىزغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ،لېكىن شۇنىڭغا ئائىت ماتىرياللارنى ئاساسەن تاپالمىغان ياكى تاپقانلىرى ئۇلارنى قانائەتلەندۇرەلمىگەن.

ئۇندىن باشقا ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﻳﻪﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﺩﺍﺭﻯ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﯘﻧﯘﺗﯘﺵ ﻳﯘﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻰ.

ئۇ شۇلار ئارقىلىق بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى ئەرەپ دۇنياسىغا تونۇتۇشقا خىزمەت ئىشلىمەكچى بولدى.

بىز مۇشۇ تەرتىپتە تۇركچە ،ئېنگىلىسچە ،نېمىسچە ،قازاقچە ،قىرغىزچە ،ئوزبىكچە بىلىدىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىمىزنى شۇ تىللارغا تەرجىمە قىلالايدىغان ،ئېلان قىلالايدىغان دوستلار بولسا بۇ خىزمەتكە ئاكتىپ ئاۋاز ﻗﻮﺷﺴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﯩﻤﯩﺰ.،ئۇلارنىڭ نەدە بولۇشى چەكلەنمەيدۇ.مەن بۇ يەرگە بىر نەچچە تىلنىڭ ئىسمىنى يازدىم،مەن تىلغا ئالمىغان تىللاردا ئەنە شۇنداق ئىقتىدارى بار دوستلار بولسىمۇ قىزغىن قارشى ئالىمىز.

سىز شۇ تىللارنى بىلىشىڭىز لېكىن تەرجىمە قىلالامدىم ياكى قىلالمامدىم دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ،ناۋادا سىز شۇ تىللارنى پىسشىق بىلسىڭىز ياكى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق شۇ تىللارنى تېخىمۇ ياخشى بىلمەكچى بولسىڭىز قىلچە تارتىنماي بۇ خىزمەتكە ئىشتىراك قىلىڭ، بىز خىزمەت جەريانىدا سىلەرنى تەرجىمە بىلىملىرى ۋە تىل بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەيمىز،سىزنىڭ ئىلگىرلىشىڭىزگە ئىزچىل ياردەم بېرىمىز.ھەرقانداق ئىش تۇنى قەدەمدىن باشلىنىدۇ،ئەزەلدىن تۇغما تەرجىمان بولۇپ تۇغۇلغانلار بولمىغان.

ئۇندىن باشقا مەدەنىيىتىمىز سەنئىتىمىز ھەققىدە ياخشى ماقالىلەرنى يازالايدىغان دوستلىرىمىزمۇ بۇ يەرگە ئوزىنى مەلۇم قىلسا، بىز خەنزۇچە مەتبۇئاتلار بىلەن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا قانداق تۇردىكى ماقالە لازىم بولسا شۇنى يازدۇرىمىز ئاندىن تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرىمىز،بەلكىم ئۇلار مۇقام ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىق بىر نەرسە بىلىشنى خالىشى مۇمكىن. ياكى ئەنە شۇنداق باشقا تېمىلاردا بىر نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىشى ياكى ماقالە زاكاس قىلىشى مۇمكىن ،بىز بۇ يەردە ئەنە شۇنداق تېمىلارنى ئېلان قىلىشقا ۋە ئۇنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىمىز، جۇملىدىن مەن ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بەزى پىداكار دوستلار بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالايدۇ.

پىرىنسىپىمىز ئېنىق، مىللەتلەر ئارا چۇشۇنۇشنى ئىلگىرى سۇرۇش،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ،شۇ ئارقىلىق ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش نىشانىمىز،شۇڭا مىللىي ھىسىياتقا زەرەر يەتكۇزىدىغان ،باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يەرگە ئۇرۇپ ،ئوزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ئىشلار .جوڭگۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىشلار بىردەك قارشى ئېلىنمايدۇ.

ئىستىخىيىلىك ،پىلانسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىشقا قارىغاندا پلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ئىشنىڭ ئۇنىمى ۋە نەتىجىسى يۇقۇرى بولىدۇ،مۇشۇ پىلان ئاستىغا ئۇيۇشۇشنى خالايدىغانلار مەرھەمەت.تاپقىنى گۇل كەلتۇرەر ،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز دىگەن ھېكمەتنىڭ بويىچە ئىش قىلايلى،خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ئوز قولىمىزدا .

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى

2006-يىل 10-ئاينىڭ 16 -كۇنى .ئۇرۇمچى.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى