شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم
jesur-yurek
سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە مۇنەۋۋەرە
شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىني ئالىم ، جامائەت ئەربابى، مەسجىدىل نەبەۋىنىڭ ( پەيغەمبەر
مەسجىدى) مۇدەررىسى ئۇستاز شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم سادىق ئالئابادى 2007.يىلى
12.ئاينىڭ 12.كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەردە 74 يىشىدا كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى
.
مەرھومنىڭ جىنازا نامىزى مەسجىدىل
نەبەۋىدە ئوقۇلۇپ، جەننەتۇل بەقىدە دەپنە قىلىندى. مەرھومغا جانابى ئاللاھدىن رەھمەت
ۋە مەخپىرەت، ئائىلە-تاباۋاتلىرىغا سەۋىر تىلەيمىز.مەرھومنىڭ ياتغان يىرى جەننەتتە
بولسۇن ئامىن!!!
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم
1933.يىلى قەشقەر ئاۋاتتا دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن 1947.يىلغىچە ئائىلە
تەربىيسى ۋە شۇ دەۋىردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948.يىلى بىلىم ئىلىش ئۈچۈن سەئۇدى
ئەرەبىستانغا چىقىپ كەتكەن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئۆزىنى
ئىلىم ئۈگۈنۈشكە ئاتاپ تىرىشىپ ئوقۇغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىمى
شەيخ ھەسەن شائىر ئۇستازدا، قۇرئان كەرىم ئىلمى تەجىۋىتتە دەرس ئىلىپ، ئەلا نەتىجە
بىلەن ئوقۇشنى تۈگۈتۈپ شاھادەتنامە ئالغان.
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم
1960.يىلدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھرىدىكى مەسجىدىل نەبەۋىدە
( پەيغەمبەر مەسجىدى) مۇدەررىسلىك(ئۇستازلىق) ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. بىر كۈنمۇ دەرسىنى
سەۋەپسىز توختۇتۇپ قويمىغان،قارى ھاجىم يىتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى
دۆلەتلىرىدىن كىلىپ ئىلىم ئۈگۈنۈپ قايتقاندىن كىيىن، ئۆز دۆلەتلىرىدە خىزمەت
قىلماقتا.
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم
مائارىپ ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بىر تەرەپتىن تەرجىمە
ئىشلىرى ۋە يىزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا
نەشىر قىلىنىپ، تارقىتىلىدىغان دىنىي كىتاپلارنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن.
قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى قىتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا، تەرجىمە ئىشلىرىنى
كۆزدىن كۆچۈرگەن ۋە تەھرىرلەپ تەقرىز يىزىپ بەرگەن.ھەم چوڭ ھەجىملىك «تەپسىر ئىنبى
كەسىر» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىگىمۇ، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي كىچە-كۈندۈز
ئوقۇپ چىقىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋاپىق ،ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولۇپ
چىققانلىغىنى تەستىقلاپ بەرگەن.
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم ۋەتەندىكى
مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىتىقادى، ۋە ئەقىدىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تۆۋەندىكى
كىتاپلارنى « ئىككى دۇنيا رەھبىرى» ،« ئىككى دۇنيا سائادىتى، تاھارەت ۋە ناماز»، «
زاكات ھەققىدە»، « رامىزان ۋە روزا »، « ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى ،مەدىنە
زىيارىتى»، « قۇرئان كەرىمنى تەجۋىت بىلەن ئوقۇش ھەققىدە» قاتارلىق ئولمەس ئەسەرلەرنى
يىزىپ قالدۇرغان.
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم ۋەتەننى
ھىچ بىر زامان ئۇنتۇلۇپ قالماي، خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ھەر ۋاقىت باشلامچىلىق
قىلاتتى. ئوز يۇرتتىكى 4 كەنت 6000 نوپوسلۇق ئائىلىلەرنىڭ پاكىز ئىچىملىك سۈيى
ئىشلىرىغا 600 مىڭ يۈۋەن ياردەم قىلغان ھەم يۇرتىغا چوڭ بىر مەسجىت ياسىتىپ بەرگەن.
ۋەتەندىن ھەجگە، ئۆمرىگە ۋە ئوقۇشقا
كەلگەن مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا كۆپ ياردەم قىلاتتى، بولۇپمۇ ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا
ئوقۇش شارائىتى، تۇرالغۇ يىرى ، ۋە ئىقتىسادى ئەھۋاللىرىنى ھەل قىلىشتا ئالاھىدە كۆڭۈل
بۆلەتتى.
شەيخ ئابدۇلمىجىت قارى ھاجىم ۋاپات
بولغان بولسىمۇ ئامما ئۇنىڭ تەربىيلىگەن پەرزەنتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى
ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالماي ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: ئائىلىسى بىلەن سۆھبەت
Yorumlar
Yorum Gönder