TED لېكسىيەخانىسى: ئەمىلىيەتكە قايتقان ئەقىل



TED لېكسىيەخانىسى: ئەمىلىيەتكە قايتقان ئەقىل


 ۋاقتى: 2013-12-18

‏1-باپ

ئەمىلىيەتكە قايتقان ئەقىل


تەكرار تازىلىق قىلغان تازىلىق ئىشچىسى ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلغان ئايال سوتچى


‏تازىلىق ئىشچىسىدىن ئېلىنغان ئەقىل


ئاپورلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:

بارىي شىۋاس
‏ ئامېرىكا سىۋاسمور ئىنىستىتوتىنىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، 2009- يىللىق TED يىغىنىنىڭ كوزېرلىق ناتىقى. نەق مەيداندا ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغان تاماشىبىنلار 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىلا بولۇپ قالماي يەنە سودا ساھەسىدىكى زاتلار پۇل مۇئامىلە، پارچە سېتىش، يېمەك- ئىچمەك، ئېلانچىلىق، تاماششا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كەسپتىكىلەر بار. ئالاقە تورىدا ئۇنىڭ نۇتۇق فىلىمىنى كۆرگەن كىشىلەر 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
‏ئەسەرلىرىدىن «تاللاش پارادوكىس نەزىرىيىسى» نەشر قىلىنغاندىن بۇيان زور ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ « ئامېرىكا ھەپتىلىك ژورنىلى» ۋە «فوبۇس» ژورنىلىدا يىللىق 10 چوڭ بازارلىق كىتاپ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، دۇنيادىكى 20 نەچچە خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
‏ ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن قېتىم CNN، PBS،CBS قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئارقا- ئارقىدىن «نيو يورك ۋاقىت گېزىتى»، «خارۋاد سودا ئوبزورى»، «مۇھاپىزەت گېزىتى» قاتارلىق ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
‏كېننىس شارپ
‏ سىۋاسمور ئىنىستىتوتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى، مەخسۇس سىياسىي پەلسەپە، ئاممىۋىي سىياسەت ۋە ئامېرىكا دېپلوماتىيە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.
‏ ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇلماقچى بۇ كىتاپ مەزكۇر ئىككى ئاپتور بىرلىشىپ يازغان «يۈتكەن ئەقىل: تۈزۈمدىن ئاغرىنىشتىن باشقا يەنە نىمىش قىلالايمىز؟» دېگەن كىتاپ بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىم- زىيالىيلار ئىنتايىن يۇقۇرى باھا بېرىپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان كىتاپتۇر. دېمىسىمۇ بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئوقۇشچانلىقى، ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كۆپ ھەم توغرىلىقى، ھەممىدە ئىلمىي ئاساسقا تايىنىپ شەخسىنىڭ تەسىراتى، قۇرۇق گەپ ساتمىغانلىقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بارى شىۋاسنىڭ «تاللاش پارادوكىسى نەزىرىيىسى» دېگەن كىتاۋىدىن كېيىنكى يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆلچەمدىكى ئېسىل كىتاۋىدۇر. جەمئىي 12 باپلىق بۇ كىتاپتا كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىلمىي ئاساس ۋە لوگىكىلىق سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق چوڭقۇر، ئەمما كىشى ھەمىشە سەل قارايدىغان قائىدىلەر ئېچىپ بېرىلىدۇ، مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگۈرىشچان دۇنيادىكى يېڭى ئەقىل-پاراسەتلەر قېزىلىدۇ...پەلسەپە، پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق ھەققىدە مول بىلىم بېرىدۇ...
‏‏

لۇك بىر چوڭ دوختۇرخانىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى، ئىلگىرى ئۇ بىر قىسىم ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇ ئالىملار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشۈنۈشنى ئۈمىت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا، لۇك ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھۇشسىز ياتقان بىر ياش بىمار ئۈچۈن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ ياتىقىنى ئىككى قېتىمدىن سۈپۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. سەۋەبى، بىرىنچى قېتىم سۈپۈرگەن چاغدا، بىمارنىڭ دادىسى كۆرمەيدىكەن، شۇڭا ئۇ يەنە بىر قېتىم سۈپىرىدىكەن، تېخى مەمنۇنلۇق بىلەن. بۇنى ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:

‏ مەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى ئاز-تولا چۈشىنىمەن. ئۇنىڭ ئوغلى دوختۇرخانىدا ياتقىلى بەك ئۇزاق بولدى... باشقىلار جېدەلدە يارىلانغانلىقى سەۋەپلىك پالەچ بولۇپ قالغىنىنى ئېيتتى. ئۇ ئىزچىل ھۇشسىز ياتاتتى... ئاڭلىشىمچە ئۇ بىر قارا تەنلىك بىلەن مۇشتلىشىپ قاپتۇ، ئۇ قارا تەنلىك ئۇنى بەكلا ئۇرۇۋېتىپتۇ، بۇنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى... مەن ئۇنىڭ ياتىقىنى سۈپۈرۈشكە مەسئۇل ئىدىم، ئۇنىڭ دادىسى ھەركۈنى شۇ چاغدا ياتاقتا ئۇنىڭغا ھەمرا بولاتتى، لېكىن بەزىدە سىرتقا تاماكا چەككىلى چىقىپ كېتەتتى. ئۇ كۈنى مەن ياتاقنى تازىلىۋاتقاندا ئۇ سىرتقا تاماكا چەككىلى چىقىپ كەتتى. مەن تازىلاپ بولۇپ چوڭ زالدا ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم، ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا ماڭا ياتاقنى تازىلىماپسەن، ھېچقانداق ئىش قىلماپسەن، دېدى. دەسلەپتە مەن ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ زاكۇنلاشماقچى بولدۇم. لېكىن نىمىشقىدۇر بۇ نىيىتىمدىن يېنىپ:

‏ -كەچۈرۈڭ،مەن تازىلاي،- دېدىم.

‏ زىيارەت قىلغۇچى: سىز ياتاقنى قايتىدىن تازىلىدىڭىزمۇ؟

‏ لۇك: ھەئە، بۇنداقتا ئۇ مېنىڭ تازىلىق قىلغىنىمنى كۆرىدۇ... مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن، ئۇنىڭ ئوغلى بۇ يەردە ياتقىلى 6 ئاي بولدى، ئۇنىڭ كۆڭلى پاراكەندە، شۇڭا مەن يەنە بىر قېتىم تازىلىدىم، ئۇنىڭغا ئاچچىقلانمىدىم، مەن ئۇنى چۈشىنىمەن.


شۇنداقلا بىر قارىماققا، تازىلىق ئىشچىسى سالاھىيىتىدىكى لۇك ھېچقانداق ئەقىل-پاراسەتكە مۇھتاج ئەمەس. ھەقىقەتەن شۇنداق، بىز ئۇنىڭ خىزمەت تەسۋىرىگە قاراپ باقايلى:

‏ 1.گېلەم ۋە ياتاق ئىچىدىكى بېزەك بۇيۇملىرىنى تازىلاش ئۈسكىنىلىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىدۇ

‏ 2.ئەسۋاپ- ئۈسكىنىلەرنى تازىلاش، سۈرتۈش، يۇيۇش ئۈسكىنىلىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىدۇ

‏ 3.پولنى تازىلايدۇ ۋە موم يالىتىدۇ

‏ 4. پاكىز سۈپۈرۈش، تۇز سېپىش ۋە قىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كىرىش ئېغىزى ئەتراپىنىڭ پاكىزە تۇرىشىنى قوغدايدۇ

‏ 5. يەردىكى قەغەز پارچىلىرى ۋە ئەخلەتلەرنى تېرىيدۇ

‏ 6. توسۇلۇپ قالغان ھاجەتخانا ۋە ئەۋرەز يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، لېكىن ئۈسكىنىلەرنى سۆكۈپ يۆتكىمەيدۇ

7.‏ھۆل سۈرتكۈچ بىلەن پول ۋە پەلەمپەيلەرنى سۈرتىدۇ

‏ 8.توپا-چاڭ سۈمۈرگۈچ ماشىنىسىنى ئىشلىتىدۇ

‏ 9. ياتاق جاھازلىرى، ساندۇق ۋە ياتاق ئىچىدىكى تىزما ئۈسكىنىلەرنى تازىلايدۇ ھەمدە موم سۈركەيدۇ

‏ 10. ئەينەك، سىرتقى دەرىزىنىڭ ئىچ تەرىپى ۋە ئىچ دەرىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تازىلايدۇ

‏ 11. تازىلىق ئۆيى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈسكىنىلەرنى تازىلايدۇ

‏ 12. تازىلىق ئۆيىنىڭ بۇيۇملىرىنى تولۇقلاپ قويىدۇ

‏قاپارتما دەرىزىنى سۈرتىدۇ، پەقەت يەر ئۈستىدىكى ياكى ئورۇندۇق قويسا قولى يەتكۈدەك ئېگىزلىك بىلەنلا چەكلىنىدۇ

‏ 13. كېسەل كارىۋىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۈسكىنىلەرنى تازىلايدۇ

‏ 14. يوتقان-كۆرپىلەرنى رەتلەپ، كىرلىك ئالماشتۇرىدۇ

‏ 15. تاشلاندۇقلارنى يىغىدۇ ياكى مەركىزىي ئورۇنغا يوللاپ بېرىدۇ

‏ 16. ھۆل سۈرتكۈچ بىلەن پول ۋە پەلەمپەينى كىچىك دائىرىدە سۈرتۈپ تۇرىدۇ، تۈكۈرۈك ۋە يېمەكلىك داغلىرىنى پاكىز تازىلايدۇ

17.‏ئاق لامپىنى ئالماشتۇرىدۇ

‏ 18.‏ياتاق جاھازلىرى ۋە باشقا ئۈسكىنىلەرنى رەتلىك تىزىدۇ

‏ 19. كىرلەشكەن كىرلىكلەرنى يىغىپ مەركىزىي ئورۇنغا يوللاپ بېرىدۇ


‏ لۇكنىڭ خىزمەت تەسۋىرىدە بىمارغا مەسئۇل بولۇش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش تۈرى يوق. ئۇنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى خېلى كۆپ بولسىمۇ ئەمما ئادەمگە قارىتىلغان بىر تۈرمۇ يوق. يالغۇز خىزمەت تەسۋىرىدىن ھۆكۈم قىلغاندا، لۇك دوختۇرخانىدا ئەمەس بىر ئاياق تىكىش زاۋۇتىدا ياكى جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ئىشلىشى مۈمكىن. لۇكنىڭ خىزمەت تەسۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاۋۇ دادىغا ئۆزىنىڭ ياتاقنى ئاللىقاچان سۈپۈرۈپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش يولى بار، ناۋادا ئۇ دادا يەنىلا ئۆكتەملىك قىلسا ئۇ مەسئۇل باشلىقنى تېپىپ مۇرەسسە قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا لۇك ئۇ ئادەمگە پەرۋا قىلماي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە يولسىز تەلەپكە ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ‏ رەددىيە بەرسىمۇ بولىدۇ.

‏ لېكىن لۇك بۇنداق قىلمىغان. لۇكنىڭ ئىشى شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى، ئۇنىڭ «بەلگىلىمە» دىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتى پەقەت ئۇنىڭ ھەقىقىي خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭ قىلىدىغانلىرى يەنە بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئازادىلىك بېغىشلاش، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىش، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لۇكنىڭ مەقسىدى ئۇنىڭ ساپ مەنىدىكى تازىلىق خىزمىتىدىن ھالقىپ كەتكەن.

‏ لۇكنىڭ مەقسىدى چوقۇم ئارىستوتېلنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئارىستوتېل داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئەمىلىي مەقسىدىنىڭ مۇھىملىقىنى بەكمۇ تەكىتلەپ، ئۇنى ئاخىرقى مەقسەت دەپ ئاتىغان. داۋالاشنىڭ ئەمىلىي مەقسىدى ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش، كېسەللىكنى داۋالاش، كېسەل ئازاۋىنى يەڭگىللىتىشتە ئەمىلىيەت يۈز بېرىدىغان مىخاينىزىم ئىچىدە كونكىرتلىشىشنى تەلەپ قىلىشتۇر. دوختۇرخاننىڭ باش مەقسىدى ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش بولۇش كېرەك، ھەم ئۇمۇ بۇ يەردە جايلىشىدىغان روھ. ئەمىلىيەت يۈرگۈزگىچى دوختۇر- سىستېرالار بۇ مەقسەتنى ئېنىق بىلگەندە ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغاندا ئاندىن بۇ ئۇلارنىڭ مەقسىدىگە ئايلىنالايدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا ئاقىلانە تاللىيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن، ئەمىلىيەت يۈرگۈزگىچىلەرنىڭ مەقسىدى چوقۇم بىمارلارغا كۆيۈنۈش ھەمدە بۇ ئاساستا ئۆزىگە ئىلھام بېرىشكە قارارلىشىشى كېرەك، خۇددى لۇكقا ئوخشاش. مەقسەتنىڭ توغرىلىقى ئىشنى قانداق قىلىشنى بىلىش بىلەن باراۋەر ئەمەس، يالغۇز مۇددىئا بولغانغىلا بولمايدۇ، يەنە ئەمىلىي ماھارەت كېرەك. لېكىن مەقسەت بولغاندىن كېيىن تاللاشنى تەمىنلەيدىغان پىكىر رامكىسى ۋە يېتەكچىلىك بولىدۇ-دە، دانا تاللاش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.

‏ تەتقىقاتچىلارنىڭ لۇك ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ھەيرانلىق بىلەن بايقىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ خىزمەت تەسۋىرىگە قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ئۇ مەقسەتلەرنى چۈشىنىدىكەن ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى خارەكتىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەمىلىي شۇغۇللىنىدىغان خىزمىتى پۈتۈنلەي دوختۇرخانىنىڭ باش مەقسىدىگە ئۇيغۇنلاشقان.‏ ‏يەنە بىر تازىلىق ئىشچىسى مىكنىڭ تەتقىقاتچىلارغا ئېيتىشىچە، ئۇ جونېس ئەپەندىنىڭ چوڭ زالدا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ زالنى تازىلاشنى توختىتىپتۇ. چۈنكى ئۇ جونېس ئەپەندىنىڭ ھازىر چوڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا بەزىبىر زۆرۈر چېنىقىشلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى بىلىدىكەن. شارلايىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ باشلىقنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قۇلاق سالماي چاڭ سۈمۈرگۈچنى ئىشلىتىپ ئائىلە- ئەزالىرى ئارامخانىسىنى تازىلاپتۇ، چۈنكى بۇ يەردە ھەر كۈنى كېلىدىغان، كەلدىمۇ كۈنبويى مۈگدەيدىغان بەزى ئائىلە ئەزالىرى بار ئىكەن. بۇ تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قەلبىدە خىزمەت چوقۇم دوختۇرخانىنىڭ باش مەقسىدىنى چۆرىدەپ قانات يېيىشى كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاددىي مەنىدىكى دوختۇرخانا تازىلىق ئىشچىلىرى بولماستىن بەلكى مېھرىبان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردۇر. بىمارلارغا بەخت- سائادەت كەلتۈرۈشنى باش مەقسەت قىلغان بىر ئورگاننىڭ ئىچىدە ئۇلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا لۇك ئاۋۇ ئۆكتەم دادىغا يولۇققان ۋاقىتتا چوقۇم قارار چىقىرىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتتا خىزمەت تەسۋىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى خىزمەت تەسۋىرىدە بەلگىلەنگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئۇ خىل ئەھۋالغا پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ، ئۇنى يېتەكلەيدىغىنى دەل ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن خىزمەت مەقسىدىدۇر.


‏قانۇن سىرتىدا كەڭچىللىك قىلىشتىكى ئەقىل

‏ئادىل ھۆكۈم چىقارغان ئايال سوتچى


‏-‏‏‏ مايكولنىڭ دېلوسى قارىماققا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ،- دېدى سوتچى رويىس فوۋلېر چۈشەندۈرۈپ،- ئۇ فېلادىلفىيە شەھەرلىك ھەق-تەلەپ دەۋاسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىگە ئېلىپ كىرىلگەندە تىپىك بىر جىنايەتچى ئىدى: ياش، قارا تەنلىك، ئەر، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشتىن توختىتىلغان، ئىشسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتلاشنىڭ ئۆزىمۇ ئالدىراش سوتچىلارغا نىسبەتەن ئوخشاشلا تولىمۇ ئاددىي بىر ئىش. ئۆتكەن يىلى مايكول تاپانچىسىنى پۇلاڭلىتىپ بىر تاكسى شوپېرىنى توسۇپ ئۇنىڭ 50 دوللىرىنى بۇلىغان ئىدى. مايكول قولغا ئېلىندى ۋە سوتقا تارتىلدى.

‏ -شەك- شۈبھىسىزكى، مايكولنىڭ جىنايىتى بار، دېدى فوۋلېر.

‏ ئايال سوتچى ئۇنى جازالىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شتاتلىق جازا ئۆلچەش قوللانمىسنى ئوقىۋېدى، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 24 ئاي كېسىلىدۇ، دەپ يېزىلىپتۇ، قانۇننىڭ بەلگىلىمىسى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. لېكىن، فوۋلېر كونكىرتنى ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى. فوۋلېرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، مايكولنىڭ پۇلاڭلاتقىنى ئويۇنچۇق تاپانچا بولۇپ ھەم ئۇ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغۇچى ئىكەن.

‏ گەرچە ئۇ ھامىلدار بولۇپ قالغان قىز دوستىنى دەپ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇشىدىن توختىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومىغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى خىزمىتى مۇقىم بولۇپ، قىزىنى مائارىپ رايونىدىكى مەكتەپكە ئاپىرىپ تولۇق ئوقىتىۋاتقان ئىكەن، ئۇ بۇ ئەر-خوتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن زور قۇربان بېرىش ئىدى. قاتىللىق دېلوسى سادىر قىلىشتىن بۇرۇن مايكول خىزمىتىدىن ئايرىلغانىدى. ئۇ ئائىلىسىنى باقالمىغانلىقى سەۋەپلىك چۈشكەنلەشكەن ئىدى. شەنبە كۈنى كەچتە، ئۇ ئۈمىتسىزلەنگەن ھالدا ئۆيىدىن چىقتى -دە، بىر نەچچە ئىستاكان پېۋە ئىچتى، ئاندىن تاكسى شوپۇرىنى بۇلىدى.

‏ سوتچى فوۋلېرنىڭ قارىشىچە، 24 ئايلىق جازا كېسىلسە ئانچە مۇۋاپىق بولمايدىكەن. جازا ئۆلچەش قوللانمىسىدا بەلگىلىنىشىچە، ئەگەر سوتچى يازمىچە سەۋەپ بىلەن تەمىنلىيەلىسە ئاندىن بەلگىلىمىدىكى جازا ئۆلچىمىدىن چەتلەشتۈرگىلى بولىدىكەن.

‏ - مەن جازا ئۆلچەش قوللانمىسىدىن چەتلەشتۈرمەكچى بولدۇم.

‏ ئاخىرى ئۇ مايكولغا ناھىيەلىك تۈرمىدە 11 ئاي جازا مۇددىتى ئۆتۈشكە ھۆكۈم قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ كۈندۈزى تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلىسىنى بېقىشىغا رۇخسەت قىلدى.

‏ - ئۇندىن باشقا يەنە ھېلىقى 50 دوللارنى قايتۇرالىسا جازانى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مەن ئۇزۇن بايانىمدا جازانى كېمەيتىدىغان نەزەرىيە ئاساسىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر دېلو تۇنچى جىنايەتكە تەۋە، ئادەم زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغان، مايكول ئىشسىز قېلىش ۋە پۇلى يوقلىقى بېسىمى ئاستىدا ئاندىن خەتەرلىك يولغا كىرىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەتكۈچە پۇشايمان قىلدى. ئۇ زوراۋانلىق قىلمىشى سادىر قىلمىدى، جامائەتكە خەتەر شەكىللەندۈرمىدى. ئازغىنە كەم بىر يىللىق جازامۇ مايكولغا ئۆز جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونىۋېلىشىغا يېتەرلىك، دەپ چۈشەندۈردۈم.


‏ بىر تەرەپتە قاتتىق غەزەپلەنگەن دادىغا يۈزلىنىش، يەنە بىر تەرەپتە مايكولغا بېرىلگەن مۇۋاپىق جازا، لۇك بىلەن فوۋلېرنىڭ تاللىشى قارىماققا ئاسمان- زېمىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. فوۋلېر بىر سوتچى، فوۋلېرنىڭ خىزمەت تەلىۋىدە ئۇ كونكىرتنى ئەھۋال ئاستىدا ئادەتتىكى قانۇنلارنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ قانۇن سىرتىدىكى كەڭچىللىك قىلىش پۇرسىتى ۋە ئۇسۇلىنى بىلمەكچى بولسا يەنە قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق جازا بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئەقىلنى يادرو قىلىش كېرەك، بۇمۇ بىزنىڭ سوتچىلارغا قويىدىغان تەلىپىمىز ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغىنىمىز. سوت مەيدانىدا ئەقىل ئىنتايىن كارغا كېلىدۇ، ئەقىل- پاراسىتى بولمىسا فوۋلېر خىزمىتىنى ياخشى قىلالمىغان بولاتتى، لۇكمۇ دەل شۇنداق.

‏ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

‏ ئەمىلىي تەپەككۈر


‏ فوۋلېر مايكولغا ۋاكالىتەن ئادىل جازا تېپىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىشتا نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كەلگەن. بارلىق تاللاشنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق بولۇپ، ئۇ چوقۇم يەنىمۇ ئېھتىيات بىلەن تاسقىشى، دەڭسىشى كېرەك ئىدى. توغرا، مايكولنىڭ جىنايىتىگە جازا بېرىشكە تېگىشلىك. بۇنداقتا مەھەللە خەتەردىن خالىي بولىدۇ. لېكىن ئۇنتىماڭ، مايكولمۇ ئۆزگىرىش پۇرسىتىگە ئېھتىياجلىق، بۇنداقتا ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قايتا جىنايەت سادىر قىلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مايكولنىڭ سوت ھۆكۈمى ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن قىزىغا بولغان زەربىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كىچىكلىتەلىسە ئۇمۇ ئەڭ ئوڭاي ھالدا جەمئىيەتكە قېتىلالايدۇ. رويىس فوۋلېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سوت ھۆكۈمى مۇۋازىنەت يولىدۇر. ئۇ چوقۇم جازالاش، تەھدىت سېلىش ۋە جەمىيەتكە قايتىپ كېلىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە ۋە ھېسداشلىق ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.


‏ ئاۋۇ غەزەپلەنگەن دادىغا دۇچ كەلگەن چاغدا لۇكمۇ ئۆزئارا توقۇنۇشۇشنى تاللىماي قالمىدى. باشقا تاللاشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى: يەنى، راستىنى ئېيتىپ ئاۋۇ دادىغا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ياتاقنى تازىلاپ بولغانلىقىنى ئېيتسا بولاتتى؛ تېخى يۈرەكلىكرەك بولۇپ ئۇنىڭ ئۆكتەملىكىگە تىغمۇ-‏تىغ تاقابىل تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولسىز تەلىپىنى رەت قىلسا بولاتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، لۇك چوقۇم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تاللاش كېرەك.


‏ ئارىستوتېلغا ئايانكى، لۇك ۋە فوۋلېرغا ئوخشاش ئاپىرات ئىچىدە خىزمەت قىلىمەن دەيدىكەنمىز، يالغۇز «ئەمىلىي» بىلىمگە تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ.

‏بۇ تەلەپ قانۇن- نىزام بىلەن خىزمەت تەسۋىرىگە بولغان چۈشىنىشنى ئەمەس بەلكى ھەقىقەت، ئادالەت، ئەركىنلىك ياكى ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ئابىستراكىت پىرىنسىپلىرى ئىچىدىن توغرا تاللاشنى ‏ كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا قارىتىلىدۇ. فوۋلېر بىلەن لۇكقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنى ئۆزئارا توقىنىشىدىغان مەقسەتلەر ئىچىدىن تاللاش، دەڭسەش ئېلىپ بېرىشنى تەمىنلەيدىغان قانداقتۇر بىر ئادەتتىكى پىرىنسىپ يوق. شۇڭا ئۇلارغا ئەقىل ۋە كارغا كېلىدىغان ئەخلاقىي ماھارەت كېرەك.


‏ ئارىستوتېل ئەمىلىي ماھارەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى خىل ئىقتىدارنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ تاللاش ئىقتىدارى بىلەن كونكىرتنى ۋەزىيەتنى ئىدراكلاش ئىقتىدارىدۇر. مۇنەۋۋەر بولغان ئويلاش كۈچى بىلەن كۈزىتىش كۈچى ئەمىلىي ئەقىلنىڭ يادروسىدۇر. مايكولنىڭ دېلوسىدا قانۇن فوۋلېرغا نىمە ئۈچۈن جازا ئۆلچەش قوللانمىسىدىكى بەلگىلىمىدىن چەتلىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. فوۋلېر ئۆزىنىڭ مايكولنىڭ دېلوسىنى قانداق تەھلىل قىلغانلىقىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر ياراملىق سوتچى مۇشۇنداق خىزمەتنى داۋاملىق قىلىشقا، ئۆز قارارىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوغداشقا مۇھتاج.

‏بىراق لۇكنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى تامامەن ئوخشىمايدۇ (بىز ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەقىل ياكى ئېھتىياتچان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بايقاشنى ئىستىمەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ ئويى بىلەن سۆزىنى ئەسلەپ كۆرسەك ئۇنىڭمۇ ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىگىنى بايقايمىز). ‏

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

‏ئەمىلىي تەپەككۈر


‏ لۇك سەمىمىيەت ۋە ئادالەت بىلەن ئۇدۇل كېلىپ ئاۋۇ دادىنى چەكلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە تىغمۇ - تىغ تاقابىل تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. گەرچە لۇك ئۆزى ئۇچرىغان ناھەق تەلەپكە بەزى ئىنكاسلاردا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دەرھاللا پايدا- زىيانغا ئالاقىدار بولغان ياردەم تەسەللى بېرىش، كېسەلنى داۋالاش ۋە ئۆزىنى ئازاپلانغۇچىلار ئورنىدا قويۇشنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا لۇك بۇ مەسىلىنى مۇنداق چۈشەنگەن: ئاۋۇ دادا- بالا ئىككەيلەن ھاياتىدىكى ئەڭ قىيىن چاغلارنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى چوقۇم ئۇلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلاربىلەن قانداق مۇناسىۋەت باغلاش بولۇش كېرەك، ھەققانىيەت بىلەن ئادالەتنى باشقا كۈنى دېيىشىۋالسىمۇ بولىدۇ.

‏ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئويلىغاندا، لۇك يەنە قانداق تەدبىر قوللىنىش لازىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا مۇھتاج. يەنى، ئاۋۇ دادىغا ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ئازاۋىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتسۇنمۇ؟ ياكى ئولتۇرۇپ بىرلىكتە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىشسۇنمۇ؟ لۇك ئۆتكۈزىۋېتىشنى، ئوت ئۈستىگە ماي چاچماسلىقنى تاللىدى. لۇك بۇ خىل ئەھۋالنى ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ياتاقنى يەنە بىر قېتىم سۈپۈرۈپ ئاۋۇ دادىغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن نېمىش قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ‏دەپ قارىدى. لۇك ئەپچىل ئىنكاس قايتۇرۇپ لايىقىدا كەڭ قورساقلىق قىلدى.


‏ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ


‏ ئېھتىياتچانلىق ماھارىتىگە كەلسەك، ئەڭ ئاۋال كاللىمىزغا كېلىدىغىنى مۇنداق بىر جەريان: ئاۋال بارلىق تاللاش تۈرىنى تىزىپ چىقىپ ئاندىن ئۇنىڭ پايدا- زىيىنىنى دەڭسەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى ئامالنى تاللاپ چىقىش. ھەممە كىشى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئويلاپ كۆرگەن. سودا- سانائەت ئىنىستېتوتىنىڭ دەرسلىكىدە بۇ ئۇسۇل ئەڭ ياخشى قارار چىقىرىش ئۈلگىسى دەپ قارىلىدۇ. بىز يېڭى مەسىلە ياكى قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندە ھەم بەزىدە ئويلانغان چېغىمىزدا بۇ خىل قارار چىقىرىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئەسقاتىدۇ. لېكىن لۇكنىڭ ھەرىكىتى بىزنى باشقا ئېھتىياتچان ماھارەت ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.

‏ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

‏ئەمىلىي تەپەككۈر


‏ لۇك ئۆزئارا توقىنىشىدىغان مەقسەتلەرنى تىزمىغان ھەمدە پايدا- زىياننىمۇ دەڭسىمىگەن. لۇكقا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھىم بولغىنى كونكىرتنى ۋەزىيەتنى قانداق پەرق ئېتىش. يولسىز تەلەپ ۋە ئاۋۇ دادىنىڭ غەزىۋى لۇكنى بۇ ئىش سەمىمىيەت، ھوقۇق ياكى ئادالەتكە چېتىلىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېگەن ئويغا كەلتۈرگەن بولىشى مۈمكىن. لېكىن ئەمىلىيەتتە ئۇ بۇ ئىشقا ئۆز خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى مېنىڭ بىر دوختۇرخانا تازىلىق ئىشچىسى بولۇش مەقسىدىمگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ بىلگەن. لۇكنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئۇنىڭ ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر سۈپىتىگە ھۆسىن قوشىدۇ.


‏لۇك زىيارەتچىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن بىمار توغرىلىق ھېكايىسىدە «جېدەلگە تارتىپ كىرىلىپ»، يەنە تېخى بىر نەچچە ئاي ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ھالىغا ئىزچىل يەتكەنلىگىنى سۆزلەيدۇ. بۇ ھېكايە ۋە بۇ رامكا لۇكنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىگىنى ئانالىز قىلدۇرۇپ بېرەلەيدۇ. لۇك بارلىق تاللاش تۈرىنى تىزمىغان ھەمدە يالغۇزلا ئادەتتىكى ھەركەت پىرىنسىپى (مەسىلەن، بىمارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا دوستانە بولۇشنى تەلەپ قىلىش) غا ئاساسەن نېمە قىلىشنى بەلگىلىمىگەن. لۇك ئېيتقان ھېكايە نېمە ئۈچۈن ئاۋۇ دادىنىڭ غەزىۋىنى ئاقىلانىلىق بىلەن كەچۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى ھەمدە لۇكقا ئۆزىنىڭ ھېكايىدە ئالغان رولىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ۋەزىيەتنىڭ رامكىسىنى بېكىتىش بىلەن ھېكايە سۆزلەش ئىقتىدارى ئەخلاقىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بەلكى تەدبىقلىنىشى تەمسىل ئىشلىتىپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىدىنمۇ مۇھىمراقتۇر.


‏ لۇكنىڭ قانداق قىلىشنى بىلىشى ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى مۇشۇ خىلدىكى كەچۈرمىشىنى چەككىلەپ ئايرىيالىغانلىقىدىن. ئۇنىڭغا ئىلگىرى ئۇ قوللانغان تەدبىرنىڭ قانداق نەتىجە بەرگەنلىگى ئىنتايىن ئايدىڭ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى تەكرارلاش بولماستىن بەلكى ئىلگىرى قىلغان ياكى قىلمىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن ئىجادىي يارىتىشتۇر.


‏ لۇكنىڭ ئۆز پەيتىدە ھۆكۈم چىقارغانلىقىغا ئائىت ئاز توختالمىدۇق، ئەمىلىيەتتە سوتچى فوۋلېرنىڭ قوللانغىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ماھارەت. مايكولنىڭ دېلوسىدا قانۇننى چۈشەندۈرۈشتە ئۇ يالغۇز پاكىت، قانۇن قوللانمىسى ۋە لوگىكىلىق يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغىلا مۇھتاج بولماستىن يەنە نىشانغا تەگكۈزۈپ ھېكايە سۆزلەشكىمۇ مۇھتاج، ئۇ مايكولنىڭ قىلمىشى بىلەن مۇددىئاسىنى مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مېجەزى بىلەن تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنىشى ـــــ ئۇنىڭ مۇقىم ئائىلىسى بىلەن خىزمەت تارىخى، دۇچ كەلگەن خىزمەت كىرىزىسى ۋە ئۈمىتسىزلىگى، جىنايى قىلمىشىنىڭ خارەكتىرى ۋە قورال تاللىشى ھەمدە جىنايى قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئويلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ھەممىنى يىغما خۇلاسە قىلىپ مەزكۇر جىنايى قىلمىشنىڭ سالمىقى بىلەن جازا بېكىتىلىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەجرىبىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، مايكولنىڭ باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى تەرىپىدىن چۈشىنىلىشى لازىملىقىنى شەرھىلىدى.


‏ ئارىستوتېل بىزگە شۇنداق ئېيتىدۇ: «نېمىنىڭ پايدىلىق ھەرىكەت ۋە شەك ئىكەنلىگىنى ئويلاشقان چېغىمىزدا، دەۋاگەر چوقۇم مەزكۇر ۋەزىيەتنىڭ ئوخشىمىغان كونكىرتنى ئەھۋالىنى ئويلىشىشى كېرەك». ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش- چىقالماسلىق ئەخلاقىي ئىدراك كۈچىنى ھازىرلاش- ھازىرلىيالماسلىققا باغلىق. «بىر ئەمىلىي ئەقىلگە ئىگە ئادەم چوقۇم پاكىتنى ھېس قىلالىشى كېرەك» دەيدۇ ئارىستوتېل. كونكىرتنى پاكىتلار بىزنىڭ ھەرىكەت مەقسىدىنى تونىشىمىزدىكى باشلىنىش نۇقتىمىز. ئەگەر توغرا بولغان ئويلىنىش ۋە تاللاشنى ئېلىپ بارىمەن دەيدىكەنمىز، «ئادەم چوقۇم كونكىرتنى پاكىتنى سېزىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش لازىم»دۇر.


‏ ھەر كۈنى سوت زالىدا، سوتچى فوۋلېر جاۋاپكارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەزكۇرنىڭ جىنايى قىلمىشنىڭ خارەكتىرىگە ئائىت زور مىقداردىكى ئۇچۇرغا دۇچ كېلىپ تۇرغاچقا چوقۇم سەلدەك ئۇچۇرلارنى تاسقاپ تۇرۇشى لازىم. ‏مۇددىئاسىنى تەھلىل قىلىش، جىنايى جاۋاپكارلىقىنى ئىنچىكە ئېنىقلاش، جىنايى قىلمىشى ۋە باشقا دېلولار بىلەن بولغان پەرقىگە ھۆكۈم قىلىش، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى بېكىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەر، ئارقا كۆرۈنۈش ئارىسىدىن مۇھىم ئۇچۇرنى ئىلغاشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن يەنە ئالاھىدە ئەھۋالنىڭ ئىنچىكە پەرقىنى تونۇشنىمۇ تەلەپ قىلىپ، كۈلرەڭ بەلۋاغقا دىققەت قىلىشنى، ئاددىيلا ھالدا ئاق ۋە قارا ـــــ قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز دەپ تۇرىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.


‏ لۇكنىڭ ھەر كۈنى يۈزلىنىدىغىنى خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئالاقزادىلىككە تولغان بىمارلار بولۇپ، ئۇلار شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن زىددىيەتلىك كەيپىياتقا چۆمۈلگەن بولىدۇ، ئۇ ئۇلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى تاللاش لازىم. خۇددى سوتچى، دوختۇر، ئادۋۇكات ياكى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش، لۇكمۇ ئوخشاشلا ئارىلاشما ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئىلغاش ئېلىپ بېرىپ، ئەشۇ دەقىقىدە نېمىنىڭ

‏مۇھىملىقىنى بايقاشقا ئېھتىياجلىق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى شۇكى، لۇك چوقۇم ئاۋۇ دادىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىش لازىم. ئەگەر لۇك بۇ نۇقتىنى ئورۇنلىيالمايدىكەن، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقالمايدۇ-دە، تەبىئىلا نەدىن قول سېلىشنى بىلمەيدۇ، ئۆزىمۇ ئۆز ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. لۇك چوقۇم تەسەۋۋۇر قىلالىشى كېرەك، ناۋادا ئاۋۇ دادا بىلەن زاكۇنلاشسا ئۇنىڭ غەزەپلىك كەيپىياتى بىلەن ئۈمىتسىز پىسخىكىسىغا قانداق تەسىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كېچە- كۈندۈز ئۈمىتۋارلىق بىلەن كىرپىك قاقماي سەرپ قىلغان كۈچىمۇ داۋالغۇپ كېتىشى مۈمكىن. شۇڭا، ئەخلاقىي ئويلاش كۈچى، ئوخشىمىغان تاللاش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى كۆرەلەيدىغان ئىقتىدار بىلەن ئۇنىڭغا باھا بېرەلەيدىغان ئىقتىدار ئىدراكقا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدۇ. دەل پەيلاسوپ دېۋېي چۈشەندۈرگەندەك بۇ خىل ئىقتىدار چۈشەندۇرىدىكى، «كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلىلەرنى كونكىرتنى ھېس قىلالىساق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلەرنىمۇ بىلەلەيمىز».


‏ ئۇنداقتا، تەڭھېسلىقمۇ (باشقىلارنىڭ ئوي- ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ئىقتىدار) تەبىئىلا ئەمىلىي ئەقىل مۇھتاج بولغان بىر خىل ئىدراكىي ئىقتىداردۇر. بۇ يەردىكى تەڭھېسلىق بىلىش ماھارىتى بىلەن سەزگۈ ماھارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئالدىنقىسى ئۆزىنى ئۆزگىنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئۆزگىنىڭ ھېسسىياتىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى ئۆزگىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.


‏ لۇك چوقۇم ئۆزىنى ئاۋۇ دادىنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ بېقىشى كېرەك، گەرچە تۈپتىن يولسىز بولسىمۇ. ئەگەر لۇكتا بۇنداق ئىقتىدار بولمىسا، ئۇ ئاۋۇ ھېكايىنى سۆزلىيەلمەيدۇ. سوتچى فوۋلېرمۇ ئوخشاش. مۇۋاپىق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئۇ تەڭھېسلىققا مۇھتاج، فوۋلېر مايكولنىڭ بۇلۇڭىدىن ئويلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مايكولنىڭ كۈندۈزى تۈرمىنىڭ سىرتىدا خىزمەت قىلسا قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشى كېرەك. ئۇ ئۆزىدىن سورايدۇ: بۇ ئازراقمۇ ئەقلىي بولمىغان جىنايى قىلمىشمۇ؟ يا يامان غەرەز بىلەن قىلىنغان ۋەھشى قىلمىشمۇ؟ ئۇ ئۆچمەنلىككە لىق تولغان ئادەممۇ؟ ئۇ ئۆزىنى كونترول قىلالامدۇ؟

‏ باشقا بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھېسسىيات ئەخلاقىي تۇيغۇغا نىسبەتەن چوقۇم كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ سىگنال قۇرۇلمىسى.


‏ئاۋۇ دادىنىڭ ھېسسىياتى (گۈلدۈرمامىدەك غەزەپلىك) لۇكقا شۇنداق سىگنال تارقاتتى: ئەجەپ غەيرىغۇ. غەزەپكە تولغان چىراي ئىپادىسى بۇ سىگنالنى ئاسانلا كۆرسىتىپ بەردى، لېكىن ئادەتتىكى سىگناللار كۆپۈنچە ئىنتايىن يوشۇرۇن بولىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ چىراي ئىپادىسى، بەدەن تىلى، سۆز ئورانىنى ئوقىيالىساق، ئۇنداقتا بىز شۇ ھامان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئېرىشەلەيمىز: مەسىلە چىقتى، بىز تاللاش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا مۇھتاج. ئۆزىمىزنىڭ غەزىپى، مەيۈسلىگى، ھېسداشلىقى ياكى خىجالىتى ئۆزىمىزگە سىگنال تارقىتىپ بىزنى يۈز بەرگەن ئىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئېھتىمال بۇ ئاڭلىماققا ئانچە چۈشىنىشلىك ئەمەس، لېكىن دائىم تۇرمۇشىمىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان پىرىنسىپلار ۋە قوزغاتقۇچ ۋاستىلەر ھەممە يەردە ھېسسىياتنى يەكلەپ، ئۇنىڭ قارار چىقىرىشقا قاتنىشىشىغا يول قويمايدۇ. يەنى بىز ئۆزىمىز تارقاتقان سىگنالغا ئىشەنمەيمىز. لۇك ئۆزى ۋە ئاۋۇ دادىنىڭ ئازابى ۋە ئۇنىڭ غەزىۋىنى ھېس قىلدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئېرىشتى: ئۇ دۇچ كەلگەن ئەھۋال لۇكنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانمۇ ياكى يەنىلا ئاۋۇ دادىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئائىتمۇ.


‏ ئۇزۇندىن بۇيان، كىشىلەر ئىزچىل ھېسسىياتنى ئەقلىي يەكۈن ۋە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ دۈشمىنى دەپ گۇمانلىنىپ كەلدى، پاكىت ھەقىقەتەن شۇنداق. ھېسسىيات بىزنى باشقۇرالايدۇ، لېكىن بىز ھېسسىياتنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز. «بىزنى شەيتان قۇترىتىدۇ»، ھېسسىيات بىزنى ئۆز خاھىشىمىز سەۋەپلىك ئازدۇرىدۇ. ھېسسىيات داۋالغۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى ھەرىكەت يېتەكچىسى قىلىشقا بولمايدۇ. ھېسسىيات بەزىدە ئىنتايىن كونكىرتلىشىپ كېتىدۇ: بىز ئېھتىمال بېشىمىزغا كەلگەن ئىش، ئۇۋال قىلىنغان بىمار ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارغا نىسبەتەن بەكمۇ ھېسسىياتلىنىپ كېتىشىمىز، ھەتتا «ھەققانىيەت» ۋە «ئادالەت»كە بولغان ھۆكۈمدە ھەمىشە ئېزىپ كېتىشىمىز مۈمكىن.

‏ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

‏ئەمىلىي تەپەككۈر


‏ ھېسسىيات لۇكنى مەغلۇپ قىلغىلى تاس قالدى، ئاشۇ دەقىقىدە ئاۋۇ دادىنىڭ يولسىز تەلىۋى سەۋەپلىك كۆڭلىدە غەزەپ تۇغۇلدى. بىراق ھېسسىيات يەنە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋۇ دادىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ يەردە تۇرغىنىغا 6 ئاي بولدى، ئۇنىڭ كۆڭلى پاراكەندە، شۇڭا مەن يەنە بىر قېتىم سۈپىرەي. ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەي». شۇڭا دەيمىزكى، ھېسسىيات لۇكنىڭ توغرا ئىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ تەرىپى ئىنتايىن مۇھىم. لۇكنىڭ ھېسسىياتى تېزگىنسىز بولمىغان، ئۇ ئاۋۇ دادىغا چىن كۆڭلىدىن ھېسداشلىق قىلغان، گەرچە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋالغان (ھېسسىيات كونترول قىلىش ماھارىتى ئۇنىڭ توغرا تاللىشىغا ياردەم قىلغان).


‏ ‏ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، مۇۋاپىق مەشق ئارقىلىق تەڭشەلگەن ھېسسىيات ئەمىلىي ئەقىلنىڭ ماھىيىتى: بىز قورقۇش، ئىشىنىش، ئارزۇ قىلىش، غەزەپلىنىش، ئېچىنىشنىڭ تەمىنى تېتىساق بولىدۇ، لېكىن ھەمىشە بىر خىل خوشاللىق بىلەن ئازاپ يا بەك كۆپ، يا بەك ئاز بولۇپ قالسا بەك كۆپمۇ، بەك ئازمۇ ئوخشاشلا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. لېكىن مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق ئوبيېكىتقا يۈزلىنىش، مۇۋاپىق ئادەمگە قارىتىش، مۇۋاپىق سەۋەپنى چىقىرىش، ھەممىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مانا بۇ ئوتتۇرا يول تۇتۇش بولۇپ گۈزەل ئەخلاقنىڭ بەلگىسى.

‏ پەيتنى پەملەپ ۋەزىيەتنى كۈزىتىش، كونكىرىت ئەھۋال ۋە كونكىرت شارائىت ئاستىدىكى ئالاقىدار ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆزگىنىڭ ئوي-ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تۈرلۈك تاللاش بىلەن قىياسەن نەتىجىنى تېپىپ چىقىش... بۇ ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىدراكنىڭ بىر قىسمى. دەل مۇشۇ خىل ئىدراك بولسىلا بىز ئاندىن مەلۇم بىر كونكىرتنى ۋەزىيەتنىڭ تاقلىقىنى تونىيالايمىز. بۇ خىل ئىدراك «قائىدە- مىزان بىلەن كونكىرتنى ئىنكاس، ئومۇمىي كۆز قاراش بىلەن يەككە دېلولار ئوتتۇرىسىدا دوستانە سۆھبەت قۇرىدۇ، سۆھبەت ئىچىدە ئومۇمىيلىق ئېنىق قىلىپ خاسلىقنى چىقىرىدۇ ھەمدە ئومۇمىيلىقمۇ شۇ سەۋەپتىن يۈكسىلەشكە ئېرىشىدۇ».


‏ ئەمىلىي ئەقىلنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى يالغۇزلا ئۆزگىنى ئىدراكلاش ماھارىتى بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۆز-ئۆزىنى ئىدراكلاش ــــ ئۆز مۇددىئاسىغا باھا بېرىش، مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلىش، قايسىنى قىلىپ قايسىنى قىلمىغانلىقى ۋە ھەرقايسىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىدراكلاش ئىقتىدارىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. لۇكنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز ئۇ خىل ئۆز- ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىر ئىدىتلاپ كۆرسەك بولىدۇ. «مەن رەددىيە بېرىشنى، ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس زاكۇنلىشىشنى ئويلىدىم. لېكىن نىمىشقىدۇر، بەزى نەرسىلەر ماڭا تەسىر قىلدى. "كەچۈرۈڭ، مەن سۈپىرەي" دېدىم ئۇنىڭغا». بىراق بىزمۇ بۇنداق ئۇۋال قىلىنغان چېغىمىزدا، بۇ خىلدىكى ئۆز- ئۆزىمىزنى تىڭشىشىمىز ئانچە ئوڭاي ئەمەس، بولۇپمۇ ئۆزىمىزدە خاتالىق كۆرۈلگەندە تېخىمۇ تەس. ئۆز- ئۆزىنى تەنقىتلەش ھامان بىر خىل ئازاپلىق كۈرەش بولۇپ، بىزدە جاسارەت بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئادىللىق بىلەن تىڭشىيالايمىز. لۇك بىر مۇنەۋۋەر دوختۇرخانا تازىلىق ئىشچىسىغا، فوۋلېر بىر مۇنەۋۋەر سوتچىغا ئايلىنىش ئۈچۈن، ھەر ئىككىسى ئۆز كەمچىللىگىنى بايقىيالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇنداقتا كېلەر قېتىم تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ.

لۇك بىلەن سوتچى فوۋلېرنىڭ بىزنىڭ ئەمىلىي ئەقىلنىڭ مەلۇم مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ياردەم بەرگىنى قىسقىچە تۆۋەندىكىچە:
‏ 1. ئەقىللىق ئادەملەر ھەرىكەتلىنىشنىڭ توغرا مەقسىدىنى چۈشىنىدۇ. مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توغرا ھەرىكەت قوللىنىپ مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
‏ 2. ئەقىللىق ئادەملەر ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلىدۇ، كونكىرتنى ئەھۋالغا ئاساسەن توقىنىشىدىغان مەقسەتلەرنى بالانىسلاشتۇرۇپ قائىدە- مىزان ۋە پىرىنسىپلارنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
‏ 3. ئەقىللىق ئادەملەر ئىدراكىي كۈچكە ئىگە بولۇپ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشنى قانداق پەرق ئېتىشنى بىلىدۇ، ھەمدە قائىدە- مىزاندىن قانداق ھالقىپ قارا ۋە ئاق دەپلا تۇرىۋالماي، كۈلرەڭ بەلۋاغقىمۇ قارايدۇ.
‏ 4. ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىيالايدۇ. بۇنداق ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاش ئەقىللىق ئادەمنى باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئورتاقلاشتۇرىدۇ، ھەمدە مۇئامىلىدارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن قارارنى چىقىرىدۇ.
‏ 5. ئەقىللىق ئادەملەر ھېسسىياتنى قانداق قىلىپ ئەقىلنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىگە ئايلاندۇرۇشنى بىلىدۇ، ھېسسىياتقا تايىنىپ مۇناسىپ سىگنالنى بايقاپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ سېزىمى ياكى بىۋاستە تۇيغۇسىغا ئاساسەن نېمىنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، ھەمدە شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ھەرىكەت قوللىنىدۇ.
‏ 6. ئەقىللىق ئادەملەر تەجرىبىلىك ئادەملەردۇر. ئەمىلىي ئەقىل بىر تۈرلۈك تېخنىكا بولۇپ، ئۇنى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى كەچۈرمىشىدىن تەجرىبە توپلىغاندۇر. ئارىستوتېلنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەر پەقەت يۈرەكلىك ئىش قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن دادىللىقنى ئۆگىنەلەيدۇ، سەمىمىيەت، ھەققانىيلىق، ساداقەتمەنلىك، كۆيۈمچانلىق، زەن قويۇپ ئاڭلاش ۋە نەسىھەت قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى