يالاڭ ئاياق ئادەمنىڭ ھېكايسى
يالاڭ ئاياق ئادەمنىڭ ھېكايسى
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28
ھەقىقى
قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولماس
بەزىلەر ئۇنى ھاياتىنى باشقىلارغا نەسىھەت ۋە يول كۆرسۈتۈشكە
ئاتىغان خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرى دېيشسە، بەزىلەر تېخىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈپ
ئۇنى تېنى بار ئەرۋاھ بولسا كېرەك، دىيىشىدۇ. تېخى ئۇنى مەلۇم بىر ئىشنى كۆزلەپ
پات-پات ئىنسان سۈرىتىگە كىرىۋالىدىغان سالىھ جىنلاردىن بىرى بولىشى مۇمكىن،
دېگەنلەرمۇ بار...
ئۇ ھەر ۋاقىت مەقسىتىگە ناتوغرا ۋاستىلار ئارقىلىق ئەمەس، توغرا ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق يېتىشنى ئادەت قىلغان بىرى بولۇپ، قەيەردىندۇر پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ يېراق ئەلدىن ۋەياكى يېقىن يۇرۇتتىن كەلگەنلىكى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە سىر ئىدى. ئۇ ھەر گەلگىنىدە كىشىلەر ئارىسىدىن مەلۇم بىرىنى كۆزلەپ كېلەتتى-دە، ئۇنىڭغا روشەنلىككە سېلىشتۇرغاندا يوچۇنراق، ئېنىقلىققا سېلىشتۇرغاندا ئىشارەتلىك سۆزلەرنى قىلاتتى. ئەجەبلىنىەرلىكى، ئۇنىڭ ئىيتقانلىرى نەسىھەتلەرگە چاڭقاق زېمىننىڭ سۇغا مۇھتاج بولغىنىدەك مۇھتاج ئېكەنلىكى ئەلپازىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرۇشى ئىدى.
مانا بۇ ئاخشام ئۇ باشقىلاردىن بېشىرنىڭ ئۆيىنى سۈرۈشتۈرمەكتە...
بېشىر ئۆزى ئوتتۇز ياش ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ خوشاللىقلىرىدىن ئوبدانلا نېسىۋېسى بار، نام-شۆھرەتكە ئىگە، ئابرويلۇق، قەددى قامىتى كېلىشكەن، پۇلدار بىر يېگىت ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىنى نە بېشى، نە ئاخىرىنى بىلگىلى بولماس بوشلۇقلار قاپلاپ ئالغان بولۇپ، شۇ سەۋەب ئۇ ھاياتىنىڭ ھەر دەقىقىسىنى ئويۇن-تاماشىغا، كەيپ-ساپاغا تولدۇرۇش ئارقىلىق كۆڭلىنى تىندۇرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.
بېشىرنىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ھەيۋەتلىك ياسالغان قەسىرى بىلەن قوشۇلۇپ بارلىق مال-مۈلۈكى مىراس قالغان ئىدى. ئۇ بۇ چوڭ قەسىرنى لەززەت-ھەۋەسلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ماكان ئىزدەۋاتقان بەد ئەخلاق دوسلىرىغا ئاتىۋەتكەن بولۇپ، پۇل-مىلىنى قەيەر ئۇدۇل كەلسە ئاياپ ئولتۇرماي خەجلەۋىرەتتى. شۇقەدەر خەجلەيتتىكى، نامراتلىشىپ كېتىشتىن ۋەيا مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ قالمايتتى.
ھېلىقى ناتونۇش شەيخ قەسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە كۈن كەچ بولاي دەپ قالغان بولۇپ، شەيخ ھاسىسى بىلەن قەسىرنىڭ ئېشىكىنى قېقىشقا باشلىدى. ئىشىك ئېچىلىپ ئارقىدىن كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان، كىشىنى ھەيرەتكە سالىدىغان باغۇ-بوستانلىقلار نامايان بولۇشقا باشلىدى...
بىردىنلا ئىشىك باقار توۋلاپ كەتتى:
- ھەي ئامىرە! بۇ ئالدىنقى قېتىم ھېلىقى سېنىڭ خوجايىنىڭ بېشىرنى ئىزدەپ كەلگەن شەيخ شۇ ئەمەسمۇ؟
بۇنى ئاڭلىغان ئامىرە دەرھال يېتىپ كەلدى. ئامىرە مېجەزى تەلۋېرەك، چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان بىردېدەك بولۇپ، ئادەتتە ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ سۆزلەيدىغان، دېگەن گەپلىرىمۇ خۇددى ئادەمنىڭ مېڭىسىغا تاش ئاتقاندەك تېگىدىغان بىرى ئىدى. ئۇ شەيخكە قوپاللىق بىلەن:
- سەن كېم، نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ ئالدىنقى كۈنى خوجايىنىمنى ئىزدەپ كەلگىنىڭدە ساڭا ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى دېگەنتىم ئەمەسمۇ، ئەمدى يەنە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ خوجايىنىم بېشىرنى ئىزدىسەڭ ئۇ ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ. ئۇ ئادەتتە كېچە ۋاقتى بولمىغۇچە ھەرگىز ئويغانمايدۇ. بالدۇر ئويغاندى دېگەندىمۇ بۇۋاقىت خەخلەر ئۇخلاشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغلار بولىدۇ. مىنىڭ خوجايىنىم دېگەن كۈندۈز بالىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى كېچىنىڭ خوجايىنلىرىدىن، دېدى.
شەيخ ئۇنىڭغا:
- ئۇنداقتا، خوجايىنىڭ كېچىنىڭمۇ خوجايىنلىرىدىن ئىكەندە، دېدى.
ئامىرە تېخىمۇ سوغۇق تېگىپ:
-شۇنداق، خوجايېنىم يالغۇز كېچىنىڭلا خوجىسى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ خوجىسى. ئۇ دۇنيانى ئوڭ قولىدا تۇتېۋىلىپ سول قولىدا خەجلەيدىغانلاردىن. سېنىڭ ئۇنىڭدا زادى نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ دېدى.
شەيخ بىراز تەئەججۇبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا:
- مەن سەن دۇنيانىڭ خوجىسى دېگەن ئاشۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ئۇ ھۆرمۇ ياكى قۇلمۇ؟ دېگەن بىرلا سوئالنى سورىغۇم بار ئىدى، دېدى.
ئامىرە مەسخىرىلىك ھالدا قاقاقلاپ كۆلۈۋەتتى ۋە ئىشىك باقارغا قول ئىشارىتى قىلىپ تۇرۇپ: ھەي تېز كەلگىن! ماۋۇ ئالجىغان قېرى خوجايىنىمدىن سەن ھۆرمۇ ياكى قۇلمۇ دەپ سورىماقچىكەن، دەپ توۋلىدى. ئاندىن شەيخكە يېقىنراق كېلىپ خۇددى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىغا سۆز قىلىۋاتقان تەرىزدە: ئەلۋەتتە مال-مۇلۇكى ، ئابرويى، نام-شۆھرىتى دېگەنلەر يەتكىچە بار، يەنە كېلىپ كېچىنى خالىغانچە نازۇ-نېمەتكە تولدۇرالايدىغان ئادەم ھۆر بولىدۇ، دە. بىلىپ قوي: ئۇ دېگەن ھۆر، ھۆر...دېدى.
شەيخ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە دېدەككە قاراپ:
شۇنداقمۇ، ھەي ئېسىت! ئەگەر ئۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويكى: ئۇ ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولالمايدۇ.
شەيخ قايتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا ھېلىقى دېدەك شەيخنىڭ سۆزىگە چاۋاك ئۇرۇۋىتىپ توساتتىن ئىشىك باقارنىڭ يېغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭدىن:
- ھەي ئىشىك باقار! نېمىگە يېغلايسەن، ئەجەبا ساڭىمۇ كېسەل يۇقتىمۇ؟ دەپ سورىدى.
ئىشىك باقار:
- ھەي دېدەك! كاشكى، بوۋاينىڭ بۇ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىنى بىرئاز چۈشۈنۈۋالىسام، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا ئولتۇرۇپ بىردەم بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسام دەپ قېلىۋاتىمەن، دېدى.
ئىشىك باقار گىپىنى دەپ بولۇپلا شەيخنى بىر تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى، دېدەكمۇ بىر تەرەپتىن ئىزدىگىلى تۇردى. ئەمما ھەر ئىككىلىسى شەيخنىڭ ئىزىنىمۇ تاپالمىدى. ئىشىك باقار قوللىرىنى شاپاللىغان ھالدا قايتىپ كەلدى. ئىشىك باقار: بوۋاي قەيەرگىمۇ كەتكەندۇ؟ شەيخ قەيەردىدۇ؟ ئەجەبا ئۇ باشقىلار ئىيتقاندەك غايىپ ئەرۋاھمىدۇ؟ دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىماقتا ئىدى. بۇنى ئاڭلىغا ئامىرە:
- ئۇ چوقۇم بىز پاراڭلىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە تېكىۋەتكەن نېمە. ياكى بولمىسا ئۇ چوقۇم يولنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارقىسىغا مۈكۈنىۋالدى، دېدى.
خىلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىشىك باقار تېخىچە ئويغا پېتىپ ئولتۇراتتى. دېدەك ئامىرە بولسا: «ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى تەكرارلاۋاتاتتى...

2
مەن كېمگە تايېنىشىم كېرەك؟
مەن كېمگە تايېنىشىم كېرەك؟
ھويلىغا قاۋۇل ئاتلار بىلەن جابدالغان مۇھتەشەم بىر ئات ھارۋىسى
كىرىپ كەلدى. ھارۋىدىن بىشىرنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن بىر توپ ياشلار چۈشتى.
شۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقىلارمۇ كېلىشكە باشلىدى. ئاتلىق ۋە پىيادە بولۇپ يەنە بىر
مۇنچە ياشلارمۇ كېچىنىڭ يۇرۇتقۇچىلىرى سۈپىتىدە تاماشا سورىنىغا يېتىپ كېلىشكەن
ئىدى.
مانا، كېچىلەرنىڭ ئەپەندىسى، ياشلارنىڭ سەركىسى بېشىرمۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. ھويلىدا نەغمە-ناۋا ياڭرىماقتا، قەدەھلەر ئۆز-ئارا ئالماشماقتا، كەيپىيات يۇقىرى چوقىغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. شۇ ئەسنادا بېشىر ئامىرەنى چاقىردى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇخلاۋاتقان چىغىدا بىرەر ئىش بولغان ياكى بولمىغانلىقى توغرۇلۇق سورىدى. ئامىرە بوۋاينىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە ھەممىنىڭ مەسخىرىلىك قەھقەھەلىرى ئەتراپنى بىر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قەدەھ بىشىرنىڭ قولىدا قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.
- نېمە، ئۇ نېمە دېدى دېدىڭ؟ مەن ھەقىقى قۇل بولمىغۇچە ھەقىقى ھۆر بولغان ھېسابلانمامدىكەنمەن؟ بۇ ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان تۈنجى ئۆزگىچە سۆز ئىكەن، دېدى بىشىر.
ئۇ كۈلۈشۈۋاتقانلارغا جۆر بولاي دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەقلى ئۇنى يېراقلارغا سۈرۈكلىمەكتە ئىدى. بوۋاينىڭ سۆزلىرىنىڭ قېتىدا ئۇنى قاتتىق چۈچۈتكەن بىر مەنا بار بولغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇ چاۋاك بىلەن ئىشارەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ شاراپ تارتىشقا بۇيرىدى...
بۇۋاقىتتا ئامىرە ئىككى ياشلىق بالىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بولۇپ، بالىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۆمىلەۋاتاتتى. بالا ئۆزى يالغۇز تۇتماي مېڭىشنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ ئۆرە قوپۇپ بىر توختاپ، بىر مېڭىپ قىلغىلى تۇردى. ئاز ئۆتمەي بالا ماڭالماي يەڭدەشكە ۋە چىقىراشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن ئىشىك باقار ئامىرەگە:
- بالاڭنى تۇتۇۋالغىن! ئۇ ساڭا تايانماي ماڭالىغۇدەك بولماپتۇ، دىدى.
بۇ مەنزىرىگە شاھىت بولغان بېشىر بالا ھەققىدىكى گەپلەردىن كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئۆز ئۆزىگە:
- كېچىك بالا جېنىدا بىر نەرسىگە تايانماي ماڭالمايدىكەن. ئەجەبا بىزمۇ بۇ ھاياتقا نىسبەتەن بالا ئەمەسمىدۇق؟ بىزمۇ ئەلۋەتتە مەلۇم بىر نەرسىگە، يەنە كېلىپ بىزنى قولىمىزدىن تۇتۇپ يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ۋە بۈيۈك بىر شەيئىگە تايانماي تۇرۇپ ماڭالمايمىز. ئۇنداقتا مەن زادى نېمېگە تايىنىشىم كېرەك؟ دەپ پىچىرلاشقا باشلىدى.
ئۇ ئويلىغانسېرى كاللىسىغا ئاغىرىق كېرىۋالغان بولۇپ، بېشى توختىماي لوقۇلداشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوسلىرىغا ئۆزۈر ئىيتىپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ئۇخلىماقچى بولدى.
چۈشىدە بىرى ئۇنىڭغا ۋەھىمىلىك ئاۋازدا: سەن چوقۇم بىر نەرسىگە تايىنىشىڭ لازىم، بولمىسا ھەرگىز توغرا يۈرەلمەيسەن، يەڭدەيسەن، يېقىلىسەن، پارچىلىنىپ كېتىسەن، دەپ پىچىرلىماقتا ئىدى. ئاۋاز بىردىنلا ئۈنلۈكلىشىشكە باشلىدى... ئاۋاز ئۈنلۈكلەشكەنسېرى شاۋقۇن-سۆرەن ئىچىدە بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قولاق تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى. ئاۋازدىن تۆۋەندىكىدەك سادا كەلمەكتە ئىدى:
- سەن ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولالمايسەن. قولۇڭنى ئىگەڭنىڭ قولىغا قويغىن! ئەنە شۇ چاغدا يولنى توغرا يۈرەلەيسەن، ھەق يولنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرەلەيسەن. ئەسلا قورقمىغىن! چۈنكى، قاچان يەڭدىگۈدەك بولساڭ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ.
بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ چۈشىدە بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى. بارا-بارا بۇ ئاۋازلار يۇقىرىلاپ گويا دۇمباق ئۇرغاندەك تەۋرىنىش ھاسىل قىلماقتا...
بېشىر ۋاقىرغان ھالىتىدە ئويغىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى بوۋاي ئىشىك ئالدىغا كەلگەن بولۇپ، ئامىرە ئۇنى قوغلىۋېتىپ تۇرغان ئىدى. بېشىر ئۇنىڭدىن نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا، ئامىرە ھېلىقى بوۋاينىڭ يەنە شۇ سوئالنى سوراش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىيتتى. بۇنى ئاڭلىغان بېشىر ئورنىدىن چاچراپ تۇردى-دە، يالاڭ ئاياق پېتى بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن: «مانا مەن بار. مانا مەن...» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى. ئەپسۇسكى، شەيخ غايىپ بولغان ئىدى. بېشىر ئەنەشۇ شەيخنى... ئۇنىڭ ھېلىقى سۆزىنى، بەلكى، ھېلىقى قەلبىنى چىرمىۋالغان ۋە كەيپ-ساپاغا تولغان تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگۈزگەن ئۆزگىچە مەنىنى ئىزدەپ شۇ يۈگۈرگىنىچە يېڭى ھاياتىنى باشلىغان ئىدى.. ئەنە شۇنىڭدىن كىين بېشىر يالاڭ-ئاياق كىشىگە ئايلاندى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مەڭگۈ ئاياق كىيىپ باقمىدى. چۈنكى، ئۇ ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ھاياتىنى ئۆمۈر بويى ناماز ئېچىدە تۇرغاندەك ياشاپ ئۆتكۈزگەن ئىدى.

(بېشىر ئىبن ھافىي
ھەزىرەتلىرىنىڭ ھافىي (يالاڭ ئاياق ئادەم) دەپ ناملىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى
مانا بۇ دۇر.-ت)
ئاپتور: مۇھەممەد لەبىب.
مەۋلانا تەرجىمىسى.
مەۋلانا تەرجىمىسى.
Yorumlar
Yorum Gönder