قەشقەر تارىخىدىكى " فېۋرال پاجىئەسى "
قەشقەر تارىخىدىكى " فېۋرال پاجىئەسى "
izna.zp
يوللىغان ۋاقتى 2007-10-14
مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى
جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى ( باۋۋېي زوڭسىلىڭ
) خوجانىياز ھاجى 1934 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەرغە يېتىپ كەلگەن ئىدى .
شۇ كۈنلەردە قەشقەر يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ ( چولاق زىخۇي
) غا قارشى " يېڭى شەھەر " سوقۇشى بولۇۋاتاتتى . بۇ ئۇرۇش باشباشتاقلىق
، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق سېلىشى تۈپەيلىدىن
بىر تەرەپ بولمىغان ئىدى . گەرچە بۇ ئۇرۇش باشلانغىلى 60 نەچچ كۈن بولغان ، "
يېڭى ھۆكۈمەت " ( شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ) نىڭ جىددى سەپەرۋەر قىلىشى
بىلەن كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ ، يېڭى شەھەردىكىكىلەر تېخى تەن بەرمەيۋاتاتتى .
خوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرغە كېلىپلا يېڭى شەھەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ
قىلىشقا جىددى تۇتۇش قىلدىدە ، بىر بەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۈنۈم كۆرۈشكە باشلىدى .
ماجەنساڭ چېكىنىپ سېپىل ئىچىگە مۆكۈنۈشكە مەجبۇر بولدى . دەل شۇ كۈنلەردە مافۇيۈەن
باشچىلىقىدىكى 3 پولك ئەسكەر ئاقسۇدىن قەشقەرغە كېلىۋاتتاتتى . خوجانىيازھاجى ئۇلارنىڭ
ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن مارالۋېشى ، پەيزىۋاتلاردا كۈچلۈك قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەتسىزلىككە
ئۇچراپ بىر كېچىدىلا قەشقەردىن كېتىپ قالدى .
خوجانىياز ھاجى 28 - يانۋار كۈنى كېچىسى بىر بۆلۈك كۈچىنى
ئېلىپ يەكەنگە كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى ئاساسى كۈچى بىلەن يېڭىساردىكى خوتەنلىك ئەمىرلەر
بىلەن ھەمكاارلىشىشقا قالدى . " يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ " باش ۋەكىلى ساۋۇت
داموللا ئاساسىي كۈچىدىن ئايرىلغان ھالدا يېڭىساردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەكەنگە
كەتكەن ئىدى . " يېڭى ھۆكۈمەت " قارمىغىدىكى قوشۇنلاردىن قەشقەر شەھەر مۇھاپىزەت
قوماندانى ( چىڭپاڭ سىلىڭ ) كىچىك ئاخۇن ئەسكەرنلىرىنى ئېلىپ ئاستىن ئاتۇشقا ،
" زىرائەت نازىرى ئوبۇل ھەسەن ھاجى ( مۇسابايوپ ) زەيدىن كارۋان باشچىلىقىدىكى
قوشۇنلىرىنى ئېلىپ ئۈستۈن ئاتۇشقا ، " دۆلەت مۇداپىئە نازىرى " قىرغىز
ئورازبەك قىرغىز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئۇلۇغچات تەرەپكە ، " قەشقەر گارنىزون
قوماندانى "ئۆزبەك يۈسۈپجان قۇر بېشى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يېڭىسار تەرەپكە كەتتىدە
، قەشقەر شەھىرى مافۇيۈەن قىسىملىرىغا ئوڭچە قالغان ئىدى . بۇ چاغدا شەھەردىكى
بايلار قولىغا چىققاننى ئېلىپ چەتكە قاچتى . ئىمكانىيىتى بارلار شەھەرنى تاشلاپ يېزىغا
چىقىپ كېتىشتى . ئىمكانىيىتى يوق كاسىپلار ، كەمبەغەللەر ..... شەھەر ئىچىدە
قالغان ئىدى . ئۆزبەك يۈسۈپجان قۇر بېشى باشباشتاقلىق قىلىپ ، ھىچكىمگە يۆلەنمىگەن
ھالدا تۇنگانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېلىشماقچى بولدى . خوجا نىياز ھاجى قەشقەرگە
كەلگەندە ھاجى ئاكا دەپ يۈرۈپ نۇرغۇن مىلتىق ، ئوق دورىلارغا ئىگە بولغان يۈسۈپجان
خوجا نىياز ھاجىنڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ يېرىم يولدىن قايتىپ كېلىپ يولنى
تاشمىلىق تەرەپكە سالدىدە بورا*** ( بۇلاقسۇ ) ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى ۋە بىر قىسمى
شەھەر ئەتراپلىرىغا سۇقۇنۇپ ، يەرلىك دىخانلارچە كىيىنىپ خەلققە ئارىلىشىپ يۈرۈۋەردى
.
مافۇيۈەن ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ ، قەشقەرغە يېتىپ كېلىپلا
كونا شەھەرنى ئىشغال قىلدى . ئۇنى قەشقەرنىڭ ھاكىمى ( شەنجاڭ ) ياقۇپ بەگ لاۋسى ،
ئىبراھىم لوزۇڭ باشچىلىقدىكى بىر تۈركۈم بايلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ شەھەرگە
باشلاپ كىردى . مافۇيۈەننىڭ ئەسكەرلىرى ، شەتەي يامۇلى بىلەن داۋتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشقان
بولسىمۇ بىر قىسمى شەھەر ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سودا سارايلىرىغا ئومۇمەن ھېيتكا
مەيدانى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى . مافۇيۈەن گەرچە قەشقەر شەھىرىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ
سېپىل ئىچىگىلا ھۆكۈمران ئىدى . دەرۋازا تېشىغا ھۆكمى ئۆتمەيتتى . ئەسكەرلىرىنى
قىشلىق كىيىندۈرۈش ئىشى مۇھىم بولغاچقا شەھەردىكى بارلىق كاسىپلارنى يىغىۋالدى .
كىيىم تىككۈچى ، موزدۇز ، بوياقچى ،ئىگەرچى ، تاسمىچى ، ياغاچچى ھەتتا تۈگمە
ياسايدىغان ئۇستىلارغىچە ھايداپ كېلىپ سارايلاردا بېسىۋالغان چەكمەن ، ماتالاردىن
كىيىم تىكتۈردى . مىلتىققا تاسما ، ئاتلارغا ئېيىل ياساتتۇردى . كاسىپلارنى قۇرۇق
جىڭموما بىلەن ئاچ - توق ئىشقا سالدى . ياخشى ئىشلىمىسە مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇردى
. بالا - چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى . ھەتتا ئۆيدىن كەلگەن تاماقنى ئالدۇرماي
قاتتىق ئازاپ سالغان ئىدى . مافۇيۈەن قوشۇنلىرىغا ئوزۇقلۇقنى يېزىلاردىن ئالاتتى .
يېزىلارغا قوراللىق ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ ئوتۇن ، سامان يېغدۇراتتى . بەزىدە ئۇنىڭ
قوراللىقلىرى يېزىلاردا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېچىپ كېلەتتى . يېزىلاردىن بولۇۋاتقان
ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم بارغېنسېرى شەھەر بېقىنىغا يېتىپ كەلدىدە ، تۇمەن دەرياسىغا ئېلىپ
چىققان ئاتلىرىنى ھۇجۇمچىلار تارتىپ ئېلىپ كېتەتتى . مافۇيۈەن بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشاش
ۋە شەھەر خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن بەگ ، پاششەپ ، مىرشاپلاردىن كەڭ پايدىلاندى . قەشقەرنىڭ
بۇرۇنقى ئاتاقلىق باجگىرى ئىبراھىم لوزۇڭنى شەھەر مۇھاپىزەتچى قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى
. ئىنقىلاپچىلار سېپىدىن قېچىپ كەلگەن رىشتەمى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى (
يۇيجى سىلىڭ ) قىلدى . رىشتەم ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك بولۇپ بۇرۇن دۇمبىلاقچى ( ئېشەكچى
كىراكەش ) بولۇپ ، قورغانغا چىقىپ قىرغىزىستاندىن چىققان جانىبەك قازىنىڭ
ئىسيانچىلىرىغا قاتناشقان ، كېيىن قېچىپ كېلىپ قىمارۋازلىق قىلغان ، شۇ يىللاردا
كىچىك ئاخۇن بىرىگادىسىدا ليەن دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان ، كىچىك ئاخۇن شەھەردىن چېكىنگەندە
30 دەك قوراللىق ئادىمىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ تۇنگانلارغا تەسلىم
بولغان ئىدى . مافۇيۈەن شەھەر ئەتراپىدىكى ھۇجۇمچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نەيرەڭ
ئىشلىتىپ ئاتۇشتىكى كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭنى يوقىتىش ئۈچۈن 6 - فېۋرال شەنبە كۈنى تاڭ
سەھەردە ئاتۇش تەرەپكە ئەسكەر ماڭدۇردى . شۇ كۈنى قار يېغىۋاتاتتى . بۇلارنىڭ كەينىدىن
يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭنىڭ ئالا ياماق چاپان كەيگەن ئەسكەرلىرى كېلىپ ھېيتكادىن ئۆتۈپ
شەرق تەرەپكە مېڭىپ كەتتى . بۇ ئىككى قوشۇن ئەمەلىيەتتە ئاتۇشقا بارمىغان ئىدى .
مافۇيۈەن ئاپپاق خوجامنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ يول بىلەن بۇچا تەرەپكە كەتكەن بولسا ،
ماجەنساڭ ئۆز قوشۇنىنى ئېلىپ دۆلەت باغ رايونى ئارقىلىق يېڭى شەھەرگە كەتكەن ئىدى
. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۆزبېك قوشۇنلىرى باشلىقلىرىدىن قوچقار باي ، ئۇيغۇر ، ئۆزبەكلەردىن
تەركىپ تاپقان يۈز نەپەر پىدائىلارنى باشلاپ شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى . ئۇلار ئىككى
يولغا بۆلۈنۈپ رەستىدكى مۇسابايوپلارنىڭ سودا سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان
بىرىگادا شىتابىنى قولغا چۈشۈردى . يەنە بىر بۆلىگى توققۇزاق دەرۋازا گۈزىرىدىكى
موللاخۇن ھاجى سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان پولك شىتابىنى ئىشغال قىلدى . بۇ ئىككى
شىتابتا بىر نەچچە نەپەرلا ئادەم قالغان بولغاچقا ئۆزبېك پىدائىلىرى ئاسانلا قولغا
چۈشۈرىۋالدى . پىدائىلار يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ شەتەي يامۇلى بىەن داۋتەي يامۇلىغا
ھۇجۇم قىلدى . داۋتەي يامۇلىدىكى زىخۇيچىلار ( تۇنگانلار ) يامۇلنىڭ تاشقارقى
ھويلىسىغا چاقلىق پىلىموت قۇرۇپ ئات سېلىپ كەلگەن پىدائىلارنى ئوققا تۇتتى ،
بىرقانچىسىنى ئۈژمىدەك تۆكۈۋەتتى . قالغان پىدائىلار تۆرت تەرەپتىن ئوراپ ھۇجۇم
قىلدى . زىخۇيچىلار ھەم ئۇلارغا قارشى مۇداپىئەلەندى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش
قىلىشقا باشلىدى . پىدائىلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان " ئامىن
" چىلار گۇرۇھى پەيدا بولدى . قوللىرىغا كالتەك ، پالتا ، كەتمەن ئېلىشىپ
پىدائىلارغا قوشۇلدى . بۇ گۇرۇھ بارغانسېرى كۆپەيدى . ئەتراپ يېزىلاردىن كىرىشكە
باشلىدى . بۇ ئامىنچىلار داۋتەي يامۇلىنىڭ ئەتراپىدىن ؛يامغۇردەك ئوق يېغىپ تۇرۇشىغا
قارىماي ئامىن توۋلاپ دۈشمەنلەرنى قىستاپ بارماقتا ئىدى . ئۇرۇش شۇ خىل تىركىشىش
بىلەن بىرنەچچە سائەت داۋام قىلدى . لېكىن پىدائىلار شەھەر دەرۋازىلىرىغا سەل
قاراپ ئىچىدىن زەنجىرلەپ قويۇش بىلەنلا قانائەتلەنگەن ئىدى . ئاتۇشقا بېرىش داغدۇغىسى
بىلەن شەھەردىن چىققان مافۇيۈەن بەشكېرەم ئاغزىغا جايلاشقان ئۇزۇن سايغا يېتىپ كەلدى
. " شام پادىشا " دىگەن مازارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ بىر نىمە كۈتكەندەك
شەھەر ئىچىگە قاراپ تۇردى دەل شۇ ۋاقىتتا چاپارمىنى يېتىپ كېلىپ شەھەر ئەھۋالىدىن
خەۋەر يەتكۈزدى . شۇنىڭ بىلەن مافۇيۈەن شەھەرگە قاراپ ئات سالدى ، ئۇلار شەھەرگە يېتىپ
كەلگەندە داۋتەي يامۇلىدا ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتاتتى . بۇلار سېپىل ئۈستىدە قاراۋۇلنىڭ
يوقلىقىنى كۆرۈپ " تۆشۈك دەرۋازا " سىدىن شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى . بۇلاردىن
بىرقىسمى ھېيتكانىڭ شەرقىدىكى قاراڭغۇ رەستىنىڭ دوقمۇشىغا پىلىموت قۇرۇپ ئېتىشقا
باشلىدى . ئۇشتۇمتۇت بولغان ھۇجۇمدىن ھاڭ - تاڭ قالغان پىدائىلار بىلەن "
ئامىن " چىلار خام بازىرى سولاقمىسىغا سۈرۈلدى . ئەمما ھەممە تەرەپنى تۇنگان
ئەسكەرلىرى توساپ ئالغان ئىدى .
ئۇيقۇسى ئېچىلىپ دالدىلاردىن پايدىلىنىپ مۇداپىئە كۆرگەن
پىدائىلار قەيسەرلىك بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ بېسىپ كېلىۋاتقان زىخۇيچىلارنى
توختاشقا مەجبۇر قىلدى . ئۇرۇش سائەتلەپ داۋام قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپ چىقىمدار
بولدى . پىائىلار سان جەھەتتىن ئازلىق قىلاتتى . پىدائىلارنىڭ بىر قىسمى ئارقا ئەنجان
كوچىسىدىكى " لى جىڭ " يامۇلىغا چېكىنىشتى . يەنە بىر قىسمى جاننى
ئالقانغا ئالدىدە يا ئۆلۈم ، يا كۆرۈم دەپ ئەنجان رەستىسىگە قاراپ ئات سالدى زىخۇيچىلار
بۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەيران بولۇپ ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ بولغىچە بىر قانچىسى يار
باغ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى . زىخۇيچىلار ئۇلارنىڭ يولىنى قاتتىق توسىغان بولسىمۇ
ئۇلار ئاتنىڭ قارنىغا چۈشۈۋېلىپ زىخۇيچىلاردىن بىر قانچىنى دۇمۇلۇتۇپ تاشلاپ قېچىپ
كەتتى . بەزەنلىرى ئۆلدى . چىقىپ كېتىشكە ئامال تاپالمىغان پىدائىلار سۈرۈلۈپ ھېيىتكا
ئارقا ئەنجان كوچىسىدىكى " لى جىڭ " يامۇلى دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنغا
توپلۇنۇپ ئىگىز سىرەج تاملاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى قوغدىدى . زىخۇيچىلار ئۇلارنى
4 تەرەپتىن ئوراپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئوققا تۇتتى . بولۇپمۇ سېپىل تەرەپتىن قاتتىق
ھۇجۇم قىلىشتى . لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرى قېلىن تامدىن ئۆتمەيىتتى .
پىدائىلار بولسا كۆزگە كۆرۈنگەن زىخۇيچىلارنى ئېتىپ دۇمىلىتاتتى .
بۇ ئۇرۇش كەچ سائەت 4 لەرگىچە داۋام قىلدى . زىخۇيچىلار كۆپلەپ
چىقىم تارتتى . يېرىم كۈنلۈك ئۇرۇشتا شۇ كوچىدىن 45 پۇقرانى ئېتىپ تاشلىدى . ھايات
قالغان كىشىلەر ئۆيدىن ئۆيگە تۆشۈك تېشىپ ئۆي ئاتلاپ يۈرۈپ بۇ ئورۇندىكى كىچىك
خالتا كوچىدا ئولتۇرقلاشقان ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ جېنىنى ساقلاشتى .
زىخۇيچىلار ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە ئېسىلغان ئەنگىلىز بايرىقىغا قاراپ بۇ كوچىغا
كىرمىگەن ئىدى .
« لى جېڭ دىكى پىدائىيلار زىخۇيچىلار بىلەن كەچكە قەدەر ئېلىشىپ
قارشى تەرەپنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى . زىخۇيچىلار ھەم ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشقا ھەرقانچە
ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا
كىرىشتى . مەھەللىدىن تۇتىۋېلىنغان ئابدۇخالىق دىگەن بىلەن زۇنۇن ئاتا دىگەن ئۇيغۇرنىڭ
قولىغا بىر دانە ئاق بايراق بىلەن بىر پارچە خەت تۇتقۇزۇپ پىدائىيلار تەرەپكە ماڭغۇزدى
.
پىدائىيلار ئاق بايراقنى كۆرۈپ ئەلچى ئىكەنلىكىگە قاراپ
ئوق ئاتمىدى . ئەلچىلەر كېلىپ پىدائىيلارغا بىر پارچە خەت تاپشۇردى . بۇ خەت ئەھرارخان
تۆرەم ، مۇھەممەت خان ئاقساقال باشلىق ئۆزبېك مۆتىۋەرلىرى نامىدىن يېزىلغان ئىدى .
خەتتە : سىزلەرنىڭ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىغىڭىزدىن خەۋەر تاپتۇق . بىز سىلەرنى
بۇ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مازوڭ زىخۇي بىلەن ئۇچرۇشۇپ سۆھبەتلەشتۇق . گۇناھلىرىڭىزدىن
ئەپۇ سورىدۇق . ئۇ كىشى ھەم قوبۇل كۆرۈپ كېچىرىم قىلىدىغان بولدى . تەسلىم بولۇپ
قورال تاپشۇرسىڭىزلار كەڭچىلىك قىلىدىغانغا ۋەدە بەردى . ئۆتكەننى سۈرۈشتە
قىلمايمىز ، دىدى . ئەگەر ئۆزىڭىزلەرنىڭ ھاياتىنى ئىزدىسىڭىزلەر ۋە قەشقەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ
ئامانلىقىنى خالىسىڭىزلار تەسلىم بولغايسىزلەر . مادارىن جانابلىرى چوقۇم كەڭچىلىك
قىلىمەن دەپ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچتى . بىز سىزلەرگە كېپىل بولدۇق ، سىزلەرنىڭ تەسلىم
بولۇشىڭىزلەرنى تەلەپ قىلىمىز دىيىلگەن ئىدى . پىدائىيلار بۇ تەكلىپنى مۇزاكىرە
قىلىپ بىر قىسمى تەسلىم بولۇش ، بىر قىسمى تەسلىم بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان
ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنگەن ئىدى . مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە قىلىشىپ ئاخىر تەسلىم بولۇشقا
ماقۇل بولۇشتى . ئۇزۇن مىلتىقنى تاپشۇرىدۇ ، تاپانچا قىلىچلار ئۆز قولىدا قالىدۇ دەپ
توختام قىلىشىپ 1 – قەدەمدە ئۇزۇن مىلتىقلارنى تاپشۇرۇپ بەردى . زىخۇيچىلار ئۇزۇن
قوراللارنى ھارۋىغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن تەسلىمچىلەرنى قورا ئالدىدىكى سەيناغا
تىزىلدۇرۇپ ، يان قورال بىلەن قىلىچلارنى يىغىۋالدى . مۇندىن بىر سائەت ئىلگىرى ئۆزلىرىنى
ئارسلاندەك ھىس قىلىشقان پىدائىلار ئەمدى قوراللىرىدن ئايرىلىپ سۇغا چۈشكەن مۇشۇكتەك
بىچارە بولۇپ قالغانلىقىى تونۇپ ھەسرەت چېكىشتى . زىخۇيچىلار ئۇلارنىڭ قوللىرىنى
ئارقىسىغا قايرىپ ئارغامچا بىلەن باغلاشقا باشلىدى . باشلىق دەپ ھىساپلانغان 18 نەپەر
كىشىنىڭ پۇتىغا كىشەن ، قولىغا كويزا سېلىپ يېڭى شەھەر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى .
قالغان قىرىق ئادەمنى باغلاپ داۋتەي يامۇلى تەرەپكە ھايداپ ماڭدى . بۇلار ھەرقانچە
پۇشمان ، نادامەت قىلسىمۇ ۋاقتى ئۆتكەن ئىدى .
يېڭىشەھەر تەرەپكە ھايداپ كېتىۋاتقان 18 كىشى قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىگە
يېتىپ كەلگەندە كەچ قاراڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدى . ئارىدىن ئىككى ئادەم ئۆزىنى دەرياغا
تاشلاپ قاچتى . قاراڭغۇدا زىخۇيچىلار بايقىمىغان ئىدى . بۇ ئىككەيلەن قوراللىقلار
ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن كۆۋرۈك دالدىسىدا دەملىرىنى ئېلىۋېلىپ تاڭ ئاتقۇچە قېچىپ
پاختەكلە يېزىسىنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ ئامان تاپتى . قالغانلىرى شۇ كېچىسى يېڭى شەھەردە
ئېتىپ تاشلاندى . بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئابلا كەتمەننىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىم دىگەننى
قورال – ياراق ئۇستىسى ھاۋاز چوڭ دىگەن كىشى مېنىڭ تۇققۇنۇم دەپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ
قالدى .
مافۇيۈەن پىدائىيلارنى ئالداپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن
پىدائىيلارغا ياردەملەشكەن « ئامىن » چىلارنى پىلىموتقا تۇتۇپ جازالىدى ۋە ئۈچ كۈنلۈك
ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ، بارلىق قوشۇنلىرىغا بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا ، ئۇچرىغاننى
ئېتىشقا بۇيرۇق بەردى . شەھەر كوچىلىرىغا پىت تارىغاندەك تاراپ كەتكەن زىخۇيچىلار
بىرىنچى قەدەمدە تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاشتى ، 2 – قەدەمدە ئۆيلەرگە باستۇرۇپ
كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلدى . ئۇچرىغان ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە چاناپ تاشلىدى . ئۆيلەرنى
بۇلىغاندا دەسلەپ يېڭىراق ئۆيلەردە بۇلاڭچىلىق قىلغان بولسا ، بارا – بارا ئومۇميۈزلۈك
بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى . بۇلىغان ماللىرىنى كەمبەغەللەرگە كۆتەرگۈزۈپ ئېلىپ كەتتى ،
ئىشى تۈگىگەندە ئۇلارنىمۇ ئېتىپ تاشلىدى ،ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئۆي
ئىگىلىرىنى تۇتىۋېلىپ ئالتۇن – كۈمۈش ، پۇل ، سائەت بەر دەپ قىستىدى . خەلقلەر ئۆزىدە
بار نەرسە كېرەكلەرنى بېرىپ تۈگىگەن چاغدا يەنە قانائەت قىلماي ، ئۇلارنىڭ
قوللىرىنى باغلاپ تۈۋرۈكلەرگە بېسىپ ئۇردى . تۆمۈر قىزىتىپ ياقتى . پۈتۈن شەھەرنى
دات – پەريات قاپلىدى . بىرىنچى قېتىم كىرگەنلەر بۇلاپ – تالاپ چىقىپ كەتسە ، 2 –
قېتىم كىرگەنلەر ئەۋەلقىلارنىڭ كىرگەنلىكىنى ھىساپقا ئالماي يانا قىينايتتى .
قالغان ، قاتقانلارنى ئالتتى . 3 ، 4 .... قېتىم كىرگەنلەرگە بەرگىدەك نەرسە
قالمىغاندا ئۇلار ئاچچىقىنى جازالاش بىلەن چىقىراتتى . ئۆلتۈرۈپ تاشلايىتتى . بۇ ۋەھشىلەر
بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپلا قالماستىن ، خوتۇن – قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلدى . خوتۇن –
قىزلارنى ئاتا- ئانىلىرىغا ، ئەرلىرىگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ، نومۇسىغا تەگدى . بۇ
قىرغىنچىلىققا يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ قوشۇنلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى ، 6 ئايلاپ يېڭى
شەھەر مۇھارىسىدە قامىلىپ ئازاپ چەككەن بۇ ئەسكەرلەر قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى
بولمىغان شەھەر خەلقىدىن ئۆچ ئېلىپ دەھشەتلىك قىرغىن يۈرگۈزدى .
تاڭ ئېتىشقا يېقىن ھەرقايسى ئۆيدە ئۆلگەن ئۆلۈكلەرنى
ئىشىك ئالدىغا ئەچىقىپ ياتقۇزۇپ قويدى . بۇ 2 – كۈنى كېلىدىغان ۋەھشىلەرنىڭ يولىنى
توساش ئۈچۈن چارە ئىدى . بۇ چارە راستىنلا ئۈنۈملۈك بولدى . 2 – كۈنى كەلگەن بۇلاڭچىلار
ئۆلۈك بار ئۆيگە كىرمەي قايتىپ كېتىشتى . دەھشەتلىك 6 – فېۋرال كۈنى ئەنە شۇنداق خەۋپلىك
ئۆتكەن بولسىمۇ پاجىئە تېخى تۈگۈمىگەن ئىدى . شۇ كېچىسى تاڭ يورۇغىچە ھەممە ئەتراپتىن
مىلتىق ، پىلىموتلار ئېتىلىپ تۇردى . 7 – فېۋرال كۈنى بۇلاڭ – تالاڭ يەنە داۋام
قىلدى . لېكىن ئەھۋال تۈنۈگۈنكىدەك دەھشەتلىك بولمىدى . چۈنكى بۇ كۈنى ماجەنساڭنىڭ
ئادەملىرى يوق ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلايدىغانغا پەقەت ئەسكى يوتقان مازلىرى ، تەكىيلەردىكى
توزغاق سامانلارلا قالغان بولغاچقا ئەسكەرلەرگە ئانچە ئەپلىشىپ بەرمىدى . شۇنداق
بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ قوي ، كالا ، ئاتلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى . 7 – فېۋرال كۈنى
چۈش بولغاندا تۈنۈگۈن تەسلىم بولغان پىدائىيلارنى داۋتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا تىزىپ
كەلدى . بۇلارنى ئوراپ ماڭغان قوراللىق قوغدىغۇچىلار سەينانىڭ ھەممە تەرىپىگە يېيىلدى
. ئەسىرلەرنى جاۋبى تامنىڭ ئالدىغا ئىككى قاتار قىلىپ تىزدى ، بۈگۈن بۇلارغا جازا
ھۆكۈم ئېلان قىلماقچى بولغان ئىكەن ، ئاز ئۆتمەي ، ئاز ئۆتمەي شەھەر ھاكىمى ( شەنجاڭ
) ياقۇپ بەگ لاۋسى بېشىدا قارا پوسما ، ئۇچىسىدا قارا لەمبۇقتىن تىكىلگەن لاتا خەي
....... كىيىنگەن ھالدا غەربىي يولدىن كىرىپ كەلدى ، ئاندىن قەشقەر شەھىرىنىڭ
قورچاق « چىڭپاڭ سىلىڭى » ئىبراھىم لوزۇڭ باشچىلىقىدا شەھەرنى مۆتىۋەرلرىدىن بىر تۈركۈم
كىشىلەر كېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشتى . بىر چاغدا يامۇل ئىچىدىن مافۇيۈەن
چىقىپ كەلدى ، يۇرت كاتتىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بېرىش ئۈچۈن قوللىرىنى كۆكسىگە
قويۇپ تازىم قىلدى . مافۇيۈەن كۆپچىلىككە سۆزلەپ : خەلقنى بۇاليدىغان ، جەمىيەتنىڭ
ئامانلىقىنى بۇزۇدىغان ، ئىسيانچىلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى بۇلارنى تىلەشنىڭ
ئۆزىمۇ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى . ئۆزبېكلەرنىڭ بىشىۋاسى ئەھرارخان تۆرەم
ئورنىدىن تۇرۇپ قايتا مۇراجىئەت قىلىپ ، بۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىش ئۈچۈن كاپالەت
بېرىمەن دىۋىدى ، ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى . ئۇنىڭ ئارقىدىنلا بىر بۇيرۇق بىلەن
پىدائىيلارنى پىلىموتقا تۇتۇپ قىرىپ تاشلىدى ، بۇ قىرىق كىشىدىن ئابدۇراخمان
ئىسىملىك بىرسى ئۆلۈكلەر ئارىسىدا يېتىۋېلىپ كيېىن قېچىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ
قالالىدى ، قالغان كىشىلەر قانغا بويۇلۇپ تۈگەشتى .
ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى ئۈچ كۈن دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ
2 – كۈنى ( 7 – فېۋرال ) قاراڭغۇ چۈشۈشكە يېقىن بۇيرۇق ئېلىپ تاشلاندى . كوچىلارغا
ئادەم چىقىرىپ ئەل ئامان دەپ جاكا سالدۇردى ، ئەسكى داسلارنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ ،
ئاۋاز چىقىرىپ ، ھەربىي ھالەتنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ، بۇلاڭ – تالاڭنىڭ ئەمدى
توختىغانلىقىنى ئۈنلۈك ئاۋازلار بىلەن جاكارلىدى .
8 – فېۋرال كۈنى كوچا – كوچىدىن ئۆلگەن ئۆلۈكلەرنىڭ تاۋۇتلىرى
چىقىشقا باشلىدى ، بامدات نامىزىدىن باشلانغان ئۇزۇتۇش چاشكا ۋە پىشىنغىچە يېرىم كۈن
داۋام قىلدى . ئۆلگەن ئۆلۈكلەر كۆپ بولغانلىقتىن پاششەپلار ھارۋىلارغا قاتلاپ بېسىپ
گۆرۈستانلىقلارغا ئاپىرىپ چوڭ ئورەك كولىتىپ ئۆلۈكلەرنى ئۈستى – ئۈستىگە قويۇپ كۆمۈپ
تاشلاشتى ، شەھەردىكى ئۆلۈكلەرنى ئۇزۈتۇش ، تاۋۇت كۆتۈرۈش بانىسى بىلەن تىرىك
قالغان ئەركەكلەر شەھەر تېشىغا چىقىپ كەتتى .
7 – فېۋرال كۈنى قەشقەر كونىشەھەردە ماجوڭ يىڭ ۋە مافۇيۈەن
تەرىپىدىن قىلىنغان بۇ قەتلىئامدا ( چاپ – چاپتا ) ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى زادى
قانچە ؟ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق . لېكىن شىۋېت مىسىئونىرلىرى كوچىلارغا ئادەم
چىقىرىپ ئۆلۈكلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تىزىملىغان ئىدى . شۇلارنىڭ تىزىملىغان سانى
ھازىرغىچە ئاساسلىق سان بولۇپ كەلمەكتە ، شىۋېت ئادەملىرى ھېيتكا مەيدانىدىن ئۆتۈپ
شەرقىي يولدىكى زەيكەش مەھەللىسىگە يېتىپ كەلگىچە تىزىملانغان ئۆلۈكلەرنىڭ سانى
سانى 4508 . بۇ سان ئېنىق سان ھىساپلىنىدۇ . 1956 – يىلى يازدا جوڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن
كەلگەن ئۇيغۇر سايرانى باشچىلىقىدىكى ئۆمەكلەر قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ زالىدا سۆھبەت
يىغىنى ئاچقان ئىدى .يىغىندا 7 – فېۋرال كۈنى قەشقەردە ماجوڭ يىڭ قىسىملىرى يۈرگۈزگەن
قەتلىئام توغرىسىدا سۆز بولغاندا يىغىنغا قاتناشقان بارات ئاخۇن خەلپىتىم ( توكۇر
) شىۋېتلەر تىزىملىغان 4508 ئادەمنىڭ سانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا
قويدى ، بەزەنلەر مۇلاھىزە قىلىپ شۇ قېتىمقى قىرغىندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭغىچە
دەپ پەرەز قىلىشتى . ھەر ھالدا شىۋېت ئادەملىرىنىڭ تىزىملىغان سانى بىرقەدە ئەمىلىي
سان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بىر شەھەردىن شۇنچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەرقانداق
ئادەمنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 12 سان ( شىنجاڭ خەلق
نەشرىياتى 1983 - يىل 1 - ئاي 1 - نەشرى )
مەنبە:سەلكىن يوللۇغۇچى:باغۋەن
Yorumlar
Yorum Gönder