تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا
تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا
تارىخى خاتىرە
مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(1914-1990)
-1935يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر خەلقىگە غەيرى بىر خەۋەر
يىتىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ئىدى ، بۇيرۇقتا مۇنداق
دېيىلگەنىدى:
"بۇرۇن قەشقەردە ئافاق خوجىنىڭ خىلى كۆپ يەر
زىمىنلىرى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەر يىللىق ھوسۇللىرىدىن ئەۋلاتلىرى بەھرىمان بولۇپ كەلگەن
،لىكىن كىيىنكى كۈنلەردە شىئەندە ياشاپ كەلگەن بىر قىسىم ئەۋلاتلىرى شىنخەي
ئىنقىلابى مەزگىلىدە يول توسۇلۇپ قىلىش سەۋەبىدىن 20 نەچچە يىللىق ئاشلىقتىن بەھرىمان
بولالمىغان ، ئۇلار ھازىر تېگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلدى .
تەپتىش قىلىشىمىزچە ئافاق خوجىنىڭ زىمىنلىرى قەشقەردە بولۇپ ، يىللاردىن بىرى ئۇنىڭ
مەھسۇلاتلىرىنى قەشقەر ۋىلايتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەسەررۇپ قىلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ
ئۈچۈن قەشقەردىكى ئۇيۇشما مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئالالمىغان ھەققىلىرىنى بىرىشى
لازىم".... بۇيرۇققا ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭ تەستىق سالغانىدى .
بۇ بۇيرۇق قەشقەر جەمىيىتىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ، چۈنكى
، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنى يىلىغا نەچچە ئون چارەك ئاش بولۇپ ، ئون نەچچە كىشىنىڭ
يىگىرمە نەچچە يىلدا ئالىدىغىنى بىر قانچە مىڭ چارەك ئاشلىقتىن ئىبارەت ئىدى .
بۇ ئاشلىقلارنى ھازىر بىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، چۈنكى، بۇنچە
كۆپ ئاشلىق ئۇيۇشمىنىڭ ئامبىرىدا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . يىللاردىن بىرى ئافاق خوجىنىڭ
نامىدىكى ۋەخپە زىمىنلار ھەر كىم- ھەر كىملەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ چىققان ھوسۇلنى ئەنە
شۇلار ئىشلىتىپ كەلگەن ، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوق ، بار بولغاندىمۇ ئۇلار ئۆز
ۋاختىدا ئېشلىتىپ كەتكەن ، كشىلەر يەپ-ئېچىپ تۈگەتكەن بۇنچە كۆپ ئاشلىقنى ئۇيۇشمىنىڭ
قايتۇرۇپ بىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ ۋەخپە زېمىننى يىقىندىن بىرى ئۇيۇشما
ئىگىلىگەن بولسىمۇ ، ئۇيۇشما تەمىنلەپ كىلىۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ،
دارىلئاجىز ، دارىلتام ، قېرى-چۆرى ، مېيىپ ، يىتىملارنىڭ خىراجەتلىرى ئەنە شۇ يەرلەرنىڭ
كىرىمىدن بىرىلىپ كىلىۋاتاتتى ۋە بۇندىن كىيىنمۇ يىتىم-يىسىرلارغا ئەنە شۇ
كىرىمدىن تەمىنلەشكە توغرا كىلەتتى .مانا شۇ سەۋەپتىن قەشقەر جەمىيىتى بۇ ھەق تەلەپ
داۋاسىنى رەت قىلدى .
بۇ رەت قىلىش ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى
،"قايتۇرۇش كىرەك"دىگەن بىسىم كۈچەيگەنىدى . "ئۇيغۇر ئىلىدە زادى
ئافاق خوجىنىڭ نىمىسى بار ئىدى"! دېگەن سۇئال قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى
ئىدى .
ئافاق خوجىنىڭ ھەق تەلەپ داۋاسى رەت قىلىنغاندىن كىيىن بۇ
ھەقتە قەشقەردە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى ئافاق خوجىنىڭ تەرجېمىھالى
، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن "خىزمەتلىرى" كەلتۈرۈپ بەرگەن
قىرغىنچىلىقلىرى، خەلقنى ئۇزۇن يىللاپ نادانلىقتا ، خۇراپاتلىققا باشلىغان بىر
"زات" ئىكەنلىكىنى ئاممىغا كەڭ تۈردە تونۇشتۇردى .
زېمىن مەسىلىسىدە: ئافاق خوجىنىڭ زېمىنى ئەينى زاماندا
زالىم ھۆكۈمەت بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ ، خەلققە ئالۋاڭ-ياساق سىلىپ توپلىغان زېمىن ئېكەنلىكىنى
، ھەرخىل ئالۋاڭ-ياساققا چىدىمىغان خەلق يەرلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ، ھەتتا بەزىلەر
ئافاق خوجىغا يەرلىرىنى سېلىق ھىساۋىغا بىكارغا بىرىش بىلەن ئالۋاڭدىن قۇتۇلغانلىقىنى
، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن يەرلەرنىڭ ئافاق خوجىغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، ئافاق
خوجىنىڭ مال-مۈلىكى جۈملىدىن يەر-زېمىنلىرى خەلقتىن تارتىۋىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى
، ئۇنىڭ بۇ زىمىندا مىراسى يوقلۇقىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى، بۇنى چۈشەنگەن خەلق:يەر-يەرلىكنىڭ
، نىمە ھەققى بار ياقا يۇرتلۇقنىڭ ، دىگەن "پەتىۋا"نى چىقىرىپ ئافاق
خوجىنىڭ ئەۋلادىغا ھېچنىمە بەرمەيمىز ، دىيىشتى .
بۇ ئىش ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى بولغان بىر تۈكۈم
ھوقوقدارلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي تۇرالمىدى . قەشقەردىكى ئافاق خوجىنى "پەيغەمبەر
ئەۋلادى" دەيدىغان شۇم ئىغىزلار "غوجامنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇش كىرەك
" دەپ جار سىلىپ ، مەخپى ھالدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ قەشقەردىكى -ئۇيغۇر
ئۇيۇشمىسىنى تاقىۋىتىشنى ياكى ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى تەكشۈرۈشنى ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتكۈزىۋىلىپ
باشقۇرىشىنى تەلەپ قىلىشىپ ، ھەق تەلەپ داۋاسىنى ئاشكارا قوللىدى .
قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بۇ مىراس ئېتراپ قىلىنغاندا
، ئۇيۇشما تەمىنلەيدىغان يىتىم-يىسىرلەر ،ئىگە-چاقىسىز قالىدىغانلىقى توغۇرلۇق
قايتا-قايتا ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ ، مىراسخورلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان
ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئۇيۇشمىنىڭ مالىيىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز ياكى ئۆتكۈزۈپ ئالىمىز ،
دەپ بىسىم قىلغان بولسمۇ بۇ داۋا بىر يىلغىچە سۆرۈلۈپ كەتتى .
ئاخىرى ئۈرۈمچى "شىنجاڭ گىزىتى" باش مۇھەررىرى
مەنسۇر ئەپەندى )ۋەتەن ئوغلى( باشچىلىقىدىكى ھېساب تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى قەشقەرگە
ئەۋەتىلدى . لېكىن .ئۇلار قارشىلىققا ئۇچرىدى زورلۇق كۈچ قوللۇنۇش خەۋپى تۇغۇلغاندا
، بىر نەچچە قىتىم ئېچىلغان مەجلىسلەردە قەشقەرنىڭ قازىسى ، ئۆلىما ئابدۇغوپۇر
داموللىنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈۋالغانلىقى ھەممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى .
ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى
تەرىپىدىن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلىقتىن ، ئەمدى قەشقەر خەلقى ئالدىدا بۇنىڭغا
تاقابىل تۇرۇش كىرەكمۇ قانداق؟-دېگەن سۇئال تۇغۇلدى . خەلقنىڭ قان تەرىگە كەلگەن بۇ
مەبلەغلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى ھېچكىم خالىمايتتى . بۇ ھەقتە ھەيئەت تەشكىل
قىلىندى ، بىر قانچە قېتىملاپ يىغىنلار ئېچىلدى ، كومىسسىيىگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈلگەن
بولسىمۇ ئۇلار ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرىۋەردى ، سۈركۈلۈش كۈچەيدى ، تالاش-تارتىشلار كۆپەيدى
، ئاخىرى ئىش خەتەرلىك باسقۇچقا كىلىپ قالدى .
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى ، ئۇيغۇر
ئاتلىق -6دېۋىزىيىنىڭ قوماندانى مەھمۇت موھىتى بىر ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن
يىغىنغا قاتنىشىپ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر قىلىش قارارىغا كەلدى:
-ئەپەندىلەر- دىدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ -سىلەر ئۇيۇشمىمىزدىن
راستىنلا ھېساب ئالامسىلەر؟ ئۇيۇشمىمىز مالىيىسىدىكى توپلانغان بارلىق مەبلەغ پۈتۈنلەي
خەلقنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن بىرىلگەن ئۆشرە-زاكات ، ئىئانە ، مازار ۋە ۋەخپە كىرىمى
قاتارلىقلاردىن كەلگەن . ئۇيۇشمىمىز بۇ كىرىم بىلەن نەچچە يۈزلىگەن قىرى ، مىيىپ ،
ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنى ئاساس قىلغان دارىلئاجىزنى ، نەچچە يۈزلىگەن يىتىمنى ئاساس
قىلغان دارىلېتاملارنى باقىدۇ ، ئۇلارنى ئوقۇتىدۇ ، تەربىيلەيدۇ ، شەھەر ئەتراپىدىكى
نەچچە يۈزلىگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ كىرىملەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، بۇ ھەقتە
نەچچە قىتىملاپ چۈشۈندۈرسەك قۇلاق سالمىدىڭلار ،سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ
، جەمىيەتنىڭ ئۈمىدى ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئۈمىدى بولغان ياش غۇنچىلارغا
،ئاجىزلارغا سەرپ قىلىنىدىغان بۇ مەبلەغنى ئاشۇ مىراسخورلارغا ئەپ بىرىشىڭلارغا قەتئى
قارشى تۇرىمەن " ،قەتئى قارشى تۇرىمەن .
ئۇ يىغىندا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرىۋالغان قازى رەئىس كاتتا ئۆلىما
ئابدۇغوپۇر داموللىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى-دە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى -: سىلەر
يەنە ھېساپ ئالامسىلەر ،ئەگەر يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار ھىسابنى مانا مۇشۇ
بىرىدۇ !!!....
مەھمۇت موھىتى بەتلەنگەن تاپانجىنى غەزەپ بىلەن شىرە ئۈستىگە
تاشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى . ئۇ ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز
كىچىپ مەجلىس زالىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان "ھېسابچىلارغا" مەغرۇرلۇق بىلەن
قاراپ تۇراتتى .
مەھمۇت سىجاڭىنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارلىشىشى ۋە خەلق
تەرەپتە تۇرۇپ ھەققانىيەتنى ياقىلىشى ،كەڭ خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ، ئۇرۇش ۋە
مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشما مالىيىسىدە ۋەقپىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىساد
بولمىغانلىقتىن تەپتىش كومىسسىيىسى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. كىيىنكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى
داۋامىدا بۇ داۋامۇ بىسىلىپ قالدى .
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 1998-يىل -4سان
Yorumlar
Yorum Gönder