ھىيلە مىكىر ۋە ھېكمەت


ھىيلە مىكىر ۋە ھېكمەت  
(كۆچۈرۈلمە)

       ... كەمبەغەللىك ۋە دۆلەتمەن بولۇشنىڭ قاچان ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىش بۇ ھېكمەت بولىدۇ. ئۈممەت تامامىي كەمبەغەللىككە غەرىق بولۇپ،مۇستەملىكىچىلەرگە قۇل بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا،ئۇلارغا دۆلەتمەن بولۇشتىن تەلىم بېرىش بۇ ھېكمەتتۇر.ئادەملەر بايلىق پىتنىسىگە گىرىپتار بولۇۋاتقاندا، دۇنياغا غەرىق بولماسلىقنى ئۆگىتىپ،(يەنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا مۇھتاج بولۇشنى ئۆگىتىپ)شۇنداق پېقىر كەمبەغەللىك بىلەن ئۆتۈشنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈشلىك بۇ ھېكمەتتۇر.
مىسال قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا :
مەسىلەن قانائەت ياخشى ،ئېھسان ھەم ياخشى . ھەر ئىككىسىنىڭ ياخشىلىقىغا ئىسلامدا تولۇق دەلىل بار ، ھەر ئىككىسى ئىسلام تەرغىباتلىرىدىندۇر . 
لېكىن مەسىلەن مېنىڭ ئۆيۈمگە بارغان ۋاقتىڭىزدا  مەن بېخىللىقىمنى يوشۇرۇپ ، تېگىشلىك ئىززەتلىك نازۇ نىمەتلەرنى تىزماي  سىزگە قانائەتتىن كىتاپ ئوقۇپ بەرسەم،قانائەتنىڭ ساۋابى ناھايىتى كۆپ دەپ تەبلىغ نەسىھەتنى قىلسام ۋە كەم تائاملىكنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىدىن كىتاپ ئوقۇپ بەرسەم.....لېكىن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارغان ۋاقتىمدىچۇ؟ ئېھساندىن كىتاپ ئوقۇپ بەرسەم ۋە مېھمىنىنى ياخشى كۈتۈشنىڭ ئىماننىڭ تەقەززالىقى ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋەز ئېيتسام ،ئېھسان ھەققىدە كىتاب ئوقۇپ بەرسەم -ئېھساننىڭ ياخشىلىقىدا شەك شۈبھە يوق ...لېكىن مانا بۇ يەردە يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھىيلە مېكىر ئىكەنلىكىدە شەك شۈبھە يوق !
مانا مۇشۇنداق ئوچۇق ھەقىقەتلەرنى قايسى ئورۇندا ،قايسى ۋاقتتا ،قانداق مۇددىئادا جاكارلاش  شۇنىڭ ھېكمەت ياكى مىكىر ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. يەنى ئۇنى ئورنىدا ئىشلىتىشلىك ھېكمەت بولسا،ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشلىك ھىيلە مىكىر بولىدۇ.بىز مانا شۇ يەردە بىلىشكە مۇھتاجمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم مۇستەملىكىچىلەر ،ئىسلامنىڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ،ئىسلام كىشىلىرىنىڭ ھەقىقى ئىلىم مەيدانىدا راۋاجلىنىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدا،ھايات بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقان ۋاقىتتا،ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ راۋاجلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئۇلار مەخپىي ئۆزلىرىنىڭ ياللانما موللىرىغا مەسلىھەت بېرىشىدۇكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتنى كۆپ قىلىشلىككە،نەپلە نامازنى كۆپ ئوقۇش توغرىسىدا ،كۆپلەپ سۆزلەپ بېرىشكە مەسلىھەت بېرىشىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھايات مەيدانىدىن راۋاجلىنىپ كېتىشىدىن توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.بىز نەپلە نامازنىڭ ساۋابىنى كۆپلىكىنى ياخشى بىلىمىز لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھىيلە مىكىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشىمىز كېرەك...شۇنىڭغا ئوخشاش بۇنى يەنە كېڭەيتىپراق ئېيتساق مىللەت ھەقىقى شىجائەت روھى ئۆسۈپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارغا ئەپۇچان بولۇش ،سەۋر قىلىش توغرىسىدا كىتاپ ئوقۇپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلىشلىك بۇ مىللەتنى ئۇخلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
       ئەپۇچانلىقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز دېيىشىمىز كېرەك،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىمگە ئەپۇچان بولۈشنى ھەم ياخشى بىلىمىز دېيىشىمىز كېرەك.ئەپۇچان كىشىگە ئەپۇچان بولىمىز دېيىشىمىز كېرەك.بىز شۇ ۋاقىتتا ھەممە ھەم ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان بولىشى كېرەككى،  ئۈممەت ئۈستىدىكى كىشىلەر بولسا تېخىمۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلاردىن بولىشى ھەم ناھايىتى زۆرۈردۈر.رەسۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنى اللە ھەق سۇبھانەۋەتەئەلا بىز سىزگە كىتاپ بەردۇق دەپ چەكلىنىپ قالمىدى.ھېكمەت ھەم بەردۇق،سىزنى ئالدانمايدىغان ھالەتتە بولىشىڭىز ئۈچۈن،مىللەتنىڭ زۆرۈرىيىتى نىمىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان قىلىپ سىزنى ھېكىم قىلىپ قويدۇق دېدى .ھەقىقەتتە ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتلىرىنى ئۆگەنگەن كىشىلەر،ئۇ كىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھېكىم ئىكەنلىكنى  بىلىشىدۇ.پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەۋاتقان كىشى ھەم ھېكىم بولىشى كېرەك.ئاتىلار ھېكىم بولىشى كېرەك،ئانىلارھەكىمە بولىشى كېرەككى شۇندىلا ئائىلە ئىشلىرىنى ناھايەتتە توغرا يولغا سېلىشى مۇمكىن.
       ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامگە فەزلى ناھايىتى كاتتا ئىدى.ھەتتا فەزلىنىڭ كاتتىلىقى شۇكى ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرىگە نىسبەتەن ھەم،ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ھەم،ۋە ئەڭ سۈيۈملۈك دوستلىرىغا نىسبەتەن ھەم ئادالەت بىلەن تۇرالىدى.ئادالەت تارازىسىنى زەررىچە ئۆزگەرتمىدىلەر.سەزمىگەن ھالەتتە بىرەر بىر خاتاغا يول قويغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ فەزلى كاتتا بولۇپ،ئۇكىشىنى شۇ ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇپ  قويدى.ۋە ئاللاھنىڭ فەزلىنىڭ كاتتىلىقى يەنە شۇكى ئاگاھلاندۇرۇپلا قويماستىن بۇ ئاگاھلاندۇرغان نەرسىنى خەلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىشتىن،ئەگەركى ئۆزلىرىنىڭ مالامەتلىرى ھەققىدە بولسا ھەم ئېلان قىلىشتىن تارتىنمىدى،ۋە شۇ تارتىنماسلىق بىلەن ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەردىن بولدى.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى