ئىككى شىڭگىل
ئىككى شىڭگىل
ipar-ay
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23
ناتونۇش تۇپراققا پېتىپ تۇرۇپ،
ئىزدەيمەن،
ناتونۇش كوچىدىن تونۇش سىمانى،
ئۆتمۈشنى، بالىلىقنى، چۈشۈمنى،
ئىزدەيمەن،
ناتونۇش كوچىدىن تونۇش ھىدلارنى،
ئانامنىڭ باغرىنى،
دادامنىڭ گەۋدىسىنى،
قېرىندىشىمنىڭ قەددىنى،
ئىزدەيمەن،
ناتونۇش يوللاردىن،
دادام باسقان ئىزلارنى،
ئانام باسقان ئاياقلارنى،
قېرىندىشىم باسقان سەپەرلەرنى....
سېغىنىمەن،
كۈلۈپ باققان،
قۇچاقلىرىنى ئاچقان،
باغرىغا مەھكەم باسقان،
چاچلىرىمنى بارماقلاردا تاراپ ئەللەيلەتكەن،
ئۇنتۇلماس، تونۇش سىمالارنى...
...
سېغىنىمەن،
ئۆسكەن يۇرتتىكى،
ئۆستەڭ بويىدىكى،
شامال يالاپ نىپىزلەتكەن،
ئاپتاپ چىرىتكەن،
لىق جىغان باسقان،
يېقىنلىرىمنىڭ يىگانە تۇپراق بېشىنى.
ياقا يىرتىپ ۋارقىرغۇم كىلىدۇ،
ياقام ئەمەس گېلىم يىرتىلسىكەن،
كۆزلىرىمدىن ياشلار سەل بولۇپ
ئاقىدۇ،
ياشلىرىم ئەمەس مەن سەل بولۇپ
ئاقسامكەن،
ئېقىنغا قېتىلىپ تونۇش يۇرتقا كەتسەم،
زارىققان تۇپراقنى سۆيۈپ ئۇخلاپ
قالسام،
چۈشلىرىمدە يېقىملىرىم بىلەن
دىدارلاشسام،
چۈشكە ئايلىنىپ مەڭگۈ
ئويغانمىسام،
بەلكىم،
سېغىنىشنى، ئەسلەشنى، ئىزدەشنى،
پاك- پاكىز ئۇنتۇپ كىتەرمەن...
Yorumlar
Yorum Gönder