ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى



ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى

pulsar

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22


شەرق دۇنياسى ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پەيلاسوپ ۋە ئالىملارنى تەربىيەلەپ بەرگەن. شۇ ئەللامەلەرنىڭ ئىچىدە ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ئىسىملىك بىر ئالىم بار. بۇ ئالىم ھەققىدە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بولغان.

غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇلتان مەھمۇد غەزنە شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، بوستانلىق باغچىنىڭ شىپاڭىغا بېرىپتۇ. بۇ شىپاڭنىڭ تۆت ئىشىكى بار ئىدى. ئۇ توساتتىن بۇرۇلۇپلا ئەبۇ رەيھاندىن: «مەن قايسى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىمەن؟ سىز ئويلىغىنىڭىزنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، سېلىنچامنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويۇڭ» دېدى.

بۇ شىپاڭنىڭ تۆت ئىشىكىنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېچىلاتتى. ئەبۇ رەيھان ئۇستۇرلابنى كەلتۈرۈپ، يۇلتۇزلارنىڭ يۆنىلىشى ۋە قۇياشنىڭ ئېگىزلىكىنى مۇقىملاپ، سائەتنى خاتىرىلىۋالدى. ئاندىن نەتىجىسىنى بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ، سۇلتان مەھمۇدنىڭ سېلىنچىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويدى. سۇلتان مەھمۇد: «يېزىپ بولدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «يېزىپ بولدۇم» دەپ جاۋاب بەردى.

كىم بىلسۇن، سۇلتان مەھمۇد ھۈنەرۋەنلەرنى چاقىرىپ كېلىپ، شەرق تەرەپتىكى تامدىن بەشىنچى ئىشىكنى ئاچقۇزدى. ئاندىن كېيىن شۇ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.

سۇلتان مەھمۇد ئەتراپتىكىلەرنى بۇيرۇپ، قەغەزنى ئەكەلدۈرۈپ كۆردى. ئەبۇ رەيھان خېتىدە: «سىز بۇ تۆت ئىشىكتىن چىقماي، شەرقىي تامدىن ئىشىك ئاچقۇزۇپ، شۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىسىز» دەپ يازغانىدى. سۇلتان مەھمۇد بۇنى كۆرۈپ ئەكسىچە ئاچچىقلىنىپ: «بۇنى ئېلىپ چىقىپ تامدىن تاشلىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەتراپتىكىلەر بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلدى. بىراق ئۇ ئۆگزە بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىغا بۇرۇنلا تور تارتىلىپ قويۇلغان بولۇپ، ئەبۇ رەيھان ئالدى بىلەن تورغا چۈشۈپ، تور يىرتىلغاندىن كېيىن يەرگە چۈشتى. شۇڭلاشقا ئۇ زەخمىلەنمىدى.

سۇلتان مەھمۇد ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى. ئۇنىڭدىن: «ئەبۇ رەيھان بۇ قىتىم بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان بولغىيتتىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئەبۇ رەيھان: «سۇلتان ئالىيلىرى، بۇنى بۇرۇنلا بىلىپ يەتكەنىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان مەھمۇد يەنە بۇنى قانداق قىلىپ بىلىپ يەتكەنلىكىنى سورىدى. ئەبۇ رەيھان ئۆزىنىڭ غۇلامىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى خاتىرە دەپتەرنى ئالدى. ئۇنىڭ خاتىرىسىگە قىسمەت – تەلىيى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللار يېزىلغانىدى. ئۇ خاتىرىنى ۋاراقلاپ، بۈگۈن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلار يېزىلغان يېرىگە كەلگەندە، خاتىرىسىگە: «مەن يۇقىرىدىن تاشلىۋېتىلىمەن، ئەمما زاخمىلەنمەيمەن» دەپ يازغانىدى. بۇ خاتىرىمۇ سۇلتان مەھمۇدنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى ۋە تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە: «ئۇنى تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىپ قاماپ قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەتراپىدىكىلەر ئەبۇ رەيھاننى تاغنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىپ ئالتە ئاي قاماپ قويدى.

ئۇنداقتا، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئەۋلىيادەك سۈپەتلەنگەن ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي كىم؟

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبىن ئەھمەد ئەل – بىرۇنىي مىلادى 973 – يىلى قەدىمكى خارەزمنىڭ مەركىزى قىيات شەھىرى يېنىدىكى بىرۇن دېگەن يېزىدا دۇنياغا كەلدى. «بىرۇن» دېگەن بۇ سۆز قەدىمكى خارەزم تىلىدا «بارار يول»، «ئۆتەر جاي»، «قۇنالغۇ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى تۈگۈنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي كىچىكىدىنلا تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىنچە كارۋانغا ئەگىشىپ شىمالىي ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلغانىدى، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلىدى. ئۇ ناھايىتى تېز ئارىدىلا ماتېماتىكا ئالىمى مۇسا خارەزمىي، ئەل فەرغانىي ۋە ئەبۇ نەسىر فارابىي قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى بىمالال چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەنى ياراتتى. تارىخىي مەنبەلەر ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيەدە خېلى مۇكەممەل بىلىم ئىگىلەپ، كامالەت تاپقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

ئىچكى نىزا ۋە ئۇرۇشلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلى، بىرۇنىي 995 – يىلى 22 يېشىدا خارەزمدىن كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى دۆلەت جۇرجانغا كەلدى. بۇ دۆلەتكە مەشھۇر ئەسەر «قابۇسنامە»نىڭ ئاپتورى شەمسۇلمەئالى قابۇس ئىبىن ۋەشمىگىر ھۆكۈنرانلىق قىلاتتى. بىرۇنىي بۇ يەردە 15 يىل خىزمەت قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار»نى يېزىپ تاماملىدى.

«قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار» دېگەن بۇ ئەسەرنى بىرۇنىي باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن 995 – يىلىدىن 1000 – يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەنىدى. بۇ ئەسەر پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن بىرۇنىينىڭ شۆھرىتىنى چىقىرىۋەتكەن. بۇ ئەسەر 21 بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئەرەب، پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ پەن تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن. يەنە بۇ كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۇغراپىيەسى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدە كەڭ توختالغان. بۇ ئەسەر مەيلى بايان قىلىنىش جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنىڭ موللىقىدا بولسۇن كىشىنى قايىل قىلماي قالمايتتى.

بىرۇنىي 1010 – يىلى قايىتىدىن ئۆز يۇرتى خارەزمنىڭ يېڭى پايتەختى ئۆرگەنچكە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ئەمىر مەئىمۇننىڭ سارىيىدا ئىشلىدى. بۇ ئەمىر ئۆز سارىيىغا مەشھۇر ئالىملارنى توپلىغان ۋە ئۇلارغا ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنىدى. جۈملىدىن ماتېماتىك ئەبۇ نەسىر ئەل ئىراقى، مەشھۇر تېۋىپ ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانىدى. بىرۇنىي بۇ يەردە ئىلىم بىلەنلا مەشغۇل بولۇپلا قالماي، يەنە دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىگىمۇ قاتناشقانىدى. 1017 – يىلى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى خارەزمگە بېسىپ كىرىپ، بۇيرۇق بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن بۇ ئالىمنى ئەسىر سۈپىتىدە غەزنە شەھىرىگە ئېلىپ كېتىدۇ. شۇ يىلى 44 ياشقا كىرگەن بىرۇنىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە غەزنە شەھىرىدە ياشايدۇ.

مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ سارىيىدا بۈيۈك ئەسەر «شاھنامە»نىڭ ئاپتورى ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى كەبى مەشھۇر ئالىملار خىزمەت قىلاتتى. بىرۇنىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى سەۋەبىدىن بۇ يەردە ئىلمىي تەتقىقات بىلەنلا مەشغۇل بولدى. 1025 – يىلى ئاستىرونومىيە مەسىلىلىرى بايان قىلىنغان ئەسىرى «گېئودىزىيە»نى يېزىپ تاماملىدى. 1030 – يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي قازا تاپتى. شۇ يىلى ئۇ ھىندىستان ئالىملىرى، ئىلىم – پەن تارىخى، جۇغراپىيەسى، ئېتنولوگىيەسى، ئاستىرونومىيە ۋە ماتېماتىكا پەن تارىخى بولغان 80 بابتىن تەشكىل تاپقان «ھىندىستان» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىدى. بىرۇنىي تۇنجى بولۇپ ھىندىستاندا يۇنان، پارس، ئەرەب ۋە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئەسەر كېيىنكىلەر تەرىپىدىن: «قەدىمكى ھىندىستان مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم – پەننىڭ كىلاسسىك بايانى» دەپ تەرىپلەنگەن.

بىرۇنىي 1043 – يىلى «تاغ جىنىسلىرىنى پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلەر» (بۇ كىتاب كېيىنچە «مېنېراللورگىيە» دەپ ئاتالدى.) دېگەن كىتابىنى يازدى. بىرونىي ئۆز زامانىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەردە مەلۇم بولغان مېنېراللار ۋە ئۇلارنىڭ تارقالغان ئورۇنلىرى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ يەنە كېلىپ ھەر خىل ئېسىل تاشلارنى تۈركچە، پارسچە، ھىندىچە، گرېكچە يەرلىك ناملىرى بىلەن ئاتىغان.

بىرۇنىي 1034 – يىلى سۇلتان مەسئۇدنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆز يۇرتى خارەزمگە قايتىپ كەلگەن. بۇ يەردە ئۇ سۇلتان مەسئۇدنىڭ نامىغا ئاتالغان مەشھۇر قامۇس خاراكتېرلىق ئەسىرى «ئەلقانۇن مەسئۇدى»نى يېزىپ تاماملىغان. بىرۇنىينىڭ بۇ كىتابى 11 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەبىئەت پەنلىرىنىڭ قامۇسى ئىدى. بۇ كىتابتا قەدىمدىن تارتىپ 1030 – يىلغىچە بولغان مۇھىم ۋەقەلەر جەدۋىلى، ترىگونومېتىرىيە، ئاستىرونومىيە ئاساسلىرى، يۇلتۇز تۈركۈملىرى بېرىلگەنىدى. بۇ كىتابتا يەنە پىتولېمىنىڭ «يەر مەركەز تەلىماتى»غا قارشى ھالدا قۇياش مەركەزلىك قاراشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىرۇنىي پىفاگورنىڭ يەرشارى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ، دېگەن ئىدىيەسىنى داۋام ئەتكەنىدى. بىرۇنىيدىن بەش ئەسىر كېيىن پولشالىق ئاستىرونوم نىكولاي كوپېرنىك بۇ نەزەرىيەنى قوللاپ چىقتى. بۇ كىتابتا ترىگونومېتىرىيە مەسىلىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس 10 باب ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇلۇڭ، كۇپ، چەمبەر ۋە ھەر خىل تەڭلىمىلەر ھەققىدە ئۆزىگە خاس بولغان قاراشلارنى بايان قىلغان. ئۇ يەرنى شار شەكىللىك بولىدۇ، دەپ ئىسپات كۆرسەتكەنىدى ھەمدە يەر شارىنىڭ رادىيوسىنى ھېسابلاپ چىققانىدى. جۇغراپىيە جەھەتتە بۇ كىتابتا يەرنىڭ خەرىتىسىنى ئېنىق كۆرسەتكەن، تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ئېيتقاندا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىنىڭ خەرىتىلىرىنى بەرگەن. خەرىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرى روشەن ئىپادىلەنگەن.

ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسىلىك كىتابىدا «جىسىملارنىڭ ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى» دېگەن مەزمۇن دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ. «جىسىملارنىڭ ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى قانۇنى»نى گالېلىي بىر قاتار تەجرىبىلەر ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققانىدى. ئۇ بۇ قانۇندا «جىسىملارنىڭ ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى»گە مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەنىدى: دەسلەپكى تېزلىكى نۆل بولغان تەكشى تېزلىنىشچان ھەرىكەتتىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بارلىق جىسىملار ھەقىقىي بوشلۇقتا ئوخشاش تېزلىك بىلەن تۆۋەنگە چۈشەتتى. بىرۇنىينىڭ «ئەلقانۇن مەسئۇدى» دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان يارقىن نۇقتا شۇكى، ئۇ بۇ كىتابىدا گالېلىيدىن ئالتە ئەسىر بۇرۇن «جىسىملارنىڭ ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى»نى تىلغا ئالغانىدى.

1910 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، بىر كىشى تامغا ئېسىلغان خەرىتىگە تىكىـلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قارىغان ئادەم خەرىتىدىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرەر رايوننى تاپماقچى ئوخشايدۇ، دەپ قالاتتى. ئەمما بۇنداق دېيىش خاتا ئىدى. چۈنكى بۇ كىشى خەرىتىدىن بىرەر رايوننى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى يەرشارىدىكى پۈتۈن قۇرۇقلۇقلارنىڭ سىرىنى ئىزدەۋاتاتتى. بىر ھازادىن كېيىن بۇ كىشى تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى: ئەسلىدە قۇرۇقلۇقلار سىلجىغانكەن - دە!

بۇ كىشى گېرمانىيىلىك گېئولوگ ۋېگـنـېر (1880 − 1930) ئىدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا يەر شارىنىڭ سىرلىرى ئۈسـتـىـدە ئىزدىنىشكە قىزىقاتتى ھەم تەكشۈرۈش داۋامىـدا تـەۋەكـكـۈل قـىلـىـشقـا جۈرئەت قىلاتتى. ئۇ خەرىتىدىن جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىـزنـالارنىـڭ ئىنتايىن ئوخشىشىدىغانلىقىنى، جەنۇبىي ئامېرىكىـدىـكـى شـەرقىي دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئافرىقىدىكى غەربىـي دېـڭـىـز قـىرغىقىدىكى ئويمان - دۆڭلەرنىڭ بىر - بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، بىرگە جىپسـىلاشـتـۇرسـىلا بىر بولۇپ كېتىدىلىدىغانلىقىنى توساتتىن بايقايدۇ. بۇ بايقـاش ئۇنـى بـەكـمـۇ ھاياجانلاندۇرۇۋېتىپ، بىر قاتار سوئاللارنى پـەيـدا قـىـلـىـدۇ. ئۇ بـۇلارنـىـڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ چـوڭـقـۇر ئويـلـىـنـىـدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا «ماتېرىك(چوڭ قۇرۇقلـۇق)نىڭ سىلجىشى» دېگەن غەلىتە ئوي پەيدا بولىـدۇ. ئۇ مۇشۇ تەسەۋۋۇر بويىچە گېئولوگىيە ۋە جۇغراپىيەدىن ئىـسپات ئىزدەشكە باشلايدۇ، ھەربىي سەپكە بېرىپ بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىغا قـاتـنـاشـقـان مەزگىلدىمۇ تەتقىقاتنى توختاتمايدۇ، 1915 - يىلى ۋېگنېر برازىلىـيـە بـىـلـەن ئافرىقىنىڭ ناھايىتى بۇرۇن تۇتىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغـان پالېئونتولوگىك ئىسپاتنى تاپىدۇ، بـۇ ئۇنـىـڭ داۋامـلـىـق ئىزدىنىـش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

يەر شارىدىكى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسـتـرالـىـيـىـدىـن ئىبارەت بەش ماتېرىك قـانـداق شـەكـىـلـلـەنـگـەن؟ پـەن ساھەسىدىكىلەر ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش، مۇنازىرە قىلىش ئارقـىـلـىـق، كۆپ سانلىقلار ماقۇللايدىغان مۇنداق جاۋابـنـى ھاسىل قـىلدى: يـىـراق قەدىمكى دەۋرلەردە، يەر شارىدا بىر پارچىلا قۇرۇقـلـۇق بـار ئىـدى، نـەچـچـە 100 مىليون يىللىق ئۆزگىرىشلەردىن كېيـىـن ھازىرقى مـۇشـۇ ھالـەتـكـە كەلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇشۇنداق چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشتە، ۋېگـنـېر ھەل قـىـلـغـۇچ رول ئويـنـىـدى.

نەزەرىيەنىڭ باشلىنىشى، يەنى «ماترىكلارنىڭ سىلجىشى» ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا، ھازىرقى زامان ئالىملىرى بۇ نەزەرىيەنىڭ يارقىن نۇقتىسى، دەپ نېمىس ئالىمى، گىئولوگ ئالفىرىد ۋېگنېرنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا «ماترىكلارنىڭ سىلجىشى» ھەققىدە ۋېگنېردىن بۇرۇن يەنە قانداق مەلۇماتلار بولغان؟

بۇ ھەقتە ئىزدەنگىنىمىزدە، ئىلگىرى ئالىملارنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ قىرغاقلىرى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ قىرغاقلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ماس ئىكەنلىكى قىزىقتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى؛ قۇرۇقلۇقلاردىكى بۇنداق ئوخشاشلىق ناھايىتى قەدىمدىلا تىلغا ئېلىنغانلىقىنى؛ بۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بايقالغان ۋە جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ خەرىتىسى سىزىلغان ۋاقىتلاردا ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم بولۇشىنىڭ ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلەلەيمىز. شەرق ئەللامەسى ئەبۇ رەيھان بىرونىينىڭ «قۇرۇقلۇقلار گويا سۇ يۈزىدىكى دەرەخ يۇپۇرماقلىرىدەك بىر – بىرىگە قاراپ يېقىنلىشىدۇ ياكى بىر – بىرىدىن يىراقلىشىپ، ئاستا ھەرىكەت قىلىدۇ.» دېگەن سۆزىنى ئۇچرىتىمىز. بىرۇنىينىڭ ئەسەرلىرى غەرب دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇلغاندا، ۋېگنېرغا مەلۇم بولغانلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. بىرۇنىينىڭ بۇ سۆزىنى قۇرۇقلۇقلارنىڭ لەيلىشى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە دېيىلگەن پىكىر سۈپىتىدە قوللىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇنداقلا بىرۇنىي تەرىپىدىن بايان ئېتىلگەن بۇ سۆزگە قاراپ، قۇرۇقلۇقلارنىڭ لەيلىشى ھەققىدىكى بۇ پىكىرلەر شەرق ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى بەرھەق، دەپ ئېيتالايمىز.

1044 – يىلى سەلجۇق ئىمپېرىيەسى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنى يوقاتتى. ئۆمرىدە 150 تىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، يازغان ئەسەرلىرىدە ئۆلمەس يېڭى نەزەرىيە ۋە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئېنسىكلوپىدىك ئالىم مىلادىيە 1048 – يىلى 13 – دېكابىردا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ تەبىئەت پەنلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى