غېنى باتۇر
غېنى باتۇر
aysu
يوللىغان ۋاقتى 2006-8-5
ﺋﯜﭺ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى نىلقا
قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھپەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلىق قەخىرمانى ، ھەربى
قوماندان غېنى مۇھەممەت باقىر 1901 - يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۇز مەھەللىسىدە
كەمبەغەل دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان ، باتۇر ، كۇچلۇك
، غەيرەتلىك بالا بولۇپ ، بالا ۋاقتىدا چىلىشتا داڭ چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي ، گەۋدىلىك
، يوغان باش ، كەڭ ۋە سوزۇق يۇزى قىپ - قىزىل ، قوي كۆز ، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ
چىقىدۇ .
غېنى16 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۇنى
تۇققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە <<
مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۇۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نىمە دەيسەن
؟>> دەپ 150مىتىر ئارلىقنى كۆرسۇتىدۇ .قازاق يىگىت ئەگەر ئەگەر دىگىنىڭدەك
قىلساڭ ، ئاتنى ساڭا بەردىم . قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مىنىڭ >> دەيدۇ ،
غىنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ ، قىيقاس كۆتۇرۇلىدۇ . غېنى ئاتنى
كۆتۇرۇپ قارياغاچتىن 100مىتىر نىرى يارگە ئېلىپ بېرىپ ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . خەلىق
ھەيران قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غىنىنىڭ << باتۇر >> دىگەن نامى پۇتۇن
ئىلى رايۇنىغا تارقىلىدۇ . ھەم زۇلۇمغا جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان
نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ . ئۇلار زالىم بەگلەر ، جازانىخور
بايلار ، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ ، مەسخىرە قىلىدۇ ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۇلكىنى
ئوغۇرلاپ ، يىتىم - يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا غېنى 1944 يىلىغىچە كۆپ قېتىم
تۇرمىلەرگە تاشلىنىدۇ ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۇزۇپ تاشلاپ كاچىدۇ .
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944 -
يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۇنى دۇشەنبە ئۇرۇمچى 2 - تۇرمىدىن ( ھازىرقى ئۇرۇمچى شەھەرلىك
خەلىق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرنۇپ يۇرىدۇ . شۇ كۇنلەردە
نىلقا تاغلىرىدا گومىداڭغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بىرىۋاتقان فاتىخ باتۇر ، ئەكبەر
باتۇر ، قۇربان بۇرھانىدوف ، ئوسمان ئىبرايىمۇف ، سىيىت ئاۋان ( ئەكبەرنىڭ ئىنىسى
) ، نۇر ئوبولۇف ، ھوشۇر مامۇتۇف ، ، مۇساقان قۇربان ، خەمىت مۇسلىمۇف ( فاتىخ باتۇرنىڭ
ئىنىسى ) ، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۇرۇمچى
تۇرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غېىنى
ئىنقىلاپقا قېتىلىدۇ . پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2- پارتىزانلار گۇرپىسىغا
مەسئۇل بولىدۇ ، بۇ گۇرپىدا زۇلۇمغا قارشى ، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى 200دىن ئارتۇق
پارتىزان بار ئىدى .
غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسۇ ئۇرۇش
رايۇنلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ
. غىنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى
توسۇپ زەربە بېرىپ ، مازار رايونىغا كىرگۇزمەي يوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قورال ياراقلىرىنى
غەنىمەت ئالىدۇ . سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ ، ساقچى ئىدارىسىنى
پاچاقلاپ تاشلايدۇ . ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ
چىقىدۇ .غىنى يەنە قارا سۇ ، سۇپتاي ، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى
قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ
ئۆتۇدۇ . دۇشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ دۇشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ
چىقىدۇ . غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلىق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ
چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر
يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق
ھوكۇمەت ئۇنىڭ قەخىرمانلىق جاسارىتى ، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭغا
پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە << خەلىق قەخىرمانى >> دىگەن ھۆرمەتلىك
نامنى بېرىدۇ .ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنىڭ ئەزاسى ، مىللى ئارمىيە
ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا
<< جۇمھۇريەت >> ، <<ئازاتلىق >> ، << ئىستىقلالىيەت
>> ، << باھادۇرلۇق ئۇچۇن >> قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلان
تارتۇقلىنىدۇ .
ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك
سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن كېيى پاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا
1953- يىلىغىچە دەم ئالىدۇ . 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى
مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ . 1954- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 -
يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ . 1990 - يىلى 89 يېشىدا ئالمۇتا
شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ .
Yorumlar
Yorum Gönder