"ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ" ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ - ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﮬﯘﺷﯘﺭ



"ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ" ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ - ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﮬﯘﺷﯘﺭ

@TuranTekin
        
 يوللىغان ۋاقتى 2006-8-31

1912- يىلى 1- ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزىسىدا موللا ھۇشۇر داموللا ھاجى دىگەن دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابلىز ھۇشۇر ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئەرەپ، ئېنگىلىز، پارىس، تۈرۈك تىلى قاتارلىق تىللارنى بىلىدىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق تەرجىمان ئىدى. ئۇ 16 ياشقىچە (1928- يىلغىچە) ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلىدۇ ۋە ئاتىسى موللا ھۇشۇر داموللا ھاجىدا ئۇقۇيدۇ. 1928- يىلدىن 1931- يىلغىچە كۇچا ناھىيىسىدىكى مۇسەننىپ داموللىدا ئۇقۇيدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەندىرىپ دىگەن نام بىرىلىدۇ.(بۇ ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ، مەنىسى "بۇلبۇل" دىگەن بۇلىدۇ) 1932- يىلدىن 1934- يىلغىچە ئۈچ يىل قەشقەر خانلىق مەدرىسەدە ئۇقۇپ، داموللا ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. 1936- يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ، ئىككى يىل دىنىي مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ. 1937- يىلدىن 1942- يىلغىچە ئالتە يىل مەككىدە ئۇقۇيدۇ ھەم ئۇقۇتقۇچى بۇلىدۇ. 1942- يىلدىن 1946- يىلغىچە مىسىردا تۆت يىل ئۇقۇيدۇ ھەم جامىل ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىدا ئۇقۇتقۇچى بۇلىدۇ. ئۇ 35 ياشقا كىرگەن ۋاختىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دىگەن ئاتاقلىق مەكتىۋىدە ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى، پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئۇقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا بەرگەن جاۋاۋى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ قېتىملىق چوڭ يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى پاراخ ئۇنى ماختاپ، "بۈگۈندىن باشلاپ سىنىڭ ئىسمىڭ چىڭگىزخان بولسۇن، چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگۇدا چىڭگىزخان دىگەن بىر كىشى ئۆتكەن، سەن جۇڭگۇدىن 2- قېتىم چىققان چىڭگىزخان" دەيدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمى "چىڭگىزخان" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ، مەھمۇت مۇھىتى (سىجاڭ) بىلەن كۈرۈشىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنىيەگە بارىدۇ. كىيىن مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىللە بېيجىڭگە كىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شىڭشىسەي شىنجاڭدا كومىنىستلارنى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى، زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلمەي نەنجىڭ داشۆ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇقۇيدۇ. مەھمۇت مۇھىتى ۋاپات بولغاندا نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ، يەرلىكىدە قۇيىدۇ.
چىڭگىزخان بىر مەزگىل جۇڭگۇنىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەپ، 1947- يىلى 1- ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىدۇ. تۇققانلىرىنى كۈرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا بېرىپ، ئۈچ ئايدەك تۇرغاندا، ئۆلكىلىك ھۈكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتچان قاسىمىلار ماشىنا ئىبەرتىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كىلىدۇ ۋە ئۇ ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە بۈلۈم باشلىقى، قۇشۇمچە سەن مىنجۇيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۈگۈر ۋەكىلى بۇلۇپ، شۇ يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گومىنداخۇي (مىللى قۇرۇلتاي) غا قاتنىشىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بۇلىدۇ.
چىڭگىزخان قىسقىغىنە ھاياتىدا "سەر پۇل ۋىجدان"، "ئۇيغۇر شەرفى"، "قەلبى ئاسىيا"، "تۈركىستان ھۇدۇتلىرى" قاتارلىق بىر قانچە پارچە ئەسەر يازىدۇ ۋە كۆپلىگەن دىنىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىدۇ.
1949- يىلى 7- ئايلاردا چىڭگىزخان يۇرتى بۈگۈردە تۇرىۋاتقاندا، 9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسا بەگ قاتارلىق كىشىلەر بۈگۈرگە كىلىپ، چىڭگىزخان بىلەن كۈرۈشۈپ، ئۇنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كىتىدۇ. چىڭگىزخان چىگرىدىن ئۈتەلمەي يەركەنگە كىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ. كىيىن قەشقەرگە چاقىرتىلىپ، ھۈكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان قەشقەر، ئاقسۇ دىنىي زاتلىرىنىڭ ئۈگۈنىشىگە قاتناشتۇرىلىدۇ. ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىنىپ، 1950- يىلى 7- ئايدا ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكىلىدۇ ۋە 1952- يىلنىڭ ئاخىرى ئۈلۈم جازاسى بىرىلىدۇ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى