تارىخىمىزدىكى نەمەت خەلپەت ئۇنىڭ شئېرلىرى
تارىخىمىزدىكى نەمەت خەلپەت ئۇنىڭ
شئېرلىرى
tuman0998
يوللىغان ۋاقتى 2007-10-21
<<ئويغانغان
زىمىن>><<ئانا يۇرت >>رومانلىرىدا تىلغا ئىلىنغان ،ۋەتەنپەرۋەر
،دانا قەيسەر ھەم مىللى ئازادلىق ھەركەتلىرىمىزنىڭ يولباشچىسى خوجىنىياز ھاجىنىڭ
يىقىن سەبدىشى نەمەت خەلپەت مىلادى 1888.يىلى 5.ئاينىڭ20.كۈنى تورپان لۈكچۈندە بىر
دىھقان ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن .نەمەت خەلپەتنىڭ دادىسى توغرا سۆزلۈك ،خوش چاقچاق
قوشاقچى ئادەم بولغاچقا نەمەت خەلپەتمۇ دادىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئۇيەتتە ياشقا
كىرگەندە ،مەدرىسىدە دىنى تەلىم -تەربىيە ئىلىشقا باشلغان ،نەمەت خەلپەت چىچەن ئەقىللىق
بالا بولغاچقا ،تىزلا كۆزگە كۈرۈنۈشكە باشلىغان ،ھەم پۇقرالارنىڭ چىكىۋاتقان زۇلۇمى
سوپى -ئىشانلارنىڭ نادان خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ خاتا يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئۆزكۆزى
بىلەن كۆرىدۇ.ئۇيىگىرمە ياشقا كىرگەندە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇيدۇ ،ھەم ئۇزۇن
ئۆتمەيلا <<خەلپەتلىك>>ئۇنۋانىغا ئىرىشىدۇ .ئۇخەلپەت بولغاندىن كىيىن
تىزلا خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدۇ .ئىلغار
پىكىرلىك زاتلاردىن مەخسۇت مۇھىتى ،موسۇل مۇھىتى مىجىت ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن
تونۇشىدۇ ،ھەم ئۇلار بىلەن يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ ،ئۇشئېر-قۇشاق توقۇشقا
ماھىر ئادەم بولۇپ كۆپلىگەن شئېرلارنى يىزىپ ۋاڭ -بەگلەرنىڭ خەلق ئۈستىدىن ئىلىپ
بىرىۋاتقان دەھشەتلىك ئىكىسپالاتسىيىسىنى پاش قىلىدۇ،ئاۋام پۇقرانى ئويغىنىشقا يىتەكلەيدۇ.نەمەت
خەلپەتنىڭ بۇئىشلىرى زالىملارغا ياقمايدۇ ،چەتكە قىقىشىغا ئۇچرايدۇ.نەمەت خەلپەت ئۆزيۇرتىنى
تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا سەرگەندان بولۇپ چىقىىپ كىتىدۇ.كىيىن ئۆزيۇرتى لۈكچۈنگە
قايتىپ كىلىپ ئوردا مەسلىھەتچىسى بولىدۇ ،ئۇشۇ جەرياندا زالىم كۈچلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ
كۈرەش قىلىدۇ ،ھەم ئاتاقلىق شائېر ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
بىلەن تونۇشىدۇ.ئۇئىككەيلەن يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ،ئۇلاربىرلىكتە خەلق
ئارىسىغا چۆكۈپ خەلقنىڭ خار-زەبۇن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ .ھەم مۇستەبت
ھاكىميەتنى يوقاتمىغۇچە خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىدۇ
1931.يىلى باشلانغان .قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىلھام ئالغان تۇرپاندىكى
ئىلغار ئىدىيىلىك زاتلاردىن مەخسۇت مۇھىتى ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نەمەت خەلپەتلەر تۇرپاندىمۇ
قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ ،1932.يىلى تۇرپان ئاستانىدە قوزغىلاڭ غەلبە
قىلىدۇ .ھەم پىچانغا ھۇجۇم باشلايدۇ، پىچاندىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن
.مەخمۇت مۇھىتى ،نەمەت خەلپەتلەر قارا شەھەرگە چىكىنىدۇ ،1933.يىلى خوجىنىياز ھاجى
پىچانغا قىلغان ھۇجۇمدا مەغلۇپ بولۇپ چىكىنگەندە مەخسۇت مۇھىتى شىھېت بولىدۇ.لۈكچۈندىكى
مەغلۇبىيەتتىن كىيىن 1933.يىلى 3.ئاينىڭ 17.كۈنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،تۆمۈر جىسا
قاتارلىق 17مەرت ئۇيغۇر ئوغلانلىرى شىھېت بولىدۇ.شۇنداق قانلىق كۈرەشلەر جەريانىدا
نەمەت خەلپەت خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى مىللى قوشۇنلارننىڭ باشلامچىسى بولۇپ
قالىدۇ .دانا بىلىملىك بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئىشلاردا يول كۆرسىتىپ مىللى قوشۇننىڭ
مەسلىھەتچىسى بولىدۇ .1933.يىلى 6.ئاينىڭ 4.كۈنى قوزغىلاڭچىلار بىلەن شىڭ شىسەي
جىمسار پۇتۇمى ئىمزالايدۇ .كىيىن مىللى قوشۇن 6.دىۋىزيىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى
سىجاڭ .نەمەت خەلپەت سەنمۇجاڭلىققا تەيىنلىدۇ 1934.يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىدۇ
.1937.يىلى 10.ئاينىڭ 12.كۈنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قلىنىدۇ .ئۇتۇرمىدە
قاتتىق قىيىن -قىستاقلارغا ئىلىنىدۇ .لىكىن دۇشمەن ئالدىدا قەتئى تىز پۇكمەيدۇ .تۈرمىدە
يىتىش جەريانىدا مىللى ئىنقىلابىمىزنىڭ يەنە بىر يولباشچىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن
تونۇشىدۇ،شىڭ شىسەي تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن نەمەت خەلپەت قويۇپ بىرىلىدۇ .كىيىن
ئۆزيۇرتى تۇرپانغا قايتىپ كىلىدۇ .تۇرپاندا <<تۇرپان شىركىتىنىىڭ
>>دىرىكتورى بولىدۇ .1947.يىلى ئەخمەتجان قاسىمى تۇرپانغا كىلىدۇ،ئابدۇراخمان
مۇھىتى ،نەمەت خەلپەتلەر تۇرپاننى ئىكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. 11بىتىم بۇزۇلغاندىن كىيىن
غۇلجىغا چىقىپ كىتىدۇ .شۇيەردە مىللى ئازادلىق ھەركىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىدۇ
.1948.يىلى قۇرۇلغان <<شىجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلش
ئىتىتىپاقىنىڭ>>ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ .1950.يىلى مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ
ھەيئەت ئەزاسى 1955.يىلى قۇرۇلغان <<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق سىياسى
كىڭەشنىڭ >>ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ .ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۇرپان
ناھىيىلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولىدۇ .1957.يىلى ئۇ خىزمەتتىن
توختىتىلىپ <<جىنايى ئۇنسۇر >>دىگەن قالپاق كەيدۇرىلىدۇ.1962.يىلى
6.ئاينىڭ8.كۈنى نەمەت خەلپەت قان قىتىش كىسىلى ،يۇرەك سانجىقى بىلەن بۇ بىۋاپا ئالەمدىن
خوشلىشىدۇ.
نەمەت خەلپەت 78يىللىق ھاياتىدا
ئەل-ئاۋامىنى ،خەلق ئازادلىقىنى ئويلاپ ئازادلىق يولباشچىلىرىغا ھەمدەم بولۇپ
بىرلىكتە كۆرەش قىلىدۇ .ھەم يالقۇنلۇق شئېرلارنى يازىدۇ تۆۋەندە نەمەت خەلپەتنىڭ
،بىر قىسىم شئېلىرىنى سۇندۇم.
يارەب
تولا غاپىل ئىكەنمىزھەي، بۇنى
بىلمەپتىمىز يارەب،
قوتانغا بۆرىنى كەل دەپ ،خاتا
چىللاپتىمىز يارەب.
مۇسۇلمان دىسە بۇشەيتان
،كالامىنى بىلىپ ھەق راست ،
دۇئا- تەكبىرلەر بىلەن باشتا ئۇنى
يادلاپتىمىز يارەب.
<<ئىشەنگەن تاغدا ياتمايدۇ
كىيىك >>دەپ بىر ماقال تۇرسا،
ئاتالار سۆزىگە چىن دىل ئەمەل
قىلماپىتىمىز يارەب.
تىلى شىكەر ،دىلى زەھەر ئىكەن ھەي
بىز چۈشەنمەستىن ،
ئەجەپ ئاسان قىرىنداش دەپ ئۈمىد
باغلاپتىمىز يارەب .
ئۇمەككار قەدەمدە ھىساپلاپ قۇم
ساناپ يۈرسە ،
ەۆدەكتەك گول بولۇپ بىزھەي ،تاش
ساناپتىمىز يارەب .
بۈگۈن ئۇقساق تىخى بىزنى جەھەننەم
سارايىغا باشلار ئىمىش ،
ئىچىپ كەڭرى قويۇننى بىز يىلان
ئاسراپتىمىز يارەب .
ئۇنىڭ باتىل خىيالىچە بويارمىش
قانغا دۇنيانى ،
بۇنىڭدەك زور گۇناھ بولماس ،خاتا
چاغلاپتىمىز يارەب .
<<ئاتاڭغا بەرمىگىل بىلگەن
يولۇڭنى >>دەر ئىدى دانا ،
نادامەت ئوتىدا ئەپسۇس جىگەر
داغلاپتىمىز يارەب .
گاھى تۇلپارمۇ ئۆزيولىدا مۇدۇرۈپ
كىتىدۇ دەيدۇ ،
سىراتىل مۇستەقىم بەرگەن خاتا
ئويلاپتىمىز يارەب .
كەمى نەمەت يىزىپ ئەشئار سۇخەندازلىق
قىلىپ قۇيدى ،
كەچۇرگەي مىنى دوست-يارلار ،بۇرۇن
بىلمەپتىمىز يارەب .
نەقىلاي
ئاھۇ يار ،رەببەھە ئاھ، ئاھۇ
پىغاننى نەقىلاي ،
يەتمىگەن مەقسەتكە بۇ پانى
جاھاننى نەقىلاي .
ھەر كىشىنىڭ قەلبىدە بىر سۆيۈملۈك
يارى بار ،
سۆيگنىمنى تاپمىسام قىز-جۇۋاننى
نەقىلاي .
ۋادەرخ،جەننەت كەبى شىنجاڭنى
ناگاھ باستى قۇم ،
قۇملىرىدىن پاكلىماي سولغان
بوستاننى نەقىلاي .
بىر كۈچلۈك بوران چىقىپ بۇ قۇملارنى
كۆچۈرسە،
قۇملىرى كۆچمەيدىغان تەكلىماكاننى
نەقىلاي .
قىنىمىزنى كەتتى شوراپ
،دانىمىزنى كەتتى يەپ ،
دانى يوق ئەمدى بۇ پاخال
-ساماننى نەقىلاي .
ئەمدى قالدى بىزدە تاتلىق جان
بىلەن غەم-قايغۇلۇق ،
قىينىلىپ كۆپ چىقمىغان بىچارە
جاننى نەقىلاي .
ھاۋادا كۈن بولمىسا يۇلتۇز بىلەن
يول ئىزدىگىلى ،
سەئى قىلماق نائۈمىد بولسا
ئىنساننى نەقىلاي .
پەرىشان بولما
ئىزدىسەڭ سەن ئازادلىق بولما پەرىشان
ئەي كەمى ،
ھەر يارالغان پىل ئەمەس دۇنيادا
ئىنسان ئەي كەمى .
سەم ھامان قىلساڭ ئىختىيار كەڭلىك
زاماننى دائىما ،
لىكىن كەلمەس سەۋەبسىز ئىلكىڭگە
ئاسان ئەي كەمى .
كەچمىگۈچە جانىدىن جانانغا يەتمەس
ھىچ كىشى ،
قەھرىمان ھەم پالۋان جانانغا قۇربان
ئەي كەمى .
قالمىغۇچە تامچە قان قالما كۆرەش
مەيدانىڭدىن ،
ئىجتىھات قىل توختىماي بەخىت
-پاراۋان ئەي كەمى .
ئۈچ ۋىلايەت خەلقى تاپمىش مۇستەبىتلەردىن
نىجات،
زۇلۇمدىن يەتتە ۋىلايەت زارى ھەيران
ئەي كەمى .
قايغۇرۇپ كۆپ يىغلىما خەلقنى ياد
ئەيلەپ تولا ،
چۈن ئۇلارنىڭ دائىما ئىمكانى كۈرەش
ئەي كەمى .
تاپسا يەتتە ۋىلايەت خەلقى قۇللۇقتىن
نىجات ،
ھېچ ئەجەپ ئەمەس پاناھىم بەرسە پەرمان
ئەي كەمى .
ئول جەنۇپ ساھىلدىكى دىلخەستىلەرنىڭ
دەردىگە،
ئىزدىگىل تىنماي ھەمىشە دورا
-دارمان ئەي كەمى .
بۇ ماكان قويدۇڭ قەدەم شۇندىن بۇيان
تاپتىڭ ئامان ،
ئول جەنۇپتا سەن ئىدىڭ مەھبۇس
زىندان ئەي كەمى .
مەيدان ئارا مەردلىكىڭنى كۆرسەت
ئەمدى خەلق ئۈچۈن ،
ئايلىنىپ كەتسۇن يىنىڭدە مىڭ جان
بولسا ئەي كەمى .
بولسا ئازاد ھەربىر كىشى ،يۇرسە
خۇشال بۇندىن بۇيان ،
ھىچ كىشنىڭ كۆڭلىدە قالمىغاي
ئارمان كەبى .
نېمئەتۇللا دەر ئېتىم،مەشھۇل لەقەم
ئېتىم كەمى ،
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يىرىدۇر ئۇشبۇ تۇرپان
ئەي كەمى
ياقۇپ ئىسمائىل يازغان <<نەمەت
خەلپەت >>ﻩﯨﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،
Yorumlar
Yorum Gönder