خەلق، مىللەت، پۇقرا -دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقىچە مەناسىى توغرىسىدا


خەلق، مىللەت، پۇقرا -دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقىچە مەناسىى توغرىسىدا
jan
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20
خەلق، مىللەت، پۇقرا - دېگەن سۆزلەرنىڭ مەناسىنى توغرا تونۇپ يەتمىگەندە، ئاسانلا ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.
خەلق - مەلۇم بىر دۆلەتتە، مەلۇم بىر رايوندا ياشايدىغان، شۇ دۆلەتنىڭ، شۇ رايوننىڭ قانۇن، نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، دۆلەتكە، ئاممىغا، يەككە ئادەملەرگە ھېچقانداق زىيان- زەخمەت يەتكۈزمىگەن كىشىلەرنىلا بىلدۈرگەنلىكتىن ، ئۇ تار مەناغا ئىگىدۇر. لېكىن ئوخشاشمىغان مىللەت، قەۋم، قەبىيلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىىقىغا نىسبەتەن كەڭ ئوبيېكتىقا ئىگىدۇر. دۆلەتكە زىيان سالىدىغان، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىىلىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى بۇزغۇنچى، جىيانەتچى ، جۈملىدىن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار خەلق دۈشمەنلىرى - دەپ، ئاتىلىدۇ. خەلقنى سۆيۈش دېگەنلىك - خەلق دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش، خەلق دۈشمەنلىرىنى چەتكە قېقىش - دېگەنلىكتۇر.
مىللەت - ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوبيېكتىگە نىسبەتەن خەلقتىن تار ئۇقۇمغا ئىگىدۇر. ئەمما - پاك، دىيانەتلىك كىشىلەرنىمۇ، پاسىقلارنىمۇ، ئاكتىپلارنىمۇ، پاسسىپلارنىمۇ، ھەتتا مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىمۇ ئۆز تەركىبىگە ئالغانلقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كەڭ مەناغا ئىگىدۇر. مىللەتنى سۆيگەن كىشى ئوغرىسىنىمۇ، توغرىسىنىمۇ، پاسىقلىرىنىمۇ، پاھىشەلىرىنىمۇ، زالىملىرىنىمۇ، مۇناپىقلىرىنىمۇ، ئالىم، ئېنژىنېرلىرىنىۇ، تەييار تاپ نان قېپىلارنىمۇ، ياخشىنى، يامىنىنى، موللىسنى، ھاراقكەش، قىمارۋاز ھەممىسىنى قوشۇپ سۆيۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىللەتنى سۆيۈشتە تاللاپ سۆيۈش دەيدىغان ئايرىمچىلىق بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ كۆپ بەدەلنى مىللەتچى ئۆتەپ قالىدۇ. ئەمما رازى بولالىغانلىرىلا ئازاپتىن قۇتۇلالايدۇ.
پۇقرا - ئاساسەن قانۇنى ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئىگە بارلىق كىشىلەر-پۇقرا - دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ گراژدانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان ھەرقانداق كىشى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئوغرىمۇ، قاتىلمۇ، بۇزغۇنچى، دۆلەت دۈشمىنى، خەلق دۈشمىنى.. ھەممىسى پۇقرانىڭ ئىچىگە كىرگەن بولىدۇ. پۇقرا - ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوبېكتىپكە نىسبەتەن خەلق ۋە مىللەتتىن كەڭ مەناغا ئىگىدۇر.
خەلق، مىللەت، پۇقرانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتۇرۇپ، ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ مىللىتىمنى سۆيۈمەن-دەيدىغانلارغا ساۋات بولۇپ قالسۇن- دەپ، يېزىپ قويدۇم.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى