ئاقسۇدا 1945-يىل
ئاقسۇدا 1945-يىل
uyghurghol
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4
قولۇمدا مۆھتەرەم يازغۇچىمىز ئەيسا
يۈسۈپنىڭ "ئاقسۇدا 1945-يىل" ناملىق كىتابى تۇرىدۇ. بۇندىن ئون يىللار مۇقەددەم
كىتابنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ مەرھۇم شائىرىمىز لوتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ
ئاخىرقى دەملىرى ھەقتە ئاجايىپ چوڭقۇر ھېسلارغا ئىگە بولغانىدىم. بۈگۈن كىتابنى
قايتا قولۇمغا ئالدىم. كىتاب گەرچە تىراژىنىڭ ئاران 1500 بولۇشىغا قارىماي كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ
ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان قىممەتلىك تارىخى قىسسىدۇر. fficeffice" />
تۆۋەندە كىتابنىڭ بېشىدا بېرىلگەن
"ئاپتوردىن" قىسمىنى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇندۇم.
ئاپتوردىن
ھۆرمەتلىك كىتابخان:
مېنىڭ بۇ قىسسەم ئۆزۈم 1948-يىلى
غۇلجا شەھىرىدە يېزىپ چىققان "زەنجىرلەنگەن تەن" ناملىق ئوچېرىك
ئاساسىدا دۇنياغا كەلدى. مېنىڭ ئۇ ئوچىرىكىم ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت
ئىنقىلابىنىڭ مەركىزى بازىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان غۇلجا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان كۈندىلىك
مەتبۇئات "ئىنقىلابى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟" گېزىتىنىڭ 1948-يىلىدىكى ئاپېرىل
سانلىرىدا، "ئۆسۈش" ناملىق ئەدەبىيات سەھىپىسىدە بېسىلغانىدى.
-1957يىلى مەن ئۇنى قايتىدىن
ئىشلەپ چوڭراق بىر ئەسەر سۈپىتىدە دۇنياغا چىقىرىش ئىستىكىدە ئىككىنچى قېتىم يېزىشقا
كىرىشتىم. بىراق ئەسەر پۈتۈنلەي قولۇمدىن چىقىشىغىلا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش
باشلىنىپ قوليازما نۇسخا مۇسادىرە قىلىندى ۋە كۆيدۈرۋېتىلدى. شۇ قېتىم "زەنجىرلەنگەن
تەن"نىڭ قولۇمدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان گېزىتتىكى بىردىنبىر نۇسخىسىمۇ
كۆيدۈرۋېتىلدى.
بىراق مەن بۇ ئېغىر پېشكەللىك
ئالدىدا باش ئەگمەي 1980-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
مەن يازماقچى بولغان ئادەملەر ھەقىقىي
ئادەملەر ئىدى. بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر چىن ۋە ئېنىق ئىدى. شەخسەن ئۆزۈم بۇلارنىڭ ئەينى
ۋاقىتتىكى شاھىدى ئىدىم. ئادەملىرىمىزنىڭ ھايات ماماتلىق جەڭدە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى
ياكى ئۇلارنىڭ ئەسىرلىككە ئېلىنىپ قالغاندىن كېيىن قان ئىچەر گومىنداڭچى مۇستەبىتلەر
ئالدىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلسە مەن
ھاياجانلىناتتىم. بۇ ئاجايىپ باتۇرلۇقلار ۋە قەيسەرلىكلەر مېنى شۇ سەلتەنەتلىك ۋەقەلەر
ھەققىدە، مىللىي باراۋەرلىك، ئەركىنلىك يولىدا تۆكۈلگەن ساپ قانلار توغرىسىدا ئەسلىمە
خاراكتېرلىك بۇ قىسسىنى يېزىشقا تەقەززا قىلاتتى. ئاخىر قولۇمغا قەلەم ئېلىپ
جاپالىق ئەمگەككە كىرىشتىم. نۇرغۇن قېتىم تامغان ئەجىرلىك سىيالار بەدىلىگە ئاخىر
بۇ قىسسەم __ "ئاقسۇدا 1945-يىل" يېزىلىپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ "زەنجرلەنگەن
تەن" ناملىق كىچىك ئانا 40 يىلدىن كېيىن بۇ يېڭى پەرزەنتىنى تەۋەللۇت قىلدى.
-1945يىل ئاقسۇدىكى گومىنداڭچىلار
ئىنتايىن چىرىكلىشىپ ھالاكەت گىردابىغا يۈزلەنگەن، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنى قاپساپ كەلگەن
ئەجەللىك مەغلۇبىيەتتىن بىر ئىلاج قىلىپ قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ۋەھشىلىكلىرىنى
ئىشقا سېلىپ خەلق ئۈستىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 1945-يىلىدىكى
ئاقسۇ ئەينى چاغدا ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ مۇدھىش، ئەڭ زۇلمەتلىك دوزاخ بولۇپ
قالغانىدى. خەلق قاتمۇ قات زۇلۇم قول ئۇزارتىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم ئالدىدا ھاياتنىڭ
ھەربىر دەقىقىسىنى ئەلەم بىلەن ئېغىر تىنىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. ئاخىر بۇ پاجىئەلىك
تۇرمۇش ئاھالىنى سەپكە ئۇيۇشۇپ گومىنداڭغا قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىشقا تەييارلىدى.
چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سەۋر تاقەت ئەڭ ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغانىدى. دۈشمەن ئالدىدا
قول قوشتۇرۇپ تۇرۇۋېرىش مۇستەبىتلەر جادۇسىدا باش قويۇپ يېتىش قىلىچ بىسىغا بويۇن
سۇنۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر بولۇپ قالغانىدى.
-1944يىلى نىلقىدا قوزغىلىپ
ئارقىمۇ ئارقا غەلبىگە ئېرىشكەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاقسۇ خەلقىگە زۇلۇم ئىسكەنجىسىدىن
ئازاد بولۇش ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىپ ئۆز دۈشمىنىگە قارشى جان تىكىپ باتۇرلۇق بىلەن
كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ
دەسلەپكى ئوقلىرى ئېتىلغاندىن تارتىپلا پۈتۈن ئاقسۇ ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ئىچىگە
كىردى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇ تاغنىڭ
شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ سوزۇلغان ئىلى ۋىلايىتى بىلەن بولۇپمۇ تېكەس، موڭغۇلكۈرەگە
ئوخشاش بىر قاتار ناھىيىلىرى بىلەن تام قوشنىلاردەك يېقىنلىقى، زىچ باردى-كەلدىسى
بار ئىدى. قوراللىق ئىنقىلاپ تېكەس، موڭغۇلكۈرە، كۈنەسلەرنى ئازاد قىلغان چاغدا بۇ
ناھىيەلەردىكى بىر قىسىم گومىنداڭچى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىگە دالدا ئورۇن ئىزدەپ
ئاقسۇغا قېچىپ كەلدى. بۇنى خەلق كۆردى. ئاقسۇ ئەمەلدارلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە داۋام
قىلىۋاتقان ئىنقىلابنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشقىنىغا قارىماي
ئاقسۇ خەلقى قاچقۇنلارغا قاراپ يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك، قوراللىق
ئىنقىلابنىڭ غەلبىسېرى ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولدى.
خەلق شىددەت بىلەن ئويغاندى. ئاقسۇ ھايات ماماتلىق ئېلىشىشنىڭ ھامىلە مەزگىلىگە
كىردى. ئىنقىلابنىڭ بۇ يەردىمۇ پات ئارىدا دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى.
ئاقسۇدا دەۋر ئىلغارلىرى بولغان
بىر تۈركۈم قەيسەر ياشلار قەتئى ئىرادىگە كېلىپ يوشۇرۇن كۈرەش ئېلىپ بېرىش يولىدا
ئۆز ئارا مۇستەھكەم بىرلەشتى. ئۇلار خەلقىڭ قەدىرلىك پەرزەنتى سۆيۈملۈك شائىر لۇتپۇللا
مۇتەللىپ، قايتماس كۈرەشچى مۇنىرىدىن خوجىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە "؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى" نامىدا ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇپ گومىنداڭ
بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىشنىڭ مەخپى كۈرەش سېپىنى بەرپا قىلدى.
-1945يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا
مىللى ئارمىيەنىڭ ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى، مەشھۇر ھەربى كوماندىر
سوپاخۇن سۇۋۇرۇفلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى 200 كىشىلىك جەنۇبقا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن
ئىلى ۋىلايىتىن يول ئېلىپ قىيىر تاغ ئېغىزى ئارقىلىق باي ناھىيەسىگە كەلدى. ئېلىپ
بېرىلغان ھەر بىر ئۇرۇش بۇ باتۇر جەڭچىلەرنىڭ غەلبىسى ھېسابىغا چاقماقتەك تېز ھەل
بولۇپ تۇردى. قىيىرى تاغ ئېغىزى ۋە باي ناھىيەسىنى ئارقىمۇ ئارقا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم
بىلەن گومىنداڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلغان جەڭچىلەر جاھىل ئىستىھكام بولغان قورغاننىمۇ
بويسۇندۇرۇپ غالىبانە قەدەملەر بىلەن ئاقسۇغا يۈرۈش قىلدى.كونىشەھەر ناھىيەسى
ئازاد قىلىندى. لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم كۈنلىرىنىڭ يېقىنلاپ ئۆزلىرىگە ئەجەلنىڭ
سايە تاشلاپ تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. ئۇلار ئاقسۇغا مىللىي ئارمىيە
جەڭچىلىرى كېلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىشپىيون، جاسۇس ۋە پايلاقچىلىرى
ئارقىلىق ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنى بايقاپ قالغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن
خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا دۇۋۇت، سېيىت ئابباس، ئابدۇللا روزى قاتارلىق زور
بىر تۈركۈم ياش ئۇچقۇنلارنى قاماققا ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ بۇ
جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنىغا ئاقسۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىنى
ئىگىلەپ ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ئورگانلىرىنىڭ قەشقەر، يەركەن، خوتەن ۋىلايەتلىرى
بىلەن بولغان ھەربىي، سىياسىي، مەمۇرىي ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشتىن تاشقىرى يەنە
ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنىمۇ دۈشمەن قامىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى يۈكلىنىپ
قالدى.
ئاقسۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ سېپىلى
قورغان ئىستىھكامىدىن كېيىنكى ئەڭ جاھىل دۈشمەن قورغىنى ئىدى. بۇ سېپىلنى بۆسۈپ
تاشلاش ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق جەڭلەر داۋام قىلدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن
كەڭ خەلق قاتلىمى مۇشۇ ئىشتا تىللاردا داستان بولغۇدەك زور قەھرىمانلىقلارنى
ياراتتى.
-1945يىلى ئاقسۇدا غەزەپ بىلەن
قولىغا قورال ئالغان خەلق گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنىڭ قارا يۈرىكىنى ئەستىن
چىقمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق مۇجۇپ تاشلىغانىدى.
مەن 70 ياشقا كىرىپ كۈچ
مادارىمدىن قالغان، قولۇم گاللاشقان بىر چاغدا، بۇ ئەسەر ئۈستىدە توپتوغرا ئۈچ يىل
ئىشلىدىم. ئاڭغىچە ئۆزۈم 70دىن ھالقىپ 73 ياشقا كىردىم. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ
ئاخىر بۇ ئەسەر يېزىلىپ بولدى. ئاندىن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم تىندى. ئارام تپېىپ قالدىم.
بۇ ئەسەردە ئۇنداق ياكى مۇنداق نۇقسانلار بولسا كىتابخانلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
Yorumlar
Yorum Gönder