بۈيۈك سەپەر بۈيۈك ئىنتىلىش



بۈيۈك سەپەر ،بۈيۈك ئىنتىلىش

مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-15

ماددىي دۇنيا بۇلغانمىغا، مەنىۋىي دۇنيا ساختىلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك، شەخسىيەتچىلىككە تولغان بۇجاھاندا، ھەقىقىي ساپ نەرسىنى ئىزدەش گويا دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش، بەلكى جاھاندا ساپ ۋە پاك نەرسىلەر قالمىغاندۇ؟ توختا،،،، باردۇ بەلكى؟ مانا ئىزدىمەكتىمەن... ئىزدەۋاتىمەن... تاپاي دېمەۋاتىمەن بەزىلەر ئېيىتتى ‹سۆيگۈ پاك،سۆيگۈ ساپ›، كۆردۈم، ئانچىكى مەنپەئەت ئالدىدا مەجنۇنتالدەك باش ئەگكەن ئاتالمىش سۆيگۈلەردىن يەنە نېمە پاكلىق كۈتۈش مۇمكىن؟ ھەق سۆيگۈسى دەمسەن؟ دۇرۇس ،ھەق سۆيگۈسى ئەڭ پاك سۆيگۈ، ئەمما ئۇ ئىلاھىي سۆيگۈدۇر.
توساتتىن يامغۇر چۈشتى، مۇشۇ ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ بولشى مۇمكىن....يۈرىكىم ئەنەشۇنداق شىۋىرلايتى...
-داد!-يامغۇر چۈشكەن ئەزايى بەدىنىم كۆيۈشمەكتە ئىدى،بىلمەپتىمەن بۇ يۇرتتا قاچاندىن بېرى كىسلاتالىق يامغۇر ياغدىغان بولۇپ قالدىكىنە؟
ئۈمۈدسىزلەندىم....ئەمما يەنە ئۈمۈدسىز قەدەملىرىمگە ئۈمۈد بىلەن كۈچ بېرىپ توختىماستىن ئىزدىدىم.ئايدالا-چۆللەردە ماڭدىم...مۇشۇ چۆلدىكى تۇپراق ساپ دەپ ئويلاپ ،جانسىز قوللىرىم بىلەن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،
يا رەب!.....كېرەكسىز ئەخلەت ۋەبۇلغانمىلار چۆللۈكنىڭ ئاستىدا بەخىرامان ئاقماقتا ئىدى...
يەنە بىر قېتىم ئۈمۈدسىزلەندىم....
بىراق نەدىندۇر كېلۋاتقان غەيرەت،پاكلىققا ،ساپلىققا بولغان ئىنتىلىش مېنى توختىماستىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە دەۋەت قىلاتتى،ئېغىرلاشقان قەدەملىرىم بىلەن پاكلىق،ساپلىق ۋە غۇبارسىزلىقنى تېپىش ئۈچۈن باسقان بۇ بۈيۈك سەپرىمنى يەنە داۋام ئەتتىم.
ئەنە ئالدىمدا كىچىككىنە بالىلار كۈلۈشمەكتە،توغرا ،شۇ سەبىئيلەرنىڭ كۈلكىسىچۇ؟چۇقۇم ئاشۇ كۈلكە ئەڭ پاك ،ئەڭ ساپ بولىدۇ.يۈگرەپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم،مەن يېقىنلاشقانسېرى ئۇلارنىڭ كۈلكىسى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى،،،ئۇلار نېمىگە كۈلىدىكىنە؟
.....بىلدىم.....ئۇلار مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ كۈلۋېتىپتۇ...چۇۋۇلغان چاچلىرىمغا،توپا باسقان يۈز-كۆزۈمگە،قانىغان تىرناقلىرىمغا،جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىمگە قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۋېتىپتۇ....ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەي؟ئەجىبا مازاق ۋە مەسخرىدىن تۇغۇلغان بۇ كۈلكىلەر ساپ بولارمۇ؟بۇ كۈلكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ساختاكۈلكىلىردىن پەرقى نېمە؟ئەنە قارا.....بەزىدە ياشلارمۇ،ياشانغانلارمۇ،ئوتتۇرا ياشلىق كىشلەرمۇ مەندەك جۇل-جۇل كېپەننى كۆرسە مازاق قىلىشىپ كۈلشىدۇ،،،قىن-قىنغا پاتماي مەسخىرە قىلىپ راھەتلىنىپ كۈلىشىدۇ.....بۇ كىچىك بالىلارنىڭ كۈلكىسنىڭ ئاشۇلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن نېمە پەرقى قالدى ھازىر؟

بۇ ھوسۇلسىز سەپەر مېنى ھالسىزلاندۇرغان ئىدى،
ئۈمۈدسىزلىكىم چېكىگە يەتتى...پاكلىققا،ساپلىققا،غۇبارسىز ئاقلىققا بولغان تەلپۈنۈشۈمنى بۇ دۇنيادىن قاندۇرالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى،ئىزدەپمۇ تاپالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىدىم.....تەغدىرگە تەن بەردىم....
پۇت-قولۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ،ئاشۇ چۆلدە ساختىلىق ۋە ناپاكلىقتىن ئۆمۈرلۈك شەربەت ئىچكەن پانىي ئالەم بىلەن خوشلىشىشنى ئويلىدىم،دېمىسىمۇ نېمە قىلاي بۇ ساپلىقنى تاپقىلى بولمايدىغان جاھاندا ھاياتىمنى زايە قىلىپ ياشاپ...؟؟؟ئۈلۈپلا كېتەي....بەلكىم روھىم غۇبارسىزلىقنى،پاكلىقنى تېپىپمۇ قالار......
گۈپپىدە يىقىلىپ،ئاشۇ چۆلدە پۇت-قولۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ،ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتتىم...
شۇنداق تىنىچ،شۇنداق راھەت بىر سېزىم....خىيالىمدا ئۆلىۋاتىمەن...
گۈپ!گۈپ!گۈپ!
جىمجىتلىقنى بۇزغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم،سوقۇشلىرى شۇنچە رېتىملىق،ئاۋازلىرى شۇنچە جاراڭلىق،تۇيغۇلىرى شۇنچە بىغۇبار.....
ئاھ،مېنىڭ يۈرىكىم!!!
پاكلىققا تويۇنغان ،ساپلىقنى سۆيگەن ،غۇبارسىز يۈرىكىم......!!!
كۆزلىرىم ئۈمۈدتىن چاقناپ كەتتى،چۈنكى مەن ئاخىرى ئىزدىگەن نەرسەمنى تاپقان ئىدىم.شۇنداق بىر ئىلاھىي مەدەت بىلەن ئاشۇ پاك يۈرەكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمەكچى بولدۇم....ئۆسۈپ كەتكەن ترناقلىرىم گويا بىر پىچاققا ياكى ۋېلكىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى..... كۆكرىكىمگە قولۇمنى ئاستا يېقىنلاشتۇرۇپ،ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ كۈچىدىم-دە،كۆكرىكىمنى ياردىم.......
قىپقىزىل قانلار چۆللەرگە ئاقتى........
تىترەپ تۇرغان قولىرىم بىلەن يۈركىمنى سۇغۇرۇپ ئالدىم،كۆزۈمنىڭ ئۆچەي دەپ قالغان نۇرى بىلەن گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان قىپقىزىل يۈرىكىمنى كۆردۈم.........
ساپ قاننىڭ پۇرىقى،پاك يۈرەكنىڭ سوقۇشى،قانائەت تاپقان بۈيۈك ئىنتىلىش......!
جانۇ –جىسمىم،پۈتكۈل روھىم قانائەت تاپقان ئىدى.....بىراق
يۇمۇلۇش ئالدىدىكى كۆزلىرىمدە بىر ئۆمۈر ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ تاپقان بۇ بۈيۈك پاكلىقنى ناپاك دۇنياغا قويۇپ كېتىشكە قىيالماسلىق ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى............

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ، ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ

بالىڭىزنىڭ جاۋاپكارى سىز

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى