بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر مائارىپچىللىرىدىن قانچىسىنى بىلىسىز
بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر
مائارىپچىللىرىدىن قانچىسىنى بىلىسىز ؟
imar
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31
پورتىدىن (232-348) ئۇيغۇر مائارىپ
تارىخدا نامى بىزگىچە مەلۇم بولغان داڭلىق مائارىپچىلار ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تۆھپىكار
ئوقۇتقۇچى . ئۇ 232-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان
. كىچىكىدىن بۇددا دىنى بويىچە ئەتىراپلىق بىلىم ئېلىپ ، ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا
بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان .
ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتى نىسبەتەن يۇقىرى
بولۇپ شۆھرىتى ئىچكىرلەرگىچە تارالغان …. شۇڭا (غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ) 78يېشىدا
پادىشاھ يۇەنجانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوياڭغا بېرىپ 38يىل ئوقۇتقىچىلىق قىلىپ 116يېشىدا
ۋاپات بولغان .
2. مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى سۇجۇپ .
سۇجۇپ —- مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ
، ئۇيغۇر مۇزىكاشۇناسلىقىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى بۇيۈك نامايەندىسى
.
سۇجۇپنىڭ ھاياتى ، پائالىيىتى ،
ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمات يوق . خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ
مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن كۇچالىق ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىرىيەچىسى ئىكەنلىكى مىلادى
517-يىلى تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ ئوردا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى
بولغانلىقى ۋە ئۇيەردە «12ئاھاڭ رېتىم قانۇنى» نى كەشىپ قىلىپ «مۇزىكا پىرى» دىگەن
ئۇنۋانغا ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان .
3. مەشھۇر مائارىپچى پىرخۇيلان .
پىرخۇيلان —–(736-820) مەشھۇر بۇددا مۇتەپپەككۇرى
، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى . پىرخۇيلاننىڭ ھاياتى ،
ئىجتىمائىي پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . تۇللۇقسىز مەلۇمەتقا
قارىغاندا 736-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . پىرخۇيلان كىچىكىدىن ئىجتىھاتچان بالا
بولغاچقا كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتاپلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىيلىگۈچىسى ، چوڭقۇر
ۋە ئەتىراپلىق بىلىم ئىگىسى ، مەشھۇر تىلشۇناس ،ئالىم سۈپپىتىدە زور شۆھرەت
قازىنىپ ئۆز دەۋرىنىڭ كەم تېپىلدىغان ئۇستازىغا ئايلانغان .
1737-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 2-يىلى ) ئۇنىڭ ھەممە
ئەسەرلىرى تۇللۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880-يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ
ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنىيەدىن ئالدۇرۇپ كىلىپ كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .
4. ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئاقارى ماندا
(بەي مىندا )
ئاقارى ماندا (تەخمىنەن 7،8-ئەسىرلەردە ) سۇي ، تاڭ سۇلالىسى
دەۋرىدە شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ، داڭلىق تىلشۇناس . سۇجۇپنىڭ
شاگىرتى كۇچالىق . (بەي مىندا ) ئۇنىڭ
ئىسمىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بولۇپ بەزى ماتىرياللاردا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەگ مانتۇر دەپمۇ
ئاتىغان. خەنزۇچە تارىخي مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، ئۇ پادىشاھ سۇي تاپشۇرىقىغا
بىنائەن «ياشا »،«پەرىزاتنىڭ مىھمان بولىشى»، «قەدىمىي ئوردىغا قايتىش »،«شاتلىق گۈلى
» قاتارلىق 15 نەغمىگە مۇزىكا ئىشلىگەن .
5. مانى دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ
ئاساسچىسى مۇيۇنچۇر بۆكۈخان .
6.مائارىپچى ، شائىر كەكمېنىر .
كەكمېنىر(تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن
9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرغىچە ) بۇددىزىم
مائارىپىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ياشىغان مائارىپچى ، شائىر ، بۇددىزىم ئۇيغۇر
مائارىپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى . كەكمېنىر قەدىمقى مىران (ھازىرقى چاقىلىق
) دېگەن يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇنىڭ
«بالامغا تەلىم» شىئېرىدا مۇنداق مىسرالار
بار :
بالام گۆدەك ئۇقۇشقا كۆڭۈل
قويمايدۇ ،
كىتاپ ئىچىدە ئالتۇن بار
ئۇنى ئۇقمايدۇ .
بىلسە ئىدى كىتاپتىكى
ئالتۇن قەدرىنى ،
ئوقۇر ئىدى تاڭ ئاتقۇچە
يېقىپ چىراقنى .
شائىرنىڭ يەنە ۋەكىل خاراكتىلىك ئەسىرى
815-يىلى يېزىلغان «چىل بۆرىلەر ئۈستىدىن شىكايەت » دىگەن شىئېرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا
شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈربۈت «تىببەت» باسقۇنچىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭچىلىقى
ئۈستىدىن كۈچلۈك شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى
نامايەن قىلغان .
7. ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر ئوقۇتقۇچى سىنقۇسىلى
تۇتۇڭ.
8. مائارىپچى ئاپرىنچۇر تىكىن .
ئاپرىنچۇر تىكىن10-ئەسىردىن كىيىن ئىدىقۇت
مائارىپى يىتىشتۈرگەن ئۆز زامانىسىنىڭ ئاتاقلىق مائارىپچىسى ۋە شائىرى . ئاپرىنچۇر
تىكىننىڭ ھاياتى ، ئىجتىمائىي پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمات
يوق . مەلۇمەتلادىن قارىغاندا تۇرپاننىڭ بويلۇق دىگەن يىرىدە دۇنياغا كەلگەن .
مانى دىنى شارائىتىدە ئۈسۈپ يىتىلىپ ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىسىگە ،
مائارىپچىسى ۋە شائىرىغا ئايلانغان . دىمەك ، مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا يىتىشكەن
ئاپرىنچۇر تىكىن ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي ، ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىش 8-ئەسىردىن
10-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى مانى دىنىغا ئىتقاد قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە
ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىنىڭ مەدىنيەت ، مائارىپ تارىخىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە
ئىگە.
9. پىداكار مائارىپچى ، ئارىستوتىلدىن
كىيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز ئەبۇ نەسىر فارابىي .
ئەبۇ نەسىر فارابىي (870-950) ئۇيغۇر قارلۇق
ئالىمى . ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر ، شەرق پەلسەپىسىنىڭ
ئاتىسى ، ئىنسانىيەتنى ئەقلىي ، ئەخلاقى ،ئىستىتىك جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش
ۋە بەخىت سائادەتكە ئىرىشتۈرۈش يولىدا پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغان پىداكار
مائارىپچى . تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئىلىم-پەن . مەدىنىيەت تارىخدا ئەڭ ئالدىنقى
قاتاردىكى ئۇرۇننىئى ئىگەلىگەن ئىنىسكىلوپىدىك(ئونۋىرسال ھەممە جەھەتتىن يىتىشىپ
چىققان )ئالىم فارابى كاشىغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فارابتا تۇغۇلغان دەپ
قارىلدۇ . ئۇنىڭ تۇللۇق ئىسمى« ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان » .
ئەبۇ نەسىر فارابىي بىزگە ۋە پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي
مىراسلار ئۈستىدە ھازىر گىرمانىيە ، فىرانسىيە ، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە ، ئامىرىكا
، سوۋىت ئىتتىپاقى ، ئىران ، ئىراق ، پاكىستان ، چىخوسلوۋاكىيە، ۋىنگىريە ، تۈكىيە
، مىسىر ، سۈرىيە ، ھىندىستان ، ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەر تەرجىمە قىلىش ، تۇنۇشتۇرۇش
، تەتقىق قىلىش ، بۇيىچە زور ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا . مېنىڭچە بەك تۇنۇشتۇرۇپ كەتمىسەممۇ كۆپچىلككە تۇنۇشلۇق دەپ قاراي.
10. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ .
11. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى
، جاھان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇت قەشقىرى .
ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى ھۈسەيىن مەھمۇت قەشقىرى(1008-1105
) قارا خانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، جاھان تۈركىلوگىيە
ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى «ئىلىمگە ھۆددىگەر »، «ئىلىم ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى »دەپ نام
ئالغان مەشھۇر پېداگوگ ، دڭلىق جامائەت ئەربابى .
سەمىمىي ئەسكەرتىش : يۇقارقى 3 نەپەر ئالىمىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخىنى
بىلمەيدىغانلار ئۆزەڭلىنى بىلىپ ئازراق بولسىمۇ ماتىريال كۈرۈپ چۈشۈنۈپ قۇيۇڭ
.. شۇڭا ئىنىچكىلىك بىلەن تۇنۇشتۇرۇلمىدى
…
12. مەشھۇر مۇددەرىس جامالىدىن قەشقىرى .
جامالىدىن قەشقىرى 10-ئەسىردە قارا
خانىيلا نىڭ پايتەختى قەشقەردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر مۇددەرىس . ئۇيغۇر
كلاسسك مائارىپىنىڭ يىتەكچىسى . ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن «مەدرىسە ساجىيە » دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم پەننىڭ
ھەرقايسى ساھەلىرى بۇيىچە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر جەرراھ
(ۋىراچ)لار ، پەيلاسوپلار يىتىشىپ چىققان ، ھەتتا ئۇلاردىن بىرقىسىمى ئۆز ئىلمىي
پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تۇنۇلغان .
13. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ پىشۋاسى
ئىمامىدىن قەشقىرى .
14. مەشھۇر ئوقۇتقۇچى رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى .
رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى —–(؟-1083)
قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ، مۇتەپەككۇر ، تىببىي ئالىم . رەشىد
ئىبىن ئەلى قەشقىرى قاراخانىيلار پايتەختى قەشقەردە تۇغۇلغان .
كىچىكىدىن تىرىشقان زىرەك بولغاچقا ئۆز
زامانداشلىرى تەرىپىدىن «ئەللامە» (ھەممىنى بىلگۇچى ) دىگەن ئالىي ئىنۋانغا ئىرىشكەن
. ئۇ تىبابەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ ئاقكىسەلنى
بەدىيان ئەرقى بىلەن ، جىنسىي ئاجىزلىقنى مىھرىگىياھ بىلەن ، كۆز ئاجىزلىقىنى
ئارپا بەدىيان بىلەن ، قاتارلىق ئىلمىي ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن
.
15. داڭلىق ئالىم ، مەشھۇر پېدالوگ تاتاتۇڭا
.
تاتاتۇڭا (11-ئەسىر ) چىڭگىزخان ۋە
چاغاتاي دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر پېدالوگ ، تالانتلىق مەمۇرىيەت
باشقۇرغۇچىسى . بۇ كىشى نەچچە خىل تىلنى
بىلىدىغان بولۇپ بىلىمى كەڭ دائىرلىك بولغاچقا نايمان خان تەرىپىدىن ئوردا باش مەسلىھەتچىسى
ۋە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن . چىڭگىزخان ئىممپىريىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن چىڭگىزخان
بۇ ئالىمنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئوردا
ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ، چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇل – قىزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن تەلىم
ئالغان . چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئالىمدا ئۇقۇپ ساۋادىنى چىقارغان .
16. چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر كىلاسسىك
مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى مەخسۇتبەگ .
مەخسۇتبەگ —- (12-13ئەسىرلەردە) چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر
كىلاسسىك مائارىپىنىڭ قايتىدىن گۈللەپ ياشنىشى ۋا تەرەققىي قىلشى ئۈچۈن زور توھپىلەرنى
قوشقان تالانتلىق مائارىپچى ، يېزا
ئىگىلىك ئالىمى ۋە دۆلەت ئەربابى .
ئۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكىنىڭ
ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇللۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق مىلادى 1260-يىلى
كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان «مەدرىسەئىي ساجىيە» نىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەخسۇدىيە
» ناملىق ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا «سائادەت» ناملىق داڭلىق كۈتۈپخانىنى
تەسسىس قىلىغان . «مەخسۇدىيە » ئالىي
بىلىم يۇرتىدا ئوقۇيدىغانلار كەشمىر ، لاھور ، خۇراسان ، بالاساغۇن ، قىپچاق
دالالىرى، ئىلى ۋادىسى ، تارىم بويلىرى قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ مەكتەپتە يېتىپ
ئوقۇغان .
17.
مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېدالوگ يۈسۈپ سەككاكى .
سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىمىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى
—-(1160-1228)مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېدالوگ ۋە يازغۇچى . سەككاكى ياش ۋاقىتىدىلا تىرىشچان بىلىمگە
ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغان دىنىي ئىلىم ، تىل-ئەدەبىيات ، ماتىماتىكا ، جۇغراپىيە ،
تارىخ، ئىلمىي نۇجۇم ، تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن . يەنە
ئانا تىلىدىن باشقا ، ئەرەپ ، پارىس تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن . مۇزىكا ساھەسىدىمۇ
ئۆز ئىقدىدارىنى يىتىلدۈرۈپ «بايات»مۇقامىنى ئىجارد قىلىپ «9-ئۇستاز »دەپ شۆھرەت
قازانغان .
18. چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ مەشھۇر
ۋەكىلى مىجىت .
19.
يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس سارابان .
سارابان يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن
مەشھۇر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس ۋە داڭلىق خەتتات . 1343-يىلى توغان تۆمۈر
سارابانغا «جىننامىنى » يېزىپ چىقىشنى تەۋىسسىيە قىلغان ، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن
ماتىريال توپلاش ئارقىلىق بىريېرىم يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ 135جىلدلىق
«جىننامىنى » مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ پۈتتۈرگەن .
20.
كەسپىي تېخنىكا مائارىپنىڭ ئاساسچىسى تۆمۈر تۈبرۈك (لومېڭشەن) .
21. داڭلىق ئوقۇتقۇچى ، دوختۇر يەھيا .
22.
داڭلىق پېداگوگ جامالىدىن قارىشى .
جامالىدىن قارىشى — (1230-؟) داڭلىق مۇددەرىس ، پېداگوگ ، مەشھۇر
ئالىم ۋە تىلشۇناس . مەھمۇد قەشقىرى تىلشۇناسلىق ئىلمىدە باشلاپ بەرگەن ئىجادىيەت
ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەرەپ تىلى ، پارىس تىللىرى ئۈستىدە ئۇزۇن
مۇددەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ شۇنىڭ نەتىجىسى سۈپپىتىدە «سوراھۇل لوغەت» ناملىق
زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ چىققان . جامالىدىن قارىشى 1273-1274-يىللىرى «ساياھەت
خاتىرسى » ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان . بۇ ئەسەر بىزگە ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ھەققىدە
مول مەلۇمەتلارنى بىرىدۇ .
23. مائارىپچى شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى
.
مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى —
(1366-1465) ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر مائارىپچىسى ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى ۋە ئەللامىسى
. ئۇ دەسلەپتە ماۋرائۇنەھىر ، ئالتۇن ئوردا (سەمەرقەنىت)، قىرىم ، ئەزەربەيجان
قاتارلىق جايلارنى كىزىپ ئاخىرى ھىراتقا بېرىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ جايدا ياشاپ
،99يېشىدا ھىراتتا ۋاپات بولغان . لۇتفى ئىككى خىل تىلدا (ئۇيغۇر ۋە پارىس تىلى )
شىئېر يازغان بولۇپ ، بىزگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان شىئېرلىرىلا يىتىپ كىلەلىگەن
. بەزى مەنبەلەردە لۇتفىنىڭ 20دىن ئارتۇق يىرىك ئەسەرلىرى بارلىغى قەيت قىلىنغان .
كىيىنكى تەتقىقات بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . ‑
يەھيا —- (13-14-ئەسىرلەردە) ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى
، يۇئەن سولالىسى كەسپىي مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۆچمەس تۆھپلەرنى قوشقان داڭلىق
ئوقۇتقۇچى ، مەشھۇر دوختۇر . «جۇگېڭلۇ» ناملىق تىببىي كىتاپتا يەھيانىڭ ئېچىتقۇ
دورىسىنى كەشىپ قىلىنغانلىقى سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى قورقۇنۇچلۇق ۋابا كىسىلىنى
ساقايتقانلىقى قەيت قىلىنغان . شۇ كىتاپنىڭ
22-تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان : رېن زىجاۋ دىگەن كىشى ئېيتىدۇ
:« ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلىنىڭ بېشى قاتتىق ئاغىرىپ ، نالە – پەرياد
قىلىۋىتىپتۇ . بىر ئۇيغۇر تىۋىپى كىلىپ ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ
پىشانىسىنى يېرىپ بىردانە قۇرتنى ئېلىۋەتتى . ھېلىقى قۇرت قاتتىق ، تاشتەك ئىدى .
قۇرت بىرئاز ھەركەت قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈلۈپ قالدى ، بالىنىڭ بېشىمۇ دەرھال
ساقايدى ». يۇقارقى پاكىتتىن شۇنى بىلىش كىرەككى بۇ ئۇيغۇر تىۋىپى يەھيا ياكى ئۇنىڭ
شاگىرتلىرىدىن بىرسى بولىشى مۇمكىن .
تۆمۈر تۈبرۈك —– 13-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر
يېزا ئىگىلىك ئالىمى ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپنىڭ ئاساسچىسى ، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى
.
مىجىت —–12-13-ئەسىرلەردە ئۆتكەن چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى
،ئاتاقلىق دوختۇر . چاغاتايخان تەرىپىدىن
ئوردىغا تەكلىپ قىلىنىپ چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى بولغان . ئۇ ئالمىلىقتا سۇنۇق كىسەللىكىنى
داۋالاش مەكتىپىنى ئېچىپ ، داۋالاش ، دورا-دەرمان ياساش ئۇسۇلى ، شىپالىق
دورىلارنى يىغىش ، ئوپراتسىيە قىلىش قاتارلىق كەسىپ ۋە مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈپ ئۆز
دەۋرى ئۈچۈننۇرغۇنلىغان ۋىراچلارنى تەربىيلىگەن .
چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن .
ئىمامىدىن قەشقىرى —- (تەخمىنەن 11-ئەسىر
) ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ پىشۋاسى . بۈيۈك ئالىم ، ئۇيغۇر
تىبابەتچىلىكى ئىلمىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1016-1090)
ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ ۋە قارا خانىيلا دۆلىتىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى . ئاتاقلىق
جامائەت ئەربابى ، پەيلاسوپ ، مۇتەپەككۇر ، ئالىم ،شائىر . ئىلىم – پەن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك
ئۈچۈن كۈرەشكۈچى قەيسەر جەڭچى .سىنقۇسلى تۇتۇڭ(تەخمىنەن 10ئەسىردە ياشىغان ) ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ،داڭلىق تەرجىمان
،ئەدىب،يىتىشكەن تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچى .
سىنقۇسىلى تۇتۇڭ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشىبالىق (جىمسار) دا
دۇنياغا كەلگەن . سىنقۇسىلى تۇتۇڭ
ئىنتايىن تىرىشچان ، زىھنى ئۆتكۈر بولغاچقا ئۆزئانا تىلىدىن باشقا يەنە تۇخارتىلى
، ئەنەتكەك-سانسىكىرت تىلى ، خەنزۇ تىلى ، تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگەلىگەن .
سىنقۇسىلى تۇتۇڭ نىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئىجادىتي ئەمگىكى خەلىقئارا تۈكىلوگلار تەرپىدىن «تۈركىي تىللا
دىۋانى »،«قۇتادغۇبىلگ» بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدىغان «ئالتۇن يارۇق» (ئالتۇن رەڭلىك
نۇر چېچىپ ، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر ) بىلەن «شۇنجۇۋاڭنىڭ تەرجىمھالى
»،«ئابخادخارھاكوشاھ» قاتارلىق ئۈچ دانە تەرجىمە ئەسەردىن ئىبرەت .
مۇيۇنچۇر بۆكۈخان (تەخمىنەن8-ئەسىرلەردە
ئۆتكەن ) ئۆزدەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەربابى، مانى دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپنىڭ
ئاساسچىسى ، ئۇيغۇر خاقانى ، داڭلىق گىنرال . مۇيۇنچۇر بۆكۈخان (بەزى تارىخىي مەنبەلەردە
ئىلىخان دەپمۇ ئېلىنغان ) ئۇرخۇن ۋادىسىدا
ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىلادىنىڭ 744-يىلى كۆك تۈرۈك خانىلىقىنى ئاغدۇرۇپ
،تۇنجى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان كۆل بىلگە قاغان نىڭ ئوغلى بولۇپ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن
كىيىن (747-يىلى) خاقان بولغان . مۇيۇنچۇر بۆكۈخان نەسەپ جەھەتتىن «توققۇز ئۇيغۇر
»لارنىڭ «ئىچكى تۇققۇز ئۇيغۇر »لىرىغا تەئەللۇق بولغان ياغلا قار قەبىلىسىدىن كىلپ
چىققان . مۇيۇنچۇر بۆكۈخاننىڭ ئاساس سېلىشى
بىلەن كىيىنچە شەرقىي ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇنلىغان مانى ئوقۇتقۇچىلىرى يتىشىپ چىقىپ ،
ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەرگىچە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ۋە مانى دىنىنى تەرغىپ
قىلىدۇ
Yorumlar
Yorum Gönder