ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ غوللۇق ئىككى شاگرىتى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ غوللۇق ئىككى شاگرىتى
MEHZUN
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16
ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى
ئىمامنىياز ئابدۇقادىر
1.ھاياتى
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تولۇق ئىسمى يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھەبىب
سەئەد ئەلكۇفى. ئۇ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ غوللۇق شاگىرتى، فىقھەشۇناس ۋە
ئىسلامىيەتتىكى تۇنجى قازىيقۇزات(قازىكالان)تۇر.
ئەبۇ يۈسۈف ھىجرىيە 113-يىلى، مىلادىيە 731-يىلى كۇفە شەھىرىدە
دۇنياغا كەلگەن. ئۇنى ھ93م711-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراشلارمۇ مەۋجۇت. «تەبەقات»(تەرجىمىھال)
كىتابىدائەبۇ يۈسۈفنىڭ 69 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ
كىتابتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنى ھ93/م711-يىلى تۇغۇلغان دېگەن قاراش يېتەرلىك
دەلىل-ئىسپاتقا ئىگە ئەمەس.
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بوۋىسى سەئەد
ئىبنى بۇجەير ساھابىلەردىن بولۇپ، ياش ۋاقتىدا خەندەك ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە بۇ ئۇرۇشتا
كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا
ۋە ئەۋلادلىرىغا دۇئا قىلغان. سەئەد كېيىن كۇفە شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان كۇفە شەھىرى
بىر قىسىم ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئەينى زاماندا بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشى ۋە بۇ يەردە
پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئىلىم-ئىرپان مەركىزىگە ئايلانغانىدى. كۇفە شەھىرى
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە باشچىلىق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى ۋە تىرىشىشى نەتىجىسىدە
ئابباسىيلار دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمىي ساھەدە پىشىپ يېتىلىشىنىئۇنىڭ
ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئىلمىي غايىسىدىن باشقا، يەنە كۇفە شەھىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك
قويۇق ئىلمى مۇھىتىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئەبۇ يۈسۈف كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەچكە، ئۇنىڭ
بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىلچە
بوشاشماستىن ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن. ئائىلىسى ئۇنىڭ بىرەر كەسىپ
ئۆگەنمەي، داۋاملىق ئوقۇشىغا نارازى ئىدى. بىر قېتىم ئەبۇ يۈسۈف دەرستىن يېنىپ ئۆيىگە
قايتىپ كېلىپ، ئانىسىدىن يەيدىغان نەرسە سورىغاندا، ئانىسى يۆگەلگەن بىر
داستىخاننى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئالدىغا قويغان. ئەبۇ يۈسۈف داستىخاننى ئېچىپ، داستىخان
ئىچىدە بىر پارچە كىتابنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ ئانىسىدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى
سورىغاندا، ئانىسى: ”كۈندۈزى نېمە تېپىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن بولساڭ، كەچ
بولغاندا شۇ تاپقىنىڭنى يەيسەن“ دەپ جاۋاببەرگەن. بىر قىسىم مەنبەلەرگە
ئاساسلانغىنىمىزدا، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە بۇ زېرەك، ئەقىللىق شاگىرتىنىڭ ئىلىم
ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ
تۇرمۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلغان.
ئەبۇ يۈسۈف كۇفەدە نۇرغۇن ئالىملاردىن دەرس ئالغان. ئۇنىڭ
فىقھە ئىلمىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفە، ھەدىس ئىلمىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇستازى ھۈسەيىن
ئىبنى ئابدۇرراھماندۇر. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمى ساھەدە يېتىشىپ چىقىشىدا بۇ ئىككى ئۇلىمادىن
باشقا، يەنە ئىبنى ئەبۇ لەيلا، ئەبۇ ئىسھاق ئەش-شەيبانى، سۇلايمان ئەت-تەمىمىي، ئەئمەش،
ھىشام ئىبنى ئۇرۋە، مۇھەممەد ئىبنى يەسار، ھەسەن ئىبنى دىنار ۋە ئىسمائىل ئىبنى ئۇمەييەگە
ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملار تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان.
ئەبۇ يۈسۈف ئۆز زامانىدىكى مائارىپ ئۇسۇلى بويىچە، دەسلەپ
ئاساسى ئىسلام بىلىملىرى، ھەدىس ئۆگەنگەندىن كېيىن، فىقھە ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ۋە بۇ
مەقسەتتە ئىبنى ئەبۇ لەيلانىڭ دەرسلىرىگە قاتناشقان. ئەبۇ لەيلادىن 9 يىل قەزا(دەۋا-دەستۇر
ئىلمى) ۋە فىقھە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئەبۇ ھەنىفەنىڭدەرسلىرىگە قاتناشقان. ئەبۇ ھەنىفە
ۋاپات بولغۇچە 17 يىل ئۇنىڭدا ئوقۇغان. ئارىلىقتا پەقەت بىر ئايلا ئەبۇ ھەنىفەنىڭ
دەرسلىرىگە قاتناشماي، ئىبنى ئىسھاقتا مەغازى ئىلمىنى ئوقۇۋالغان. ئۇ، ھەدىس
ئىلمىنى ئۆگىنىشنىمۇ توختاتمىغان بولۇپ، پۇرسەت تاپسىلا، ھەدىسدەرسى سورۇنلىرىغا بېرىپ
ھەدىس ئاڭلىغان ۋە بۇ يەردە ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھە دەرس سورۇنىدا
مۇزاكىرە قىلغان. ئەبۇ يۈسۈف ھەدىس دەرسلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا، ھەججاج ئىبنى ئەرتاتقا
ئوخشاش ھەدىسشۇناسلار بىلەن تونۇشقان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمىي قابىلىيىتى ھەدىسشۇناسلار
تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنداقلا فىقھە ئىلمى ساھەسىدىلا ئەمەس، يەنە ھەدىس
ئىلمى ساھەسىدىمۇ چوڭقۇرلاشقان ۋە رەي ئەھلى ئىچىدىكى ”ھەدىسى ئېلىنسا بولىدىغان ئەڭ
ئىشەنچىلىك كىشى“ دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ھ150/م767-يىلى ۋاپات
بولۇپ، 15 يىلدىن كېيىن قازىيلىق قىلىشقا باشلىغان. تارىخىي مەنبەلەردە ئەبۇ يۈسۈفنىڭ
ئۇستازىدىن كېيىن قازىلىق قىلغۇچە بولغان 15 يىل جەريانىدا قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى
ھەققىدىكى مەلۇماتلار يوق دېيەرلىك. شۇنداقلا ئۇنىڭ كۇفە جامەسىدە شەخسىي دەرس سورۇنى
ئاچقان ياكى ئاچمىغانلىقى، قازىلىققا تەيىنلەنگۈچە بولغان ئارىلىقتا تۇرمۇشىنى
قانداق قامداپ كەلگەنلىكى قاتارلىق خۇسۇسلاردىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئەبۇ يۈسۈف تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئابباسىي خەلىپىسى
مەھدىي بىللاھ دەۋرىدە(مىلادىيە 775-785-يىللىرى)
ئائىلىسى بىلەن بىللە باغداتقا كېلىپ ماكانلاشقان. بۇ جەرياندا خەلىپە بىلەن تونۇشقان
ۋە بىر قىسىم مەنبەلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ھ166/م782-يىلى قازىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.
جۇرجانغا ۋالىي بولۇپ ئەۋەتىلگەن ۋەلىئەھد مۇسا ئەلھادى ئەبۇ يۈسۈفنى ئۆزى بىلەن
بىللە جۇرجانغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ قازىلىق ئورنىغا ئوغلى يۈسۈف ئولتۇرغان. خەلىپە
مەھدى ۋاپات بولغاندىن كېيىن جۇرجان ۋالىيسى مۇسا ئەلھادى تەختكە چىققان. ئەبۇ يۈسۈفمۇ
بۇ يېڭى خەلىپە بىلەن بىللە باغداتقا قايتىپ كەلگەن ۋە قازىلىق ۋەزىپىسىنى يەنە داۋاملاشتۇرغان.
خەلىپە ھارۇن رەشىد تەختكەچىققاندىن كېيىن ئەبۇ يۈسۈفنى قازىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرمىغان.
ھارۇن رەشىد زامانىدا(مىلادىيە 786-809-يىللىرى) قازىيقۇزاتلىق(قازىكالان)
ئورگىنى تەسىس قىلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىش، سوتلاش ۋە سوت ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنىڭ
بىرلىككە كېلىشىدە ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بېسىلغان. ئەبۇ يۈسۈف قازىكالانلىققا تەيىنلەنگەن
ۋە ئىسلامىيەتتىكى تۇنجى قازىيقۇزات بولۇپ قالغان. ئۇ ئابباسىي خەلىپىلىكىگە تەۋە
پۈتۈن رايونلارغا قازى بەلگىلەش ۋە قازىلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە
بولغانلىقى ئۈچۈن، ”قازىيقۇزاتى دۇنيا(دۇنيانىڭ قازىكالانى)“ دېگەن نام بىلەنمۇ
ئاتالغان. مەقرىزىينىڭ بايان قىلىشىچە، ئەبۇ يۈسۈف قازىيقۇزاتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن
كېيىن ئىراق، خۇراسان، شام ۋە مىسىر قاتارلىق رايونلاردا ئۇنىڭ تەستىقىسىز قازى تەيىن
قىلىنمىغان. ئەبۇ يۈسۈف ھىجرىيە 182-يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەل(مىلادىيە 798-يىلى
4-ئاينىڭ 26-كۈنى) 69 يېشىدا باغداتتا ۋاپات بولغان. ۋاپات بولغۇچە باش قازىلىق ۋەزىپىسىنى
ئۆتەپ كەلگەن. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ جىنازا نامىزىنى ھارۇن رەشىد ئوقۇغان ۋە جىنازىنى
باشلاپ ئۆزىنىڭ ئائىلە قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە يەرلىكىگە قويغان. قەبرىسى
باغدات شەھىرىنىڭ كازىمىيە رايونىدىكى كازىم قەبرىستانلىقىغا تۇتاش سېلىنغان، ئەبۇ
يۈسۈفنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەسچىتنىڭ يېنىدا قويۇلغان.
2.ئىلمى قابىلىيىتى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى
مەيلى ھازىرقى زامان ئالىملىرى بولسۇن ياكى كېيىنكى زامان
ئالىملىرى بولسۇن، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىلمى قابىلىيىتى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىنى مەدھىيىلەپ
تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەبۇ يۈسۈف تاشقى قىياپەت جەھەتتىن جۇغى كىچىكرەك كەلگەن كىشى بولۇپ،
بەززازىينىڭ نەقىل قىلىشىچە، قاسىم ئىبنى زەيبەك ئەبۇ يۈسۈفنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ،
شۇنداق دېگەنكەن: ”ئاللاھ ئىلىمنى بىرەر قۇشنىڭ تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىرادە
قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى“. ئەبۇ يۈسۈف زېرەك ئادەم بولۇپ، ئەستە
تۇتۇش قابىلىيىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئۇ، 50-60 ھەدىسنى بىر قېتىم ئاڭلاپلا، ئۆز
ئەينى يادىغا ئوقۇپ بېرەلەيتتى. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ھەسەن
ئىبنى زىياد ئەل-لۇئلۇئنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئەبۇ يۈسۈف بىر قېتىملىق ھەج سەپىرىدە
ئاغرىپ قالىدۇ، ئۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدىن ئاڭلىغان قىرىق ھەدىسنى
ياشىنىپ قالغانلىقىغا ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قارىماي يادلىۋالغان ۋە
كېيىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە يازدۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان.
ئەبۇ يۈسۈف ئۆزىنىڭ ئىلىمى قابىلىيىتى بىلەن تۇنۇلۇپلا
قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، سېخىيلىقى ۋە مەردلىكى بىلەنمۇ تونۇلغان
زات ئىدى. ئۇ نامراتلىق ۋە قىيىنچىلىقئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولۇپ،
كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇناتتى. ئۇستازى ۋە يۆلەنچۈكى بولغان ئەبۇ ھەنىفەگە
ياخشى دۇئا-تىلەكلىرىنى ئۈزۈپ قويمىغانىدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى مەككە، مەدىنە،
كۇفە ۋە باغدات شەھىرىنىڭ ھەربىرىگە 100 دىناردىن تارقىتىشنى ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان.
ئەبۇ يۈسۈف خەلىپە ۋە ئوردىدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە
سازاۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار ئۇنىڭغا ”ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس
قىلىپ پەتىۋا بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقىدەك يۇقىرى ماقاملارغا چىقالىغان“ دېگەنگە
ئوخشاش تۆھمەتلەرنى چاپلىغان. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھارۇن رەشىدكە قىلغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى
ئۇنىڭغا چاپلانغان بۇ تۆھمەتلەرنى ئىنكار قىلىشقا يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ: ”بۈگۈنكى
ئىشنى ئەتىگە قويما!....ئاللاھ تەرەپتىن ساڭا بېرىلگەن بۇ خەلىپىلىك ۋەزىپەڭنى ھەر
ۋاقىت جايىدا ئورۇندا. قىيامەت كۈنى ئەمەلدارلارنىڭ ئەڭ بەختلىكى خەلقىنى بەختلىك
قىلغان ئەمەلداردۇر. سەن توغرا يولدىن ئاداشمىساڭ خەلقىڭمۇ ئاداشمايدۇ. نەپسىڭنىڭ ۋە
ئاچچىقىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىنتىقام ئېلىشتىن يىراق تۇرغىن...“
ئەبۇ يۈسۈف ئىلىم ۋە ئىلىم ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى كىشىلەرگە
نامايان قىلىش ئۈچۈن ئەڭ كۆركەم يەردە ئولتۇراتتى. كىيىم-كېچەكنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى
كىيەتتى. ھەر خىل قىممەتلىك زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەلگەن ئاتقا مىنەتتى. ئۇنىڭ بۇ
ئىشىغا قارشى چىققۇچىلارغا قارىتا، ئۇ: ”بىر تىككۈچى بالىسىنىڭ ئىلمىي ساھەدە يۇقىرى
سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ھەممە كىشىنىڭ كۆرۈشىنى ۋە بۇنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن“ دەپ
رەددىيە بەرگەن. قانۇن-ھۆكۈم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ، خەلق
ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنداكۆرۈنىشى ۋە ئۆزلىرىگە لايىق ھۆرمەتكە نائىل بولۇشى ئۈچۈن
ئۇلارغا قارا سەللە ۋە تون قاتارلىق مەخسۇس كىيىم كىيىشنى بېكىتكەن. ھارۇن رەشىدتىن
ئەبۇ يۈسۈفنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: ”ئەبۇ يۈسۈفنى
ئىلىمدىكى مۇكەممەللىكى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەزھەپتىكى تەۋرەنمەسلىكى
ۋە دىندىكى تەقۋادارلىقى سەۋەبىدىن شۇنچە ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەيمەن“ دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئەبۇ يۈسۈف بۇ ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى
بولۇپ قالغان، خەلىپە بىلەن بىللە نۇرغۇن سەپەرگە چىققان، بىر قانچە قېتىم خەلىپە
بىلەن بىللە ھەجگىمۇ بارغان.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ دەرس ۋە ئىلمىي سورۇنلىرىغا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار
قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن فىقھە ئۆگەنگەن ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلىش شەكلى ئارقىلىق
ئىلىم تەھسىل قىلغان، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇھەممەد
ئىبنى ھەسەن ئەش-شەيبانى، بېشىر ئىبنى ۋەلىد ئەل كىندى، بېشىر ئىبنى غىياس، يەھيا
ئىبنى مەئىين، ھىلال ئىبنى يەھيا ئەل-رەئىي، جەئفەر ئىبنى يەھيا ئەل-بەرمەكىي، ھەسەن
ئىبنى زىياد ئەل-لۇئلۇئ، ئەسەد ئىبنى فۇرات ۋە يەھيا ئىبنى ئادەم قاتارلىقلار بار.
ئەبۇ يۈسۈف فىقھە ۋە ھەدىس ساھەسىدىلا ئەمەس، يەنە تەپسىر،
سىيرەت، مەغازىي ۋە ئەرەبتەزكىرىچىلىكى ساھەسىدىمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن
ئالىمى ئىدى. زامانداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى بىلىمىگە يۇقىرى باھا بەرگەنىدى.
3.ئىجتىھات(يېڭى ھۆكۈم تۇرغۇزۇش)تىكى مېتودى ۋە فىقھە ساھەسىدىكى
ئورنى
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىجتىھاتتىكى مېتودىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن،
ئۇنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد قاتارىغا كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى
ئىختىلاپلارغا قاراپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىبنى كەمال ۋە ئىبنى ئابىدىنغا
ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ئەبۇ يۈسۈفنىڭ مۇتلەق مۇجتەھىد ھېسابلانماستىن، پەقەت مەزھەپ
مۇجتەھىدى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سەرەخسى، ئىبنى ھەزم، شىھابىددىن ئەل مەرجانى
ۋە يېقىنقى زامان ئالىملىرىدىن ئەلى ئەل-خەفىف، مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە، زاھىد كەۋسەرى
قاتارلىقلار ئەكسىچە ئەبۇ يۈسۈفنى مۇتلەق مۇجتەھىد دەپ قارىغان.
ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەگە پەقەت فۇرۇئ(تارماق)
مەسىلىلەردىلا ئەمەس، يەنە ئۇسۇلغا(يەنى شەرىئەت قانۇنچىلىقىدىكى پرىنسىپال نەزەرىيەلەرگە)
ئالاقىدار مەسىلىلەردىمۇ قارشى پىكىردە بولغان. مەلۇم بىر مەسىلىدە نوقۇل تەقلىدچىلىك
يولىنى تۇتماستىن، بەلكى تەتقىقات يولىنى تۇتقان. ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئوخشاش
قاراشلىرىمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىمۇ تەقلىدچىلىكتىن خالىي بولۇپ،
ئۇنىڭدا دەلىل-ئىسپاتقا تايانغان.
ئەگەر بىز ئىجتىھاتنى، ھەر دەۋردىكىيېڭى مەسىلىلەرگە شەرىئەتنىڭ
ھۆكۈمىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىش، يەنى قۇرئان كەرىم، ھەدىس ۋە
ئىجمائ-قىياس ئۇسۇللىرىنى پىششىق بىلىش دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئەبۇ يۈسۈفنى شەرتسىز
ھالدا مۇتلەق مۇجتەھىد دېيەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەينى زاماندا كۇفە شەھىرىدە
ئەبۇ ھەنىفە باشچىلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان فىقھە ئەنجۇمەسىنىڭ ئەزاسى بولغان
بولۇپ، بۇ ھەيئەت ئىچىدە 17 يىل پائال خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ مۇتلەق
مۇجتەھىد سانىلىدىغانلىقىغا ئۇستازىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى كۇپايە: ”ئەبۇ يۈسۈف يەر يۈزىدىكى
ئەڭ بىلىملىك كىشىدۇر“.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىجتىھات ئۇسۇلىنى بىرەر كىتابتائۇچراتقىلى
بولمايدۇ. ھەر خىل تارىخى مەنبەلەردە ئىسلامىيەتتىكى فىقھە ئۇسۇلى توغرىسىدىكى تۇنجى
كىتابنى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ يازغانلىقى بايان قىلىنسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇنداق بىر
كىتابنى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق. شۇڭا ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىجتىھات ئۇسۇلىنى ئۇنىڭ بىر قىسىم
پەتىۋالىرى ۋە سۆزلىرىدىن چىقىرىش مۇمكىن. تارىخى مەنبەلەردە ئەبۇ يۈسۈفنىڭ
ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان: ”ئى ئاللاھ!
سەن ئوبدان بىلىسەن، ئالدىمغا كەلگەن ھەربىر مەسىلىنىڭ ھۆكۈمى ئۈچۈن ئاۋۋال سېنىڭ
كىتابىڭغا مۇراجىئەت قىلدىم. ئۇنىڭدىن بىرەر چىقىش يولى تاپالىسام شۇنى ئالدىم. ئەگەر
تاپالمىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە مۇراجىئەت قىلدىم. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ
بىر چىقىش يولى تاپالمىسام ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلدىم“. بۇنىڭدىن
ئىجتىھاتتا ئەڭ كۆپ قىياسقا تايىنىدىغان بۇ رەي ئالىمىنىڭ ئىجتىھات ئۇسۇلىدا ساھابە
سۆزىنى قىياسنىڭ ئۈستىگە قويىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئەبۇ يۈسۈف ساھابە سۆزلىرىگە
تايىنىپ قىياس بىلەن چىقىرىلغان نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى بىكار قىلىۋەتكەن. ئەبۇ يۈسۈفنىڭ
پەتىۋالىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان ۋە ئۆرپ-ئادەت
قاتارلىق ئاساسى ۋە تارماق دەلىللەرنىمۇ ئوخشىمايدىغان رەت-تەرتىپ ۋە ئۇسۇل ئىچىدە
ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەبۇ يۈسۈف رەي ئېقىمىدىكى فىقھەشۇناس، شۇنداقلا ھەدىس
ئىلمى ساھەسىدىكى مۆتىۋەر زاتتۇر. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھەر دائىم ھەدىستىن
پايدىلىنىدىغانلىقى ۋە قىياسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا
قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇزۇن مۇددەت سىياسىي تۈزۈلمىگە تەۋە دەۋا-دەستۇر
ئورنىدا خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە قىياسنى ئەمەس، ئىستىھسان(مەنپەئەت ئومۇمىيلىقى)نى
ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ھۆكۈم چىقارغان. مانا بۇ خىل ئەھۋال، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ
”زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھۆكۈملەرنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقى“دىن ئىبارەت ئومۇمىي
فىقھە پرىنسىپى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قىسقىسى، ئەبۇ
يۈسۈف بارلىق ھۆكۈم چىقىرىش ئىشلىرىدا قۇرئان-ھەدىسكە مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان
ئالىم. شۇنداقلا شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە ھېكمىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن فەقىھدۇر.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ فىقھە ساھەسىدىكى ئورنىغا كەلسەك، ئەبۇ يۈسۈف
دەسلەپ ئەبۇ لەيلادا، كېيىن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەدە ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئەبۇ
ھەنىفەنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان. ئۇ ھېچبىر زامان تەقلىدچىلىكقىلمىغان، ئۆزىنىڭ
قاراشلىرىنى ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ۋاز كەچمىگەن. ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئوتتۇرىسىدا
پىكىر ئىختىلاپى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ
خىل ئىختىلاپ تېخىمۇ كۆپەيگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۇستازى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى
نورمال داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئەبۇ ھەنىفە بىلەن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكرى
بىر يەردىن چىققاندا، كۆڭلىنىڭ يورۇپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇستازىغا
بولغان ھۆرمىتى، ئۇنىڭ ھۆكۈم ئىشلىرىدىكى ئۆزىگە خاس يولىغا توسالغۇ بولمىغان.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ھەدىس ئالىملىرى بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە
بولۇشى، ئۇلاردىن ھەدىس ئۆگىنىشى، ئەبۇ ھەنىفە زامانىدا ئىشەنچلىكلىكى بېكىتىلمىگەن
نۇرغۇن ھەدىسلەرنىڭ ئەبۇ يۈسۈف زامانىغا كەلگەندە ئىشەنچىلىك بولۇپ بېكىتىلىشى
قاتارلىق سەۋەبلەر ئەبۇ يۈسۈفكە مەسىلىلەرگە ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفەگە ئوخشىمايدىغان
نۇقتىدا تۇرۇپ قارايدىغان شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. ئەبۇ يۈسۈف ھەدىس ئۆگىنىشنى
فىقھەدىن بۇرۇن باشلىغان. ھەدىسلەرنى ئەستە تۇتۇش ۋە ھەدىسلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ھەر
خىل مەنىلىرىنى ئىگىلەشتە قىيىنالمىغان. شۇ سەۋەبتىن رەي ئالىملىرى ئىچىدىكى ھەدىسكە
ئەڭ چىڭ يېپىشقان ئالىمنىڭ ئەبۇ يۈسۈف ئىكەنلىكى مەشھۇردۇر. ئەبۇ يۈسۈف ئەبۇ ھەنىفەدىن
ئۆگەنگەن بىلىمگىلا قانائەت قىلىپ ئولتۇرماستىن، يەنە مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىك
بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس ۋە فىقھە ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىمام
مالىكنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى
بايقىغان ۋە بۇ ئىككى ئۇسلۇبنى بىرلەشتۈرگەن. ئىراققا قايتقاندىن كېيىن مەدىنىدىكى
ئەسەر(ھەدىس) ئېقىمى بىلەن ئىراقتىكى رەي(ئەقىل) ئېقىمىنى يېقىنلاشتۇرغان.
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەردە ئەبۇ ھەنىفە بىلەن
پىكىر ئىختىلاپى يۈز بېرىشىنىڭيەنە بىر سەۋەبى، ئەبۇ يۈسۈفنىڭ دەسلەپ قازى كېيىن
قازىيقۇزاتلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىدىندۇر. بۇ مەنسەپلەر ئەبۇ يۈسۈفنى ھۆكۈم
ئىشلىرىدا نۇرغۇن تەجرىبە ۋە مول بىلىمگە ئىگە قىلغان. نەزەرىيە ھالىتىدىكى ھۆكۈملەرنى
ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بەرگەن. ئەبۇ يۈسۈف قازىيقۇزات بولۇش
سۈپىتى بىلەن، قازىلارنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە
ئىدى. ئۇ ئادەتتە كۆپرەك ھەنەفىي مەزھىپىگە مەنسۇپ قازىيلارغا مەنسەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن،
خەلق ئارىسىدا ھەنەفىي مەزھىپىگە بولغان قىزىقىش ئېشىپ بارغان. ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ
كەڭ تارقىلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئەبۇ يۈسۈفنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىدىن ئايرىپ
قارىغىلى بولمايدۇ.
4.ئەسەرلىرى
ئەبۇ يۈسۈف ھەنەفىي مەزھىپىدە ئەسەر يازغان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ.
تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتاب يازغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن
زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى ناھايىتى ئاز. بىر قىسىم مەنبەلەردە ئەبۇ يۈسۈفكە
نىسبەت بېرىلگەن ئىككى كىتاب مەۋجۇتتۇر. بىرى «ئەدەبۇل-قازىي»، يەنە بىرى «كىتابۇل-مەخارىج».
ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.كتاب الخراج (كىتابۇلخاراج-ئىقتىسادىي مەنبەلەر). بۇ
ئىسلام فىقھە تارىخىدا ئىقتىساد ساھەسىدە يېزىلغان تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم كىتاب بولۇپ،
ئۇنى بۇ ساھەدە كۈنىمىزگىچە يېتىپكېلەلىگەن تۇنجى كىتابدېسەكمۇ بولىدۇ. كىتابتا دۆلەتنىڭ
پۇل-مۇئامىلە ۋە مالىيە مەنبەلىرى تىلغا ئېلىنغان. كىتابتادىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە
ئورۇن بېرىلىش بىلەن بىرگە، يەنە فىقھە، ھەدىس، ھېساب، ھەق-ھوقۇق، جەمئىيەت، ئەدەبىيات
ۋە جۇغراپىيە قاتارلىق تېمىلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
2.اختلاف أبي حنيفة وابن أبي ليلى (ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئەبۇ
لەيلانىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى). ئەبۇ يۈسۈف بۇ كىتابتائىككى ئۇستازىنىڭ
بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل قاراشلىرىنى بىر يەرگە توپلىغان ۋە ئۆز دەۋرىدىكى
ئالىملارنىڭ ھەرخىل مەسىلىلەردىكى چوڭقۇر تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.
كىتابنى ئەبۇ يۈسۈفتىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەش-شەيبانى رىۋايەت قىلىپ تارقاتقان.
3. الرد على سير الأوزاعي(ئەۋزائىينىڭ سىيرەتىگە رەددىيە).
ئەبۇ ھەنىفە ئىمام مۇھەممەتكە ئىملا(ئاغزاكى بايان) يولى ئارقىلىق سىيرەت ھەققىدە
بىر كىتاب يازدۇرغان. بۇ كىتابتىكى قاراشلار ئەۋزائىي تەرىپىدىن يېزىلغان «سىيرەتۇ
ئەۋزائىي» ناملىق كىتابتا تەنقىد قىلىنغان. ئەبۇ يۈسۈف ئەۋزائىينىڭ بۇ سىيرەتىدىكى
قاراشلارنى تەنقىدلەش ئۈچۈن «ئەۋزائىينىڭ سىيرەتىگە رەددىيە» ناملىق كىتابنى يېزىپ
چىققان.
4. كتاب الآثار(ئەسەرلەر). بۇ كىتاب ئەبۇ ھەنىفەدىن رىۋايەت
قىلىنغان بىر قىسىم ھەدىس ۋە فىقھە قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب بولۇپ، ئۇ
ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مۇسنەدى ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا تاھارەت، غۇسلى، جۇنۇپلۇق، ئىددەت قاتارلىق
فىقھى مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. ئەسەرگە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ پەتىۋا ۋە ھۆكۈم
ئىشلىرىدا تايانغان ھەدىسلىرى ۋە كۇفە، ئىراقلىق تابىئىن فىقھە ئالىملىرىنىڭ پەتىۋالىرى
توپلانغان.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى
ئىمامنىياز ئابدۇقادىر
(بۇ ماقالە جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-
ساندا ئېلان قىلىنغان)
ئىمام مۇھەممەدنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد
ئىبنى ھەسەن ئىبنى فەرقەد ئەش-شەيبانىيدۇر. ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ غوللۇق
شاگىرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىپىدىكى بۈيۈك ئـۈچ ئـىمامنىڭ بـىـرىدۇر. شۇنداقلا
ھـەنەفىي مەزھىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئـومـۇملىشىشىـدا تۈرتكىلىك رول
ئوينىـغـان مۇھىم زات بولۇپ، ئىسلامفىقھە ساھەسىدە ئىمام مۇھەممەد ۋە ئەبۇ يۈسۈفكە
ئىمـامـەيـن، يەنى ”ئىككى چوڭ پېشۋا“ دەپ نـام بېرىلگەن.
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، ئىمام مۇھەممەدنىڭ
دادىسى ھەسەن دەمەشق شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان ھۈدىستا دېگەن كەنتىدىن بولۇپ، ئۇمەييە
خەلىپىلىكى دەۋرىنىڭ(مىلادىيە 661-يىلىدىن750-يىلىغىچە) ئاخىرقى مەزگىللىرىدە
ئىراققا كۆچۈپ بارغان. ئىمام مۇھەممەد ھىجرىيە 132-يىلى، مىلادىيە 749-يىلى
ئىراقنىڭ ۋاسىت دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلـگـەن. كېيىن دادىسى بىلەن بىرگە كۇفە شەھىرىگە
كۆچۈپ بارغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى كـۇفـە شەھىرىدە ئۆتكەن. ئىمام مۇھەممەد كۇفە
شەھىرىگە كـۆچـۈپ كەلـگـەن ۋاقـىـت بۇ جاينىڭ ئىلىم-مەرىپىتى گۈللەنگەن، فىقھە، ھەدىس،
تىل-ئەدەبىيات، گرامماتىكا ئىلمى قاتارلىق بىلىملەر تەرەققىي قىلغان دەۋرىگە
توغـرا كېلىدۇ. ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئىلىـمدا شـۇقەدەر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىدە ئۇنىڭ
ئەقلى ئىقتىدارىدىن باشــقـا، يەنە يـۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىلمىي مۇھىتمۇ
ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىمام مۇھەممەد كۆپلىگەن ئالىملاردىن دەرس ئالغان. 14 ياش
ۋاقتىدا ئىمام ئەزەم ئـەبـۇ ھەنىفەنىڭ دەرسلىرىگە قاتناشقان. ئەبۇ ھەنىفە دۇنيادىن
ئۆتكەندىن كېيىن(مىلادىيە 767-يىلى) فىقھە دەرسىنى ئەبۇ يۈسۈفتە داۋاملاشتۇرغـان.
ئـەبـۇ ھەنىفە دۇنيادىن ئۆتكەندە ئىمام مۇھەممەد 18ياشتا بولۇپ، رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ
ئەبۇ ھەنىفەنـىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. موللا ئەلى
قارىينىڭ قارىشىچە، ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئىمام ئەزەم بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى
بار ئىكەن. ئـىمـام مـۇھـەمـمـەد ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن جايلارغا سەپەر
قىلغان ۋە بۇ جەرياندا كۆپـلىگـەن ئالىمـلار بـىلــەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇلاردىن نۇرغۇن
ئىلىم ئۆگەنگەن. ئۇ شامدا ئەۋزائى، مەككىدە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، خۇراساندا ئابدۇللا
ئىبنى مۇبارەك قاتارلىق كاتتا ئۇلىمالارنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشـىپ، ئۇلاردىن ئىلىم
تەھسىل قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بەسرە شەھىرىگە بېرىپ ئىلىم ئۆگەنگەنلىكى رىۋايەت
قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلىك ئىلىم سەپىرى مەدىنەگە قىلغان سەپىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىمام مۇھەممەد مەدىنەدە ئۈچ يىل تۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا
ئىمام مالىكتىن تەپسىر، ھەدىس ۋە باشقا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن باشقا، يەنە
مۇۋەتتانى ئىمام مالىكنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىلمىي
قاراشلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئەبۇ يۈسۈفتىن ھەدىس ئاڭلىغاندىن
باشقا، يەنە كۇفە، بەسرە، مەككە ۋە شام قاتارلىق جايلاردىكى پېشقەدەم ئالىملاردىنمۇ
ھەدىس ئاڭلىغان.
ئىمام مۇھەممەد مەدىنەدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ ئاساسىدا
رەي(ئەقلىيەتچىلەر) ئەھلىنىڭ ھۆكـۈم چىقىرىش مېتودى بىلەن ھەدىس ئەھلىنىڭ مېتودىنى
بىرلەشتۈرگەن. ئىراققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،
ئۇنىـڭ ئىلمىي ئىقتىـدارىنىـڭ يۇقىرىلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىلىم شەيدالىرى توپ-توپ
بولۇپ، ئىراققا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ دەرسخانىسىدا نۇرغۇنلىغان ئالىملار يېتىشىپ
چىققان بولۇپ، ئۇلارنـىڭ ئىچىدىكى ئـەڭ مەشھۇرى شافىئىي مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئىمام شافىئىيدۇر. ئىمام شافىئىي ئىمام مۇھەممەدتىن كۆپلەپ ئىلىم تەھسىل
قىلغانلىقى ۋە بۇ ئۆگەنگەنلىرى ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان كىتاب يازغانلىقىنى ئېتىراپ
قىلغان. ئىمام مۇھەممەدنىڭ غوللۇق شاگىرتلىرىدىن ئەسەد ئىبنى فۇرات، ئەبۇ ھەفس ئەل-كەبىر،
ھىشام ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەل-رازىي، ئىسا ئىبنى ئەبان، ئىبنى سەما، ئىسمائىل ئىبنى
قەزۋىنىي، مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئەل-جۇزجانى، ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سالام ۋە
يـەھـيـا ئىبنى ئەكسەم قاتارلىق ئالىملار بار.
مالىكىي فىقھەسىدە تۇنجى بولۇپ ئەسەر يازغان زات ئەسەد
ئىبنى فۇرات ئاۋۋال ئىمام مالىكتىن، كېيىن ئىمام مۇھەممـەدتىن ئىلىم تەھسىل
قىلغان. ئـۇ ئىمام مۇھەممەدنىڭ تەشەببۇسى بىلـەن شىمالى ئافرىقىغا بېرىپ، شۇ يەردە
ئىجتىھات ۋە ئىلىم ئۆگىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەغرىبتە ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ
تارقىلىشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىمام مۇھەممەد ئەخلاق-پەزىلەتلىك، مەرد، راۋان سۆزلۈك،
ئىنساپلىق، ئىلىم سۆيەر كىشى ئىدى. مۇزەنىيدىن ئىمام شافىئىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى
نەقىل قىلىنغان: ”مـەن ئىمام مۇھەممەدكە ئوخشاش بەدىنى سېمىز، لېكىن روھى يەڭگىل،
تىلى پاساھەتلىك بۇنداق بىر كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەن ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشىدىن،
قـۇرئـان كـەرىـم خۇددى ئۇنىڭ تىلىدىن چۈشكەندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. ئۇ بىر
ئىلىـم كـانـى ئىدى، مەن مۇنازىرىلەشكەن كىشىلەر ئىچىدىن مۇنازىرىدە قارشى تەرەپنىڭ
يۈزىنى قىزارتمايدىـغـان كىشى دەل ئىمام مۇھەممەد ئىدى. بۇ ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىش
ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئىدى“. يەنە باشقا بىر رىۋايەتتە ئىمام
شافىئىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان: ”ئىمام مۇھەممەد ئۆز ئەقلىنىڭ
لاياقىتىدە گەپ قىلسا ئىدى، بىز ئەسلا چۈشىنەلمىگەن بولاتتۇق، ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەقلىمىزگە
يارىشا سۆزلىگەچكە چۈشىنىۋاتىمىز“.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ دادىسى ئىنتايىن باي بولۇپ، دادىسىدىن
ئـۇنىڭـغـا 30 مىڭ دىنار(ئالتۇن پۇل) مىراس قالغان. بۇ مىراس ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت
ئىلىم-مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ھەمدە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىـشىـغـا
شـارائـىـت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ يوقسۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن
ئىدى.
ئەسەد ئىبنى فۇرات مۇنداق بىر ۋەقەنى رىۋايەت قىلغان: ”مـەن
بىر كـۈنـى، ئىمـام مۇھەممەدنىڭ دەرسخانىسىدا ئىدىم، مۇساپىرلارغا ھەقسىز سۇ
تارقىتىدىـغـان كىشى"سۇ ئېلىۋېلىڭلار" دەپ توۋلىدى. مەن ئالدىراپ بېرىپ،
بـىـر نـوگـاي سـۇ ئېلىپ ئىچكەندىن كېيىن، ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۇشۇمغا، ئىمام مۇھەممەد:
"ھەقسىز سۇنى ئىچتىڭغۇ"دەپ سورىدى. مەن: "ھەئە، رەھمەت ئۇستازىم. مەن
مۇسـاپـىـر" دەپ جاۋاب بەردىم. دەرس تۈگىگەندىن كېيىن، ھۇجرامغا قايـتىپ ئـەمـدى
ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا، بىرى ئىشىك چەكتـى، چىقـىپ ئىشىكنـى ئاچسام ئىمـام مۇھەممەدنىڭ
خىزمەتكارى ئىكەن. ئۇ ئۇستازىم سىزگە سالام ئېيتتى، ئـۇ سىزنـىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىڭىزنى
تېخى بۈگۈن بىلىپتۇ، ئۇ سىزنى قىيىنچىلىق تارتىپ قـالمىسۇن دەپ بۇنى ئەۋەتتى، دەپ
ماڭا بىر خالتىنى بېرىپ قايتىپ كەتتى. كۆڭـلۈمـدە، بـۇ كۈمۈش پۇل(دىرھەم) بولسا كېرەك،
دەپ ئويلاپ خوش بولغىنىمچە ھۇجرامغا كـىرىپ خالتىنى ئېچىپ قارىسام خالتىدىكى سەكسەن
دىنار(ئالتۇن پۇل) ئىكەن“.
ئىمام مۇھەممەد تەقۋادار، سۈننەتتە چىڭ تۇرىدىغان، ئۆزى
توغرا دەپ قارىغان ئىشلاردا باشقىلارغا يۈز خاتىرە قىلمايدىغان كىشى ئىدى.
ئىمام مۇھەممەد بىلەن دەۋرداش بىر كىشى مۇنداق رىۋايەت
قـىلغان: ”بىر كۈنى بىز ئىمام مۇھەممەد بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ئېدۇق، خەلىپە ھارۇن
رەشىـد كېلىپ قالدى، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغىنىچە
قول باغلاپ تۇردى. پەقەت ئىمام مۇھەممەدلا ئورنىدىن مىدىر قىلماي ئولتۇردى. خەلىپە
ھارۇن رەشىد ئۇنىڭدىن: "ئى مۇھەممەد، نېمە ئۈچۈن ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر بىلەن
تەڭ ئورنۇڭدىن تۇرمايسەن؟" دەپ سورىدى، ئۇ: "ئۆزلىرى مېنى ئىلىمگە مۇناسىپ
كۆرگەن ئىدىلە، ئۆزۈمگە لايىق ئىلىم مەرتىۋىسىدىن خىزمەتچى مەرتىۋىسىگە چۈشۈشنى مۇۋاپىق
تاپمىدىم. چۈنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: "ھەرقانداق ئادەم
باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قول باغلاپ تۇرۇشىنى تاما قىلسا، دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان
بولىدۇ"دېگەن(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)" دېۋىدى، خەلىپە ھارۇن
رەشىد ئۇنىڭغا توغرا ئېيتتىڭ دېگەن“.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئابباسىيلار خەلىپىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
مۇقىم داۋاملاشمىغان. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئابباسىيلار خەلىپىلىرىدىن ئەبۇ ئابباس ئەل-سەففاھ،
مەنسۇر، مەھدىي بىللاھ، ھادىي ئىلەلھەق ۋە ھارۇن رەشىدلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرلىرىدە
ياشىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەقەت ھارۇن رەشىد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىلا
زىكىر قىلىنغان. ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇنىڭغا خەلىپە ھارۇن رەشىد
تەرىپىدىن قازىلىق مەنسىپى بېرىلگەن، لېكىن ئۇ بۇنى رەت قىلغان. نەتىجىدە خەلىپە تەرىپىدىن
ئىككى ئاي زىندانغا تاشلانغان. كېيىن ئۇ قازىلىق مەنسىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە رەققە
شەھىرىگە قازىلىققا تەيىنلەنگەن. ئۇ مىلادىيە 792-يىلى، ھىجرىيە 176- يىلى خەلىپىگە
قارشى كۈچلەردىن بولغان ئەلى تەرەپدارلىرىنى قوللىدى، دېگەن گۇمان بىلەن
قازىلىقتىن ئېلىپ تاشلانغان. قازىلىقتىن ئايرىلىپ مىلادىيە 805-يىلى، ھىجرىيە
189-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باغدات شەھىرىدە تۇرغان ۋە بۇ مەزگىلدە خەلىپە بىلەن
بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان. ھارۇن رەشىد ئۇنى خۇراسان قازىلىقىغا تەيىنلىگەن.
لېكىن ئۇ بۇ قېتىم قازىلىق ماقامىدا ئۇزۇن ئولتۇرالمىغان ۋە شۇ يىلى رەي شەھىرىدە ۋاپات
بولغان. ھارۇن رەشىد بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ ”بۈگۈن ئەرەب تىلى ۋە
فىقھە ئىلمى دەپنە قىلىندى“ دېگەن.
ئىمام مۇھەممەد كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
بولۇپمۇ ئۇنىڭ «جامىئۇل كەبىيـر» دېگـەن كىتابـىدا ئىسلام قـانـۇنشـۇناسلىـقىدىـكى
مـۇھـىم مەسىلىلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. بـۇ كىتابى ھەقـقىدە ”ئىسلامـدا تېخى مـۇنـداق
بىر كىـتاب يېزىلىپ باققىنى يوق“ دېگەن ئەڭ يۇقىرى باھا بېرىلگەن. «ئەس-سىيەر ئەل-كەبىر»
ناملىق كىتابى ئىسلامنـىڭ ئـۇرۇش ۋە تىنچلىق ھەققىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسـىۋەت
قـانـۇنىيەتلىرىنى ئـۆز ئـىچىگـە ئالىـدۇ. بـۇ كىتـاب مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلـەر،
مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمـان بولۇشى، ئىسلام دۆلىتىگە كەلگەن ئەلچىلەر، ئۇلارنى قوغداش
تەدبىرلـىرى، غەنىيمەتلەر(ئولجىلار)، كېلىشىم، قارار چىقىرىش، ئەھدە-توختاملار ۋە
ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇرۇش جىنايەتلىرى قاتارلىق ئۇرۇش ۋە تىنچلىـق ھەققىدىكى
يۈزلەرچە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ. خـەلىپـە ھارۇن رەشىد بـۇ كىتابنى ئۆز
زامانىسىنىڭ پەخرى ھېسابلىغان. بۇ كىتابقـا بـىـر نـەچچـە شـەرھـى يېزىلغان، ئەڭ مۇھىم
شەرھـلەرنىڭ بىرى سـەرەخسىنىڭ يـازغـان شەرھىسىدۇر. ئىمام مۇھەممەدنى بۇ كىتابىغا
ئاساسەن دۇنيادا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان تۇنجى كىشى دەپ
قاراشقا بولىدۇ.
1645-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن گوللاندىيەلىك ئالىم ھىبروس
بوس غەرب دۇنياسىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر قانۇنىنىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان. لېكىن
ئىمام مۇھەممەد بۇ ساھەدە تۇنجى بولۇپ كىتاب يازغان شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشىچە، ھەدىس قۇرئان كەرىمدىن
قالسىلا ئىــككىنچـى ھۆكۈم مەنبەسى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئۇ رىۋايەت
قىـلغـان سۆزلەردىن، ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىدىن، زامانداشلىرىنىڭ باھالىرىدىن كۆرۈۋالغىلى
بولىدۇ. ئۇ ئىلىم مەنبەلىرىنى چۈشەندۈرگەن بىر سۆزىدە مۇنداق دېگەن: ”ئىلىمنىڭ تۆت
يولى بار. بىرىنچىسى، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم؛ ئىككىنچىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ مەشھۇر
ھەدىسلىرى؛ ئۈچىنچىسى، ساھابىلار ئىجاد قىلغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغـا قىلىنغان
قىياسلار؛ تۆتىنچىسى، فىقھەشۇناس مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ياخشى دەپ
قارىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغا قىلىنغان قىياس“. يەنى ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشىچە،
ئىلىمنىڭ مەنبەسى يۇقىرىقى تـۆت تـۈرنىڭ سىرتىغـا چىقىپ كـەتمـەيدۇ. ئـۇ ئىجتىھات
شـەرتلىـرىنـى چۈشەندۈرگەن بۇ سۆزلىرىدە يۇقىرىقى ئۇقۇملارنى تېخىمۇ ئېنىق قىلـىپ
مـۇنـداق دېگەن: ”قـۇرئان كـەرىمنى، رەسـۇلـۇللاھنىڭ ھـەدىسىنى ۋە
سـاھـابىلـىرىنىـڭ قاراشلىرىنى، فىقھەشۇناس مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ياخشىسى
"ئىستىھسان" دەپ قارىغان مەسىلىلىرىنى بىلگەن ئالىم ئۆز ئالدىغا
ئىجتىھات قىلسا بولىدۇ“.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ ھۆكۈملەردە تايانغان مەنبەلىرىنى
يىغىنچاقلىساق تۆۋەندىكى مەنبەلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، يەنى قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ،
قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شەرىئەت، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە
ئۆرپ-ئادەت.
ئىمام مۇھەممەد ئۆز ئەسەرلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئارقىلىق ھەنەفىي
مەزھىپىنىڭ تارقىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇنداقلا ئىككىنچى ئەۋلاد فىقھەشۇناسلار
ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان. ئۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق فىقھە ساھەسىدىكى بىر قىسىم
چوڭ ئالىملارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. نۇرغۇن فىقھەشۇناسلار كىتابلىرىنى ئۇنىڭ يازغان
ئەسەرلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان.
ئىمام مۇھەممەد قازىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇغان
فىقھە ئىلمىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئىراق ۋە ھىجاز ئېقىمىدىكى
ئالىملارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن دەرس ئالغاچقا، بۇ ئىككى ئېقىم ئارىسىدىكى پىكىر
ئوخشىماسلىقىنى بىر قەدەر ئازايتقان. ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ فىقھە ساھەسىگە چوڭ ھەسسە
قوشقان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق مەشھۇر سۆز بار: ”فىقھەنى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد
(مىلادىيە 652-يىلى، ھىجرىيە 32-يىلى) تىكتى، ئەلقەمە (مىلادىيە 681-يىلى، ھىجرىيە
62-يىلى) ئورىدى، ئىبراھىم نەخەئى(مىلادىيە 713-يىلى، ھىجرىيە 95-يىلى) خامىنىنى
ئالدى، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە تۈگمەندە تارتتى، ئەبۇ يۈسۈف خېمىرىنى يۇغۇردى،
ئىمام مۇھەممەد خېمىرىنى پىشۇردى، كىشىلەر بۇنىڭدىن قورسىقىنى تويغۇزۇۋاتىدۇ“.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ تىلى ئىنتايىن ئۆتكۈر، قەلىمى كۈچلۈك
بولۇپ، يـېزىقـچىلـىقـقا ماھىر ئىدى. ئۇ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھە مەسىلىلىرىنى
توپلاپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان كىشىدۇر. ئۇ پەقەت فىقھە ساھەسىدىلا
ئەسەر يازمىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن
بولۇپ، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
1." الأصل"(ئەل-ئەسل) بۇ كىتابى
"المبسوط"(ئەل- مەبسۇت) دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر. ئىمام مۇھەممەد بۇ ئەسەرنى
باغداتقا كۆچۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، كۇفەدىكى ۋاقتىدا يازغان. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ بىر نەچچە
ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان. رىۋايەتلەردە ئىمام شافىئىينىڭ بۇ
كىتابنى يادلىغانلىقى ۋە "الأم" (ئەل-ئۇم) ناملىق كىتابىنى مەبسۇتنى
دوراپ يازغانلىقى قەيت قىلىنغان. رىۋايەتلەردە ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر دانىشمەننىڭ
ئىمام مۇھەممەدنىڭ بۇ كىتابىنى مۇتالىئە قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ”سىلەرنىڭ
كىچىك مۇھەممەدىڭلارنىڭ كىتابىي شۇنچىلىك ئېسىل بولغان يەردە، چوڭ مۇھەممەدنىڭ
كىتابىغا ھەرگىز گەپ كەتمەيدىكەن“ دېگەنلىكى زىكىر قىلىنغان. ئەسەردە ھالال-ھارام
مەسىلىسى ھەققىدە نەچچە مىڭلىغان مەسىلىلەر سۆزلەنگەن. بۇ ئەسەر ئىمام مۇھەممەدنىڭ
فىقھە ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
2."الجامع الصغير"(ئەل-جامىئۇس-سەغىير) ئىمام مۇھەممەد
«ئەل-مەبسۇت» كىتابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ يۈسۈفنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ
كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتابتا 1532 مەسىلە زىكرى قىلىنغان. ئاساسلىقى ئەبۇ ھەنىفەدىن
ئۆگەنگەن قاراشلار رىۋايەت شەكلىدە سۆزلەنگەن، ھەمدە بىر قىسىم جايلاردا ئۆزىنىڭ
قاراشلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. مەسىلە ۋە قاراشلاردا دەلىلى زىكرى قىلىنماي يېزىلغان.
3."الجامع الكبير"(ئەل-جامىئۇل كەبىير) «جامىئۇس-سەغىير»دىن
كېيىن يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك فىقھە كىتابى بولۇپ، ناھايىتى چوڭقۇر يېزىلغان ئەسەر
ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر فىقھە ساھەسىدىلا ئەمەس، ئەرەب تىل ساھەسىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا
ئىگە. كىتابتا ئىمام مۇھەممەدنىڭ فىقھە ۋە ئەرەب تىلىدىكى چوڭقۇر ماھارىتى نامايان
قىلىنغان. بۇ كىتابقا نەچچە ئونلىغان ئالىم شەرھى يازغان بولۇپ، شەرھىلەرنىڭ بەزىسى
نەشر قىلىنغان، يەنە بەزىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قول يازما كۇتۇپخانىلىرىدا
ساقلانماقتا.
4."الزيادات"(ئەز-زىيادات) ۋە "زيادة
الزيادات"(زىيادەتۇز-زىيادات) ناملىق كىچىك ھەجىملىك بۇ ئىككى ئەسەر «جامىئۇس-سەغىير»دىن
كېيىن يېزىلغان بولۇپ، «جامىئۇس-سەغىير»دا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بەزى مەسىلىلەر بۇ
كىتابتا تىلغا ئېلىنغان.
5."السير الصغير"(ئەس-سىيەرۇس-سەغىير) بۇ دۆلەتلەر
ئارا مۇناسىۋەت ۋە قانۇنغا ئالاقىدار كىتاب بولۇپ «ئەل-مەبسۇت» كىتابىنىڭ ئىچىدە
زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.
6."السير الكبير"(ئەس-سىيەرۇل-كەبىير) بۇ ئىمام
مۇھەممەدنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يازغان كىتابى بولۇپ، كىتاب ئىسلامنـىڭ ئـۇرۇش ۋە
تىنچلىق ھەققىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسـىۋەت قـانـۇنىيەتلىرىنى ئـۆز
ئـىچىگـە ئالغان. بـۇ كىتـاب مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلـەر، مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمـان
بولۇشى، ئىسلام دۆلىتىگە كەلگەن ئەلچىلەر، ئۇلارنى قوغداش تەدبىرلـىرى، غەنىيمەتلەر(ئولجىلار)،
كېلىشىم، قارار چىقىرىش، ئەھدە-توختاملار ۋە ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇرۇش جىنايەتلىرى
قاتارلىق ئۇرۇش ۋە تىنچلىـق ھەققىدىكى يۈزلەرچە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ.
خـەلىپـە ھارۇن رەشىد بـۇ كىتابنى ئۆز زامانىسىنىڭ پەخرى ھېسابلىغان ھەمدە ئۇنى
ئىككى ئوغلى ئەمىن ۋە مەئمۇنغا ئاڭلاتقۇزغان. بۇ كىتابقـا بـىـر نـەچچـە شـەرھـى يېزىلغان
بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى سـەرەخسىنىڭ يـازغـان شەرھىسىدۇر. ئەسەرنىڭ
بىر پارچىسىلا سەرەخسىنىڭ شەرھىسى ئىچىدە زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلىگەن.
يۇقىرىقى ئالتە ئەسەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام فىقھەسى بىلەن
ئالاقىدار بولۇپ، بۇ ئەسەر مەزمۇنلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن
تەۋاتۇر — كۆپ سانلىق كىشىلەر كۈچلۈك — شەكلىدە رىۋايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ”زاھىرۇر
رىۋايە“، يەنى رىۋايەتلىرى ئوچۇق بولغان، رىۋايەتلىرىدە شەك يوق ئەسەرلەر دەپ
ئاتالغان. بۇ ئالتە ئەسەر ھەنەفىي فىقھەسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلار
ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "الأصول" (ئەل-ئۇسۇل، يەنى ھەنەفىي مەزھىپىدىكى
پرىنسىپال مەسىلىلەر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
1."كتاب في المخارج والحيل"(فىل-مەخارىج، ۋەل-ھىيەل)
بۇ كىتابتا ئىمام مۇھەممەدنىڭ كۆزقاراشلىرىمۇ بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە كۆپىنچىسى
ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن نەقىل قىلىنغان مەزمۇنلار بولغاچقا، كىتابنىئەبۇ يۈسۈفنىڭ دېگەن
قاراشلارمۇ مەۋجۇت، ئەمما كۆپ قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىچە كىتاب يەنىلا ئىمام مۇھەممەدكە
تەۋەدۇر.
2." الاكتساب في الرزق المستطاب"(ئەل-ئىكتىساب
فى-رىقزىل مۇستەتاب) بۇ ئىمام مۇھەممەدنىڭ سودا-كەسىپ ھەققىدە يازغان كىتابى بولۇپ،
ئۇ بۇ كىتابنى كىشىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىشقا باشلىغان، ئەمما كىتابنى
تاماملاشقا ئۈلگۈرمەي ۋاپات بولغان.
3."موطأ الإمام مالك رواية محمد"(مۇۋەتتائۇ
ئىمام مالىك رىۋايەتۇ مۇھەممەد) ناملىق كىتاب ھەدىسلەر توپلىمى بولۇپ، كىتابتا ئومۇمىي
1000دىن ئارتۇق ھەدىس توپلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمام مالىكتىن ئاڭلاپ توپلانغان ھەدىس
175.
4."كتاب الآثار" (ئەل-ئاسار) بۇ كىتابتا ئىمام
مۇھەممەد ئۇستازى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ
باشقا رىۋايەت ۋە قاراشلىرىنى توپلاپ يازغان.
5."الحجة على أهل مدينة"(ئەل-ھۆججە ئەلا ئەھلى
مەدىنە) ناملىق كىتاب بولۇپ، مەنبەلەردە كىتاب ئىسمى"الحجة في اختلاف أهل
كوفة و أهل مدينة"(يەنى كۇفە ۋە مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بىر-بىرىگە
ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى) دەپمۇ ئېلىنماقتا. ئىمام مۇھەممەد مەدىنەدە ئۈچ يىل تۇرۇپ،
ئىمام مالىك ۋە باشقا مەدىنەلىك ئالىملاردىن ھەدىس ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، كۆپلەپ
ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئۇ، بۇ كىتابىدا ئەنە شۇ مۇنازىرىلەرنى توپلىغان.
كىتابتا ئىمام ئەزەم ۋە مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى
ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى بايان قىلىنغان.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە(الرقيات،
الكيسانيات، الجرجانيات، الهارونيات−ئەررەقىيات، ئەلكەيسانىيات، ئەلجۇرجانىيات، ئەلھارۇنىيات)
قاتارلىق "نەۋادىر" دەپ ئاتالغان ھەر خىل كىتابچىلىرى مەۋجۇتتۇر. ئاللاھ
بۇ ئالىمىمىزغا رەھمەت قىلسۇن!
ئاپتۇر: خۇتەن شەھىرى ناۋاغ مەسجىد ھەيئىتى؛
بۇ ئىككى ماقالىنىڭ دەسلەپكى تەھرىرى: ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس
مەھزۇ
Yorumlar
Yorum Gönder