لىف تولستوينىڭ تەرجىمىھالى



لىف تولستوينىڭ تەرجىمىھالى

afiyfiy

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4


ئاپتورى: رومىن روللان (فرانسىيە)


1

بۇنىڭدىن يۈز يىل مۇقەددەم، بىر ئۇلۇغ روھ روسىيە زېمىنىدا ئاجايىپ رەڭدار نۇرلارنى تاراتتى. تەڭرى ئىنسانلار دۇنياسىغا ئەۋەتكەن بۇ گىگانىت يۇلتۇز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى قويۇق تۇمان ئارىسىدا چاراقلاپ يېنىپ، ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. نۇرغۇن فرانسىيىلىكلەرنىڭ نەزىرىدە تولستوي ھۆرمەتكە سازاۋەر سەنئەتكار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىرداش دوست. مەنمۇ ئىلگىرى ئاشۇ ياشلارنىڭ بىرى ئىدىم. شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇمنى مۇقەددەس ئەسلىمىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلىسەمكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.

1886-يىلى بىر مەزگىللىك پىنھان ھالەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، روسىيە سەنئىتىنىڭ جەزبىدار گۈللىرى تۇيۇقسىز فرانسىيە تۇپرىقىدا پەيدا بولدى. تولستوي بىلەن دوستويېۋىسكىي ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىق كىتابخانىلاردا تەڭلا پەيدا بولدى ھەمدە تېز سۈرئەتتە سېتىلىشقا باشلىدى. بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بارلىق ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەسەرلەر، بىر مىللەتنى، يېپيېڭى بىر دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسەرلەر زاھىر بولدى.

ئۇ چاغدا مەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتاتتىم. سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە دائىم گەپ تالىشىپ قالساقمۇ، بىراق تولستويغا بولغان ھۆرمىتىمىز بىردەك ئىدى. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ئائىلىمىزدە ۋە باشقا ئۆلكىلەردە ئۇ قوزغىغان كۈچلۈك ئەكس ساداغا ئادەمنىڭ بەزىدە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بىر قېتىم مەن يۇرتۇم نىۋىكۇئادا سەنئەت دېگەنگە ئەزەلدىن قىزىقمايدىغان، ئەتراپىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلمايدىغان بىر بۇرژئازنىڭ «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» توغرىسىدا زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

بىز تولستوينىڭ روسسۇ، ستېندال قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايتتۇق. ئەمما، ئۇنىڭ ئۇلۇغ سېھرىي كۈچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيىسىدىن ھاسىل بولغانلىقى شەك-شۈبھىسىز ئىدى. ئىدىيە سەنئەت ساھەسىدە مەلۇم چەك ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تولستوينىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ روھى بىلەن بىرىكىپ، ئۆزگىچە بىر خىل ھاياتلىق تىنىقىنى ھاسىل قىلغان. روھىيەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ ئاۋاز دەل بىز ئۇزاقتىن بۇيان كۈتۈۋاتقان ئاۋاز ئىدى. ئارىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر خۇددى ماڭا ئوخشاش تې ۋوگوئىنىڭ «روسىيە ھېكايىلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرىنى تولستوينىڭ ئەسەرلىرىدىن كېيىن ئوقۇغانىدى. ئۇنىڭ مەدىھىيىسى بىزنىڭ قايىللىقىمىزنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. چۈنكى ئۇ روسىيە ھېكايىلىرىگە ئەدەبىياتشۇناسلىق مەيدانىدا تۇرۇپ باھا بەرگەنىدى. بىراق بىز ئەسەردىن زوقلىنىش بىلەنلا كۇپايە قىلمايتتۇق. بىز شۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ياشايتتۇق. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ ئەسىرىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن؛ ئۇنىڭ قايناق ھاياتى، قەلبى ۋە ياشلىقى، قىزىقىشى ۋە تېنىچلىققا بولغان تەلپۈنۈشى، شۇنداقلا مەدەنىيەتتىكى ئالدامچىلىققا بولغان كۈچلۈك غەزەب-نەپرىتى پۈتۈنلەي بىزنىڭ بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەبىئەتنىڭ تىنىقى، ئۇنىڭ نامەلۇم كۈچكە بولغان تۇيغۇسى، ئۇنىڭ چەكسىزلىككە بولغان ئېسەنكىرىشى بىزنى « بۇ بىزنىڭ ئەسىرىمىز» دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قوياتتى.



2

بۇ ئەسەرلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئوينىغان رولى «ياش ۋېرتېرنىڭ دەردى»نىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوينىغان رولىدىن قېلىشمايتتى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىمىز، شان-شەرەپ ۋە قورقۇنچىمىزنىڭ ئەينەن تەسۋېرى ئىدى. بىز بۇ زىددىيەتلەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى، پۈتكۈل كائىناتتىكى مۇرەككەپلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ روھنى دىن ۋە سىياسىينىڭ تار رامكىسى ئىچىگە قىستاپ كىرگۈزۈشنى پەقەتلا ئويلاشمىدۇق. بەزى چاكىنا ئادەملەردەك، تولستوي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گورۇھۋازلىق قارىشى بويىچە ئۇنىڭغا قاملاشمىغان باھالارنى بېرىپ يۈرۈشنى، ئۆزىمىزنى بۇ تالانت ئىگىسى بىلەن بىر مەزھەپتىكى ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشنى تېخىمۇ خىيالىمىزغا كەلتۈرمىدۇق! تولستوي بىز بىلەن بىر ئېقىمدىكى ئادەم بولسا نېمە بوپتۇ؟ بولمىسا نېمە بوپتۇ؟ دانتې بىلەن شېكىسپېر تاراتقان نۇر ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى يورۇتقان چاغدا، بىز ئۇلارنىڭ قايسى مەزھەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇردۇقمۇ؟

ھازىرقى ئوبزورچىلار «ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى ھەم ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى دەپ ئىككى تولستوي بار، بىرى ياخشى، يەنە بىرى ناچار» دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇ خىل قاراشقا بىز ھەرگىز قوشۇلمايمىز. بىزنىڭ قەلبىمىزدە بىرلا تولستوي بار، بىزنىڭ سۆيۈدىغىنىمىز بىر پۈتۈن تولستوي. بىز ئىنسانىي تۇيغۇ جەھەتتىنمۇ ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئورنىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

تولستويغا ئوخشاش سەنئەت بىلەن ھاياتنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرەلىگەن ئادەم ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمىھال تۈسىگە باي بولۇپ، كۈندۈلۈك خاتىرىسى ۋە ئەدەبىي خاتىرىلىرىدىن بىز ئۇ ياشىغان دۇنيانى تولۇق چۈشىنەلەيمىز.

تولستوي ئىككى جەمەتنىڭ مىراسخورى بولۇپ، نۇرغۇن مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېسىلزادە ھەم قەدىمىي جەمەتىنى خېلى يىللار ئىلگىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» ناملىق ئەسەردىكى نۇرغۇن تىپىك پېرسوناژلار ئۇنىڭ جەمەت ئەسلىمىسىدىن كەلگەن. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئانا جەمەت بوۋىسى يېكاتېرىنا (2) دەۋرىدىكى قېرى خانزادە ۋوركاننىسكىي بولۇپ، ۋولتېرچە مۇستەبىت ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئائۇستىرلىتىس ئۇرۇشىدا يارىلانغان، ئەمما ئامان قالغان. ئۇنىڭ دادىسى نىكولاي روستوف تولستويغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئانىسى، مەلىكە مارىيە چىراي –تۇرقى كۆرۈمسىز، ئەمما تولىمۇ مۇلايىم ھەم ئاق كۆڭۈل ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نى تېخىمۇ ئۆزگىچە نۇرانىيلىققا ئىگە قىلغان.

ئۇ ئۆز ئاتا –ئانىسىنى ئانچە تونىمايتتى. ئانىسى ئۇ تېخى ئىككى ياشقا كىرمىگەن چاغدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، تولستوي ئۇنىڭ كۈلۈمسېرەپ تۇرغان چىرايىنىلا غۇۋا ئەسلىيەلەيتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ سەمىمىي، ئۆزۈمچىل خاراكتېرى ۋە ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر تەبىئىي تالانتىنى تولستويغا ئېرسىيەت قالغان دېيىشكە بولاتتى.

دادىسىنىڭ كۆكسى-قارنى توق، غەمكىن، شۇنداقلا يومۇرىستىك ھەم يېقىملىق سىماسىمۇ ئۇنىڭ خاتىرىسىدە غۇۋا قېلىپ قالغان ئىدى. دادىسى ئۆلگەن چاغدا تولستوي ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قورقۇنۇشلۇق ھەم ئۈمىدسىز مىنۇتلار ئىدى. كېيىن ئۇ بۇ قورقۇنۇش ۋە ئۈمىدسىزلىكنى مەغلۇپ قىلىش ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ مەدىھىيىلەش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئۇلار جەمئىي بەش بالا ئىدى: لىف نىكۇلايىۋىچ، سېرگىي دىمىترىي، نىكولاي ۋە بىردىنبىر قىز مارىيا ياسنايا پوليانادىكى قەدىمىي قورۇقتا ياشايتتى. بۇ بالىلارنىڭ يېنىدا يەنە ئاقكۆڭۈل تاكىيانا ۋە ئالىكساندرا ئىسىملىك ئىككى ھاممىسىمۇ بار بولۇپ، خىرىستىئان دىنىغا چىڭ قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ ئىككى ئايال ناھايىتى دىيانەتلىك ئىدى. باشقىلارنى ۋاي دەپلا ئۆتەتتى. ھېچكىمدىن ياردىمىنى ئايىمايتتى. ئۇلارنىڭ ئەدەبلىك ھەم كەمتەر خىسلىتى تولستوينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ دۇئا تىلاۋىتى ۋە مېھىر مۇھەببىتى ئۆسمۈر تولستوينىڭ قەلبىگە ئېتىقاد ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ ئۇرۇقلار كېيىنكى يىللاردا راستىنلا مېۋە بەردى.

بىز «بالىلىق دەۋرىم» دىن ئۆسمۈر تولستوينىڭ رايىش ھەم سەمىمىي روھىنى، ئۇنىڭ باشقىلارنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ھەم شۇنىڭدىن ئۆزىنى بەختلىك دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى بەختسىز كىشىلەر ئۈچۈن ياش تۆككەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۆتكۈر سېزىمچانلىقى، بالدۇر يېتىلگەن كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە توختىماي پىكىر قىلىدىغان ئادىتى ئۇنىڭ تەبىئىي تالانتىنىڭ دەسلەپكى بىخ ھالىتى ۋە كەلگۈسىدە كۆرسىتىدىغان كارامەتلىرىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇ «كىشىلىك ھاياتنىڭ راھەت سۈرۈش ئەمەس، بەلكى ناھايىتى جاپالىق بىر مۇساپە» ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم تونۇپ يەتكەندە، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەنىدى. بىراق، ئۇ بۇنداق خىيالغا بىراقلا چۆكۈپ كەتمىدى. ئارىلىقتا ئۇمۇ ھەر خىل رۇس ئەپسانىلىرىگە، «ئىنجىل» قىسسىلىرىگە مەپتۇن بولۇپ كەتتى. يەنە تېخى «مىڭبىر كېچە»دىكى ھېكايىلەرگىمۇ ئالاھىدە قىزىقىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ خېلى بىر مەزگىللەرگىچە مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى دەرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئەمالار ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە چۆچەكلەرنى ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىدى.


3

ئۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئادەتتىكىچىلا ئوقۇدى. «ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم»، بولۇپمۇ «ياشلىق دەۋرىم» دېگەن ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەزگىلىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە چىن كۆڭلىدىن پۇشايمان قىلدى. ئۇنىڭ روھىي يەككە –يېگانە بولسىمۇ، ئەمما، كاللىسى قىزغىنلىق بىلەن تولغانىدى. بىرىنچى يىلى، ئۇ «ماڭا ماس كېلىدۇ» دەپ قارىغان ھەر خىل ئىلمىي تەلىماتلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقتى. ئۆزىنى توختىماي ئانالىز قىلىپ، قەۋەتمۇ-قەۋەت ئەقلىي خۇلاسە ئېلىپ باردى، بۇنداق قىلىش ناھايىتى ئاسانلا ئىدىيە بوشلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. «ھەتتا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ يەنە بۇنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مەنبە دەپ قارىدى. مۇشۇنداق روھىي پائالىيەت داۋامىدا ئۇ بارلىق ئېتىقادلاردىن مەھرۇم بولدى. ئەڭ بولمىغاندا ئۆزى شۇنداق دەپ ئويلايتتى. ئون ئالتە ياشقا كىرگەن چىغىدا ئۇ چېركاۋغا دۇئا-تىلاۋەت قىلغىلى بارمايدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئېتىقاد يوقالغان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ تېخىمۇ تېرەن جايىلىرىغا يوشۇرۇنغان ئىدى.

ئۇ بەزىدە خىيالى تۇيغۇلارغا ئەسىر بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ شەخسى ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىشنى، ھەتتا ئائىلە مۈلكىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئۇلارغا بېرىۋېتىشنى ھەمدە قايتا خىزمەتكار ياللىماسلىقنى ئويلاشقان... «چۈنكى ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئادەم» دەپ قارىغانىدى. بىر قېتىم ئاغرىپ قالغان چىغىدا ئۇ بىر پارچە «كىشىلىك ھايات مىزانى»نى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتابىدا ئۇ بىر ئادەم بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سەمىيمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. «ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ھالەتكە ئىنتىلىشىدە دەپ قارىدى».

ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى قايناق ھېسسىيات ۋە زىيادە غورۇرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ مۇكەممەللىككە بولغان ئىنتىلىشى پايدىلىق مەنىلەرگە ئىگە بولدى، ئۇ دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرۇشقا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە بەل باغلىدى. بىراق، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايتتى. ئۇنىڭ چىرايى مايمۇننىڭ چىرايىغىلا ئوخشايتتى: يۈزى سوزۇنچاق ھەم مۈدۈر-چوقۇر ئىدى، قىسقا چاچلىرى پىشانىسىنى يېپىپ تۇراتتى، كىچىككىنە ئورا كۆزلىرىدىن بىر خىل سۈرلۈك نۇر چاقنايتتى. بۇرنى يوغان ھەم كەڭ ئىدى. قېلىن كالپۇكلىرى ئالدىغا ساڭگىلاپ چىققان بولۇپ، قۇلاقلىرى سالپاڭ ئىدى. كىچىك چاغلىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق كۆرۈمسىز تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلانغان. ھەمدە « راۋۇرۇس بىر ئادەم بولۇش» قا قەسەمياد قىلغان ئىدى. بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «راۋۇرۇس بىر ئادەم بولۇش» ئۈچۈن ئۇ قىمار ئوينىدى، باشقىلاردىن پۇل قەرز ئالدى، ئۆزىنى بىراقلا ئەركىگە قويۇۋەتتى.

بىراق، ئۇنىڭ مۇتلەق سەمىمىيلىكى بۇ ئەيىپلەرنى يېپىپ كەتتى،-مەن ھازىر ھايۋاندەك ياشاۋاتىمەن،-دەپ يازغانىدى ئۇ «كۈندۈلۈك خاتىرە»سىگە،- مەن ئەسكىرىۋالدىم. ئۇ ئانالىتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى بىر-بىرلەپ تىزىپ چىقتى.

كېيىن، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە «راۋۇرۇس ئادەم» بولۇش خىيالىدىن زېرىكىپ، يۇرتىدىكى ئېكىنزارلىققا قايتىپ كەلدى. ئاۋام بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارغا ياردەم قىلدى. ئۇلارنى تەربىيىلىدى. بۇ كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ «بىر مۆتىۋەرنىڭ سەھىرى» دېگەنگە ئوخشاش دەسلەپكى بىر نەچچە پارچە ئەسىرىدە خېلى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. باش پېرسوناژغا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شاھزادە نىخرودوفنىڭ ئىسمىنى قويغان.

يىگىرمە ياشلىق نىخرودوف ئالى مەكتەپ تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بىر يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پاراۋانلىق خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. بىر يېزىنى زىيارەت قىلىۋاتقان چېغىدا ئۇ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ ھەم كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ.

«ئۇ پىئانىنونىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، قوللىرى بولسا پىئانىنو تىللىرىنى ئۆز ئىختىيارىچە باسماقتا ئىدى. ئاددىيغىنا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئۇنىڭ خىيالى دۇنياسىدا بارغانسېرى روشەنلىشىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ تىل بىلەن تەسۋېرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان مەيۇسانە بىر خىل قىزىقىشنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ بايا ئۆزى بىلەن پاراڭلاشقان دېھقانلارنى يەنە ئۇچراتتى. بىر خىل بىۋاسىتە تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرنىڭ غايەت زور بېسىمى ئاستىدىكى سەۋرچانلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى كۆرۈپ يەتتى». ئۇلارنىڭ ئائىلىگە بو لغان قىزغىنلىقى ۋە كۆيۈمچانلىقى ئۇنى تەسىرلەندۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشكە نىسبەتەن نېمىشقا ساداقەتمەن پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدى. دېھقانلارنىڭ جاپالىق، ئەمما ساغلام تۇرمۇشى ئۇنىڭ روھىنى قايتىدىن ئويغىتىشقا باشلىدى...

«نېمىدېگەن گۈزەل!- دەيدۇ ئۇ ئۆز-ئۆزىگە،- مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلالمايمەن!؟» بۇ ئەسەردە تولستوي ئۆزىنى پۈتۈنلەي باش قەھرىمانغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. شەخسلەرنى ئۆتكۈر نەزەر بىلەن كۆزەتكەن. بىراق كۆزىنى يۇمغىنىدا، ئۇ يەنە ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببەتنىڭ خىيالى دۇنياسىغا غەرق بولغان.




4



ۋە ھالەنكى، 1850- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە تولستوي نىخرودوفتەك سەۋرچان بولالمىدى. ياسنايا ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ خۇددى ئېسىلزادىلەرگە ئوخشاش ئاۋامدىنمۇ زېرىكتى. ئۆزىگە ئۆزى بېكىتكەن مەجبۇرىيەت ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا قەرز ئىگىلىرى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئارامىدا قويمىدى. 1851-يىلى ئۇ كافكازغا قېچىپ بېرىپ، ئاكىسى نىكولاي ئوفىتسېر بولۇپ تۇرۇۋاتقان قىسىمنىڭ ئارىسىغا مۆكۈۋالدى.

بۇ يەرنىڭ ساپ تاغ ھاۋاسى ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ تەڭرىنى قايتىدىن تېپىۋالدى. يېڭىۋاشتىن ئېرىشكەن جىمجىت بەخت ئىچىدە ئۇ تەڭرىنى ياد ئەتتى. قەلبى ھاياجانغا چۆمدى. 1852-يىلى يازغان «ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم»، «بىر مۆتىۋەرنىڭ سەھىرى»، «ياشلىق دەۋرىم» ۋە «تاجاۋۇز» ناملىق ئەسەرلىرى ئۇنىڭ شەپقەتلىك تەڭرىگە بولغان تەشۈككۈرىگە ۋەكىللىك قىلدى. ئۇ تەڭرىگە چىن قەلبىدىن ئىخلاس باغلىغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، ئىشقى ھەۋەس ئۇنىڭ روھىنى ئوخشاشلا ئەگىپ يۈردى. ئىشقى ھەۋەس بىلەن ئىلاھلارغا بولغان ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىراقلا ئۇرغۇتۇۋەتتى.




5




1851-يىلى كۈزدە تولستوي دىفلىستا «بالىلىق دەۋرىم»نى يېزىشقا باشلىدى. بۇ ئەسەر 1852-يىلى كافكازدىكى پىئادىگىسكىيدا تاماملاندى. بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغدا ئۇ ئاغرىق بولغاچقا، قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. تەنھا ھەم ئازابلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ خۇشاللىققا، سەبىيلىككە ۋە قايناق شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان بالىلىق تۇرمۇشىنى ئەسلىدى. قەلبى ئىللىقلىققا ۋە ئازابقا چۆمدى. نەچچە يىلدىن بۇيانقى مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە قاتتىق ئېچىندى.

كېيىن، تولستوي بۇ داڭلىق ئەسىرىگە ناھايىتى كەسكىن ۋە سوغۇققان مۇئامىلە تۇتتى. ئەسەرنىڭ ئەسلى ئورگىنالىنى روسىيىدىكى داڭلىق «زامانداشلار» ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ، تېزلا ئېلان قىلدۇردى ھەمدە پۈتكۈل ياۋروپادا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلغان بۇ كىتابتىكى ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا سالغان مەزمۇنلار ئەمەلىيەتتە دەل تولستوينى بىزار قىلغان مەزمۇنلار بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ئۇ مەزمۇنلارغا ئامال بار يېقىنلاشماي ئۆتتى.

تولستوي دەسلەپكى چاغلاردا ھەممە ئادەمگە تونۇش ئادەتتىكىچە بىر بالا ئىدى. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى شەكىللىنىشكە باشلىدى. «ياشلىق دەۋرىم»دە ئۇ روھى بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە تەبىئەتكە بولغان كۈچلۈك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. «بىر مۆتىۋەرنىڭ سەھىرى»دە بولسا، ئۇنىڭ دادىل ھەم سەمىمىي كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە مۇھەببەتكە بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ روشەن ئەكىس ئەتتى. بۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى «كافكاز خاتىرىلىرى» ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇھەببەت قارىشىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بەردى. ئۇنىڭ «تاجاۋۇز» ناملىق بىرىنچى بابىدا تەسۋېرلەنگەن ئاجايىپ مەنزىرىلەر كىشىنى ھەممىدىن بەك ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىر ئېقىننىڭ بويى، قۇياش ھەيۋەتلىك تاغلار ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. كەچتە بولسا قارلىق چوققىلار سۆسۈن رەڭ تۇمانلار ئارىسىدا غايىب بولىدۇ. سۈپسۈزۈك ھاۋادا ئەسكەرلەرنىڭ تەسىرلىك ناخشا ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەردە تولستوينىڭ ھەقىقى قىياپىتى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزەتكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاتناشمىغان. ئۇ ئۇرۇشقا قارشى مۇنداق خىتاپ قىلغان:

« دۇنيا شۇنچىلىك گۈزەل تۇرسا، ئادەملەر نېمىشقا تېنچ، ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرمەيدۇ؟ مۇشۇنداق بىپايان، يۇلتۇزلۇق ئالەمدە نېمىشقا ئۆچمەنلىك، زەھەرخەندىلىك ۋە ئۆزئارا قىرغىنچىلىق مەۋجۇت بولىدۇ؟»

«كازاك»- ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ تولستوينىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئەڭ لىرىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تالانتى بۇ ئەسەردە ھەقىقەتەنمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ جارى قىلدۇرۇلغان. كىتابتىكى باش قەھرىمان ئولىنېن تولستويغا ئوخشاشلا كافكازغا بېرىپ، خەتەرلىك ھەم يېڭىۋاشتىن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇ كافكازلىق بىر قىزغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبتىن قاتمۇ قات زىددىيەتلەر ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. دىنىي چەكلىمىلەر ۋە كىشىلىك دۇنيانىڭ ھوزۇر- ھالاۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئازابلىنىدۇ. ئاخىرىدا، بىر خخل تەلۋىلەرچە ناتۇرالىستىك ئىدىيە ئۇنىڭ روھىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ: ھاياتلىقنىڭ ئۆزى گۈزەللىك، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى ئالىي بەخت، مۇكەممەل ھاياتلىققا نىسبەتەن «ھايات»نىڭ ئۆزى ئىلاھتۇر. ئۇ ئورماندا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ. كۆرۈنمەس جان-جانىۋارلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە ئۇ «تىل بىلەن تەسۋېرلىگۈسىز بىر خىل بەختنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالىدۇ. بالىلىق دەۋرىدىكى ئادىتى بويىچە مەيدىسىگە كرېست بەلگىسىنى سىزىپ، كىملەرگىدۇر تەشەككۈر ئېيتىدۇ». بۇ يەردە ئۇ بىر روسىيىلىك مۆتىۋەر، مۇسكۋانىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكى زات ياكى كىملەرنىڭدۇر دوستى ۋە تۇغقىنى بولماستىن، بەلكى پاشىغا، ئەركەك قۇشقا، بۇغىغا، ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بارلىق جانلىققا ئوخشاش بىر ھايات جىسىمغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.

كافكاز تولستوينىڭ ھاياتىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر دىنىي خاراكتېرنى ئويغاتتى. بۇ ھەققانىي روھ تۇنجى قېتىم نامايان بولغاندا كىشىلەر ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرەلمەي قالدى. 1859-يىل 5- ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى بىر پارچە خېتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ھاممىسى ئالېكساندرا ئاندىرىيېۋناغا ئېيتىپ بەردى.

« كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەن كۆپ پىكىر قىلمايتتىم. مەندىكى ئېتىقاد قىزغىنلىق ۋە ھەسرەت-نادامەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغان ئېتىقاد ئىدى. ئون تۆت يېشىمدىن باشلاپ كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. دىن مېنىڭ خىياللىرىم بىلەن بىر يەردىن چىقماي قالدى. ماڭا نىسبەتەن ھەممە نەرسە چۈشىنىشلىك ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى. مەن ھەممىنى قەدەممۇ قەدەم تەھلىل قىلىپ ئۆز ئالدىمغا يەكۈن چىقارغان. دىنغا ھېچقانداق ئورۇن قالدۇرمىغان ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن، مەن دىننى يوقىتىشنى ماختاشقا ئەرزىگۈدەك ئىش دەپ قارىدىم... كېيىن، مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا، كىشىلىك ھاياتنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى قالمىدى. بىراق، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلىك ھايات مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىشقا باشلىدى. ئۇ چاغلاردا، يەنى كافكازدىكى چاغلىرىمدا، مەن تەنھالىققا، غەم-ئەندىشىگە دۇچار بولدۇم. مەن گويا ئادەم ئۆز ھاياتىدا پەقەت شۇ ئىشنىلا قىلىدىغاندەك، پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئىزدەندىم...بۇ مېنىڭ غايە ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتىغان بەختلىك مەزگىلىم بولدى. مۇشۇ ئىككى يىلدا مېنىڭ ئىدىيەم ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقىمغان يۈكسەكلىككە يەتتى. مۇشۇ مەزگىللەردە مەن ئېلىپ بارغان چوڭقۇر كۆزىتىشلەر مەن دىققەت قىلغان بارلىق نەرسىنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئىككى يىلدىن بېىر مەن مۇشۇنداق روھى ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولدۇم ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ھەقىقەتنى، قەدىمىي ۋە ئاددىي بىر ھەقىقەتنى تېپىۋالدىم. مەن ئىنسانلار خاراكتېرىدىكى باشقىلار ئانچە ھېس قىلىپ يەتمىگەن بىر ئۆلمەس خاراكتېرنى، يەنى بىر خىل مۇھەببەتنى، بىر خىل مەڭگۈلۈك مۇھەببەتنى تونۇپ يەتتىم. بۇ خىل مۇھەببەتكە نائىل بولۇش ئۈچۈن، ئادەم چوقۇم باشقىلار ئۈچۈن ياشىشى كېرەككەن. مەن بۇ نۇقتىنى چۆچۈگەن ھالدا بايقاپ قالدىم. چۈنكى ئۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشاش ئىكەن. شۇڭا مەن ئۆز يۆنىلىشىم بويىچە داۋاملىق ئالغا قاراپ كېتىۋېرىشتىن باش تارتىپ، پۈتۈن ئۈمىدىمنى ‹ئىنجىل›غا قاراتتىم. لېكىن مەن ھېچنېمىنى تاپالمىدىم. ئىلاھمۇ، ئالەمنىڭ نىجاتكارىمۇ كۆرۈنمىدى. ھېچنېمە يوق... مېنىڭ روھىم چارچىدى، مەن بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە ئازاب ئىچىدە ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇنىڭغا ئىنتىزار بولۇۋاتىمەن... مەن ئۆز دىنىم بىلەن بىللە تەنھا بىر مەۋجۇتلۇققا ئايلىنىپ قالدىم.»

خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«سىز مېنى چۈشىنىپ قېلىڭ!... مېنىڭچە، دىننىڭ مەدىتى بولمىسا، ئادەمنىڭ ساخاۋەت يولىغا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بەختكە ئېرىشەلىشى تېخىمۇ يوق ئىش ئىكەن. مەن دىننىڭ پېشىنى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇپ تۇرالىسامكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. چۈنكى، مېنىڭچە، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپلا قالسام روھىم قۇرۇپ تۈگەيدۇ. لېكىن، مەن دىنغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن. مېنىڭچە بولغاندا، دىنى كىشىلىك ھاياتنى ياراتقان ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھايات دىننى ياراتقان. شۇ تاپتا مېنىڭ قۇرغاق قەلبىم دىننىڭ ئابى زەمزەم سۈيىگە تولىمۇ موھتاج. ئىشىنىمەنكى، ئىلاھ ماڭا چوقۇم مەدەت بېرىدۇ. ئارزۇ-ئىستەكلىرىم چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ...»




6




1853-يىلى 11-ئايدا، روسىيە تۈركىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. تولستوي دەسلەپتە رومىنىيىدىكى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىدى. كېيىن قىرىمدىكى قىسىمغا يۆتكەلدى. 1854-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى يەنە سۋاستىپولغا باردى. ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ئۇنىڭ قەلبىدە يالقۇنجىدى. ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك سەپلىرىدە تۇرۇشقا رازى بولدى.

ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ۋە قورقۇنۇچلۇق مۇھىت ئىچىدە ياشىغاچقا، ئۇ يەنە دىندىن مەدەت تىلىدى، يەنە ئىلاھ بىلەن مۇڭدىشىشقا باشلىدى. 1855-يىلى 4- ئايدا، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە بىر مۇنچە دۇئا –تىلاۋەت سۆزلىرىنى يېزىپ، تەڭرىنىڭ ئۆزىنى ھەر خىل مۈشكۈلاتلاردىن ساقلىغانلىقىغا ھەمدۇسانا ئېيتتى ھەمدە تەڭرىنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق قوغدىشىنى تىلىدى.

كۆز ئالدىدىكى بارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە بىر قېتىم يېزىقچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇرۇش قالايمىقانچلىقىدا ئۇنىڭ يېتەرلىك زېھنىي قۇۋۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى پارچە ئەسلىمىسى «ياشلىق دەۋرىم»نى ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى قالايمىقان، مەزمۇنى چۇۋالچاق بولۇپ قالدى. يەنە كېلىپ تولۇق پۈتمىدى. شۇنداقتىمۇ كىشىلەر سالماق ھەم چوڭقۇر پىكىرلىك بىر ياشنى ھەيران بولغان ھالدا بايقىدى.

گراف لىف تولستوي ئىسىملىك بۇ ئوتتۇرا ئەترەت كاپىتانى توپ-زەمبىرەك سادالىرى ئىچىدە يۈرۈپ، تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتقانلارنى كۆزەتتى. ئۇنىڭ «سۋاستىپول خاتىرىلىرى»دە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن پاجىئە دەل شۇنىڭدىن كەلگەن.

بۇ ئۈچ ئەسلىمە ناھايىتى زور تەسىر قوزغىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، روسىيە خانىشى بىرىنچى پارچە خاتىرىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتكەن. روسىيە پادىشاھىمۇ قاتتىق ھاياجانلىنىپ، ئۇنى فرانسوز تىلىغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن ھەمدە ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى خەتەرلىك رايونلاردا تۇرغۇزماسلىققا بۇيرۇغان. بۇنىڭ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق ئىدىيىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى بىزگە ئايان. ئۇ چاغلاردا تولستوي ئەمدىلا ئارمىيىگە قاتناشقان بولغاچقا قەھرىمانىزملىق ئىدىيىسى كۈچلۈك ئىدى. ئۇرۇشقا نىسبەتەن ئۇنىڭدا پەقەت گۈزەل تەسىراتلار بار بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ پەسكەشلىكى ۋە شەپقەتسىزلىكىنى ئۇ تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەن. يەنى ئۇ «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر يۈكسەك داستان» دەپلا قارىغان.

ئىككىنچى خاتىرە بىرىنچى خاتىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان قىلىپ يېزىلدى. تولستوينىڭ ئۆتكۈر نەزىرى ھەمراھلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزەتتى؛ ئۇ مەنمەنلىك ، توخۇ يۈرەكلىك ۋە ئەزرائىل ئالدىدىمۇ تەن بەرمەسلىكتەك كىشىلىك دۇنيا كومېدىيىسىنى كۆردى ھەمدە بۇلارنى ئۆز پېتىچە ئاشكارىلىدى. ئۇ ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە شەپقەتسىزلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.

«تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ غۇرۇرى بۇ يەردە ئۆزئارا توقۇنۇشماقتا ياكى بولمىسا ئەزرائىلنىڭ ئالدىدا تۇنجۇقماقتا...»

ئۇ بۇ بىر ئابزاس باياننى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئازابلىق ئىبارىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى. بىراق ئۇ بۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن دەپ گۇمانلىنىپ قالدى. «قورقۇنچلۇق بىر خىل گۇمان مېنى چېرمىۋالدى. بەلكىم بۇلارنى دەپ يۈرمەسلىكىم كېرەك بولغىيتتى. مېنىڭ دېگەنلىرىم ئېھتىمال قاباھەتلىك ھەقىقەتنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئاڭسىز رەۋىشتە ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. خۇددى ھاراقنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنى چالغىتىشقا بولمىغىنىدەك، بۇ قاباھەتلىك ھەقىقەتنىمۇ ھازىرچە ئاشكارىلىماي تۇرۇش كېرەك بولغىيتتى... كىم قەھرىمان، كىم يالماۋۇز؟ بىر قارىسىڭىز ھەممىسى ياخشى، يەنە بىر قارىسىڭىز ھەممىسى ئەسكى...»

لېكىن ئۇ يەنىلا مەردانىلارچە ئۆزىنى توختىتىۋالدى:

«مەن بۇ ئەسىرىمدىكى باش قەھرىماننى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن، شۇڭا ئۇنىڭدىكى بارلىق گۈزەللىكنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشتىم. بۇرۇن، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، ئۇ مەڭگۈ گۈزەل ، مانا بۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى.»

«زامانداشلار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى نىكراسوف مانا مۇشۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تولستويغا خەت يېزىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بۈگۈنكى روسىيە جەمئىيىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزى، گوگۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ھەقىقەت روسىيە ئەدەبىياتىدا نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى...سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدە كۆرسىتىپ بېرىلگەن ھەقىقەت بىز ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولدى.»

بىراق شۇ چاغدا سۋاستىپول قولدىن كېتىپ، دۆلەت ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغاچقا، تولستوي ئۆزىنىڭ بەزى ۋەقەلەرن بەك ئاشكارە يېزىۋەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى. ئۈچىنچى پارچە خاتىرىسى «1885-يىلى ئاۋغۇستتىكى سۋاستىپول»دا ئۇ ئىككى ئوفىتسېرنىڭ قىمار سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا توختىۋالدى ھەمدە مۇنداق دېدى:

«بۇ خىل مەنزىرە ئايان بولۇشتىن ئىلگىرى مەن سۆزۈمنى دەرھال توختىتىۋالاي. ئەتە ياكى بۈگۈن بۇ كىشلەر بەختلىك ھالدا ئۆلۈمگە قاراپ ماڭىدۇ. ئالىيجانابلىق ئوتى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. بۇ ئوت ئۇلارنى ئاخىرقى ھېسابتا قەھرىمانغا ئايلاندۇرىدۇ.»

ئۇ بۇ كىتابىدا ۋوركا ئىسىملىك بىر ياشنى تەسۋېرلىدى. ۋوركا قورقۇنچاق، ئەمما قىزغىن يىگىت بولۇپ، دەسلەپ قورغانغا كىرگەن چېغىدا بەكلا قورقۇپ كېتىدۇ. ھەتتا كېچىسى بېشىنى دوپپىسىغا چۆمكەپ ئۇخلايدۇ. ئۆزىنى تەنھا ۋە بۇرۇقتۇرما ھېس قىلىدۇ. بىراق، سۈرلۈك ھەم جىددى مىنۇتلاردا ئۇ خەتەر ئىچىدىن خۇشاللىق تاپالايدۇ. شەھەرنى قوغداش جېڭىنىڭ ئاخىرقى كۈنى قۇربان بولىدۇ.




7



ئەمدىلا دوزاقتىن يېنىپ چىققان تولستوي ئۆزى ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ھەم پەس كۆرىدىغان يەنە بىر چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى. 1855-يىلى 11-ئايدا سانكىت-پېتېربۇرگدىكى ئەدىبلەر ئارىسىدا چۆرگىلەپ يۈردى. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ كىشىلەر پەسكەش ھەم ياسالما ئىدى. يىراققا نەزەر تاشلاپ سەنئەتنىڭ نۇرىنى ھەممە يەرگە تارىتىۋاتقان تۇرگېنېفقا ئوخشاش كاتتا قەلەمكەشلەرمۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.

ئۇنىڭ 1856-يىلى تۇرگېنېف، ئوستروۋسكىي، گانساروف، دېروژنىن ۋە گىرىگورىۋىچ قاتارلىقلار بىلەن بىللە چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتى بار. سۈرەتتە، باشقىلار ناھايىتى ئىختىيارىي ھالەتتە تۇرغان، پەقەت تولستويلا قاتتىق ھەم سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇۋالغان بولۇپ، ئوي-چوڭقۇر يۈزى، دوقا بېشى ھەمدە ئۆزئارا كىرىشتۈرۈۋالغان قوللىرى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرق ھاسىل قىلغان. ئۇ ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيگىنىچە بۇ ئەدىبلەرنىڭ كەينى تەرىپىدە تۇرغان. خۇددى سۇئارىس ئېيتقاندەك: «ئۇ بۇ چەمبىرەككە ئىشتىراك قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى بۇ ئادەملەرنى نازارەت قىلىۋاتقاندەك، ئۇلارنى ھېلىلا ھەپسىگە ھەيدەپ ماڭىدىغاندەك قىياپەتتە تۇراتتى.»

بۇ ياش كەسىپدىشىغا ئەدىبلەر ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە تۇتتى. بىراق، تولستوي ئۇلارن كۆزىگە سىغدۇرالمىدى. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب- بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى بىر مۇنەۋۋەر قاتلامغا تەۋە، ئىنسانلارنىڭ يولباشچىسى دەپ قارايتتى؛ يەنە بىر سەۋەب تولستوينىڭ خاراكتېرى بولۇپ، ئۇ كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان بارلىق ھۆكۈملەرگە قارشى تۇراتتى. ئۇنىڭدىكى گۇمان ئۇنىڭ ئىنسانلاردىكى ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىقنى بايقىۋېلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى.

«ئۇ باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتىگە مەڭگۈ ئىشەنمەيتتى، ئۆزى راست گەپ قىلمىدى دەپ قارىغان ئادەمنى ناھايىتى چوڭقۇر نەزەر بىلەن كۆزىتەتتى.»

تۇرگېنېف ئۆزىنىڭ بۇنداق ئۆتكۈر نەزەرنى ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇنىڭ شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئېيتقان بىر نەچچە جۈملە زەھەرخەندە سۆزىگە ئادەم چىداپ تۇرالمايتتى. تولستوي بىلەن تۇرگېنېف تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چېغىدىلا بىر-بىرىنى ياقتۇرمىدى. كېيىنچە ئۇلار ئۆزلىرىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئۆز ئارا تونۇش ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت تولستوينى بۇ ئەدىبلەر توپىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ سەنئەتكارلارنىڭ بىر تەرەپتىن چىرىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش ئەخلاق توغرىسىدا جار سېلىشلىرى ئۇنىڭ پەقەتلا كۆزىگە سىغماي قالدى.

بىراق، مەلۇم مەزگىللەرگىچە ئۇ ئۇلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تۆھپىسىگە ئېتىراپ قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. سەنئەت ئۆزى ئاتا قىلغان «شان-شەرەپ، پۇل، ئايال...»نى رەت قىلمىدى. بەلكى ئۆزىنى شۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ قارىدى.

ئۇ ئىلگىرىلەشكە ئىشىنەتتى. لېكىن 1875-يىلىدىكى ساياھىتى ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى تەۋرىتىپ قويدى. شۇ يىلى 4-ئايدا ئۇ پارىژدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، «ئىلگىرلەشكە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كېتىشنىڭمۇ بىر خىل ئەخمەقلىك ئىكەنلىكىنى» تونۇپ يەتتى.

«... باشنىڭ تەندىن ئاجراپ يەرگە چۈشكىنىنى كۆرگەن چېغىمدا، ھاياتىمدىكى ھەرقانداق بىر پىرىنسىپ بۇنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر بۇنى زۆرۈر تەدبىر دەپ قارىغان ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق نەزەرىيىگە ئاساسلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن بۇنى ئەقىگە مۇۋاپىق ئىش دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىققا ھۆكۈم چىقىرىدىغىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى مېنىڭ قەلبىم...»

ئۇ يەنە دېھقانلار ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ ئاۋامغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغانلارنىڭ گېپىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتى. ئاۋام بىر توپ ياخشى كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان گورۇھ بولۇپ، تولستوي ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ھەرىكىتىدىن بىر خىل شەپقەتسىزلىكنى كۆرۈۋالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، جىددى ئويغىتىشقا تېگىشلىك بولغىنى كۆپچىلىكنىڭ شەخسى ئېڭى، بولۇپمۇ ھەر بىر بالىنىڭ ئېڭى ئىدى. شۇڭا ئۇ دەرس ئۆتۈشنى ئانچە بىلمىسىمۇ مەكتەپ ئاچتى. 1860-يىلىدىن 1861-يىلىغىچە ئۇ ياۋروپاغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، ھەر خىل مائارىپ نەزەرىيىلىرىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ ئۆگەندى. ئاندىن ئۇلارنى ناھايىتى تېزلا چۆرۈپ تاشلىدى. مارسېلدا ئۇ ھەقىقىي خەلق مائارىپىنىڭ مۇنتىزم مەكتەپلەردە ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتە، گېزىت-ژۇرنال، مۇزېي، كۇتۇپخانا، كوچىلار ھەمدە تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ھالقىلاردا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ ئۆردەك بورداش ئۇسلۇبىدىكى مەكتەپ مائارىپىغا قارشى تۇردى. ئاۋامنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋى ئېھتىياجى بولىدۇ، ئاتالمىش مۇنەۋۋەر قاتلامدىكىلەر ئۇلارنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قارىدى ھەمدە ياسنايادا بىر تەجرىبە ئېلىپ بېرىش نىيىتىگە كەلدى. 1861-يىلى ئۇ كراپىۋنا رايونىنىڭ يەرلىك سودىيىلىكىگە تەيىنلەندى، ئۇ پومېشچىكلار بىلەن ھۆكۈمەت ھوقۇقنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاۋامنىڭ ھېماتچىسى بولۇشقا ئۇرۇندى.

بىراق، بۇ خىل ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئۇنى قانائەتلەندۈرەلمىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا بىر-بىرىگە زىت ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق مۇرەككەپلىك ئىچىدە قايمۇقۇپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتى. ئۇ بۇ مەزگىلدە يازغان «ئىككى يېنىك ئاتلىق چەۋەنداز»، «ئالبېر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى باشقا ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن روشەن پەرقلىنىپ قالدى. ئۇ ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىنىشقا، سەنئەتتىن گۇمانلىنىشقا ۋە زېرىكىشكە باشلىدى. بۇ بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئىدى. ئۇ ئىزدىنىش ۋە شۈبھە ئىچىدە سەۋرسىز ھەم تېرىككەك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ «ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بەخت» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. بۇ ئۇنىڭ شۇ چاغقا قەدەر يازغان ئەڭ ئېسىل ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى مۇھەببەت ياراتقان مۆجىزە دېمەي بولمايدۇ.

نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئۇ بېلس ئائىلىسى بىلەن ئىزچىل دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن ھەمدە بۇ ئائىلىدىكى بىر ئانا، تۆت قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. كېيىن، ئىككىنچى قىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. ئەمما بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. سوفىيە ئاندىرىيېۋنا بېلىس ئەمدىلا ئون يەتتە ياشقا كىرگەن بالا، تولستوي بولسا ئوتتۇزغا كىرىپ قالغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئۈچ يىل چىدىدى. كېيىن «ئاننانىڭ كىچىك تارىخى»دا ئۆزىنىڭ سوفىيەگە بولغان مۇھەببىتىنى قانداق ئىزھار قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى- ئىككىسى بىر تال قەلەم بىلەن ئۆزلىرى دېيىشكە پېتىنالمايۋاتقان گەپنىڭ بىرىنچى ھەرپىنى شىرەگە يېزىپ بىر-بىرىگە كۆرسەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى سوفىيەگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى، ئۆز قەلبىنى ئۇنىڭغا تولۇق تاپشۇرغانلىقىنى يوشۇرماي بايان قىلىپ بەردى. 1862-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇلار توي قىلدى.

توينىڭ پۈتكۈل جەريانى توغرىسىدا ئۇ ئۈچ يىل بۇرۇن «ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بەخت»نى يازغان چېغىدىلا ئەستايىدىل ئويلىشىپ قويغان، ئۈچ يىل مابەينىدە ئاشۇ ئويلىغانلىرىنى بىر قۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان: دەسلەپكى مۇھەببەتنىڭ خۇشاللىقى، يېڭى نىكاھنىڭ شېرىن لەززىتى، ئاندىن بىر خىللا رىتىمدىكى تۇرمۇش بۇرۇقتۇرمىلىقى، بىلىپ-بىلمەي كۆرۈلۈپ قالىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئىككى قەلبنىڭ ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشى؛ ئاخىرىدا كۆڭۈلنىڭ سوۋۇشى، مۇھەببەتنىڭ قېرىشى، كۆز يېشى، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە قېرىلىق مەزگىلدىكى جىمجىتلىق، ئۆتكەن ئۆمۈرگە بولغان ئويلىنىش دېگەنلەرنى ئۆز خىيالىدا بىرمۇ بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان. «ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بەخت»تە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئايالنىڭ قەلبى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق لىرىك ئۇسلۇبتا ئەسەر يېزىشى، قەلب گۈزەللىكىنى تۇنجى قېتىم ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ تەسۋېرلىشى ھېسابلىناتتى.

نىكاھ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭغا كۆپ مەدەتكار بولدى. ئۇ چارچىغان، ھارغانىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى زوق-شوخ بىلەن مەدىھىيلەپ تۇرۇپ ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ بىر مەزگىل سۈكۈتكە چۆمۈپ كەتتى. مەكتەپنىڭ ئىشلىرىمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن زېھنىنى تارتىپ كەتتى.




8




تولستوي ئەڭ زور قىزغىنلىق بىلەن ئائىلە بەختىدىن ھوزۇرلاندى. ئەمەلىيەتمۇ بۇ بەختنىڭ ھوزۇرلىنىشقا ئەرزىيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. گراف تولستوي خانىم ئىستېداتلىق، ئىشلارغا پۇختا، چېۋەر ئايال ئىدى. ئۇ ئېرىنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىشاتتى. ئۇنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى خاتىرىلەيتتى. ئورگىناللىرىنى رەتلىك كۆچۈرۈشۈپ بېرەتتى. ئۇ تولستوينىڭ روھىنى سىرىتقى دۇنيانىڭ زەخمىسىدىن كۈچىنىڭ بارىچە قوغدايتتى. ئاياللارغا خاس مېھرىبانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن بىزنىڭ بۇ تالانت ئىگىمىزنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ تۇراتتى. ئاشۇ مەزگىللەردە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاياللار ئوبرازلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىرلا قاراپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»تىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى كۆپرەك تەسۋېرلەنگەن.

شۇ مەزگىللەردە، 19-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئىككى بۈيۈك ئەسەر-«ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» بىلەن «ئاننا كارىنېنا» مەيدانغا كەلدى. ناۋادا، تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ بىر مەزگىللىك بەختلىك نىكاھ بولمىغان بولسا، تولستوينىڭ ئون يىلدىن ئون توققۇز يىلغىچە داۋاملاشقان تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلىشىنى ھەمدە مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالىشىنى ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» زامانىمىزدىكى ئەڭ بۈيۈك تارىخى داستان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاساسى روھ «ئىليادا» داستانى بىلەن تومۇرداش. تولستوي سۋاستىپول شەھىرىدىكى ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىلىرىدىن روسىيىنىڭ دۆلەت روھى ۋە ئۇنىڭدىكى قەدىمىي ھاياتلىقنى كۆرۈپ يەتكەن.

ئادەتتە، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابتىكى سان-ساناقسىز ۋەقەلىكلەردىن ھەيرانۇ-ھەس قالىدۇيۇ، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئەبەدىي جىمجىتلىقنىڭ قانۇنىيىتىنى، تەقدىرنىڭ كۈچلۈك ھەم جىددى تىنىقىنى، شۇنداقلا ھومېرچە روھنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.

ئەڭ دەسلىپىدە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا چەكسىز كەتكەن تىپتېنچ دېڭىز ئايان بولىدۇ. ئالدىنقى يۈز بەتتە تولستوي ئىنچىكە تەسۋېر ۋە كىنايىلىك ئۇسلۇب ئارقىلىق روسىيىدىكى تىمتاس تېنچلىقنى، بىكار لاغايلاپ يۈرگەن چۈشكۈن ئەرۋاھلارنى، ئانچە-مۇنچە ئاق كۆڭۈللۈكنى ئىپادىلەپ قالىدىغان ئادەملەرنى سۈرەتلىگەن.

ھايال ئۆتمەيلا، بۇ دېڭىزدا دولقۇن كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. روسىيە ئارمىيىسى ئاۋىستىرىيىگە يېتىپ بارىدۇ. كىشىلەر پائال ھەرىكەتلەنمەستىن، بەلكى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تاسادىپىي ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلارغا قاراپ ئولتۇرىدۇ. ئۆلۈك سۇدىن قوزغالغان يېنىك دولقۇنلار ناھايىتى تېزلا تېنچىپ قالىدۇ. ھەقىقىي خەتەر ئاخىر يېتىپ كېلىدۇ. 1851-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بروكنىنو كەنتى قولدىن كېتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت شۇ ھامان غايىپ بولىدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھى ۋە مۇقەددەس پەرمانغا بولغان شەرتسىز ئىتائەتمەنلىك ھەممە قەلبلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدۇ.

تولستوي مۇشۇ يەردىلا توختاپ قالمىدى. ئۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا ناپولېئون دەۋرىدىن دېكابىرىستلار دەۋرىگىچە بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلنىمۇ بايان قىلىپ بېىرش ئارقىلىق كىشىلەرگە ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يېڭى بىر ئەۋلاد باھادىرلارنىڭ پانىي ئالەمدە تىرىلگەن ئەرۋاھلار بىلەن ئۆزئارا تۇتۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

كىتابتا تەسۋېرلەنگەن نەچچە يۈز قەھرىماننىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، كىشىگە تولىمۇ ھەقىقىي تۇيۇلىدۇ. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نىڭ ئەڭ چوڭ سېھرىي كۈچى يەنىلا ئۇنىڭدىكى ياپيېشىل قەلبتە. ئەسەردىكى ياش نىكولاي روستوف، سونىيە، بىچارە كىچىك پىكا قاتارلىقلارنىڭ بۇلاق سۈيىدەك سۈپسۈزۈك مەسۇم قەلبى كىشىنى خۇددى مۇزارتنىڭ لىرىك مىلودىيىلىرىدەك چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.

ھەممىدىن گۈزىلى ئەلۋەتتە ناتاشا. بىز ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولغىنىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇ سىرلىق ھەم سۆيۈملۈك. ئۇنىڭدا مۇھەببەتكە ھېرىش قەلب بار. ناتاشا ئاي نۇرى تۆكۈلۈپ تۇرغان باھار كېچىسى ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە قەلبىدىكى يارى بىلەن مۇڭدىشىدۇ. ئاندىرىي ئۈستۈنكى قەۋەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىۋالىدۇ... مۇھەببەت بىخ سۈرۈۋاتقان قەلبلەر، تۇنجى قېتىملىق ئۇسۇل، مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش، چەكسىز ئارزۇ-ئۈمىد ۋە خىيالى تەسەۋۋۇر كۆز ئالدىمىزدا كەينى-كەينىدىن ئايان بولىدۇ. روماندا ھاياتلىق ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، پېرسوناژلاردىكى ئۆزگىرىش شۇنچىلىك راۋان ئۇلاشتۇرۇلغان. بىز ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاز-ئازدىن كۆرۈۋالالايمىز.

باشتا ئەسكەرتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك بۇ ئەسەردە ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئەرلەرنىڭكىدىن، بولۇپمۇ ئاجىز پېئىر بېزئوخوف ۋە قىزغىن، ئەمما جەلىپكارلىقى يوق ئاندىرىي بولكونىسكىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن قىلىپ تەسۋېرلەنگەن. تولستوي ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىدىيىسىنى بېزئوخوف بىلەن ئاندىرىينىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن. بۇ ئىككىسىدە ئەمەلىيەتچىل روھ كەمچىل بولغاچقا، مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي، ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدا پىرقىراپ يۈرىدۇ. بۇ دەل روسىيىلىكلەرنىڭ روھى ھالىتىگە سىمۋۇل قىلىنغان.

دەرۋەقە، «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نىڭ شان-شەرىپى يەنىلا ئۇنىڭدا پۈتكۈل تارىخىي دەۋرنىڭ تىرىلگەنلىكىدە، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىرى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا خۇددى ھومېر داستانلىرىدىكى قەھرىمانلارغا مەدەت بەرگەندەك تەڭرى مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ.

«ئاننا كارىنېنا» بىلەن «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» تولستوينىڭ پىشىپ يېتىلگەن مەزگىلىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»قا سېلىشتۇرغاندا، «ئاننا كارىنېنا» تېخىمۇ ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبىغا ۋە تېخىمۇ مول تەجرىبىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»تىكى ياشلىق جاسارىتى ۋە قىزغىن روھ كەمچىل. تولستوي بۇ ئەسىرىدە «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نى يازغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقىنى يوقىتىپ قويدى. يېڭى توي قىلغان چېغىدىكى خاتىرجەملىكى نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى.

«ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نىڭ تاماملىنىشى سەنئەتكارىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىر مەزگىل قۇرۇقداپ قويدى. ئۇ پېداگوگىكىغا ۋە پەلسەپىگە قىزىقىپ قالدى. ئاندىن كېيىن گرېك ئەدەبىياتىنى ئاجايىپ زور قىزغىنلىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئاغرىپ يېتىپ قالدى.




1873-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تولستوي «ئاننا كارىنېنا»نى يېزىشقا تۇتۇندى. لېۋىننىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكى بايان قىلىنغان دەسلەپكى بىر نەچچە بابتا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان گۈزەل تەسۋېرلەر بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان مۇھەببەتتىن «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»تىكى ياشلىق جىلۋىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ يوقىلىپ كەتكەن قىزغىن ھېسسىياتىنىڭ ئىزنالىرىلا قېپقالغان. بۇ يەردە «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»تىكىدەك غايىۋى ئىلاھ يوق. تەقدىر –قىسمەتنىمۇ بىرلا ئادەم بەلگىلىمەيدۇ. بۇ ئەسەردىكى مۇھەببەتتە جىسمانىي ھوزۇرنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان بىر خىل شەپقەتسىز خاراكتېر ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالغان ئاننانىڭ ۋۇجۇدىغا ئالۋاستىلارچە سېھرىي كۈچ ۋە بۇزغۇنچىلىق يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنى كۆرگەن ۋرونسىكىي «خۇشاللىق ئىچىدە ۋەھىمىگە چۆمىدۇ». لېۋىنغا كەلسەك، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىرادىسى ئاننانىڭ ئالدىدا بەربات بولىدۇ. ئاننامۇ ئۆز كونتېروللىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

بۇ –مۇھەببەت تەرىپىدىن باش ئەگدۈرۈلگەن، تەڭرىنىڭ قارغىشىغا كەتكەن روھنىڭ پاجىئەسى. ئاننانىڭ تىراگېدىيىسى ۋە 19 ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەر خىل كارتىنىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرغاندا، بۇ روماننىڭ يەنە بىر ئاساسلىق ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ تەرجىمىھال خاراكتېرگە ئىگە. لېۋىن تولستوينىڭ باشقا پېرسوناژلىرىغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆزىگە بەكرەك ئوخشايدۇ. تولستوي ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن . لېۋىن بىلەن كىتىنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئۇلارنىڭ تويدىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە يىلى دەل ئۇنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن كۆرۈنىشىدۇر: لېۋىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمى بولسا تولستوينىڭ ئىنىسى دىمىتىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئازابىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەڭ ئاخىرقى بابنىڭ پۈتكۈل ئەسەر بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ، لېكىن، بىز ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى كۆڭۈل تەشۋىشىنىڭ سەۋەبىنى بۇ بابتىن كۆرۈۋالالايمىز. لېۋىن ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۈچۈن چوڭقۇر ھەسرەت چېكىدۇ. ئۆزىدىكى خاتىرجەمسىزلىكنى بېسىش ئۈچۈن ھەتتا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىپ باقىدۇ. ئۇ روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۈگىشىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندە، ئەمگەك ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇ دېھقانلار ئارىسىدىكى «ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۈچۈن» دەيدىغان قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەڭرى ھوزۇرىغا قايتىدىن يېنىپ كېلىدۇ.





9



بىراق تولستوي ئۆزىنىڭ كىتابىدىكى لېۋىندەك سالماق بولالمىدى. پەقەت كۆرۈنۈشتىلا شۇنداق قىياپەتنى ئىپادىلىيەلىدى. ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى. كېيىن، ئۇ ئالۋاستىدەك كۈنلەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھارغىن ھالىتىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىلگىرى مەن ساغلام ئىدىم، ئەللىك ياشقا كىرمەستە جاسارىتىم ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئوماققىنا بالام، مۇنبەت ئېكىنزارلىقىم بار ئىدى، ئۆزۈمنى شان-شەرەپلىك ھەم بەختلىك ئويلايتتىم. باشقىلارنى سۆيەتتىم ھەم سۆيۈلەتتىم. ساغلام تەن ۋە ساغلام روھقا ئىگە ئىدىم. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى. مەن ھېچقانداق نەرسىگە قىزىقماس ھەم ئىنتىلمەس بولۇپ قالدىم. ئۆلۈمدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى قوبۇل قىلالمايتتىم. چۈنكى مەن تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئۇچراشقان، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر چاكىنا جەريان ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ تۇرمۇشقا پۈتۈنلەي مەستخۇش بولۇپ كەتكەندە ئاندىن ياشىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدىم.»

ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدا، ئۇ ئاۋامغا بەكرەك يېقىنلاشتى. لېۋىنغا ئوخشاش ئۆزى تۇرغان تار چەمبەرنىڭ سىرتىدا يەنە نەچچە ئونمىڭلىغان جانلىقنىڭ بارلىقىنى ئويلاشقا باشلىدى. «ئۇلار نېمىشقا ئۆلۈۋالمايدۇ؟ نېمىشقا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەيدۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەكرار-تەكرار سورىدى. ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكقا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادقا تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى سەزدى.

ئاخىر بىر كۈنى ئۇ تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى.

«مەن ئورماندا ئۆزۈم يالغۇز دەرەخلەرنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتىم. ئۇ باش ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەندىشىلىك ھالىتىمنى، تەڭرىگە بولغان ئىنتىلىشىمنى ھەمدە خۇشاللىقىمنىڭ قانداقلارچە ئۈمىدسىزلىككە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى خىيال قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىزلا، ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى. ھەممە نەرسە ئۆزىگە خاس مەنىگە ئىگە بولدى».

ئۇ قۇتقۇزۇۋېلىندى. تەڭرى ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

ئۇنىڭ ئاسىيالىقلارغا خاس خىيالىي دۇنياسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە غەربلىكلەرنىڭ ئەقىل ۋە ئەمەلىيەتكە ئېتىبار بىلەن قاراشتەك پەزىلىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۆزىنى دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىنى ۋە ھەر قايسى دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىيالمىدى. دىنىي ئەقىدىنى ئۆز ئالدىغا مۇنداق شەرھلىدى:

«شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بارلىق ئادەملەر بەختكە مۇيەسسەر بولغاندا، ئاندىن بۇ ئالەمدە ھەقىقىي بەخت مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. مانا بۇ خرىستوسنىڭ تەلىماتى».

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، تولستوي خرىستوسنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە مۇتلەق ئىشەنمەيتتى. ئۇنى پەقەت كىشىلەرگە نېمىنىڭ ھەقىقىي بەخت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بىراھمان، لاۋزى، كۇڭزى، زورۇئاستېر، ياشايا(يۇشەئ بىننى نۇن-ئەفىفى)لارغا ئوخشاش بىر بۈيۈك ئەۋلىيا دەپلا قارايتتى. ئېتىقاد جەھەتتىمۇ ئۇ يېتەرلىك ئەقلى تەركىبلەرنى ساقلاپ قالغانىدى.

«ھاياتلىق نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئۇ پاسكالنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن:

«ئادەم تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ كىچىك نەرسە، بەئەينى قومۇشقىلا ئوخشايدۇ. لېكىن بۇ ئىدىيىسى بار قومۇش...ئاشۇ ئىدىيىلەرگە بىزنىڭ بارلىق غورۇرىمىز سىڭىپ كەتكەن...شۇڭا، ئەستايىدىل پىكىر قىلىش-بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.»

ئۇ، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشىشتىكى بىردىنبىر يولنىڭ ئەقىل-ئىدراك ئىكەنلىكىگە، مۇھەببەتنىڭ ئەقىل-ئىدراكنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.

مۇھەببەت بىلەن ئەقىل-ئىدراك زىچ بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. مۇشۇنداق قىزغىن ئىشەنچ بولغاچقا، تولستوي ئۆزىنى ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەتكە يازغان خېتىدە بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق شەرھلىدى:

«تەڭرى مېنىڭ بارلىقىم، مېنىڭ روھىم ۋە مۇھەببىتىم، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئۇ قەلبىمدە ئەبەدىي مەۋجۇت، خۇددى مەن ئۇنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي مەۋجۇت بولغاندەك. بىراق، خرىستوس ئىلاھ ئەمەس، بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىمىز. ئىلاھلارنىڭ ئىرادە-مەقسەتلىرى خرىستوسنىڭ ۋۇجۇدىدا ناھايىتى تولۇق ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭغا ئىلاھلارغا چوقۇنغاندەك چوقۇنساق بولمايدۇ. تەڭرى ئىنسانلاردىن ئۆزىنى مەركەز قىلىشنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ئوخشاشلارنى مەركەز قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا مۇھىم. بىز شۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. ‹ئىنجىل› يەتكۈزگەن بارلىق ئەمىر-مەرۇپلار ۋە بېشارەتلەر مۇشۇ ئىككى مەنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەيلى كىمگە نىسبەتەن بولسۇن، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھەببەتتە ۋە ئۇنىڭ راۋاجىدا. بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى مەڭگۈلۈك بەختىمىز- ئاشۇ مۇھەببەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان كۈچكە ئىگە بولۇشىمىزدا. بۇ خىل كۈچ بىزنىڭ پانىي ئالەمدە گۈزەل ساماۋىي دۆلەت قۇرۇشىمىزغا، يەنە بىر دۇنيادىن كەلگەن تېخىمۇ ئېسىل خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. دۇئا – تىلاۋەت قىلغاندىلا بۇ خىل كۈچكە ئېرىشكىلى، مۇھەببەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، چېركاۋلاردىكى چاكىنا دۇئا-تىلاۋەتلەرنى خرىستوس ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ. بىز خرىستوس كۆرسىتىپ بەرگەن ئۇسۇل بويىچىلا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئىبادەت بىزگە ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي تۈردە تونىتىدۇ...»


10



ئۇ ئىدىيىدە بىر قىرغاققا يېتىپ كەلدى. نېمىلا دېگەن بىلەن سەپرا بىر روھنى ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئەمىن تاپقۇزىدىغان ئۆتەڭ ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

1882-يىلى تولستوي نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى. بۇ ئۇنىڭغا شەھەرنىڭ ئېچىنىشلىق يەنە بىر تەرىپىنى ئەينەن كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. ئۇ ئىنتايىن چۆچۈپ كەتتى. مەدەنىيەت چۈمپەردىسى ئاستىدىكى بۇ جاراھەتلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن كۈنى ئاخشىمى، ئۇ بىر دوستىغا شۇ كۈنكى ئىش-پائالىيەتلەرنى سۆزلەپ بەرگەن چېغىدا «ۋارقىراپ –جارقىراپ كەتتى. كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلدى. مۇشتلىرى ھاۋادا پۇلاڭلاپ كەتتى.»

ئۇ شەھەرنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئۆزى كۆرگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى پەقەتلا ئۇنتۇيالمىدى. ھەتتا دىلىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن «ئاشۇ بىچارىلەرگە كەلگەن دەرد-ئەلەمنى مەنلا تارتسامچۇ» دەپ ئويلاپ كەتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى مۇشۇ پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەتكار تەبىقىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ ۋىجدانى توختىماي ئازابلاندى ھەمدە «بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئازابلىرىمى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىكەن» دەپ ئويلىدى. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئازابنىڭ تۈرى ھەرخىل بولىدۇ. ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تولستويغا ئايان ئىدى.

ئاددىغىنا بىر پارچە پورتېرت رەسىم تولستوي ئاشۇ چاغلاردا ھېس قىلغان ئازابنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. بۇ رەسىم مېنى ھەر ۋاقىت ھاياجانغا سالىدۇ. رەسىمدە تولستوي دېھقانچە كىيىم كىيىپ، ئىكككى قولىنى گىرەلەشتۈرگىنىچە ئۇدۇل قاراپ ئولتۇرغان بولۇپ، چىرايى تولىمۇ سۇلغۇن، ساقال-بۇرۇتلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن. كەڭ ھەم چىرالىق پىشانىسىدىكى قات-قات قورۇقلار گىرىمسەن ھالەتتە سىزىلغان. ئۇنىڭ يوغان پاناق بۇرنى، سەمىمىيلىك ھەم چوڭقۇر ئازاپ تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۆتكۈر كۆزلىرى نەقەدەر يېقىملىق-ھە! ئۇلار سىزگە تىكىلىپ تۇرىدۇ. سىزنى چوڭقۇر-چوڭقۇر يەرلىرىڭىزدىن كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بۇ كۆزلەر خۇددى سىز ئۈچۈن ئېغىر ئۇھسىنىۋاتقاندەك، سىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇ كۆزلەردىن ئىلگىرى ياش تۆكۈلگەنلىكى ئېنىق. چۈنكى، رەسىمدىكى كۆز چاناقلىرىدا ئازابنىڭ ئىزنالىرى مانا مەن دەپ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، قەيسەر تولستوي داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدى.

ئۇ ئۆزى كۆرگەن ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلەشكە باشلىدى. ئاندىن بۇ پاجىئەلەرنىڭ مەنبەسىنى باتۇرلۇق بىلەن قەۋەتمۇ قەۋەت ئىزدىدى. بۇ پاجىئەلەرنىڭ باش مەنبەسى باي-غوجاملار، ئۇلاردىن قالسا دۆلەت بولۇپ، دىنىي جەمئىيەتلەر ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرگۈچىلەر ئىدى. ئىلىم-پەن بىلەن سەنئەتمۇ شەك-شۈبھىسىز ھالدا ئۇلارنىڭ قول-چوماقچىلىرى ھېسابلىناتتى...بۇ جىنايەتلەرنى قانداق قىلغاندا بىراقلا يوقاتقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى قاقتى –سوقتى قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىق، پۇل ۋە ئېكىنزارلىقلاردىن ۋاز كېچىش، دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىق، بۇرۇن قىلغان –ئەتكەنلىرىگە «پۇشايمان قىلىش» كېرەك. ئاندىن قالسا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش كېرەك. تولستوي ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەۋىسى بولغان ئوۋچىلىقتىنمۇ بىراقلا قول ئۈزدى. يېمەك-ئىچمەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق چەكلىمە ئورناتتى. يىگىرمە يىللىق كۈرەش ئەنە شۇنداق باشلاندى. بۇ بوۋاي ئۆزىنى بارلىق مەزھەپ –ئېقىملاردىن خالاس قىلىپ، ساختا مەدەنىيەت ۋە يالغان –ياۋىداق سۆزلەرنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يىگانە ئادەمگە ئايلاندۇردى.



11




تولستوينىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نۇرغۇن ئەپسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ يېنىدىكىلەردىن ھېسداشلىققا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خانىمى 1874-يىلىدىن باشلاپلا ئۇنىڭدىكى كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەشۋىش ئىچىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى-ئۇ تولستوينى كىسەل بولۇپ قالدى دەپلا ئويلايتتى.

تولستوي دەسلەپتە پېداگوگىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلدى. كېيىن دىنغا ئەسەبىيلەرچە ئېتىقاد قىلىپ كەتتى. گراف خانىم ئېرىنىڭ كەيپىياتىنى دېگەندەك چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەندى. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە باشتىن-ئاياغ دىققەت قىلىپ كەلدى. ئۇ ئۇنى ئاغرىپ قالغان چېغى دەپلا چۈشەندى. چۈنكى، تولستوي كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە جايىدا مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ كېتەتتى. خۇددى دۇنيا ئۇنىڭدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك شۇنچىلىك خاتىرجەم ۋە غەلىتە كۆرۈنەتتى.

كېسەلدە قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتمۇ بارا-بارا قاتماللىشىپ كەتتى. چۈنكى، ئۇلار بىر-بىرىنى چۈشىنەلمەس بولۇپ قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىشىپ ئۆتتى؛ ئۆز ئارا يول قويۇش ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئازاب ئېلىپ كەلسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلىشقا تىرىشتى. تولستوي زورمۇزور ھالدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە موسكۋاغا بارغان چاغدا، گراف خانىم خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغانىدى:

«ئەتە بىزنىڭ موسكۋاغا كەلگىنىمىزگە بىر ئاي بولىدۇ. لېف يەنىلا شۇنداق مەيۈس ھەم غەمكىن. بۇ ئىككى ھەپتىدىن بېىر مەن كۈندە دېگۈدەك يىغلىدىم. ئۇ پەقەتلا ئۇخلىيالمايدۇ. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ. بەزىدە ھەتتا يىغلاپ كېتىدۇ. مەن ئېلىشىپ قالارمىكىن دەپلا ئەنسېرەيمەن».

ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خالىمىغان ھالدا بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇردى. بىر-بىرىنىڭ ئازابىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە، ئۆزئارا ئەپۇ سوراشتى...تولستوينىڭ گراف خانىمغا يازغان خېتىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى، مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى!

بىراق، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانسېرى كۆپىيىپ قالدى. تولستوي بىر روھانىي بىلەن ئىبراي يېزىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىۋىدى، گراف خانىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى ھەمدە ئۇنىڭغا خەت يېزىپ: «ئۆزىڭىزدىكى ئەقىل –پاراسەتنى ياغاچ ھەرىدەش، شورپا قاينىتىش، ئاياغ تىكىشكە ئوخشاش ئاشۇنداق بولمىغۇر ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقىنىڭىزدا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن» دېدى.

خەتنىڭ ئاخىرىغا بولسا ئۇ خۇددى كەپسىز بالىسىغا تەنە قىلىۋاتقان ئانىدەك مۇنۇ گەپلەرنى يېزىپ قويدى:

«شۇنداقتىمۇ مەن تېنچلىنىپ قالدىم. چۈنكى روسىيىدە: ‹بالاڭ شوخلۇق قىلسا قىلسۇن، يىغلىمىسۇن› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟»

بىراق، بۇ خەت ئەۋەتىلمىدى. چۈنكى مۇشۇ بىر نەچچە قۇر خەتنى ئوقۇغان ھامان، تولستوينىڭ ئاق كۆڭۈللۈك يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدە غەزەپ ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ يەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتنى يىرتىپ ئېچىپ، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ھېسسىياتى بىلەن مۇنداق دەپ يازدى:

«سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز! سىز توساتتىنلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىسىز، شۇنچىلىك ئېنىق، شۇنچىلىك سۆيۈملۈك، سىز ئاق كۆڭۈل ھەم چېچەن، خاراكتېرىڭىز شۇنچىلىك مۇستەھكەم، سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن چاقنىغان نۇر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ... ئۇلار سىزنىڭ، پەقەتلا سىزنىڭ.»

ئىككىسى مۇشۇنداق مۇھەببەتلىشىپ ھەم ئازار بېرىشىپ، ئاندىن بىر-بىرىنى ئازابلىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىپ ئۆتتى. بۇ خىل ھالەت تاكى تولستوي سىبىرىيىگە تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالغانغا قەدەر توپتوغرا ئوتتۇز يىل داۋاملاشتى.

تولستوي «نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن ئەسىرىنىڭ خاتىمە قىسمىدا ئاياللار توغرىسىدا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى يازدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېرىگە توسقۇنلۇق قىلماي، بەلكى ياردەم بەرگەن ئاياللا كۆڭۈلدىكىدەك خوتۇن ھېسابلىناتتى.

«شۇنداق بىر ئاياللار باركى، ئۇلار ساختا قىلمىشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرىدۇ. بالىلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىشىنى توسىدۇ. ئەرلىرىنىڭ ساختا ھەم ئەھمىيەتسىز خىزمەت بىەلن شۇغۇللىنىش، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلىشىنى ھەرگىزمۇ قوللىمايدۇ. ئۇلارنى زېھنىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان، ئەمما چوڭ خەتىرى يوق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيدۇ،... كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پاك نەمۇنىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇلار ئوبدان بىلىدۇ. بالىلىرى بىلەن ئەرلىرىنىڭ قەلب دۇنياسىدا قۇربان بېرىش روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.. ئۇلار ئۆز ھاياتىنى مۇقەددەس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەرلەرگە پۈتۈنلەي تەسەددۇق قىلىۋېتىدۇ. ئۇلارغا تەسەللى بولىدۇ... ئاھ، پەرىشتە سۈپەت ئاياللار! ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ ئالقىنىڭلاردا!»

مانا بۇ ئۇنىڭ چۈشىنىش ۋە قوللاشقا ئېرىشىشكە بولغان تەلپۈنۈشى، ئارزۇسى ئىدى. بىراق، بۇنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى.

ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد نۇرى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۆچۈپ قالدى.

ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ ئۇنىڭ روھىي ئۆزگىرىشىدىكى ئۇلۇغلۇقنى پەقەتلا چۈشەنمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇنى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەتلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشىمىز تېخىمۇ بىھۇدە ئىش ئىدى. تۇرگېنېف يومۇرلۇق قىلىپ: «فرانسىيىلىكلەر ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس پىت ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى بولىدۇ دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان بولسىمۇ، مەن يەنىلا تولستوي ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن» دېدى.

پۈتكۈل ياۋروپادىكى سەنئەتكارلارنىڭ دىققىتى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى. ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توختىتىپ، ئەدەبىيات ساھەسىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇلار ھەتتا «تولستوي مەنىۋىي ئوزۇق تارقىتىش مەجبۇرىيىتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ» دېگەن تونۇشقا كېلىپ قالغانىدى!...«ئېتىقادىمغا يۈكلەنگەن ئۈمىد» ناملىق ئەسىرىنىڭ خاتىمە قىسمىدا ئۇ مۇنداق دەپ يازدى:

«مەن ئۆز ھاياتىم، ئەقىل-پاراسىتىم ۋە يورۇقلۇقۇمنىڭ ئىنسانلارغا نۇر ئاتا قىلىش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن ئۆزۈمدە ھەقىقەتنى تونۇيالايدىغان ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن. ئۇ بىر خىل ئوت، يەنە كېلىپ ئۇ چاراسلاپ يانغان چېغىدىلا ئاندىن ئوت بولالايدۇ.»

لېكىن، بۇ نۇرانە ئوت نۇرغۇن سەنئەتكارلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقلىرىمۇ بۇ ئوتنىڭ ئۆز سەنئەت نەمۇنىلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال كۆيدۈرۈپ تاشلاش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلىپ يەتتى. بىراق ئۇلار خاتالاشقانىدى. تولستوي سەنئەتنى ۋەيران قىلماقتا يوق، ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى توختاپ قالغان بىر خىل كۈچنى قوزغىتىپ چىقتى. ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىمۇ ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىنى ۋەيران قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ يېڭى ھالەتكە ئىگە قىلدى.




12




تولستوي «نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن ئەسىرىدە ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك پىكىرلەر بىلەن ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتكە ھۇجۇم قىلدى، ئۇ ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دېگەن قاراشتىن بىزار ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلغىنى ئىلىم –پەن بىلەن سەنئەت بولماستىن، بەلكى شۇ چاغدىكى ساختا ئىلىم-پەن بىلەن ساختا سەنئەت ھەمدە ساختا ئىلىم-پەن ۋە ساختا سەنئەت تونىنى يېپىنچاقلىۋېلىپ ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئىدى.

ئۇ قۇربان بېرىش بىلەن ئازابلىنىشنى مۇتەپەككۇرلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ تەقدىرى دەپ قارايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاۋامنىڭ پاراۋانلىقى سەنئەتكارلارنىڭ نىشانى ئىدى. ئەگەر سەنئەتكارلار ئۆز خەلقىنى سۆيمىسە، لەنەتكە مەھكۇم بولۇشى، ھەتتا ئۇ دۇنياغا بارغاندىمۇ بۇنىڭ دەردىنى تارتىشى كېرەك ئىدى. تولستوي شۇنداق دەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىمۇ كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى سەنئەتنىڭ خۇراپىيلىقى ۋە نازۇكلۇقىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ھەتتا نۇرغۇن سەنئەتكارلار ئۇنى بارلىق سەنئەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراشتى. لېكىن، تولستوينىڭ تەنقىدى ھەرگىزمۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان تەنقىد ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سەنئەتنى ھېمايە قىلدى، سەنئەتنىڭ ئادەتتىكى ساختا سەنئەتكارلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنى، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ يەرگە ئۇرۇلىشىنى توستى.

تولستوينىڭ تەنقىدى نۇرغۇن بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ھەر خىل قوراللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى خالىغان پەدىدە تەنقىد ئېلىپ باردى. ئۆزى ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئوبيېكىتقا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئىبسېن ۋە بېتخوۋېنغا ئوخشاش ھەقىقىي قوغدىلىشقا تېگىشلىك شەخسلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇ زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەن، زىيادە قىزغىنلىق ئۇنىڭ كاللىسىدىكى چويلىغا چىقمايدىغان سەۋەبلەرنى بىراقلا كۆپتۈرۈۋەتكەن، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىمۇ تازا دېگەندەك چوڭقۇر ئەمەس ئىدى.

سەھراھلىق بۇ مۆتىۋەرنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئۆمرى موسكۋانىڭ شەھەر سىرتىدىكى كەنتتە ئۆتكەن. 1860-يىلىدىن كېيىن ئۇ قايتا ياۋروپاغا بېرىپ باقمىغان بولغاچقا، ئەدەبىيات جەھەتتە ئۆزىگە خاس تالانتقا، مۇزىكا جەھەتتە مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولغاندىن سىرىت، رەسساملىق ساھەسىدە تۈزۈكرەك تونۇشقا ئىگە ئەمەس ئىدى. باشقىلارنىڭ ئەپقاچتى گەپلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتەتتى ھەمدە ئۇلارنى ھېچقانچە ئويلانمايلا ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىۋېرەتتى. پىۋېس، مونىئو، بوكلىن، ستوك، كېلىنگېر قاتارلىقلارنى ئۇ چۈشكۈن رەسساملار دەپ قارايتتى. مىكېلانگېلونى پەس كۆرەتتى، ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر رەسساملارنى تەسۋېرلىگەن چېغىدا، رىمبىراننىمۇ تىلغا ئېلىپ قويمىدى. مۇزىكىغا كەلسەك، ئۇنىڭدا ئازراق تۇيغۇ بولغىنى بىلەن، مۇزىكىنى تازا چوڭقۇر چۈشىنىپ كەتمەيتتى، شۇڭا، برامۇس بىلەن چارلىز سترائۇسنى چەتكە قاقتى، ھەتتا بېتخوۋېننىمۇ ئەدەبلىدى. ئۇ يەنە ۋاگنېرغىمۇ ھۇجۇم قىلدى. ئەمەلىيەتتە «سېگفىرىد»نى ئۇ بىر قېتىملا ئاڭلىغان، يەنە كېلىپ ئىككىنچى پەردىسى قويۇلۇۋاتقاندىلا مەيداندىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئەدەبىيات جەھەتتە ئۇنى خېلى مول بىلىمگە ئىگە دېيىشكە بولاتتى. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر، ئۇ ئۆزى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان رۇسىيە يازغۇچىلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، چەتئەل ئەدىبلىرىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭكى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئۇ خۇشياقمىغان ھالدا بىر قۇر ۋاراقلاپ كۆرگەنىدى.

ئۇنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق خاھىشى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ «شېكېسپېر سەنئەتكار ئەمەس» دېگەن قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كىتاب يازدى.

تولستوي ئەزەلدىن شەكلەنمەيتتى، مۇنازىرە قىلمايتتى. ئۇ «ھەقىقەت مېنىڭ قولۇمدا» دەپ قارايتتى. ھەر قانداق بىر ئادەمگە «توققۇزىنچى سېمفونىيە كىشىنى تەنھالىقتا قالدۇرىدىغان ئەسەر» دەيتتى. «لىئورۋون»نى «ناچار ئەسەر»، كودىرىئاننى «ئازراقمۇ خاراكتېرى يوق ئادەم» دەپ باھالىغانىدى.

لېكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇ شېكېسپېرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مىسرالار ھەددىدىن زىيادە قېلىپلىشىپ كېتىش، ئاددى ھەم يۈزەكى بولۇشقا ئوخشا بىز ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن بەزى نۇقسانلارنى ئېنىق كۆرۈۋالدى. تولستوي بارلىق يازغۇچىلار ئىچىدە ئەدىبلەرگە خاس سالاپەت ھەممىدىن بەك كەمچىل ئادەم بولغاچقا، ئەدىبلەر ئارىسىدىكى ئەڭ تالانتلىق كىشىلەر ياراتقان سەنئەتكە ئۇ تەبىئىي ھالدا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى. بۇنى مەن ئوبدان چۈشىنىمەن. بىراق، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن باشقا-باشقا بىر دۇنيانى تەنقدى قىلىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىدى.

ئەلۋەتتە، تولستوينىڭ ھۆكۈملىرىگە ھېچقانداق شەخسىي بىر تەرەپلىمە قاراش ئارىلاشمىغانىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىنى قالتىس نەمۇنە دەپمۇ قارىمايتتى. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ غايىسىدىكى زادى قانداق سەنئەت؟ «دىنىي سەنئەت» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى كىشىلەر ئاسانلا خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر گۈزەل غايە. تولستوي سەنئەتنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، «سەنئەت ھەممىلا يەردە مەۋجۇت» دېدى.

خرىسىتىئان دىنى سەنئىتى دېگەندەك نەرسىلەرنى بۇ يەردە قايتا تەھلىل قىلىپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى، ھېچقانداق بىر سىنىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالالىغان ئەمەس. ئىنسانىيەتنىڭ مۇھەببىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان سەنئەت باي-غوجاملارنىڭ پاتېنتىغا ئايلىنىپ قالدى. نامراتلاردىن ئايرىلىپ قالغان بولغاچقا، سەنئەت بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتتى.

ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەت- دەۋرنىڭ دىنىي ئېڭىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ، ئىنسانلارغا بولغان مۇھەببەت ۋە بەختكە بولغان ئىنتىلىش بىزنىڭ زامانىمىزدىكى دىنىي ئاڭنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئاڭنى نۇقسانسىز ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدىغىنى بايلار ئەمەس، بەلكى ئاۋانگارتلاردۇر.

سەنئەت پەقەت ھەقىقىي ھېسسىياتنىڭ ئىپادىلىنىشىدىنلا ئىبارەت. شۇڭا، ئۇنى ھازىرقىدەك بۇنچىۋالا مۇرەككەپ ۋە چۈشىنىكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئاددىيلىققا ۋە نۇرانىلىككە يۈزلىنىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە سىز رومان ياكى سېمفونىيە ئىجاد قىلماستىن، بەلكى بىر چۆچەك ياكى بىر ناخشا ئىجاد قىلىشقا بەكرەك قىزىقىدىغان بولىسىز.

شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، تولستوينىڭ ئىدىيىسى ئاز بولمىغان غايە ۋە بالىلىق ھېسسىياتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇنچىلىك روشەن ھەم ھەرىكەتچان، ھەر قانداق بىر ئادەم بۇ ئىدىيىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ.




13




ئەڭ پاساھەتلىك نەزەرىيە مەلۇم بىر ئەسەردە ئىپادىلەنگەن چاغدىلا ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ. تولستويغا نىسبەتەن، نەزەرىيە بىلەن يېزىقچىلىق ئەبەدىي بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ «دىنىي ئەدەبىيات» غايىسى ئۇنىڭ شۇ مەزگىللەردىكى «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى»، «خەلق قىسسىلىرى ۋە چۆچەكلىرى»، «زۇلمەتتىكى كۈچ»، «كېلس سۇناتاسى»، «خوجايىن بىلەن چاكار» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مۇھەببەت ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان كۈچ بىلەن مۇھەببەتكە قارشى كۈچلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش ئىدىيىسى ئەڭ ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەسەر «تىرىلىش» رومانىدۇر.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىلا ئەمەس، بەدىئىي شەكىل جەھەتتىمۇ ئۆزگىرىش ياسىدى. ئۇنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. كۆز قارىشىدىكى ئۆزگىرىشمۇ بارا-بارا بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتى. ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تېخىمۇ سىلىقلىشىپ ئوبرازلاشتى. كىشىگە زېمىننىڭ خۇش ھىدىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.

شەھەردىن يىراقلىشىپ، ئادەتتىكى ئادەملەر ئارىسىغا چۆكۈپ ياشاۋەرگەچكە، ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى تەدرىجىي ھالدا دېھقانلارنىڭكىگىلا ئوخشاپ قالدى. چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاستىلاپ، ئۇششاق-چۈششەك تەپسىلاتلارنى ھارماي تەكرارلايدىغان، ئوخشاش جۈملىلەرنى تەكرار-تەكرار ئىشلىتىدىغان بولۇۋالدى. ئۇ ئاممىۋىي تىلنىڭ سېھرىي كۈچىنى، يەنى جانلىق ھەم ئوبرازلىقلىغىنى، ئەقىل-پاراسەتكە تويۇنغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. بولۇپمۇ بۇ خىل تىلنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر تىلىغا ئوخشاش باشقىلار تەرىپىدىن خالىغانچە نېرى-بېرى قىلىنمايدىغانلىقى، مۇستەھكەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۇنى بەكمۇ زوقلاندۇرغانىدى.

1877-يىلى ياسنايا پولياناغا بىر جاھانكەزدى مەدداھ كېلىپ قالغان، تولستوي ئۇ ئېيتىپ بەرگەن قىسسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى خاتىرىلىۋالغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئېلان قىلغان «خەلق قىسسىلىرى ۋە چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابتىكى «ئادەم نېمىگە تايىنىپ ياشايدۇ»، «ئۈچ بوۋاي» ناملىق ئىككى ئېسىل ئېكايە دەل شۇنىڭدىن كەلگەن.

ھازىرقى زامان سەنئىتىدە ناھايىتى كەم تېپىلىدىغان بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان چاغدا، ئەدەبىيات دېگەن بۇ نەرسە كىمنىڭمۇ يادىغا يەتسۇن؟ ئۇنىڭدا ئىنجىلغا خاس روھ ئىنسانىيەتنىڭ پاك مۇھەببىتى، خەلق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ئاددىي، پاكىز تەركىبلىرى ۋە شەرق رىۋايەتلىرىگە خاس تەم ئۆزئارا بېرىكىپ كەتكەن.

خۇددى «مىڭ بىر كېچە»دىكى «قۇل باخۇم»غا ئوخشاش، بۇ ئەسەردىكى قەھرىمانمۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۆزى مېڭىپ ئۆتكەن ھەممە زېمىننى سېتىۋالىدۇ. ئاخىرغا بارغاندا ئۇنىڭ كۈتۈۋالغىنى ئۆلۈم بولىدۇ.

باخۇم يېقىلدى. تاغدا ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سىتارھىنا يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.

-ئاھ پالۋان، قەيسەر ئادەم، مەن سېنىڭ قانچىلىك زېمىنگە ئىگە بولغىنىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن.

سىتارھىنا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، باخۇمنىڭ چاكىرىغا بىر دانە گۈرجەكنى تاشلاپ بېرىدۇ!

-ئۇنى كۆمۈۋەت!

چاكار باخۇمغا ئاتاپ بىر يەرلىك كولايدۇ، ئاندىن ئۇنى شۇ يەرگە كۆمىدۇ.

بۇ ھېكايىلەر بىر خىل شېئىرىي كەيپىيات ئىچىدە خۇددى ئىنجىلغا ئوخشاش «يول قويۇش بىلەن كەڭ قورساقلىق»تىن ئىبارەت بۇ ئالىيجاناپ پەزىلەتنىڭ ھېكمىتىنى شەرھلەپ بېرىدۇ:

«رەقىبىڭدىن ئۆچ ئالما» دەيدۇ تەڭرى، «رەقىبىڭگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە»، «قىساس پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەنسۇپ.»

تولستوي مۇشۇ ئەسىرى بىلەنلا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر خىل سەنئەتنى روياپقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغانىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاياغ «مۇھەببەت» دېگەن بۇ سۆز شەرھلىنىپ تۇراتتى. مەڭگۈلۈك مەزمۇنغا ئىگە بۇ ئەسەرلەر سەنئەت ساھەسىدىكى بارلىك چىرىك گەۋدىلەر ئارىسىدىن بىراقلا قەد كۆتۈرۈپ چىققانىدى.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇقەددەس مۇھەببەت توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرمۇ، رېئاللىقتىكى شەپقەتسىز قاراڭغۇلۇقلارمۇ بار ئىدى. «زۇلمەتتىكى كۈچ» ناملىق كىتابنىڭ ئاساسى «قەلبىدىكى كەسكىنلىك ۋە ساپلىق»تىن كەلگەن دەپ قارىساق،بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا بىر سەۋەب بار.

بۇ ئەسەرلەر خۇددى ئېگىزلىكتىن قويۇپ بېرىلگەن كۈچلۈك نۇردەك تۈن قاراڭغۇسىنى كېسىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، تولستوي يەنە «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» ۋە «كېلس سۇناتاسى» ناملىق ئىككى رومانىدا بۇرژۇئازىيە بىلەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان زۇلمەتلىك تەرىپىنى تەسۋېرلەپ بەردى.

ئەسىرىمنىڭ باش قىسمىدا مەن فرانسىيىنىڭ چەت بىر ئۆلكىسىدە ياشايدىغان، ئادەتتە سەنئەت دېگەنگە قىلچە قىزىقىپ قويمايدىغان بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازنىڭ «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم. سەۋەب شۇكى، بۇ ئەسەردە ئاپتور كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدىغان رېئالىستىك ئۇسلۇب ئارقىلىق بىر مەمۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىنى تەسۋېرلەپ بەرگەن.

ئىۋان ئىلئىچ 1880-يىللاردىكى ياۋروپا ئوتتۇرا بۇرژۇئازلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ روھى دۇنياسى ئەھمىيەتسىز خىيال، بىچارىلىك ۋە ھېچنېمىدىن –ھېچنمېە يوقلا ئۆز-ئۆزىدىن قانائەت تېپىش تۇيغۇسى بىلەن تولغان -«ئۇنىڭ قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشى ھەر كۈنى كەچلىكى ئايالىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قاراپ ئولتۇرۇش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ كۈلكىلىك ھايات تېخىمۇ كۈلكىلىك بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدۇ. ئىۋان ئىلئىچ بىر كۈنى مېھمانخانا ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىكى پەردىگە ئېسىلىپ، شوتا ئارقىلىق پەسكە چۈشىدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ ساختا ماھىيىتى خۇددى بىر يىرتقۇچ ھايۋاندەك ئۇنىڭ ئالدىا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرىدۇ. ساختىپەز دوختۇرى پەقەت ئۆز سالامەتلىكىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ساختىپەز ئايالى بولسا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قانداق ياشاشنىڭ قويىدىلا يۈرىدۇ. پەقەت ئاق كۆڭۈل چاكىرىلا ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇنى قوغدايدۇ. ئىۋان ئىلئىچ ئۆزىنىڭ ھۇۋقۇشتەك يالغۇزلۇقى ۋە ئىنسانلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆتكەن تۇرمۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىراقلا ئەقلى-ھوشىغا كېلىپ، ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىنى ئويلايدۇ. ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئۆلۈشتىن بىر سائەت ئىلگىرى «مەن ئۆلۈشۈم كېرەك، شۇندىلا ئۇلار مەندىن قۇتۇلىدۇ» دەپ خىتاب قىلىدۇ.

«كېلس سۇناتاسى»دا بۇنداق روشەن ئاشكارىلىق يوق. خۇددى يارىلانغان بىر يىرتقۇچ ھايۋان ئۆزىنى يارىلاندۇرغۇچىغا قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئېتىلغانغا ئوخشاش، بۇ ئەسەردىمۇ جەمئىيەتنىڭ يىرگىنىچلىك ھەم قورقۇنچلۇق تەرەپلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلگەن. تولستوي بۇ ئەسىرىدە قىزلار مائارىپى، مۇھەببەت، نىكاھ، جەمئىيەت، ئىلىم-پەن، دوختۇر دېگەنلەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان، كىتابتا چىقىرىلغان يەكۈن ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان.

كىتابنىڭ ئىسمى كىشىدە كىتابنىڭ مەزمۇنىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇزىكا بۇ يەردە بىر قوشۇمچە نەرسە بولۇپ، ئۇنى چىقىرىۋەتكەن ھالەتتىمۇ ئەسەردە قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. تولستوي ئۆزى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان ئىككى مەسىلىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋەتكەن: «ئۇ «مۇزىكا بىلەن مۇھەببەتنىڭ ھەر ئىككىلىسى كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدىغان كۈچكە ئىگە» دەپ قارايتتى. مۇزىكا توغرىسىدا مېنىڭ ئۇنى بىر نەچچە ئېغىز تەرىپلەپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، تولستوينىڭ مۇزىكىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئادەم مېنىڭچە يوق ياكى بەك ئاز.

ئۇنى «مۇزىكىنى سۆيمەيدۇ» دېسەك مۇتلەق خاتالىشىمىز. تولستوي ئۆگەنگەن مۇزىكىلار بەلكىم ئانچە ئېسىل مۇزىكىلار بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، مۇزىكا ئۇنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرەتتى. كۆزلىرىدىن ياش تۆككۈزەتتى؛ ئۆمرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇ مۇزىكىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانىدى. 1858-يىلى ئۇ موسكۋادا بىر مۇزىكا ئۆمىكىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، كېيىنكى موسكۋا كونسېرتخانىسى دەل شۇنىڭدىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن. «تولستوي ھەققىدە ئەسلىمىلەر» ناملىق كىتابتا، بېللىس مۇنداق دەپ يازىدۇ:

«ئۇ مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئىدى، پېئانىنو چالالايتتى، كلاسسىك مۇزىكانتلارغا ئالاھىدە ئىخلاس قىلاتتى، يېزىقچىلىققا كىرىشىشتىن ئاۋۋال ھەمىشە بىردەم مۇزىكا چالاتتى. بەلكىم ئۇ شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىلھام تاپسا كېرەك. ئۇ دائىم كىچىك سىڭلىسىغا مۇزىكا چېلىپ بېرەتتى. شۇ ئارقىلىق سىڭلىسىنى ناخشا ئېيتقۇزۇپ ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇزىكىدىن قانچىلىك تەسىرلەنگەنلىكىنى، چىرايىنىڭ غىل-پال ئاقىرىپ، خۇددى ئۆز قورقۇنچىنى ئىپادىلەۋاتقاندەك غەلىتە ھالەتتە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم».

بۇ دە رۋەقە ئۇنىڭ ھاياجانغا چۆمگەن قەلبىنىڭ نامسىز كۈچ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى قورقۇنچ تۇيغۇسى ئىدى. مۇزىكا دۇنياسىدا ئۇنىڭ ئېڭى، ئەقىل-ئىدرىكى ھەمدە بارلىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى سىمابتەك ئېرىپ كېتەتتى.

تولستوي يېشى چوڭايغانسېرى مۇزىكىدىن شۇنچە قورقىدىغان بولۇپ قالدى. «ئۇنىڭ نەزىرىدە، مۇزىكا چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان بىر ئېقىن ئىدى. ئۇ مۇزىكىنى خۇددى چۈشكۈن بىر ھۇزۇرنى تىلغا ئالغاندەك تىلغا ئالاتتى.»

كامئېل بېرىگلېر ئىلگىرى «ھۇجۇم قىلىمەن دېسىڭىز، چۈشكۈن مۇزىكانتلار ساماندەك كۆپ ئىدىغۇ؟ نېمىشقا ئەتەي ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ يېقىملىق بېتخوۋېننى تاللىۋالدىڭىز؟» دەپ سورىغاندا، تولستوي:« سەۋەبى، ئۇ ھەممىدىن كۈچلۈك» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمىسىمۇ، ئۇ بېتخوۋېننى باشتىن-ئاياغ ياخشى كۆرۈپ ئۆتكەنىدى.

تولستوينىڭ يىراق-يىراقلاردىكى بالىلىق ئەسلىمىلىرى «ھەسرەت سوناتاسى» بىلەن باغلىنىپ كەتكەن؛ «تىرىلىش»نىڭ يەشمىسىدە نىخلىيودۇف تۆۋەن ئۇدارلىق سېمفونىيىنى ئاڭلىغان چېغىدا كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تاراملاپ ياش تۆكۈلىدۇ: :ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىچى ئاغرىتىۋاتىدۇ» دەپ يازىدۇ تولستوي. لېكىن، «سەنئەت توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە بېتخوۋېننى تىلغا ئالغاندا بولسا، ئۇنى «گاس بېتخوۋېننىڭ كېسەل ئەسىرى» دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بېتخوۋېن سېمفونىيىلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ 1876-يىلى ئۇ «بېتخوۋېىننى ۋەيران قىلىپ، ھەممە كىشىدە ئۇنىڭ تالانتىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىمەن» دەپ چايكوۋسكىينى ئىنتايىن خاتىرجەمسىزلەندۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ئەسەبىيلىك «كېلس سۇناتاسى»دا ناھايىتى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن. بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز-ئۆزىمىزگە «بېتخوۋېن مۇزىكا ساھەسىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈنلا تولستوينىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانمۇ؟» دەپ سوئال قويىمىز. تولستوي خۇددى گيوتېغا ئوخشا بېتخوۋېننىڭ سېمفونىيىلىرىدىن ھۇزۇرلانغان، ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك ھاياجانلىق تۇيغۇنى ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە بۇ مۇزىكا پىرىغا غەزەب بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قارشىلىق ۋاقىتلىق ھەم يۈزەكى ئىدى. ئۇ بېتخوۋېننىڭ ئۇلۇغ سېھرىي كۈچىگە يەنىلا چىن قەلبىدىن ئىخلاس قىلاتتى. چۈنكى، بۇ ئۇلۇغ سېھرىي كۈچ كىشىلەرگە بارلىق ئالىيجاناپ ۋە ساپ ھېسسىياتنى قوزغاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى روشەن ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى. بوسدىنشېف ئىچ-ئىچىدىن ھاياجانلاندى. بىراق، بۇ ھاياجاننى تەھلىق قىلىش ھەم چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاشۇنداق بىر غايىبانە بوشلۇققا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە ھەسەتخورلۇقمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئاياللارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا تەۋرىنىشتىن خالىي بولالمىدى. «ئۇ سۈرلۈك قىياپەتتە» مۇزىكا چېلىۋاتاتتى. چىرايىدا «كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بەختىيار كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى»... روھ بۇ يەردە ئاۋازنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلانغانىدى.

تولستوي بېتخوۋېنغا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى باشقىلاردىن چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەن. چۈنكى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك مول، روھى شۇنچىلىك سەزگۈر بولغاچقا، مۇزىكىدىن كېلىدىغان بۇ خىل ئازابنىڭ بېسىمىغا پەقەت ئۇلا بەرداشلىق بېرەلەيتتى. ئۇنىڭ بارلىق روھى ھالىتى ئۇ «قېرى گاس» دەپ ئاتىۋالغان بېتخوۋېننىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەلۋىلەرچە تۇيغۇ ۋە قىزىققانلىقنى پەقەت ئۇلا چۈشىنەلەيتتى. پەقەت ئۇلا بېتخوۋېنغا نەپرەتلىنىشكە ھەقلىق ئىدى. ئېھتىمال تولستوينىڭ ئۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ھەم شۇ سەۋەبتىن نەپرەتنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسا كېرەك. لېكىن، ھازىرقى نۇرغۇن چاكىنا مۇزىكانتلار بېتخوۋېننى تونۇشقا ئامالسىز، مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە مۇزىكىدىن ئاللىبۇرۇن يىراقلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ تولستويدەك مۇزىكىنى چۈشىنىش دەرىجىسىگە يېتەلىشى ئەبەدىي مۇمكىن ئەمەس.




14




تولستوي يەتمىش ياشتىن ئاشتى. شۇ يىلى ئۇ «تىرىلىش»نى ئىجاد قىلدى.

«تىرىلىش»، «كېلىس سۇناتاسى»دىن ئون يىل كېيىن يېزىلدى. بۇ ئون يىل ئىچىدە تولستوي پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئەخلاق تەشۋىقاتىغا بېغىشلىدى. «تىرىلىش» ئۇنىڭ بەدىئىي ۋەسىيەتنامىسى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۇ پەللە شۇنچىلىك ئېگىز، يەكتا ھەم ھەيۋەتلىك پەللە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى: بۇرۇنقى توغرا ھەم خاتا قىلغان ئىشلىرىنى، ئۆز ئېتىقادى ۋە تۇرمۇشىنى، ساپ ھەم مۇقەددەس غەزەب-نەپرىتىنى قايتىدىن بىر ئويلىنىپ چىقتى. بەدىئىي نەپىسلىك پۈتكۈل ئەسەرگە سىڭدۈرۈۋېتىلدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم دىنىي جىمجىتلىققا ئەسىر بولدى.

تولستوي ئۆتكۈر نەزەر ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئۆزى ئادەملەردە بايقىغان ھايۋانىيلىقنى-ئىنسانلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق ھەم قەيسىرانە ھايۋانىي تەبىئىتىنى ئەينەن تەسۋېرلىدى. ئەسەردىكى باش قەھرىمان ماسلۇۋانىڭ چۈشكۈن روھىي ھالىتىنى قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. ئۇنىڭ پەسكەشلەرچە گەپ –سۆزلىرىنى، ككىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈلۈمسېرەشلىرىنى، چوغدەك يېنىپ تۇرىدىغان چىرايىنى ئۆز پېتى تەسۋېرلىدى.

ئۇ تەمكىن ھالدا ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى پەسكەشلىك ۋە ئالىيجانابلىقنى كۆزەتتى. ھەر بىر ئايال مەھبۇسنىڭ قەلبىدە پەسكەشلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئازابنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، نومۇسسىز چىراينىڭ ئاستىغا كۆز يېشى تاراملاپ تۆكۈلۈپ تۇرغان يەنە بىر چىراينىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇ بىر مېھرىبان تەڭرى ئىدى: ئۇ ماسلوۋانىڭ پەسكەش روھىدىن پاكلىق ۋە نۇرانىلىقنى ئاستا-ئاستا تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى چاقناپ تۇرغان بىر زور يالقۇنغا ئايلاندۇردى.

ئەسەردىكى ھەر خىل پېرسوناژلار ئىچىدە، ئاساسلىق پېرسوناژ نىخلىيۇدۇف ئوبيېكتىپ چىنلىق تۇيغۇسىغا تازا تويۇنمىغاندەك بىلىنىد، بۇنىڭدىكى سەۋەب: تولستوي ئۇنىڭغا ئۆز ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈۋەتكەن، يەنى، بۇ پېرسۇناژنىڭ ئوتتۇز ياشقا كىرگەن ۋۇجۇدىدا يەتمىش ياشلىق بوۋاينىڭ روھى مانا مەن دەپلا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

تولستوي ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىگە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سىڭدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىتابتا دىن بىلەن رېئالىزم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. تولستوي ئۆزىنىڭ سەنئەتكارلارچە قارىشى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈۋېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ دىنىي جەھەتتىن يەكۈنلىگەن قاراشلىرى ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىلا زور تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

مەن «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرسەممۇ، «تىرىلىش»تا بەدىئىي مۇكەممەللىك كەمچىل دەپ قارىساممۇ، لېكىن، بۇ ئەسەردىن مەن تولستوينىڭ كۆكۈش ھەم ئۆتكۈر كۆزلىرىنىڭ كىشىلەر روھىغا بۆسۈپ كىرىپ، ھەر بىر روھتىن تەڭرىنىڭ سىماسىنى ئىزدەپ چىققانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدىم. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، «تىرىلىش» يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا مەدھىيە ئوقۇلغان ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ چىن داستان بولۇشقا مۇناسىپ.




15




تولستوي سەنئەتتىن بىر ئۆمۈر ۋاز كەچمىدى. بىر بۈيۈك سەنئەتكارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان نەرسىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ «ھۆكۈمرانلارغا خەت» ۋە «ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارغا خەت» دېگەنگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ماقالىلەرنى يازغاندىن كېيىن، يەنە دەرھاللا ئۆزى خېلىدىن بېرى ئويلاپ تەييار قىلىپ قويغان ھېكايىلەرنى ئىجاد قىلدى. «ھاجى مۇرات» ناملىق پوۋېست ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

ئىشقىلىپ، ئۇ ئىجتىمائىي تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىلى ئۆتكۈر ماقالىلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىپ تۇردى. 1900- يىلىدىن 1901-يىلىغىچە روسىيىدە ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەھىمە ھۆكۈم سۈردى. ياپونىيە –روسىيە ئۇرۇشى، ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىنكى ھېسابسىز زىيان، ئىنقىلاب مالىمانچىلىقى، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى، قىرغىنچىلىق، يېزىلاردىكى توپىلاڭلار 1904-يىلىدىن 1905-يىلىغىچە ئەڭ يۇقىرى ئەۋجىگە چىقتى. مۇ مەزگىللەردە، تولستوي «ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب»، «چوڭ جىنايەت» ۋە «ئەسىر ئاخىرىدا» ناملىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى بۇ ئون يىلدا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى. پەقەت ئۇلا ھېچقانداق مەزھەپ –گورۇھقا قاتناشمىدى. ھەرقانداق سىياسىي ئېقىمغا جۆر بولمىدى. دىنىي جەمئىيەتتىن خالاس بولۇپ، ئۆزى تاللىۋالغان ھەقىقەتكە ئىخلاس قىلىپ ياشىدى. بارلىق دىنىي ۋە ئىجتىمائىي خۇراپاتلىقلارغا زەربە بەردى. خەلق ئىلگىرى مەبۇد ئورنىدا چوقۇنغان، كېيىن نەپرەتلەنگەن ساختا قەھرىمانلارغا سوغۇق قان مۇئامىلە تۇتتى. چۈنكى، ئۇ خەلقنىڭ ئەمدى ئۇلاردىن قورقۇپ يۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى.

تولستوينىڭ ھەممىدىن بەك كەچۈرمەيدىغىنى ھەم ھەممىدىن بەك نەپرەتلىنىدىغىنى يېڭى يالغانچىلى، سوتسىيالىزم ياكى لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئىدى. لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ «ھەممە ئىش بىزنىڭ غايىمىز بويىچە بولسىلا، بىز دۆلەتنى ھەقىقىي بەختكە ئېرىشتۈرەلەيمىز» دەيدىغان خام خىيالى ئۇنىڭ جېنىغا تەگدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ كىشىلەر ئاۋامنى چۈشەنمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋامنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە تەربىيىلەيدىغانمۇ ھوقۇقى يوق ئىدى.

ھالبۇكى، تولستوينىڭ لىبېرالىستلار ۋە سوتسىيالىزمچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىشى ھەرگىزمۇ ھۆكۈمرانلارغا يانتاياق بولغىنى ئەمەس ئىدى، ئۇمۇ ئىنقىلابقا ئىشىنەتتى. بىراق، ئۇنىڭ ئىنقىلابقا بولغان چۈشەنچىسى خۇددى ئوتتۇرا ئەسىر كىشىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بىر خىل مۇقەددەس روھنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بولغان تەقەززالىققا ئوخشاپ كېتەتتى.

ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئۇ «روسىيە بۇ ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك، چۈنكى بىز ئىنسانلارنى ھەقىقىي باراۋەرلىككە ئېرىشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان بىر مەيدان زور ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دەپ قارىدى.

ئۇ ئۆز تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى ھەمدە دوست –بۇرادەرلىرىنىڭ «تولستوي ئېقىمى»نى تەشكىللەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى كەسكىن ھالدا رەت قىلدى.

ئۇ قارىشىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغاچقا، يەرلىك توپىلاڭچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ بىر كەنتتە ۋەھشىي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نامراتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەمدە ئىختىيارسىز ھالدا «بۇلاردىن ھېساب ئېلىش كېرەك!» دەپ توۋلاپ كەتتى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر پاجىئەلىك كۆرۈنۈش ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىدىن ئىزچىل روھى بېسىم ھېس قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ كىچىك ھۇجرىسىغا بىر تۆمۈر كارىۋاتتىن باشقا ھېچ نەرسە قويۇلمىغانىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەر پەقەتلا چۈشىنەلمىدى. تولستوي ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى. ئۇ ساختىلىقتىن نەپرەتلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئىدىيىنى دەپ قۇربان بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىى ئۇ تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنەتتى.

ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان ئىختىلاپىمۇ بارغانسېرى ئەدەپ كەتتى. لۇرۋا بۇلئېس ياسنايا پوليانادا تولستوينى كۆرگەن بولۇپ، «دادىسى تاماق ئۈستىلىدە گەپ قىلغان چاغدا، ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا بولغان زېرىكىش ۋە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتىنى يوشۇرماي ئولتۇراتتى» دەپ يازغان. تولستوينىڭ ئېتىقادى ئۈچ قىزىنىلا ئانچە –مۇنچە تەسىرلەندۈرەلىدى. ئۇ بۇ ئائىلىدە روھى جەھەتتىن پۈتۈنلەي يېتىم قالدى. «پەقەت كىچىك قىزى بىلەن دوختۇرىلا» ئۇنى چۈشىنەتتى.

ئۇ ئازاب ئىچىدە بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىپ، ئورمانلىقتا تەنھا ياشاش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ ئايالىغا بىر پارچە خەت يازدى. كېيىن بۇنى ئايالىغا قالدۇرۇپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلىدىكىلەردىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۈستىگە «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ خەتنى رەپىقەم سوفىيە ئاندىرىيېۋناغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار» دەپ يېزىلغان بۇ ۋىدالىشىش خېتىنى بىر ئىشكاپنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كىتىش پىلانى شۇ تەرىقىدە ئاخىرلاشتى.

ئۇ باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى شەپقەتسىزلەرچە چۆرۈپ تاشلىۋېتەلەيدىغان ئىلاھى شەخس ئەمەس ئىدى....




16



ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرقى چېكىگە بېرىپ قالدى. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئەركىنلىك ئىچىدە ئۆتتى. ياشلىق دەۋرى بولسا كافكازدا، ئىچ پۇشۇقى ئىچىدە تۈگەللەندى...كەينىدىنلا، تويدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىللىق جىمجىتلىق دەۋرى سۈردى، بىراق، بۇلارنىڭ ئەمدى بۇ بوۋاينى قىزىقتۇرالىغۇدەك يېرى قالمىغان ئىدى. ئۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا، تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا بېرىشقا ئىنتىلدى. «تېنچ» دەرگاھقا يېتىشنى ئىستىدى. بىراق بۇ ئۆلۈم تېنچلىقى ئەمەس، بەلكى، پانىي ئالەمدىكى قىزغىنلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ تېنچلىقى ئىدى.

دۇنياغا بولغان ئىسيانكارلىقتا روسسۇ ئىزچىل ئۇنىڭغا ھەمرا بولدى. لېكىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ئوتتۇز يىلىدا ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدىكى زىددىيەتكە ھېچكىم ھەمراھ بولالمىدى. بۇ-ھەقىقەت بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىدى.

ھەقىقەت ئۇنىڭ ھايات تۈگۈنى بولۇپ، بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ يوقالغان چاغدا، ئۇنىڭدا قېپقالغىنى پەقەتلا شۇ ھەقىقەت بولدى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتكە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، مانا بۇ ئۇنىڭ فلوبېردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى. فلوبېر ئۆز ئەسەرلىرىدىكى پېرسوناژلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئامال بار ئۆزىنى تارتقان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قانچلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ھامان بىر يورۇقلۇق كەم. تولستوي بولسا ئەڭ پەس ئادەملەرنىمۇ ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب تاپالىغان.

بۇ خىل مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىش ھەقىقەتەن تەس. بەزى چاغلاردا، كىشىلىك تۇرمۇش ئېغىر ھەم چوڭقۇر ئازابلارغا دۇچ كېلىدۇ. مۇھەببەتنى قوغداش ئۈچۈن بىز ئۇنى پانىي دۇنيانىڭ ئۈستىگە قويۇشقا مەجبۇر بولىمىز. لېكىن، بۇ ئۇنىڭ پانىي دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.

تولستوينىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مۇھەببەت خۇددى ئېگىزدىن چاقنىغان نۇردەك پەسكە يورۇقلۇق چۈشۈردىيۇ، ئەمما كىشىلىك تۇرمۇش بىلەن قايتا بېرىكەلمىدى. «تىرىلىش»تا بىز ئېتىقادنىڭ رېئاللىققا ھۆكۈمىرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ يەنىلا رېئاللىقنىڭ سىرتىدا تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.

تولستوي ئۆزىنى «بىزنىڭ بۇرادەر» دەپ ئاتىغان. بۇ ئاددىي ھەم يېقىملىق سۆز، ئۇ راستىنلا بىزنىڭ بۇرادىرىمىز، ئۇ بىزنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزىمىزنى دېيەلىگەن ئادەم. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بارلىق تەبىئىي تالانتلار تولۇق مۇجەسسەملەشكەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ ھەممىدىن يۈكسەك ئورۇنغا چىقىۋالغان مۇقەددەس ئەۋلىيا ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز. ئۇنى «بۇرادەر» دەپ ئاتاشنى بىز تېخىمۇ بەكرەك ياقتۇرىمىز.


مەنبە: شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتۇ سۈرەت نەشرىياتى نەشر قىلغان مەزكۇر ئاپتورنىڭ «مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابى.



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى