شىۋېتسىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قول يازمىلار كاتالوگى



شىۋېتسىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قول يازمىلار كاتالوگى

turkzad

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13

شىۋېتسىيىدە ساقلىنىۋاتقان گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچىنچى چوڭ قول يازما توپلىمى بولۇپ 1100 تېمىدىكى 560 پارچە قول يازمىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ خىل بايلىقلار بىزنىڭ 150 يىللىق تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش، ئىزدىنىشتە ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ساقلانماقتا. بلوگىمىزدا بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كاتالوگى بىلەن يۈز كۆرۈشىسىز.


قول يازمىلار كاتالوگى


مۇزدوزلۇق رىسالىسى، يەركەنت، 1929

ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىسى، يەركەنت، 1929.

تۇمار قۇتىسى. بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ مۇھەببىتى، يەركەنت،1929.

پەندى –نەسىھەتلەر، يەركەنت،1929.

تۇمار كىتاپچىسى. نەسىھەت ۋە دۇئالار، يەركەنت ، 1929.

يۇت بىبى شاخنىڭ تەزكىرىسى(يەركەنتتە ياشاپ ئوتكەن بىر ئايال دانىشمەن).

دەرۋىشلەر قوللانمىسى، يەركەنت، 1929.

شەيىخ جافار سادىق ھەققىدە ، يەركەنت، 1347/1928-1929.

رىۋايەتلەر، يەركەنت، 1930.

خوجا مۇھاممەت شەرىف ھەققىدە تەزكىرە، 1930.

غەزەللەر، 1930.

يۇسۇف-زۇلايخا ، يەركەنت، 1248/1929-1930.

خافت مۇھەممەت شاھنىڭ تەزكىرىسى، يەركەنت، 1930.

تۈرلۈك دۇئالار پۈتۈلگەن تۇمار.

قۇرئان ھەققىدە شەرھىيە، يەركەنت، 1347/1929.

پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، يەركەنت، 1920.

پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، 1220/1805.

پەيغەمبەرلەر قىسسىسى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى.

پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ھىكايە، 19-ئەسىر.

پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ھىكايە،19-ئەسىر.

ئاجايىباتلار.دۇنيا تارىخى، يەركەنت،1930.

ئىنسان تەبىىتى ۋە بەدىنى ھەققىدە ئىككى شەرت ۋە زىكىرنىڭ مەنىسى ھەققىدە، يەركەنت.

ھىكايىلەر توپلىمى، يەركەنت، 1347/1928-1929.

توپلانمىلار ،ياركەنت ،1928-1929.

ھىكايىلەر توپلىمى، ياركەنت، 1928-1929.

شاگىرتلىق ئەخلاقى توغرىسىدا، ياركەنت، 1927-1928.

توپلانمىلار، ياركەنت، 1927-1928.

تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالاش رىتسىپلىرى، 1930.

دەپنە قائىىدىلىرى توغرىسىدا، 1930.

ئاق كۆڭۈللۈك پەزىلەتلىرى ھەققىدە بايان، 1930.

سانت ماتتھەۋ ھەققىدە، 5-باپ، ياركەنت، 1930.

مۇقەددەس نۇمان ئىبىن سابىتنىڭ تەرجىمھالى.

توپلانمىلار، 1930-1931.

جامئى ئال-ھىكايە،1930.

شاھ ماشرەپ دىۋانى

قاسساپلىق رىسالىسى

دۇئايى قادھ، ئەرەبچە.

تۆمۈرچىلىك رىسالىسى، قەشقەر، 1930

ئارىلاشما قوليازمىلار

ناۋايچىلىق رىسالىسى

ئەھمەت يەسەۋى (ھىكمەت ۋە غەزەللەر توپلىمى)

بابا رۇسەن

كەلىلە ۋە دەمىنە، قەشقەر، 1932

غېرىپ سەنەم شاھ

رومانتىك رىۋايەت

جەدىچى رىسالىسى

تائاملارنىڭ جىدىلى—مۇنازىرە، 20-ئەسىر

خوجا سالىمنىڭ ھىكايىسى

خەمسە، مىر ئەلىشىر ناۋايى

ئانۋار سۇھايىلى، 19-ئەسىر

شەھرى گۇلشەن، 1874-1875

بوياقچىلىق رىسالىسى

دوزاق ھەققىدە

پارىسچە شېئىرلار، 1850

تارىخى راشىد، 1904-1905

سۇفى ئاللاھيار، 19-ئەسىر

تۆت دەرۋىشنىڭ ھىكايىسى

ساىر ئى شەرىف

دانىشمەنلەر ھەققىدە

شاھنامە، شېئىرلار، 19-ئەسىر

رىم پادىشاھى ۋە تۆت دەرۋىش ھەققىدە چوچەك

رىياز، 19-ئەسىر

تاجىك(تاھىر)، قانۇنىي ھوججەتلەر

دۇرر ئال ماجالىس

تالىب ئاخون، ياقۇب بەگنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى توغرىلىق بايان

تۈركچە شېئرلار توپلىمى

مەشرەپ ھەققىدە

خوجا ھافىز ، پارىسچە

مىراج-نابۇت، 1888-1889

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ھەققىدە قىسسە

توپا بىلەن پال سېلىش بىلىمى

ياقۇب بەگ ھەققىدە ھىكايە

ئەخلاق ھەققىدە ئىكى پارچە ماقالە

ئىساىيا ھەققىدە كىتاب

ئاموس ھەققىدە كىتاب

2_سىنىپلار ئۇچۇن زوولوگىيە دەرسى

خىرىستىيان دىنى مۇناجاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى

جامشىتنامە

ساير ئال ئانبىيا

ئەدەبىيات

ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكى

رامازان شېئىرلىرى

مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ

قىسساسۇل ئەنبىيا

توي قائىدە يوسۇنلىرى

يۈسۈپ بەگ ۋە ئەھمەد بەگ ھەققىدە رىۋايەت

سۇلتان قىرمىشنىڭ بىدەتلەر بىلەن بولغان جېڭى

ئۆزبەك شېئىرىيىتى

پەلسەپە

مەدداھلار قوليازمىسى

ئىسكەندەرناما

ئىككى پادىشا ھەققىدە چۆچەك

غەلبىنامە، ئەمىر تەمۇرنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشى

لەيلى-مەجنۇن

راھەت ئۇل قۇلۇب

كوسمولوگىيە (ئالەمشۇناسلىق)

سايىد ئاففاق غوجام تەزكىرىسى

مىراجنامە

مەككە ۋە مەدىنە ھەققىدە بايان

شاھنامە، فىردۇسى

تاھىر-زوھرا

روزىنى بۇزۇش ھەققىدە شېئىرلار

قازاقچە ماقال-تەمسىللەر

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

خەلق ناخشىلىرى

تۆت ئىمام ھەققىدە ھىكايە

ئۇيغۇرچە-ئنگلىزچە لۇغەت

شىۋىت مىسسىيونىرلىرىنىڭ خەت چەكلىرى

پاسسپورت

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى

قەشقەردىكى جەڭ ناخشىلىرى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى