ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ
abduwali
ۋاقتى: 2007-11-16
[|تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا
ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق
دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي
يىزىسىغا كۆچۈپ بىرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يىزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق
بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى .شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ
كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە
كىلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمىن سىرتىدا كىسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى
كانلاردا ياللنىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بىقىش قىيىن بولۇپ ،
ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بىرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى
ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ . زىرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي
ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت
ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئىزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ
ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىدىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
1907-يىلى قۇمۇل دىھقانلىرى رەجەپ
ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك
باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ھەرقىتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ
ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ :
''رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دىھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى
''دەيدۇ .
بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ
ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان
بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بىرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى
خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار '' بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە
،بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس.........
'' دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ
ئائىلىسىگە قايتىش ۋاختىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : '' سىز ئوبدان ساقىيىڭ ،
بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى
قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ...... '' دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ
ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ .تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كىلىدىغانلىقى (ۋەقە
تىرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ
ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر
خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە
ئىككىنجى قىتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ
كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن
داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن
شىنجاڭغا تۇتىشىپ كىتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ
ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چىرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە
ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ،ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت
ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئىپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ
.تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ
بىرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي
قويمايدىغانلىقىى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا
ئىزدىنىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي
ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر
ئاڭلىغاندىن كىيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق
قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا '' قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى '' دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ
قالغان ھىلىقى دىھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ
، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت غىلەن ۋاڭنىڭ
ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا
ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا
500 ئەسكەر ئەۋەتىش مەخسىتىدە بۇيرۇق بىرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش
مەخسىتىدە : '' يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ،
كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئىلىنىدۇ ! '' دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ
ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە
ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
يىڭىدىن ئەسكەرلىككە ئىلىنغان
500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا
تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئىلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ
ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئىلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار
قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تىزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ
كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كىلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ .
شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم
سورايدۇ ......
1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ،
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن
مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن
ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ .
تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن
'' شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار
قىلىنسۇن ! '' دىگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
ياڭ زېنشىنن بار كۆلدە تۇرۇشلۇق
ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق
بېرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى
قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ
قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم
بولىدۇ ، نۇرغۇن قۇرال غەنېمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .
1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۇەن
داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىرلىشىپ
قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي
بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن
قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يىڭىلىپ
،ئىچكىرىگە كىتىدۇ ).
جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان
ياڭ زىڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر
پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ
سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بىرىلغان سۆھبەت
نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش
ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يىقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دىگەن
كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دىيىلگەنىدى : '' مەن سىزنىڭ
ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى
ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسپەتەن مىنىڭ
باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق .... '' دىيىلگەن .
دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل
ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خىتىدە : '' تەكشۈرۈشلەرگە
قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ
... پىقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئى باستۇرۇش
نىيىتىگە كەلدىم ....'' (ياڭزېڭشىن : '' ئىستىغبار ھوجرىسىدا يىزىلغان خاتىرىلەر
'' 2-توپلام)
تۆمۈر خەلپە مۇھەممەتجان
ھاپىزدىن : ''سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا
زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قىتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى
يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى
خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟...''
قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بىرەلمەي قايتىدۇ
بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان
ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ
باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى
3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ
، دىنى بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە
تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئىيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يىشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن
ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دىيىلگەنىدى ؛ '' بىرىنجى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ
دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە
قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنجى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ
، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بىرىپ ئورۇنلىشىدۇ
. ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى
ئەسلى يۇرتىغا بىرىپ ،دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ....'' لى شۇفۇ بۇ خەتنى
ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ
. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە
مەجبۇر بولىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن
قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن
ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى
زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە
قائىدە بويىچە ''خەلىپە'' دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە
كىلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى
سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى
گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يىقىن
ئىدى .
تۆمۈر خەلپە قىسىمىنى شەرقى
گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى
بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن
كىيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ،ئىمكانىيەتنىڭ
بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سىتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى
نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق
بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش
باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كىلىدۇ ۋە قولغا
ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە
قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن
قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : '' گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز
، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى
تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ
، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىپ بىرىمەن '' دەيدۇ-دە خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق
چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، ''
ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كىلەتتىمۇ ؟...''دەيدۇ ياڭ زېڭشىن
ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئىتىپ ئۆلتۈرىدۇ
. ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر
خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ . پىشقەدەم
يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى
مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى
ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن
50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ،
ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دىگەن
باھانە بىلەن ئېلىپ مىڭىپ گۇچۇڭدىكى چۋەنزىگەي دىگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ
قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل
ئۆتكەندىن كىيىن ،خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭى
پارتىلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ .
خوجىنىياز ھاجىنىڭ پائالىيەتلىرىگە
قىزىقسىڭىز ''كىتابچى'' نىڭ كىيىنكى يازمىلىرىغا دىققەت قىلىڭ .
مەنبە : ''شىنجاڭ يىقىنقى زامان
تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر '' ناملىق كىتاب.
Yorumlar
Yorum Gönder