دادىسىنىڭ قەبرىسىنى تېپېش



دادىسىنىڭ قەبرىسىنى تېپېش

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن: Koltigen
يوللىغان ۋاقتى 2006-7-27

بۇ بىر راس بولغان ۋەقە، بۇ ئادەمنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى ئاڭلاپ مەن قاتىق تەسىرلەندىم شۇڭا دوسلارنىڭمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىشنى لايىق كۆردۇم. 1957-يىلى يازدا مەلۇم شەھەرنىڭ يېزىسىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئەكرەم مۇئەلىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن چەرچەن ناھىيىسىگە ئۇچ يىلىق خىزمەتكە ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ چاغدا ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ تۆت ئوغلى بۇلۇپ چوڭ ئوغلى دىلشات 6ياشتا ، مەخمۇتجان 4ياشتا، ئالىمجان 2ياشتا، ئەڭ كىچىك ئوغلى جۇرئەت قوچاقتىكى بوۋاق بۇلۇپ ئايالى زورىخانىڭ خىزمىتى يوق بۇلۇپ كومىنانىڭ يەسلىسىگە قاراپ بېرەتتى .

ئەكرەم مۇئەلىم چەرچەنگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا بالىرى ۋە ئايالىدىن قېيالمىغان، كۆزلىرىگە ئىلىق ياش ئالغان، ھەممە ئوغلىغا قانمىغان ھالدا بىر-بىرلەپ سۈيۈپ خوشلىشىدۇ ئەڭ ئاخىرىدا كۆزلىرى لىق ياشقا تولغان چوڭ ئوغلى دىلشاتقا ئوغلوم سەن بۇ ئوينىڭ چوڭى سەن ھازىر چوپ - چوڭ بىر ئەر بۇ ئۆينىڭ تۈۋرىكى ئاناڭنىڭ ۋە ئۇكىلىرىڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن، سەن كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىسىەن دەپ باغرىغا چىڭ قۇچاقلاپ كۆزيېشى قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئاتىلىق مىھرى بىلەن ساقال بۇرىتىنى سانچىپ بىرنى سۆيۈپ قويىدۇ، مانا بۇ سۈيۈش دىلشاتقا چوڭقۇر تەسىر قىلغان سۆيۈش بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدۇ.

ئۇ ئايالىغا: زورىغان بالار كىچىك سەن بەك جاپادا قالىدىغان بولدۇڭ ، مەن خۇدايىم بۇيرىسا ساق سالامەت قايتىپ كېلىمەن، مەن ھازىر سەن بىلەن قانداق خوشلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن ، ھەمىنى خۇداغا تاپشۇردۇم، - دەپ خورجۇنى مورىسىگە ئارتقان پېتى، قىيمىغان ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ كېتىدۇ.

كۈنلەر شۇ تەرقىدە ئۆتىۋېرىدۇ، ئەكرەم مۇئەلىم ھېلى پىيادە، ھېلى ھارۋىلىق بولۇپ20 -نەچچە كۈندە چەرچەنىڭ بىر يېزىسىغا بېرىپ خىزمىتىنى باشلايدۇ، بۇ يېزىدا ئەكرەم مۇئەلىمدىن باشقا مۇئەللىم يوق بۇلۇپ، بىر كۈنگە قالماي بۇ يېزىدا ھەممە ئادەم بۇ يېڭىلىقتىن خەۋەردار بۇلۇپ كېتىدۇ، ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ ئېغىر بېسىق مىجەزى بىلىم سەۋىيىسنىڭ يۇقۇرلىغى بىلەن بۇ يېزىدا ناھايىتى تېزلا يۈز تاپىدۇ.

شۇيىلى 9-ئايدا يېزىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەكرەم مۇئەلىم ۋە قۇربانجان ئىككىسىنى تاققا چارۋا مالارنى ياندۇرۇپ كىلىشكە ياردەمدە بۇلۇشقا ئەۋەتىدۇ، بۇ ئىككىسى تاققا ئاتلىق چىقىپ كىتىپ بارغاندا بىر قۇشنىڭ تاغ باغرىدىن توساتىن ئۇچۇپ چىقىشى بىلەن ئات ئۈركۈپ كىتىپ ئەكرەم مۇئەلىم بىلەن ئات تەڭلا 2000مىتىر ئىگىزيەردىن ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، قۇربانجان مىڭ تەسلىكتە تاغدىن چۈشۇپ ئەكرەم مۇئەلىمنى چۈشۇپ كەتكەن يىردىن تاپىدۇ، ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ جەسىدىنى كۆتىرىپ ئېلىپ چىقىپ كىتىش قەتئىلا مومكىن بولمىغاچقا، دەرەخ شاخلىرىدىن بىر جەسەت ساندۇغى ياساپ مىڭ جاپالىقتا تاغنىڭ باغرىغا دەپنە قىلىدۇ.

بۇ خەۋەر زورىخاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كىيىن شۇ ھامالا ھۇشىدىن كېتىدۇ، پۇتۇن ئەلە-مەھلە خەلقى قايغۇغا چۆمىدۇ، ئەمدىلا 6يېرىم ياشقا كىرگەن سەبى بالا دىلشاتقا بەك چوڭقۇر تەسىر قىلىپ دادا ..............دەپ قاتىق ئۆكسۈپ يىغلايدۇ، دادىسىنىڭ مېڭىش ئالدىدا دىگەن گەپلىرى ۋە پىشانىسىگە سۈيۈشلىرىنى قەتئىلا ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ، ھەمدە ئانىسىغا ئۆزىنىڭ چەرچەنگە بېرىپ دادىسىنى ئەكىلىپ ئۆز يۇرتىغا دەپنە قىلىشنى ، ئىنسى - جىن بارمايدىغان يەرگە يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى دىگەن چاغدا زورىخان دىلشاتنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ بالام سەن چوڭ بولغاندا داداڭنىڭ جەسىتىنى چوقۇم ئەكىلىپ تۇغۇلغان تۇپرىقىغا قويغىن دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋېرىدۇ، دىلشاتمۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپ ماڭىدۇ ، ئۇ چاغلاردىكى جاپالىق تۇرمۇشنى دېمىسەممۇ ھەمىڭلار بىلىسىلەر، دىلشات دادىسىنىڭ دىگەن گىپى بۇيىچە جاپالىق ئىشلەپ پۇتۇن ئائىلىنى قامدايدۇ، دادۈينىڭ تېراكتۇرسىنى ھەيدەيدۇ، كىين يېزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدۇ، توي قىلىپ ئوي ئوچاقلىق بولىدۇ، لىكى ھاراق تاماكا ،قىمار دىگەنگە زادىلا يېقىن كەلمەيدۇ، شۇنداق جىمغور ئېغىر -بېسىق ئادەم بولۇپ كىشىلەرگە قەتئىي ياردىمىنى ئايىمايدۇ، پۇتۇن مەھەلىدىكىلەر بۇ كىشىنى دادىسىدەك ياخشى ئادەم بولدى دەپ ماختىشىدۇ، جاپالىق ئىشلەپ قالغان ئۈچ ئۇكىسىنى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ ئۇلارنىمۇ ئوي -ئوچاقلىق قىلىپ بولىدۇ، ئۆيدە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىرى بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، لېكىن دىلشاتنىڭ كۆڭلىدە دادىسىنىڭ سىماسى زادىلا كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ، بەزىدە كۆڭلى شۇنداق يېرىم بۇلۇپ ئۈزى يالغۇز كۆز يېشى قىلىدۇ....................! نۇرغۇن قېتىم دادىسى بىلەن تاققا بىللە چىقان قۇربانجانى ئىزدەپ چەرچەنگە بارىدۇ لىكىن خەۋرى بولمايدۇ، بۇرۇنقى بۇ ئىشنى ئانچە -مۇنچە بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ تولىسى ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، دادىسىنىڭ قەبرىسىنى پەقەت شۇ قۇربانجاننى تېپىشتا قالىدۇ.

1993-يىلى مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىدۇ، دىلشات ئۈزى ھاراق تاماكىدىن يىراق، شۇنداق زىل ئىش قىلىدىغان پاكىز ئادەم بولغاچقا بىركۈنى شەھەرنىڭ باشلىغى دىلشات تۇرۇشلۇق يېزىغا خىزمەت تەكشۈرۈپ بارىدۇ، شەھەر باشلىغىنىڭ شوپۇرى ياشىنىپ قالغان ئادەم بۇلۇپ (ئۇ چاغدا دىلشات يېزا باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ۋاقىت ئىدى) ئارامغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئادەمكەن، شەھەر باشلىغى ۋە يېزا باشلىغى يېزىنى دىلشات ھەيدىگەن ماشىنا بىلەن يېزىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ ، شەھەر باشلىقى دىلشاتنىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋىيىسى، ئۇنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلىگە بۇ شوپۇرنى ئىشلىتىشنى قارار قىلىپ بولىدۇ، شۇ يىلى شەھەرگە يوتكۈلۈپ شەھەر باشلىغىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدۇ.

خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن قېتېم چەرچەنگە بارىدۇ ، نۇرغۇن ئادەمدىن قۇربانجاننىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىدۇ، لىكىن خەۋرى بولمايدۇ ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دىلشات دادىسىنى قەبرىسىنى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، بېشىغا غەم چۈشىدۇ. خۇدايىمۇ دىلشاتنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلەندىمۇ قانداق............

2004-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى دىلشات شەھەرلىك ھۆكىمەتنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ماشىنىسىنى سۆرتىۋاتقان ۋاقىتا 60-ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم ئۇياقتىن بۇياقا ئۆتىدۇ، دىلشات بىر قاراپلا بۇ يەرلىك ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، ئۇدۇل يېنىغا بېرىپ كىمنى ئىزدەيدىغانلىقىنى نىمىش بارلىغىنى سورايدۇ، ئەسلىدە بۇ ئادەم چەرچەنلىك بۇلۇپ قىزى ئۇقۇش پۈتۈرۇپ خىزمەتنى مۇشۇ شەھەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش مەقسىدىدە شەھەر باشلىقىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن ، دىلشات دەرھاللا دادىسى يادىغا كىچىپ بۇ ئادەمنى ئويگە باشلايدۇ، ئۆيدە پىر پىيالە چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ دىلشات دادىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ........نىمە ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ ئوغلىمۇسىز !!!!!!!!!دىلشات بۇگەپنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشنى بىلمەيلا قالىدۇ ........شۇ شۇ شۇنداق سىز دادامنى تۇنۇمسىز ، مەن ....مەن شۇ ھېلىقى قۇربانجان بولىمەن!
قۇربانجان دەپلا ھوكىرەپ پۇتۇن ئاۋازىنى قۇيۇپ بېرىپ قۇربانجانغا ئېسىلىپ يىغلايدۇ. بۇ چاغدىكى كۈرۈنۈشنى كۆرگەن ئادەم كۆز يېشى قىلماي تۇرالمايدۇ. ئىككى ئەر گەرچە تۇنۇشقىلى نەچچە سائەت بولغان بولسىمۇ، بىر -بىرسىگە ئېسىلىپ يىغلاشلىرىدىن ئۇزۇن يىل كۈرۈشمىگەن توققانلاردىن ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى ............................دىلشات مۇشۇ ياشقا كىرىپ ئاۋازىنى قۇيۇپ بىرىپ ئەڭ ئۇزۇن بىر كۆز يېشى قىلىشى ئىدى. بۇلار ئۇزۇن ۋاقىت موڭداشقاندىن كىيىن ، چەرچەن تاغلىرىغا بېرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى 7-ئايلار بۇلۇپ دىلشاتنىڭ شۇ ۋاقىتتا بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ بۇلار پۈتىشىدۇ.

ھەممە ئىشتىن خەۋەر تاپقان شەھەر باشلىقى كۆزلىرگە لىق ياش ئالغان ھالدا قەلىمىنى چىقىرىپ قۇربانجاننىڭ پەرزەنتىنىڭ خىزمەت تەقسىم قىلىش ئىش قەغىزىگە ئىمزاسىنى قويىدۇ. شۇنداقلا مەنمۇ بۇنداق تەسىرلىك ئىشقا ئازراق ياردەم قىلمىسام كىيىن كىشىلەر بىلسە مىنى قاغىمامدۇ، شۇنداقلا مەن ئەڭ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ قويغان بىر قېتېملىق ئىمزا بولدى دەيدۇ. قۇربانجاننىڭ ئۆز ۋاقىدا تاغدىن چۈشۈپ كەتكەن تۇنۇشقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بىركىشىنىڭ جەسىتىنى تېپېپ ئادىغىنە رەسمىيەت بىلەن دپنە قىلغانلىقى( بەزى ئادەملار بولغان بولسا تاغدىن چۈشۈپ كەتتى دەپلا يېنىپلا كېلەتتى) مانا بۇگۈن ياندى، ئۆتنە ئالەم دىگەنگە ئىشەندى. كىشىلەر ھايات بولسۇن ۋە ياككى ھاياتىدىن ئايرىلسۇن باشقىلارغا ھىچقانچە ئىش بولمىغان بىلەن يەنىلا شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولىدىكەن .!!!!!!!!!!!!!

2004-يىلى7-ئاينىڭ 18-كۈنى دىلشات ماشىنىسىنى ھەيدەپ چەرچەنگە كەلدى. دىلشات، قۇربانجان قاتارلىق جەمى 8كىشى تاغقا قاراپ ئاتلىق يۈرۈپ كەتتى. مىڭ بىر جاپادا ئادەم كىلىپ باقمىغىلى ئازغىنا كام47يىل بولغان يالغۇز ياتقىنىغا 47يىل بولغان ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ تۇپراق بېشىغا 47يىلنىڭ ئالدىدا پىشانىسىگە ساقىلنى سانچىپ تۇرۇپ ئاتىلىق مىھرى بىلەن سۇيۈپ قويغان ئوماق ئوغلى ، ئەمدىلىكتە قىران بىر ئەركىشى سۈپىتىدە كەلدى. دادا دەپ ۋاقىرغان ئاۋاز پۈتۇن تاغدا ئەكىس سادا بۇلۇپ ئاڭلاندى. پۇتۇن تاغ -تۇران تەسىرلەندى، دىلشاتنىڭ بۇ يىغىسىغا ئادەم ئادەتتىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرىش مومكىن ئەمەس ئىدى .

ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ جەسىدى بۇرن-چاپقۇندا، يامغۇردا 47يىل مابەينىدە قۇربانجان ياسىغان جىنازا ئېچىلىپلا قالغان بۇلۇپ، يەنە كىچىكەن بولسا بەلكىم ........................

يېڭىدىن ياسىغان جىنازىغا ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ جەسىدى سېلىندى، ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ ساقال بۇرۇتلىرى ئوسكەن بۇلۇپ ، جەسىدى ئازراقمۇ سېسىمىغان بۇلۇپ شىھىت كەتكەن ئادەمدەكلا ئىدى. تاغدىن ئېلىپ چىققۇچە دىلشات جىنازىنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىدىن ياش پەقەتلا قۇرىمىدى، بۇنى كۆرگەن سەپەرداشلار دىلشاتنىڭ ئۆزدادىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھابىتىدىن قاتىق تەسىرلىنىپ دىلشات بىلەن بىللە بۇ يەرگە بىلە كەلگىنىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولۇپ كەتكەن ئىدى.

يۇرتىغا 47يىلدىن كىيىن ئۆز ئوغلى ھەيدىگەن ماشىنىغا <ئولتۇرۇپ> ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا قاراپ ماڭدى، مەنچە\" ئەكرەم مۇئەلىمنىڭ روھى تەسىرلەندى،ئەمىن تاپتى ، مۇشۇنداق ۋوپادار ئوغۇلى بولغىنىدىن پەخىرلىنىپ ئۈلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بېشىنى تىك كۆتىرىپ قاتىق بىر ئوھ تارتىپ خاتىرجەم بولدى\".

جىنازا يۇرتىغا ئېلىپ كىلىندى پۈتۇن مەھەلە خەلقى قاتىق قايغۇغا يەنە بىر قېتېم چومدى، دىلشاتنىڭ ئىش -ئىزلىرى كىشىلەرنى قاتىق تەسىرلەندۈردى، پۇتۇن مەھەلىدىكى خەلىق ئەكرەم مۇئەلىمنى يۇرتىغا دەپنە قىلدى، پۇتۇن مەھەلە خەلقىگە چوڭ نەزىر بەردى ،ئەكرەم مۇئەلىم گەرچە كەتكىلى 47يىل بولغان بولسىمۇ بۇقېتېمقى نەزىر ھەرقانداق ۋاقىتىكىدىنمۇ بەكەرەك تەسىرلىك بولدى، كۆز يېشى قىلمىغان، دىلشاتنىڭ ئىشلىرىدىن تەسىرلەنمىگەن بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك.

ئەمدى ھەمە ئادەمنىڭ كوڭلى ئاراپ تاپتى، لىكىن دىلشاتنىڭ 6ياش ۋاقتىدا ئۈلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ قەبرىسىنى تېپىپ، ئۆزيۇرتىغا دەپنە قىلغانلىقىنى كىچىك ئىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ(بەزى ئادەملەر باركىن دادىسىنىڭ قەبرىسىگە يىلدا،ئون يىلدا، ھەتتا ئۈلۈپ كەتكۈچەبارمايدىغانمۇ ئادەملەر بار) دادا بالىسىغا بالا دادىسىغا بۇنداقمۇ كۆيەمدۇ، بۇنداقمۇ سېغىنامدۇ، (بەزىلەر بولغان بولسا مەن كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۈلۇپ كىتىپتىكەن دەپ قەبرىسىنى سۇرۇشتە قىلىپمۇ قويمايدۇ)بۇلارنىڭ ئاتا بالىق مۇھابىتىگە مەن قاتىق تەسىرلەندىم. شۇڭا ئىچىمدە ساقلاپ يۈرىۋېرىشنى خالىمىدىم ، تىل ئىپادىلەش قابىلىيىتىم ياخشى ئەمەس ، تۇلۇق ئەكىس -ئەتۇرۇپ بېرەلمىدىم ، مەقسەت بۇ ئىشلاردىن دوسلارنىڭمۇ خەۋەر تېپىپ قالسۇن دىدېم.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى