فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ھەققىدە
فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ھەققىدە
فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبن ئۇزلۇق ئىبن تارخان بولۇپ، مىلادىيە 870-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب-ئوترار-جەۋھەر شەھىرىنىڭ ۋاسىچ ھەربىي قەلئەسىدە، مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز-توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىتسىېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادىيە 950-يىلى دېكابىردا سۇرىيەنىڭ دەمەشق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسىتى دەمەشق شەھىرىنىڭ بەبەس سەغىر ناملىق سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. پارابى پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى.
ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسوفپ ئەبۇ نەسىر فارابى ئۆز ھاياتىدا كۆپلىگەن خاس ئەسەرلەرنى ۋە شەرھىي ئەسەرلەرنى يازغان. تۈركىيەلىك فارابىشۇناس ئەخمەد ئاتەشنىڭ كۆرسىتىشىچە، فارابى ئەسەرلىرى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنىپ مەلۇم بولغانلىرى 160 پارچىدىن ئاشىدىكەن.
فارابىنىڭ خاس ئەسەرلىرىگە <<ئىھسائۇل ئۇلۇم (پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى)>>، <<ئۇيۇنۇل ماسائىل (مەسىلىلەرنىڭ نېگىزلىرى)>>، <<پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا>>، <<بەخت توغرىسىدا>>، <<ئەقىل ھەققىدە>>، <<كىتاب جەمئىيۇل مەنتەقە (لوگىكا توغرىسىدىكى 12 ئەسەر)>>، <<چوڭ لوگىكا كىتابى>>، <<خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا>>، <<ئادەم ئورگانىزىمى توغرىسىدا>> قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
فارابىنىڭ شەرھىي ئەسەرلىرىگە ئارىستوتىلنىڭ <<كاتېگورىيە>>، <<مېتافىزىكا>>، <<سوفىستىكا>>، <<ئىزاھنامە>>، <<بىرىنچى ئانالىتىكا>>، <<ئىككىنچى ئانالىتىكا>>، <<توپىكا>>، <<رىتورىكا>>، <<پوئىتىكا>> قاتارلىق ئەسەرلىرىگە يازغان شەرھنامىلىرىنى، پىتولمىنىڭ <<ئالماگېستا>> ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىغا، ئېۋكىلىدنىڭ <<گېئومېتىرىيە>> ناملىق ئەسىرىگە، پارفىرنىڭ <<ئىزاگوك>> ناملىق ئەسىرىگە، ئالىكساندىر ئافرودىتىسنىڭ <<روھ ھەققىدە>> ناملىق ئەسىرىگە يازغان شەرھنامىلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
Yorumlar
Yorum Gönder