«ئەخمەق» دادام
«ئەخمەق» دادام
hazritili
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13
دادامنى ئانام دائىم سىلى بەكمۇ
ئەخمەق دەيتى. مەنمۇ دادامنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئۇنى ئەخمەققە چىقىراتتىم ۋە
ئانامغا بولىشىپ بېرەتتىم. دادام دائىم قوشنىلارغا بىرەر نەرسە ساتسا ئەرزىنىغىلا
بىرىۋىتەتتى ، باشقىلارنى ئىشلەتسە ئەسلى ئىش ھەققىدىن ئاشۇرۇپ بىرەتتى ، بىكاردىن
بىكارغىلا باشقىلار ئېغىز ئاچسىلا ئۇنى بۇنى باشقىلارغا كەڭ قوللۇق بىلەن بىرىۋىتەتتى،
خۇددى ئۇ نەرسە بىزگە بىكارغا كىلىپ قالغاندەك . 20-30 كوينىڭ كۆزىگە بەك قاراپ كەتمەيتتى.
ئامال بار باشقىلار ئويلىغاندىن ياخشىراق ھالەتتە بىرىپ باشقىلارنى رازى قىلىشقا
تىرىشاتتى، ئاشۇنداق قىلىۋالسا خۇددى غايىپ غەزىنىگە يۇلۇققان ئادەمدەك خۇشال يۈرەتتى.
گەپ قىلساق« ھا..ئا، بالام بىزگە خۇدايىم بىرەر » دەپلا گەپنى تۈگىتەتتى. مەن
ئويلاتتىم:« خۇدايىم بەرگەننى ئاشۇنداق كەڭ قوللۇق قىلدىم دەپ بىرىۋەتسە ، خۇدا بەرگەننى
قەدىرلىمىگەن بۇلمامدۇ؟»
بىر يېرىم مو يەرگە چامغۇر تېرىغان
ئىدۇق.ئۇ چامغۇرغا سۇ قويمىساقمۇ شۇنداق ئوخشىدى . چامغۇرغا سۇ قويمىسا قاداق بۇلۇپ
قالماي تۇلىمۇ تاتلىق پىشىدىكەن. چامغۇرنى يىغىدىغان ۋاقتىدا بىر مۇنچە ئادەم چامغۇرلۇققا
يىغىلدى. چامغۇرنى قېزىشىپ ، كۆكلىشىپ دېگۈدەك ئىشلارنى قىلىشىپ ، ئالىدىغانلىرى پۇلغا
ھېساپلاپ ئېلىپ دېگەندەك بىردەمدىلا چامغۇرلۇقنى بىكارلاپ قويدى . مۇشۇ جەرياندىمۇ
دادام يەنە «ئەخمەق»لىقىنى قىلغىلى تۇردى. ھېلى بىرمۇنچە چامغۇرنى بىرسىگە بىرىپ
مانى ئەكىرپ يەڭلا دېسە، ھېلى ئاللىكىملەرگىدۇر بىرنەچچە خالتا چامغۇرنى ئاتاپ قۇياتتى.
كەچتە ھېساپلاپ باقسام تەخمىنەن تۆت يۇز كىلودەك چامغۇرنى ئاشۇنداقلا يوقىتىۋىتىپتۇ.
ھەر كىلوگىرامىنى 1.5 يۈەندىن ھېساپلىغاندا 600 يۈەن دېگەن گەپ . راستىنلا خۇيۇم تۇتتى
دە ، دادامغا :
- سىز ئەخمەقلىق قىلىپ 600 يۈەن
زىيان بۇلۇپتۇ مانا !
-ھا...ئا بالام ، بىز يا ئۇ چامغۇرنى
ئېلىپ ساتمىساق ، ئېتىزدىن چىققان نەرسىدىن نېمە زىيان بۇلىدۇ.
-600 كوي پۇل ئاز پۇل ئەمەس- دە
، چىڭ تۇرغان بولسىڭىز ئاشۇ 600 يۈەن پۇل قېچىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز كەڭ
قوللۇق قىلغان ئاشۇ كىشىلەر بىزگە كەلگەندە بىر پۇڭنىڭ ئۇستىدە تىك تۇرىدىغان ئادەملەر
. ھازىر سىزدەك ئەخمەق ئادەم تۇلىمۇ ئاز-دېدىم ئاچچىقىمدا .
دادام ماڭا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ :
-بالام ،ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھان بۇ
، چىڭ تۇتۇپ ياشىساڭمۇ ، كەڭ قوللۇق بىلەن ياشىساڭمۇ يەنىلائۆلۈپ كىتىسەن ، كىيىۋالغىنىڭ
، يىۋالغىنىڭ ، بىرىۋالغىنىڭدىن باشقا ھەممىسى ساڭا تەۋە ئەمەس . ئۇلار كۆزى
كىچىكلىك قىلسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ، بۇ دۇنيادا ھەركىم قىلغان ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىنى
كۆرىدۇ ، ئۇلار خەسىسلىك قىلسا ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۆزىگە ، بىز ئۇنىڭغا كەڭ قوللۇق
قىلسا ، كەڭ قوللىقىمىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بىزگە بىرىدۇ . مىنىڭ كەڭ قوللۇق قىلىشىمدىكى
، قورسىقىمنى كەڭ تۇتۇشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، ئاللاھ قىيامەتتە -ھەر ئادەم ئۆز قايغۇسى
بىلەن قالىدىغان ئاشۇ كۇندە ئاشۇ ئەمەللىرىم سەۋەبلىك ماڭىمۇ كەڭ قوللۇق بىلەن ، كەڭ
قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، خۇددى مەن باشقىلارنىڭ كۆڭلۈنى خۇشال قىلغاندەك
، مىنى قايغۇلاردىن خالاس قىلىپ كۆڭلۈمنى خۇرسەن قىلغۇسى دەپ ئۈمد قىلىمەن.
ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى كەڭرى ، ئاللاھ:‹ ئى بەندەم سەن باشقىلارنى خۇرسەن قىلىش بەدىلىگە
مەندىن خۇرسەنلىك ئۈمۈد قىلغان ئىدىڭ، باشقىلارغا كەڭ قوللۇق قىلىش بەدىلىگە مەندىن
كەڭ قوللۇق قىلىشنى ئۈمۈد قىلغان ئىدىڭ ، سەن مىنى تۇنۇپ ۋە مىنىڭ مەرھەممەت
قىلىشىمنى ئۈمۈد قىلغان ئىكەنسەن ،پەزلى كەرىمىم بىلەن بۈگۈن تىلىگىنىڭنىن بەردىم›
دېۋەتسە مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ خۇشاللىق بۇلامدۇ . مەن ھەققىي مەقسەتكە ئىرىشكۇچى
بولمامدىم- دېدى.
دادامنىڭ گەپلىرى بىلەن تۇرۇپلا
قالدىم. ئۇنى خاتا ئەيىپلىگىنىمدىن شۇنداق خىجىل بۇلۇپ كەتتىم. دادامنىڭ ئاشۇ گەپلىرىدىن
كىيىن دادامنىڭ« ئەخمەق»لىقىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. دادام كۆزۈمگە ئەۋلىيادەك كۆرۈندىغان
بۇلۇپ قالدى.
نامىزىمدا دۇئا قىلىدىغان بولدۇم:«
ئى ئاللاھ ،دادامنىڭ ئەخمەقلىقىنىڭ ئەجرىنى بەرگىن ۋە مىنىمۇ دادامدەك ئەخمەقلەردىن
بۇلۇشقا مۇشەررەپ قىلغىن .»
Yorumlar
Yorum Gönder