تۆمۈر خەلپە ۋە ماتىتەي(تارىخى قوشاقلار)



تۆمۈر خەلپە ۋە ماتىتەي(تارىخى قوشاقلار)

arman78

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25

1-قوشاق :تۆمۈر خەلپە

قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ كۆھىقاپقا ئوخشاپ كىتىدىغان سۈرلۈك ئوردىسىنى ،جاڭجۇن ياموللىرىنى زىل-زىلگە سالغان قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭى 1911-يىلى تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدا پارتىلىغان.تۆمۈر خەلپە قارا نىيەت ئالدامچى ياڭزىڭشىن تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىنىپ سۈيقەست بىلەن 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچىدە قەتلى قىلىنغان.

اللە شەھىدلىك ماقامى بەرسۇن،ئامىن.

يۈەن داشۈەيمۇ كەلگەندە،(1)

تولا سوقتى داڭ- داڭنى.

تاغچىلارمۇ ئەرې ئىكەن،

تارتىۋالدى جۇچاڭنى.(2)

قولىمىزدا بەش ئاتار،

ئوقلىرى قاتار- قاتار.

ئوقنى يىگەن چېرىكلەر،

ساينىڭ تېشىدەك ياتار.

زالىملاردىن ئىت ياخشى،

پۇچقاقتىكى پىت ياخشى.

زالىملارنى ئۆلتۈرگەن،

تۆمۈر دىگەن مەرت ياخشى.

تۆمۈر خەلپە ياش چاغدا،

ئەقلى توشقان ئەر ئىدى.

تېپىرلىساق زۇلۇمدىن ،

قۇتۇلىمىز دەر ئىدى.

ياڭلى ئونبىر ئۈچىنچى ئاي،(3)

تۆمۈر خەلپە دەس تۇردى.

يېغىپ يىقىن دوستلارنى،

قوشۇن قۇرۇپ يەڭ تۈردى.

خەۋەر تاپقاچ بۇ ئىشتىن،

جاڭجۇن چېرىك ئەۋەتتى.

خەلپە باشلىق پالۋانلار،

جەڭ بولارنى بىلەتتى.

قىردى تۆتيۈز چېرىكنى،

مۇشۇ دۆرەم پالۋانلار.

ئۆلۈكىنى قالدۇرۇپ،

قاچتى چېرىك ئارانلا.

خەلپە نامى پۇركەتتى،

پۈتۈن خەلق ئىچىگە.

قاتتىق جەڭلەر ئەپباردى،

ئۇلاپ كۈننى كىچىگە.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئارىدىن،

يۈرۈش قىلدى قۇمۇلغا،

قۇمۇل خەلقى قۇشۇلدى،

يۈرۈش قىلىنغان قۇشۇنغا.

قۇشۇن شەرگە كىرگەندە،

خەلق قىزغىن قوللىدى.

لېكىن مەخسۈت مۇناپىق،

ياڭغا خەۋەر يوللىدى.

پەيدا بولدى قۇمۇلدا،

سەللىسى بار بىر ئىنسان.

دىدى شۇ چاغ پالۋانلار،

غەيرى ئىشتىن بىر نىشان.

كەتتى خەلپەم ئالدىنىپ،

قۇرئاندىكى سۆز بىلەن.

خەلپە تۇيماي دوست بولدى،

شۇبۇ چېقىر كۆز بىلەن.

ئۈرۈمچىگە چىققاندا،

ياڭزىڭشىڭمۇ ئالدىدى.

ئىسكەنجىگە ئېلىشنىڭ،

ئامالىنى ئويلىدى.

خەلپە چۈشتى توزاققا،

ئەمدى بارماي ئۇزاققا،

ياڭ جوھوتتەك ئوغرىنى،

ئۇزاتماستىن دوزاققا.

تۆمۈر خەلپە ئەر ئىدى،

قورقماس ،باتۇر ،جىگەرلىك.

مىنگەن ئېتى قىپقالدى،

كۈمۈش گۈللۈك ئىگەرلىك.

قولغا ئېلىپ خەلپىنى ،

تىنجىق ئۆيدە ياتقۇزدى.

ياڭ جاڭجۈن دىگەن جاللات،

مافۇشىڭغا ئاتقۇزدى.

مەغلۇپ بولدى قوزغىلاڭ.

تۆمۈر خەلپە ئۆلگەندە.

جەڭ باشلايدۇ يەنىلا،

پالۋان بىلەك تۈرگەندە.

(1)يۈەن داشەي-چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلدارى.

(2)جۇچاڭ- توققۇز ئاتار مىلتىق

(3)ياڭلى ئونبىر -1911-يىلى

2-قوشاق :ماتىتەي

ماتىتەي (مافۇشىڭ)-خۇيزۇ بولۇپ ياڭزىڭشىن دەۋرىدە قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۆمۈر خەلپىنى ئۆلتۈرۈشكە بىۋاستە قاتناشقان ،شۇنىڭ بىلەن ياڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن،كېيىن قەشقەرگە دوتەي بولغان.

ئۇ ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇمى، باشباشتاقلىقى ھەدىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ كۈچلۈك غەزەپ- نەپرىتىگە قالغان.ئۇ نىڭغا تۇقۇلغان خەلقنىڭ ھەجۋى قوشاقلىرى ناھايتى كۆپ.

ماتىتەي كور جاللاتتا،

تۈمەن ئادەم خۇنى بار.

ئۇچىسىدا خەلقتىن،

بولاپ كەيگەن تونى بار.

قىلىچ ئالسا ماتىتەي،

باشلار ناھەق كېسىلدى.

ئۇ زالىمنىڭ ۋاقتىدا ،

ھەقنىڭ يولى ئېتىلدى.

ماتىتەيدۇر 50 ياش،

جۇلاسى بار قەلەمقاش.

تۆمۈر خەلپىنى ئۆلتۈرگەن،

ماتىتەيدۇر باغرى تاش.

باغدا پىشقان ئەينۇلا،

شاختا قاپتۇ تۈگۈلۈپ.

ماتىتەينىڭ تەتىيى،

ئاشپەزگە قاپتۇ ئۆگىنىپ.

ماتىتەينىڭ قىزلىرى،

ئەر چىقماي قېرىپ كەتتى.

ئاخماقلارنىڭ پۇلىنى،

قاش ئېتىپ سېرىپ كەتتى.

ماتىتەينىڭ ئاتلىرى،

تاسقىغان قوناق يەيدۇ.

دائىم ئۇنىڭ چۇماقلىرى،

خەلقتىن تاياق يەيدۇ.

ماتىتەيگە ئوخشاشلا،

جىرتاق ئوغلى شويىسى.

بەكمۇ ياۋۇز ،قىزىلكۆز،

دايى- دارىن لويىسى.

زۇلۇم قىلغاچ ماتىتەي،

يۇرت - ماكاندىن ئايرىلدۇق.

خۇدايىمغا دەرت ئېيتىپ،

نالە قىلدۇق،زارلىدۇق.

جالا ئاسقان ماتىتەي،

تېقىمىغا چۈشۈرۈپ.

مايغاق ئىكەن ماتىتەي،

ئىچىمىزنى پۇشۇرۇپ.

ئورۇن تۇتتى ماتىتەي،

قەشقەر دىگەن شەھەردىن.

زۇلۇمىغا چىدىماي.

قوزغالدى ئەل سەمەندىن.

بوش كەلمىدى دىھقانلار،

كۈرەش قىلدى بىراقلا.

قۇرقۇپ كىتىپ ماتىتەي،

قاچتى دادلاپ شۇ ئانلا.

ماتىتەينى ئەپچىققان ،

قايسى گۆلمۈش مۇناپىق.

ماتىتەينى ئۆلتۈرۈش،

شەرىئەتكە مۇۋاپىق.

تۇرپان خەلق قوشاقلىرى دىگەن كىتاپتىن ئالدىم.بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىپ قۇيۇڭلار.ۋە تارىخنى سۆزلەپ بېرىڭلار.غۇرۇرلۇق بولىدۇ.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى