مىڭە يۇيۇش ھەققىدە بىلدۈرگە



مىڭە يۇيۇش ھەققىدە بىلدۈرگە

yamdak

 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13



          مىڭە يۇيۇشنى ئىنگىلىزچىدە "مايىن كونترول،برايىن ۋەشىڭ"دەيدۇ مەنىسى ھەرخىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ،ئادەملەرگەمەلۇم بىرخىل ئىدىيەنى كاللىسىغا سىڭدۇرۇش ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ مەقسىتىگە مايىل قىلىدىغان بىر قاتار چارە ئامال ۋە جەريانلارنى مىڭە يۇيۇش دەپ ئاتايمىز .مىڭە يۇيۇش ئادەتتە كەڭ قوللىنىلىدۇ .ئاساسلىق سىياسى،دىنى،سوداساھەلىرىدە كەڭ تۇردە قوللىنىلىدۇ .مىڭە يۇيۇش بىلەن تەشۋىقاتنىڭ ئوخشىمايدىغان جايى شۇكى مىڭە يۇيۇش كۈچلۈك مەجبورىلاش خارەكتىرگە،ئۇزۇن مەزگىللىككە ،تەنقىتلەش،پىپەن قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
كۆپ كورۇلدىغانلاردىن مەسىلەن:سىياسىي كاللا يۇيۇشنى مىسالغا ئالساق ھوقوقدارلارخەلىققە بىر خىللا ئىدىيەنى سىڭدۇرۇپ،بىرلا رەھبەرنى ياخشى كۆرسۈتۈپ،ياكى بىرلا ھوقوقدار تەشكىلاتنى چىرايلىق كۆسۈتۈش ھەمدە مەلۇم بىر خىل ئىدىيەنى خاتا ئىدىيە دەپ كۆرسىتىش،پىپەن قىلىش .مانا بۇ ئوسوللارنى قايتا قايتا يۈرگۈزۈش،خەلق ئاممىسىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۇرۇش ئاستىدا ،ئامما بىلىپ بىلمەي مەلۇم ئىشقا ياكى مەلۇم سىياسىي تەشكىلاتقا ئىشىنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .
        سىياسىي مىڭە يۇيۇش كۆپرەك مۇستەبىت دۆلەتلەردە كۆرىلىدۇ ،سودا ساھەسى ۋە دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ھوقوق ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ چەكلىك بولىشى ئاستىدا كەڭ تۈردە مىڭە يۇيۇش پالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالمايدۇ .بەزى دىنى تەشكىلاتلار ۋە سودا شېركەتلىرى پەقەت ژورنال،تېلىۋىزور،قاتارلىق مىىدىيالار ئارقىلىق ،مەلۇم بىر خىل مەھسولاتنىڭ ئېلانىنى ،ياكى مەلۇم بىر خىل ئىتىقاتنى كۈيلەيدىغان مەزموننى قايتا قايتا قويۇش ئارقىلىق ،"يالغاننى كۆپ تەكرارلىسا راستقا ئۆزگىرەر"دەيدىغان ئۇسولنىڭ تەسىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەردە مەھسۇلاتقا ياكى مەلۇم بىر خىل دىنى ئىىدىيەگە ياخشى تەسىرات پەيدا قىلىش مانا بۇ جەريانمۇ مىڭە يۇيۇش دەپ قارىلىدۇ .
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار
        1961-يىلى ،ئامىرىكا روھى كىسەللەر دوختۇرى روبىرت جەي لىفتون دوكتور شاڭگاڭغا كېلىپ ،كومۇنىستىك پارتىيە چاۋشىيە ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىپ قويۇۋەتكەن ئەسىرلەنى ۋە دىن تارقاتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ ،كومپارتىيەنىڭ مىڭە يۇيۇش ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدۇ . "ئىىدىيە ئۆزگەرتىش ۋە ھاكىم مۇتلەقلىق پىسخىلوگىيەسى :جۇڭگونىڭ مىڭە يۇيۇش تەتقىقاتى"ناملىق كىتابىدامىڭە يۇيۇشنىڭ ئوسوللىرىنى ،ئەھمىيىتى ۋە تەسىرىنى تەپسىلى تەھلىل قىلغان بولۇپ ،مىڭە يۇيۇشنى ئىلىم پەن نۇقتى نەزىرىدە تۇرۇپ تەتقىق قىلغان ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان كىتاب ھېساپلىنىدۇ .2004-يىلى ئوكسىفورد ئونۋىرسىتىدىن كەزلىن تايلور "برايىن ۋەشىڭ :دى ساينىس ئوف زوۋت كونترول" يەنى "مىڭە يۇيۇش:ئىدىيە كونترول قىلىش ئىلمى" نەشىر قىلدۇرۇپ ،پەن تېخنىكا پىرىنسىپى بويىچە مىڭە يۇيۇشنى تەتقىق قىلىدۇ .ئۇئىنسان مىڭىسىنىڭ يەكۇن چىقىرىش ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىدىغان نېرۋا ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ھەمدە كۈچلۈك ئىدىلوگىيە تەسىرىگە ئىگە سۆزلەرنى مەقسەتلىك ،قايتىلاپ مىڭىسىگە سىڭدۇرۇپ،بۇ ئۇچۇرلارنى مىڭە نېۋرونلىرى ئارسىدا تېخىمۇ توسالغۇسىز ماڭدۇرۇش ئارقىلىق،كىشىلەرنىڭ ھىسياتى ۋە ئىتىقاتىغا تەسىر كۆرسىتىشپ،ئۆز مەۋقەسىدە تەۋرەنگۈزۈش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . ئۇ بىرمۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بولسا سىياسى مىڭە يۇيۇشنىڭ ئىپادىسى. ھەرخىل كۆز قاراشتىكى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغاندىلا،ئاندىن مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇپ،رەزىل مەسقەت بىلەن مىڭە يۇيۇشقا ئۇچىراشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ دىگەن .
           ئەنگىليەلىك يازغۇچى ،ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى دومىنىكا يازغان كىتابتا ،سوغۇل مۇناسىۋەتلەرئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامىرىكا،جۇڭگو،ئەنگىلىيە ،سابىق سوۋىت ئىتىپاقى مەخپى ھالدا كىشىلەرگە مىڭە يۇيۇش ئېلىپ بارغان .ھەتتا نۇرغۇن ئادەم ۋە ئىتىساد سەرىپ قىلىپ ،مىڭە يۇيۇش ئىلمىنى مەخسوس سىناق تەجرىبە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان دىيىلگەن .بۇ كىتاپتا يەنە دىنى ئۇسول بىلەن مىڭە يۇيۇشقا چېتىلىدىغان مەزمونلار بار ئىكەن .






سىياسى مىڭە يۇيۇش ،سودا خارەكتىرلىك مىڭە يۇيۇش ،دىنى ساھەنىڭ مىڭە يۇيۇشى ئىنكاس شەكلىدە ئەۋەتىلىدۇ .
         سىياسىي مەقسەتتىكى مىڭە يۇيۇشنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرى ھەممىدىن چوڭ ئىكەنلىكى كۆز بىلەن كۆرۈكلۈك .شۇڭا دائىم سىياسىي مىڭە يۇيۇش بەك بەس مۇنازىرە پەيدا قىلىدىغان تېما .بەزى سۆز ئەركىنلىكى ،خەۋەر ئەركىنلىكى يوق ياكى قىسمەن يوق،ئۇچۇر قاتتىق كونترول قىلىندىغان دۆلەتلەردە ،ھوقوقدار تەشكىلات ياكى شەخىس،دۆلەت باشقۇرىدىغان مىدىيالارغا ۋە خەلىق تۇرمىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،كىنو ،تېلىۋىزور ،تىياتىرلار ئارقىلىق خەلىقنىڭ مىڭىسىگە ھوكمىرانلار خائىشىدىكى مەلۇم سىياسىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈدۇ .يەنە تېخى مائارىپ ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە سىياسىي مىڭە يۇيۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .مەسىلەن:تارىخنى،دەرسلىك مەزمونىنى ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىگە پايدىلىق بولمىغان تارىخنى كىرگۈزمەي،رەزىللىككە سۈكۈت قىلىپ يۇۋاش بولۇش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ .سىياسىي مىڭە يۇيۇش ھوقوقتىكى سىياسى گۇرۇھنىڭ سىياسىينىڭ تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ .سىياسىي مىڭە يۇيۇشنى كۆپ قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن مۇستەبىت دۆلەتلەر چۈنكى سودا ساھەسى ۋە دىنى ساھەنىڭ ھوقوقى چەكلىك تۈپەيلى مىڭە يۇيۇشنى مەجبورەن ئاپپىرالمايدۇ .
       تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىلاۋەسى:ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش دېموكىراتىك دۆلەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ خەلكىگە مىڭە يۇيۇش ئويىنى ئوينايدۇ .مەسىلەن:ئۇرۇش قىلغاندا ئۇرۇشنىڭ پايدىسىنى ،دۆلەت مەنپەتىنى كۆپۈزۈپ سۆزلەش ،كونا مۇستەملىكە رايونىدىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادىتىنى ،دىنى ئۆرۈپ ئادىتىنى ئۆزگەرتىش،خىرىستىيان ئەمەس دۆلەتلەرگە مەخپى ئۈمەك تەشكىللەپ خىرىستىيان سىياسىي ئۇنسۇرلىرىنى ئەۋەتىش .نىگىرلارغا ھىلە ئىشلىتىپ باشقۇرۇش .............دېموكىراتىك دۆلەتلەردە مىڭە يۇيۇش يوشۇرۇن ۋە چىرايلىق تۈستە ئېلىپ بېرىلىدۇ .دېكتاتورا دۆلەتلەردە بولسا ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىدۇ .قىسقىسى بىر دۆلەت بولغانكەن شۇ دۆلەتنىڭ ھوقوق ئاپراتلىرى ھامىنى خەلكىگە مىڭە يۇيۇش ئويىنى ئوينايدۇ .ئامىرىكىدىكى سايلاممۇ مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە .
سىياسىي مىڭە يۇيۇشقا چېتىلغان ھازىرقى زاماندىكى دۆلەتلەر
.ياپۇنىيە1
1941-يىلى 12-ئايدا ياپۇنىيە تۇيۇقسىز پىيورى خاربوغا ھۇجۇم قىلىدۇ .ياپۇن ھاۋا ئارمىيە جەڭچىلىرى ،ئۆزىنى ئايرۇپىلان بىلەن بىللە كىمىلەرگە ئۇرۇپ ئادەم بومبا بولۇپ بەرگەن ئىدى .بۇ ياش ئۇشقىچىلار ئەمەلىيەتتە ياپۇن مىللتارىست ئىددىيىسىنىڭ مىڭە يۇيۇشىدىن ئۆتكىزىلگەن ئىدى .ئۇرۇشتىن كېيىن ياپۇن خەلقى بۇ ئۇرۇشتىن ئىبرەت ئالمايلا قالماي ئەكسىچە 2007-يىلى ‹مەن سەن ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەن› دىگەن كىنونى ئىشلەپ ئاشۇ چاغدا قۇربان بولغان جەڭچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرگەن .
.گىرمانىيە 2
فاشىستىك گىرمانىيەنىڭ داھىسى گېتلىر گىرمان خەلكىگە كوللىكتىۋىزىم ئىدىيەسى ۋە يەھۇدىيغا قارشى ئىدىيەنى سىڭدۈرگەن .شۇ چاغدىكى تەشۋىقات مىنىستىرى بولغان گىپىر‹يالغان گەپنى مىڭ قېتىم تەكرارلىسا راس گەپكە ئايلىنىدۇ› دىگەن.
سابق سۆۋىتلەر ئىتتىپاقى 3.
سابىق سۆۋىتلەر ئىتتىپاقىدا سىياسىي مىڭە يۇيۇش بەك كەڭرى ئىشلىتىلگەن .تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە بىنورمال تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىنى كومىنىزىم تۈسىگە كىرگۈزۈپ بۈيۈك ھالەتكە يەتكۈزگەن .باشقا مىللەتلەرگە روس ئاسمىلاتسىيەسى قىلغان . بولۇپمۇ مائارىپنى كونترول قىلىپ ،روس تىلىنى مەجبورى دەرسلىك تىلى قىلىپ باشقا مىللەتلەرنى سىلاۋىيانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان .بۇندىن باشقا يەنە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مىڭە يۇيۇشلار سوۋىتلەر ئىتىپاقىدا سادىر بولغان .بۇ ھەقتە بەك توختىلىپ ئولتامايمىز .ئوقۇرمەن ئۆزى ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ .
.گومىنداڭ جۇڭگو ۋە كومىنىستىك جۇڭگو . 4
قىسقارتىلدى .
.چاۋشەن5
ئامىرىكىنى ئالۋاستى كۆرسىتىپ ئويۇن ئويناشتا چاۋشەنگە يىتىدىغان باشقا بىر دۆلەت بولماسلىقى مۇمكىن .مەسىلەن :1982-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى خەلقارا بوكىس بىرلەشمىسىنىڭ ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسبىقىسىدە چاۋشەننىڭ جىن جىندېجۇ ئىسىملىك بىر ماھىرى مۇسابىقە جەريانىدا ئېغىر مۇش يەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ .كېيىن چاۋشەن ھۆكۈمۈتى بۇ ئىشنى دۆلەت ئىچىگە ئامىرىكا قەستەن سۇيقەست قىلدى دەپ تەشۋىق قىلىپ خەلقنىڭ ئامىرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ .چاۋشەندىكى مىڭە يۇيۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى سوۋىتلەر ئىتتىپاقى ۋە سوتسىيالىستىك قوشنا مەملىكەتلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ تۈرى خىلمۇ . .
.6تالىبان .غەرىپ كۈچلىرىدە تالىباننىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چىگىرلىنىدىغان رايونلاردىكى خەلىقلەرگە ھەتتا ئۆسمۈرگەرگە تالىبان ئىددىيەسىنى مەجبورى سىڭدۈرىدۇ دىگەن قاراش بار .
تۈگىدى .

مەنبە:ۋىكى ۋە بەيدۇ بەيكې
.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى