تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر
تەۋپىق شېئىرلىرىدىن
نەمۇنىلەر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
شەھىدلەر
ئۆلمەس، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئۈممەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار ئۆڭمەس.
«ئىزچىلار»نىڭ ئىزلىرى كۆمۈلمەس!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەمتىلى
ئەپەندى (تەۋپىق) 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە تۇغۇلغان. 1937-يىلى 5-ئاينىڭ
30-كۈنى شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلى
قىلىنغان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ شېئىرلارنى
مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىزچىسى مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى
توپلاپ، رەتلەپ «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981-يىل 3-سانىدىكى «شائىر تەۋپىق» ناملىق
ماقالەسىگە قوشۇپ ئىلان قىلغان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئوقۇدى-ئاشتى…
ئوقۇدى-ئاشتى
باشقىلار بىدىن ئەي قەدىردانلار،
كورگەچكە
ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى قاينا ۋىجدانلار.
ھاۋادا
لاچىندەك جەۋلان قىلۇرلەر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق
بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئىممەتلەر!
ئۆگەتمەس
بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار،
ئەخلاقنى
پۇچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.
رىشىۋە(2)
بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،
بېشىدا سەللە،
قولىدا تەسۋى، ھەقتىن قاچارلەر.
ئويلاڭلار!
زاكات-ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى، كىملەر ئالۇرلەر؟
نى-نى
خىيانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان قالۇرلەر.
مۇيەسسەر
بولدىلەر باشقا ئەللەر ئانچە ھىكمەتلەر،
ئەمىلىگە
قارىتا بەردى ئاللا شانۇ-شەۋكەتلەر.
ئوقۇيمىز،
بىلمەيمىز، لىسانۇ ئەرەپ مۇشكۇل تىلى بىزگە،
يادىكار
قالغان يوق بىر نوكتە ھىكمەت ئۇلاردىن بىزگە.
قەشقەردە
يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۇلدە ياتۇرلەر،
تەربىيەسىز،
ئوشۇق ئويناپ، نىشە تارتۇرلەر.
مەرھۇمى
داموللا ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر،
گۇناسى
نىمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۇگەتتىلەر.
بىز-مۇئەللىم
بىز-مۇئەللىم!
يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە
يوپ-يورۇق نۇرلار ساچىمىز.
تالاي
يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم-ئىرپان
يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.
خۇراپاتتا
قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كوزلىرىمىز
قارىغۇ كوپ ناچار بولدۇق.
بىزنىڭ
ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،
بىز ۋەتەننىڭ
يېڭىدىن ئېچىلغان گۇلى.
ئوقۇتىمىز
ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا
بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.
يورۇق تاڭغا
تەلپۇندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم
بىلەن تىكلەنگەي ئىناۋىتىمىز.
مەنبە
بولدى ئىرپانغا يۇرتىمىز ئارتۇش،
ئىرپان
بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ۋەتەن ئۇچۇن…
ۋەتەن ئۇچۇن
تەرەققىيات ئىستەرمىز،
ئارزۇسىمىز
راۋاجلانسا مائارىپ،
جاننى
پىدا قىلدۇق ئەزىز ئولكىگە،
بىزنىڭ يۇرەك
زالىملارغا مۇخالىپ.
بولسا دەيمىز
بىزدە ھوقۇق، ئادالەت،
بولسا بەربات
خۇراپاتلىق، جاھالەت.
شۇنىڭ ئۇچۇن
ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاب،
زاۋال
تاپسۇن ناھەقچىلىق، ئىختىلاپ!
پورەكلىسۇن
گۇزەل باھار گۇللىرى،
شوخ
سايرىسۇن يۇرتىمىز بۇلبۇللىرى.
ئىقبال ئۇچۇن
بولايلى بىز ئىتتىپاق،
جىلۋىلەنسۇن
مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
قۇتۇلۇش
يولىدا
سەن ئۇچۇن
ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز،
قۇتۇلۇش
يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز.
قان كېچىپ
ھەم جان بېرىپ ئاخىرى قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا
قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.
يۇرتىمىز
بىز يۇز-كوزۇڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئورلىگەن
يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز.
يارۇ ھەمدەم
بولدى بىزنىڭ ھىممەتىمىز سەن ئۇچۇن،
شانۇ-شوھرەتلىك
ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.
ئاتىللانىڭ
جەڭلىرى ئوچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،
نەسلى
قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.
مىللىتارىست
بولدى گۇم، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن،
مىڭ ياشىسۇن گۇزەل ئىستىقبالىمىز!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مۇبارەك ۋەتەن
ئەي
ئاتىلار يۇرتى مۇبارەك ۋەتەن سەن ياشارسەن،
پەرزەنتلىرىڭ
باشىغا تېخى نۇرلار ساچارسەن.
تاغلىرىڭ
ئالتۇن-كۇمۇش، زىلال سۇلار بويلايدۇ،
دۇشمەنلىرىڭ
بەك ئاچكوز تالىماقنى ئويلايدۇ.
ئوتلاقلىرىنىڭ
ياپ-يېشىل سانسىز ماللار يايلايدۇ،
قىمىز ئۇچۇن
تاغ ئەھلى يىلقىلارنى بايلايدۇ……
ۋەتەن خەلقى
ئويغانغىن، ئاچ كوزۇڭنى، ئولتۇرما،
بۇ
جانىجان يۇرتۇڭنى غەپلەت بىلەن تولدۇرما.
ئەل-يۇرتىغا
تەر توكمەك پەرزەنت ئىشى، بۇرچىڭدۇر،
يولغا
چىققان كارۋانسەن، ئىلىم-ئىرپان يولچىڭدۇر.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئويغان خەلق
ئويغان خەلق
يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،
مەكتەپ
بىلەن چىراق ياققىن، نۇر تولدۇر!
پۇتسۇن ئەمدى
زۇلمەت، دەۋرى ئىستىبدات،
شۇم تەغدىردىن،
قارا كۇندىن بول ئازات!
سائادىتىڭ
ئۇچۇن تىرىش، ھىممەت قىل،
پەرزەنتلەرنى
ئاقارتىشتا خىزمەت قىل!
دەس تۇر
ئەمدى، ئاتلان خىزمەت يولىغا،
ھوما قۇشى
قونسۇن ئەۋلات قولىغا!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
قۇتۇلدۇق
ئولكىمىزدە
نەلەر كەچتى ئويلايلى،
كەچمىش
تارىخ دەرياسىنى بويلايلى!
مەھكۇم
بولۇپ يىللار-ئايلار ئوتتىلەر،
مۇستەبىتلەر
بىزنى ۋەيران ئەتتىلەر.
يۇرتنى چەيلەپ
خالىغانچە كەزدىلەر،
ئەلنى
خارلاپ، زۇلۇم سېلىپ ئەزدىلەر.
قولىمىزغا
مىلتىق ئېلىپ ئېتىلدۇق،
بىزلەر ئەمدى
ئۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇق.
مەرىپەتنىڭ
قۇياشىغا ئومتۇلدۇق،
قۇتۇلدۇق
بىز، قۇتۇلدۇق بىز، قۇتۇلدۇق.
ئەل
ئويغاندى، بىز غەپلەتتە ياتمايمىز،
يۇرتىمىزنى
ئەمدى ئەرزان ساتمايمىز.
قۇربانلارنىڭ
قانلىرىنى ئاقلايمىز،
يېڭىشلەردىن-يېڭىشلەرگە
ئاتلايمىز.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئۇيغۇر
بالىلىرى
بىز ئۇيغۇرنىڭ
بالىلىرى كوڭلىمىز نۇرلۇق،
بېسىپ
ئوتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇق.
كوپ
زامانلار سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا،
دەريا-دەريا
قانلار توكتۇق ئەرك يولىدا.
بىزگە
گويا دوزاخ بولدى بۇ ئانا ماكان،
ئەسىر
بولدۇق، تۇتقۇن بولدۇق، ھالىمىز يامان.
كۇرەش
بىلەن ئوتتى ئەسىر، شانىمىز ئۇلۇق،
بىزگە ئەمدى
ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئويغىنىڭ
ئەھلى ۋەتەن
ئويغىنىڭ
ئەھلى ۋەتەن، بىزمۇ شادان بولىنىڭ،
ئىلمۇ-ئىرپان
يولى ئۇچۇن ئەمدى قۇربان بولىنىڭ!
نەچچە
يىللاپ ئۇخلىدۇق، كۇندۇز ئىدى قاراڭغۇلۇق،
ئېچىلىپ
ئىرپان يولى قاراڭغۇلۇق بولدى يورۇق،
تۇتىشىپ
قوللارغا قول شادۇ-خەندان بولىنىڭ.
ئەي ۋەتەن
ئەۋلادى ئەمدى ئۇيقۇدىن كوزۇڭنى ئاچ،
ئىلمۇ-ئىرپان
نۇرى ئال، مىللىتىڭ باشىگە ساچ،
ئوزگىدەك
ئوز يۇرتىمىزغا بىزمۇ سۇلتان بولىنىڭ!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بىز ۋەتەن
ياشلىرى
بىز ۋەتەن
ياشلىرى بىز،
يۇرتقا قۇربان
باشلارىمىز.
ساغلام
كوڭۇل، ساپ ۋىجدان،
بىزنىڭ
يولداشلىرىمىز.
چېكىندى
بىزنىڭ يۇرتىمىزدىن،
جاھالەت
بىرلەن زولۇمات.
ئېچىلدى
ئەمدى كوزىمىز،
خۇراپاتتىن
بولدۇق ئازات.
بىز ۋەتەن
ياشلىرى بىز،
كۇرەش
بىلەن تاپتۇق ھايات.
ئەل قەلبىنى
ئويغىتىمىز،
ئويغىتىشتىن
كېلەر نىجات.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئەي ئانا
يەر!
ئەي ئانا
يەر، كوزلىرىڭدە ئۇمىت پارلار ھەر زامان،
ئۇستىڭدىدۇر
گاھى تۇتۇق، گاھى روشەنكوك ئاسمان.
ئوتتى
تارىخ، ئوتتى يىللار، ئىستىلالار بولدى كوپ،
جەڭ-چېلىشلار
يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.
ئەي ئانا
يەر، پاك، مۇقەددەس، سەندە بىزنىڭ جانىمىز،
سويگۇ-مېھرىڭ
ۋە سۇتۇڭدىن پۇتتى بىزنىڭ قانىمىز.
ئەل
يوقالماي كەلدى سەندە جەڭ كوكلەپ، بەرق ئۇرۇپ،
قاينىغان
قان، چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئىرپان كۇنلىرى
تۇغدى بۇ
يۇرتقا ئىرپان كۇنلىرى،
پۇتتى
نادانلىق، زۇلمەت تۇنلىرى.
سايرا ۋەتەننىڭ
شوخ بۇلبۇللىرى،
ئېچىلدى
ساڭا ئىلىم يوللىرى.
يىمىرىلمەكتە
دەۋرى ئىستىبدات،
خۇراپاتلىقتىن
بولغىن سەن ئازات.
بىلگىن غەنىمەت
ئالتۇن چاغلارنى،
قىل
ئىرپان بىلەن يۇرتۇڭنى ئابات.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئەي ۋەتەن
خەلقى!
ئەي ۋەتەن
خەلقى، ئويغان غەپلەتتىن،
قەددىڭنى
كوتەر ئەسرىي كۇلپەتتىن.
زامانىڭغا
باق، ئەتراپىڭغا باق،
قالما
ئارقىدا ئوزگە مىللەتتىن!
روسۇلىمىزنىڭ
سوزلىرىدۇر شۇل،
«ھوۋەل
جاھات مازدى» دىگەن ئىدى ئول.
بولما داۋاملىق
خۇراپاتقا قۇل،
قەددىڭنى
كوتەر جەڭگە تەييار بول!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بورادەرلەر
بورادەرلەر،
يول كورۇندى،
يەنە غېرىپ
باشىمە.
تاغلار
تاشلار چىقتى كوكلەپ
كوزدىن
ئاققان ياشىمە.
پارلاق ئۇمىت
يۇلتۇزلىرى
نۇر
ساچتى يولداشىمە.
قەدەم
قويدى ئىقبالىمىز
ئەۋجى
ئىززەت تاغىگە.
يول ئېچىلدى
ئەمدى بىزگە
سائادەتنىڭ
باغىگە.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئالتۇن
ئولكە
ئولكىمىز
ئالتۇن ئولكە، ئالتۇن تاغۇ-تاشلارى،
ئالتۇن رەڭدە
چاقنايدۇ بۇغداي، قوناق ئاشلارى.
ئولكىمىز
ئالتۇن ئولكە، بىز پىداكار ياشلارى،
قەدىرلەيمىز
ئىرپاننى، بىز ئىلىم يولداشلارى.
بۇ
ئولكىنىڭ پەرزەندى ھەر بىرىدۇر ئارسلان،
جەڭگە ئەرك
ئۇچۇن بۇندا سانسىز قەھرىمان.
ئولكىمىز
ئالتۇن ئولكە، بىز .ۇنىڭ قۇربانى بىز،
بەخشەندە
بولدى ئاڭا قەلبىمىز-ۋىجدانىمىز.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
قۇياش يۇققاندا
تۇغدى قۇياش،
ساچتى نۇر يۇرتنىڭ تاغۇ-تاشىگە،
ئۇنىڭ
ئىللىغى يەتتى مەزلۇم خەلق باشىگە.
قۇياش نۇرى
يورۇتقان ئىنقىلاپنىڭ گۇلى بىز،
يۇرتىمىزغا
سېچىلغان ئىلىم ئىرپان نۇرى بىز.
يوللىرىمىز
ئېچىلدى باسىمىز غالىپ قەدەم،
يورۇق كۇندىن
نۇر ئېلىپ، نۇر ساچارمىز دەممۇ-دەم.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
باھار كەلدى
باھار كەلدى
گۇل-چىچەكلەر ئېچىلدى،
باشىمىزغا
رەھمىتى ھەق سېچىلدى.
كەتتى ئەمدى
زىمىستان قىش، تاڭ ئاتتى،
ئۇيقىمىزدىن
خوش ئاۋازلار ئويغاتتى.
كۇن نۇرىدا
پارىلدايدۇ روجەكلەر،
ھەممە يەردە
ياشنىدى گۇل-چىچەكلەر.
گۇل-چىچەكتىن
باش كوتەردى ئوغۇزخان،
بىزنى
ئالغا ئۇندىمەكتە ئۇ ھامان…
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئىزچىلار
بىز
ئىزچىلار بىز قوللىرىمىز گاڭ،
كوزىمىز
نۇرلۇق، قەلبىمىز ساغلام.
خەلق
يولىدا ئالغا باسىمىز،
دۇشمەنگە
قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.
ئۇگەن
تىرىشىپ، ياش ئىزچى بالىلار،
ۋەتەن غېمىدا
قاينار ۋىجدانلار.
ئۇزۇن ۋاقىت
بىز زالىم قولىدا،
ئىشلىيەلمىدۇق
خەلق يولىدا.
قۇللۇق
ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،
ئالغا
ئورلەيمىز ئىرپان يولىدا.
ئۇگەن
تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،
ۋەتەن غېمىدا
قاينار ۋىجدانلار.
ئوسكەن يۇرتىمىز
تاغلىق، شېغىل تاش،
ۋەتەن
يولىدا پىدادۇر بۇ باش.
ماڭغان
يولىمىز نىجاتلىق يولى،
قايتما بۇ
يولدىن ئىزچى قېرىنداش!
ئۇگەن
تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،
ۋەتەن غېمىدا
قاينار ۋىجدانلار.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەكتەپ
ئىرۇر
مەبدەئى
ھىلمۇ ھايا(3) مەكتەپ ئىرۇر،
مەخزەنى
سىدقو ساپا(4) مەكتەپ ئىرۇر.
مۇزلىغان
دىللارنى ھەم چۇن نەۋ باھار،
سەبزە خۇررام
ئەيلىگەن مەكتەپ ئىرۇر.
توم
تاراقى دۇنياۋى شەيئون ھەقىر(5)،
قائىدى
راھى ھۇدا(6) نەكتەپ ئىرۇر.
كۇللەمەن
يەرجۇ كاما لەمفىل كاما،
مەسلىكۇ
دارە شىپا مەكتەپ ئىرۇر(7).
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
سايرام
كولى
سايرام
كولى ئوزۇڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،
داۋالغۇيسەن،
ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
ئەتراپىڭنى
قورشىۋالغان ئىگىز تاغلار،
ئۇمتۇلىسەن،
داۋانلاردىن ئاشالمايسەن……
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
كەلدۇق
سالامەت ئايلىنىپ
(1935-يىلى
تەۋپىق ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان يېڭى مائارىپنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ
تەسىرىنى باشقا جايلارغا كېڭەيتىش مەقسىدىدە 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى
پەيزاۋات، توقۇۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارغا
پىيادە ساياھەتكە ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇلار ساياھەتتىن قايىتقاندا ئاتۇش
كوچىلىرىدىن مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپ ئوتتى.)
سەپەر
قىلدۇق تاغلار ئاشتۇق،
يېڭىلىقتىن
نۇرلار ساچتۇق،
خەلقىمىزگە
قۇچاق ئاچتۇق،
كەلدۇق
سالامەت ئايلىنىپ.
بىھۇدە
يولنى ماڭمىدۇق،
بىز
يولدا ھەرگىز ھارمىدۇق،
ئىشسىز
بىكار ھەم قالمىدۇق،
كەلدۇق
سالامەت ئايلىنىپ.
پىيادە
چوللەردە ئوتۇپ،
ھەر يەردە
ئەلنى ئويغۇتۇپ،
كونىلىقنى
قورقۇتۇپ،
كەلدۇق
سالامەت ئايلىنىپ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تەنقىت
سىلەردە
بار ئەجەپ بىر خىل ئەيىپلەر،
نەشە،
ھاراق، ئەپيۇندەك كەيىپلەر.
ئوينايسىلەر
كاغەز قىمار دىگەننى،
ئىت يىمەيدۇ
سىلەر نان دەپ يىگەننى.
تەنقىت
قىلدۇق، ئەخلاقى تۇزۇلۇر،
تۇزەلمىسە
سىزدىن ئۇمىت ئۇزۇلۇر.
نەشە
تارتىپ رەڭگىڭىزدە ھىچ قان يوق،
شۇڭا
سىزدە ئادەمگە خاس ۋىجدان يوق.
توغرا مېڭىڭ،
ئۈلگە ئېلىڭ بىزلەردىن،
ئەھلى ۋەتەن
بىزار بولدى سىزلەردىن.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تۇرمە
خاتىرىلىرى
(1)
تاقىتىم
تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،
قۇلاقلىرىم
گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.
ئاھ،
بىچارە مەزلۇملار! گۇناھى نېمە زادى؟
بىر ماڭدامچە
يەر تەگمىش بۇ ۋەتەن پانايىدىن.
(2)
نەچچە
يىل كەزدىم دىيار غۇربەتنى،
ھىچ قەيەردە
كورمىگەن بۇ ئۇقۇبەتنى.
ئېلىپ
باردىم ئاقارتىش قايتىپ ۋەتەنگە،
مۇكاپات
ئۇچۇن ئالدىم ئازار-كۇلپەتنى.
(3)
بۇ قاراڭغۇ
يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،
ئادالەتكە
ئىنتىلدىم، قولغا ئالدى سىياسەت.
خەلقىم ئۇچۇن
ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ئىستىدىم،
نىيتىم
ساپ، دىلىم ئاق، ئوتكۇزمىدىم جىنايەت.
(4)
روھىم ئەجەپ
قىسىلدى يالغۇزلۇقتا-تۇتقۇندا،
سائەتلىرىم
ئوتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.
يېشىم
ئوتتۇز ئالتە ياش، تاشتىنمۇ قاتتى بۇ باش،
ئادا
بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەتتە.
(5)
خۇدا بىلۇر
بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەرياتتا،
دىرىگىمنى
ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەرياقتا.
ئەل
خائىنى مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،
ھوكۇمەتكە
ئۇستۇمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.
(6)
بۇلبۇللار
تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،
كىم
بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۇن ئېسىلۇر دارغا.
(7)
ئۇرغۇپ تۇرغان
ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئىتەر،
كۇندە مۇشتۇمدەك
كىسەك خەت يېزىپ تۇگەپ كېتەر.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
جاھالەت
مۇھەممەدئەلى
ئەپەندى تەۋپىق
كۆكرەك كېرىپ
جەڭ قىلدۇق قاراڭغۇلۇق جاھالەتكە،
باشلاش ئۈچۈن
بۇ ۋەتەننى ئاسايىشلىق-ئادالەتكە،
شۇ تۈپەيلى
قالدۇق مانا تۈرلۈك-تۈمەن ھاقارەتكە،
ھالاك
بولدۇق ئېرىشمەيلا ئارزۇيىمىز سائادەتكە،
قولدىن كەتتى
بۇ تۇپراق، تولدى ئېغىر ئاپەتكە.
جاھالەتنىڭ
قارا تەمى، زۇلمىتىنى تېتىدۇق،
كۆكرەكلەرگە
ئوق تەگسە، بۇنى تېخى بىلمىدۇق،
يىلان
چاقسا يۈرەكنى «دۈشمىنىم بۇ» دىمىدۇق،
ئۆيگە
كىرگەن ئاپەتنى يەنجىپ، بىتجىت قىلمىدۇق،
ئېرىشەلمەي
بەختكە قالدۇق بۈگۈن لەنەتكە.
ئۆيدىن
چىقىپ قارىساق، ئاسمىنىمىز بىپايان...
بايلىقىمىز
بىھېساب، مىسلى دېڭىز، بىر ئوكيان،
ئۆزگە
بىلەن كارى يوق ئۆز غېمىدە ھەر ئىنسان،
ئانا تۇپراق-ئانا
يەر، ئانا ئاسمان پەرىشان،
ئاسمان،
زېمىن ئايلاندى قورقۇنچلۇق لەھەتكە.
بىر
قونالغۇ ئالەم بۇ پەقەت بىرلا كېلىمىز،
كۆزنى يۇمۇپ
تۇرمايلى، ئويغاق تۇرسۇن كۆزىمىز،
ۋەتەن ئۈچۈن،
ئەل ئۈچۈن كېرەك بولسۇن جېنىمىز،
شۇندا
مىللەت ھۆر بولۇر، روناق تاپار ئېلىمىز...
يۈز كېلەيلى
ئەي دوستۇم بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1934-يىلى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مۇئەللىم
مۇھەممەدئەلى
ئەپەندى تەۋپىق
زۇلمەت
قاراڭغۇ تۈنگە ئوت ياققۇچى مۇئەللىم،
قارغىشتەككۈر
دۈشمەنگە ئوق ئاتقۇچى مۇئەللىم.
زۇلۇم بۈگۈن
ئىس كەبى تاراپ ئانا تۇپراققا،
قالدى خەلقىم
زۇلمەتتە ئازاب بىلەن پىراقتا.
ھەرجايغا
مەن قارىسام ئاچچىق ئەلەم نالە-زار،
تېپىلمىغان
خەلقىمگە بۇ زېمىندا غەمگۇزار.
ئىس-تۈتەكنىڭ
ئىچىدە قالدى خەلقىم بىگۇمان،
ھېچبىر
خوۋلۇق بەرمىدى ئۆز يېرىمىز بۇ زامان.
ساۋاتسىزلىق،
يۇرتۋازلىق بۇزدى بىزنى-سەپداشنى،
بىلەلمىدۇق
ئادەمدەك بۇ تۇپراقتا ياشاشنى.
ھەرقەدەمدە،
ھەر جايدا كېرەك بىزگە مۇئەللىم،
قۇتۇلايلى
زۇلمەتتىن ئېلىپ ئۇندىن زور بىلىم.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1935-يىلى،
قەشقەر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
سېغىنىش
مەمتىلى
ئەپەندى تەۋپىق
ئانا يۇرتتىن
كەتتىم يىراققا، يۈردۈم يىراقتا غەمدە مەن،
يېگۈدەك
ئاش-نان قېنى؟ ئىسسىق -سوغۇقتا دەڭدىمەن.
قالدى ئەل-يۇرت،
قالدى تارىم، قالدى ئىلى، زەرەپشان.
ئۇشبۇ ۋەتەن
غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان.
نەگە
بارسام كەمسىتىش، «ۋەتەنسىز » دەپ سانالدىم،
تۇتقۈن
بولۇپ ھەر جايدا تۇرمىلەرگە قامالدىم.
ۋىجدانى
ھەم ئىمانى يوق بەگ، غۇجام ھەر جايدا بار،
قاغا، قۇزغۇن
خان ۋدتەندە، يازدىمۇ بولماس باھار.
كۆز يېشىم
يامغۇر بولۇپ ئاقار كۈندە توختىماي،
بۇلاڭ
-تالاڭ بولغان ۋەتەنگە مەن تەۋپىق قانداق چىداي.
ئاھ ۋەتىنم،
غەمگۇزارىم، مىېھرىبانىم ئانا يەر،
ئالىمىمدە
تەڭداشسىز شەرقتىكى بىر گۆھەر.
ھەر كۆنۈڭ
ئۆتتى بەختسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە،
پەن-بىلىمنى
تەرك ئېتىپ ياتتىڭ ئويقۇ-غەپلەتتە.
ئىس-تۈتەك
ئىچرە قالدى،ئەل-ۋەتەن ھالى خاراب،
پەرز ئەمەس
ناخشا-ساز بىزگە، ساتار، سۇناي، دۇتتار، راۋاپ.
ئاھ ۋەتىنىم
- بايلىقىم، كۆڭۈل شادى - يايلىقىم،.
سەن ئۈچۈن
پىدا ئوغۇلمەن، تەقدىم ساڭا بارلىقىم.
1930-يىل.
مەمتىلى توختاجى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
Yorumlar
Yorum Gönder